hakki- يوللانغان ۋاقتى 2010-10-22 10:15:41

ھىجىرىيە يىلنامىسى ۋە ھېيىت بايراملار

ھىجىرىيە يىلنامىسى دۇنيادىكى ئاساسلىق يىلنامىلەرنىڭ بىرى . ئۇنىڭ قوللىنىلىۋاتقىنىغا 1427 يىل بولدى .مۇسۇلمانلار روزا تۇتۇش ، ھەج پائالىيەتلىرى ، روزا ھېيىت ، قۇربان ھېيىتقا ئوخشاش ئەنئەنىۋى بايراملار ۋاقتى مۇشۇ يىلنامە بويىچە ھېساپلىنىدۇ . ھازىر مىسىردىن باشقا ئەرەپ ئەللىرى ، نېگىرىيە ، ماۋرىتانىيە ، سۇمالى ، سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەسمىي ھۆجقەتلىرى ، پوچتا - تېلىگىراف ئىشلىرى ۋە باشقا ساھەلەردە ھىجىرىيە يىلنامىسى قوللىنىلىدۇ ، مىلادىيە يىلنامىسى قوشۇمچە قىلىنىدۇ .
ھىجىرىيە « ھىجرەت » تىن كەلگەن ئەرەپچە سۆز بولۇپ ، « كۆچۇش » ، « يۆتكۇلۇش » دېگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ . ھىجرەت مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ مىلادى 622- يىلى 9- ئاينىڭ 24 - كۇنى مەككىدىن مەدىنىگە كۆچكەنلىكىدىن ئىبارەت ۋەقەنى كۆرسىتىدۇ . 17 يىلدىن كىيىن ئىككىنچە خەلىپە ئۆمەر بۇ ئىشنى خاتىرلەش يۇزسىدىن ھىجرەت يۇز بەرگەن ۋاقىتنى يىل بىشى قىلىپ بىرلىككە كەلتۇرۇپ يىڭى يىلنامىنىڭ بىرىنچى كۇنى قىلغان .
بۇ يىلنامىدە ئاينىڭ تولىشى بىلەن كەمتۇك بولىشىنىڭ بىر قىتىم دەۋر قىلىشى بىر ئاي ، 12 قىتىم دەۋر قىلىپ ئايلىنىشى بىر يىل ھېسابلىنىدۇ . ئايلارنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى ئايرىشتا تاق ئايلار 30 كۇندىن ، جۇپ ئايلار 29 كۇندىن ھېسابلىنىدۇ . بۇ يىلنامىدا پۇتۇن كۇننىڭ ئەمەلىي كۇن سانى 354 كۇن 8 سائەت 48 مىنۇت ، يەنى تەخمىنەن 354.3 كۇن بولىدۇ . لىكىن مىلادىيە كالىندارىدا يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا بىر قىتىم تولۇق ئايلىنىش ۋاقتى ئاساس قىلىنغاچقا ، بىر يىل 365 كۇن 5 سائەت 48 مىنۇت ، يەنى 365.2 كۇن بولىدۇ .
بىزنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىمىزدىن روزا ھېيىت ھىجىرىيە شەۋۋەل ( 10 - ئاي ) نىڭ 1- كۇنى ، قۇربان ھېيىت زۇلھەججە ( 12- ئاي ) نىڭ 10- كۇنى قىلىپ بەلگىلەنگەن .ھىجىرىيە يىلى مىلادىيە يىلىدىن 21 سائەت كەم بولغاچقا بىزدەك مىلادىيە يىلنامىسىنى قوللىنىلدىغانلاردا بۇ ئىككى ھېيىت ۋاقتى ھەر يىلى 10-11 كۇن ئىلگىرى سۇرۇلۇپ كىتىدۇ . روزا ھېيىت ، قۇربان ھېيىت ھەر 2.8 يىلدا بىر ئاي ، ھەر 32.6 يىلدا بىر يىل ئالدىغا سۇرۇلۇپ دەۋىرلىك ئايلىنىدۇ . ھەر 100 ھىجىرىيە يىلى 97 مىلادىيە يىلىغا توغرا كىلىدۇ .شۇڭا بىزدە مىيىت ئۇزاتقاندا ھىجىرىيە يىلى بويىچە ھېسابلاپ ، قازا قىلغۇچىنىڭ يىشىغا 2-3 ياشنى قوشۇپ ھېسابلايدىغان ئادەتمۇ بار .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-22 10:46:10

بىزنىڭ نۇرۇز بايرىمىمىز قايسى كالىندارغا ئاساسەن ئۆتكۈزۇلىدۇ ،بەزىلەر ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى دەيدىكەن ،ئەمما ئۇيغۇرلار مىلادىيە يىلنامىسىنى قوللانغىلى ئەمدىلا 60-يىلدىن ئاشتى ،بۇخىل كۆز قاراش پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ ....

خۇددى چاغان ،تاۋۇز چاغىنى مىلادىيە يىلنامىسىگە بويسۇنمىغاندەك .

يەنە ئۇيغۇرلار تارىختا قانداق يىلنامىلەرنى قوللانغان ،بىلىدىغانلار بىلىمىنى ئايىمىغاي

بەت: [1]
: ھىجىرىيە يىلنامىسى ۋە ھېيىت بايراملار