qerindash يوللانغان ۋاقتى 2010-10-21 13:36:24

تاماكا چىكىشىنىڭ زىيىنى ۋە ئىسلامنىڭ ئۇنىڭغا بولغان


<div class=tpc_content>ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
بۇ بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئىزدىنىشى بولۇپ، ئۇ قېرىندىشىمىزنىڭ مەقسىتى بۇ ماقالىدا ئۆزى بايقىيالمىغان مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ بەرسە، تېخىمۇ تولۇق بوپكەتسە، دىگەن ئارزۇيى باركەن. شۇڭا بۇ ھەقتە سەۋىيىسى بار قېرىنداشلارنىڭ ياخشى پىكرى بېرىشىنى چىن قەلبىدىن ئۈمىد قىلىدىكەن.




تاماكا چىكىشىنىڭ زىيىنى ۋە تاماكا چىكىشىكە قارىتا ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئەخلاق قارىشى ۋە ھۆكمى



بارلىق ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اللەغا خاستۇر. نەپىسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ۋە ناچار ئەمەللىرىمىزنىڭ يامانلىقدىن اللەتائالادىن  پاناھ تىلەيمىز.

اللە تائالانىڭ ئىنسانلارنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئەلچىسى، يولباشىچىمىز، سۆيۈملۈك  پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا، ساھابىلىرىگە دۇرۇد سالام يوللايمىز ۋە قىيامەتكە قەدەر ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە اللەدىن رەھمەت، مەغپىرەت تىلەيمىز .



مۇقەددىمە



ھازىر كىشىلەر ئارىسىدا تاماكا چىكىش ھاراممۇ ياكى مەكرۇھمۇ دىگەندەك سۇئاللار كۆپىيىپ كەتتى. مۇنداق سۇئال سورىغۇچىلارنىڭ مۇددىئاسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن  قەتئىينەزەر، بۇ سۇئاللارغا ئىسلام دىنىمىزنىڭ ھۆكمى بويىچە جاۋاپ بىرىشىمىز لازىمدۇر.

تاماكا چىكىش-ئىنساننىڭ جىسمىغا، ئىقتىسادىغا، ۋاقتىغا، ئەقلىگە، ئەخلاقىغا، دىنىي ئىتىقادىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بىرخىل قىلمىش بولۇپ، ئۇ ھەرخىل چىكىملىك-ئىچىملىكلەرگە كۆنۈپ قېلىشنىڭ ئىپتىدائىي سەۋەپلىرىدىن بىرىدۇر.

تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھاياتلىقتىكى خاتا چۈشەنچىسى سەۋەبىدىن نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىپ (ياكى باشقىلارنى دوراپ) ئۆگىنىپ قالغان. ئۇنى چىكىۋىرىش نەتىجىسىدە تاماكىدىكى زەھەر (نىكوتىن) بەدەننى زەھەرلەپ خۇمار قىلغاچقا ئۇنىڭغا ئادەتلىنىپ قېلىپ قول ئۈزەلمىگەن.

ئىرادىلىك، ياخشى گەپ تەسىر قىلىدىغان، ئۆزىنىڭ پايدا-زىيىنىنى بىلەلەيدىغان كىشلەر تاماكىنىڭ زىيىنى ۋە ھاراملىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنى چىكىشنى تاشلىغان. ئەمما، ئىرادىسى ئاجىز، نەپسىنىڭ قۇلى بولۇپ قالغان كىشىلەر ئۇنى تاشلاشقا جۈرئەت قىلالمىغان. بەزىلەر ھەتتا ئاق تاماكا چىكىش دەرىجىسىگە يىتىپ ئۆزىنى نابۇت قىلىش بىلەنلا قالماستىن، ئائىلە، بالا-چاقىلىرىنى ۋە باشقىلارنى ۋەيران قىلغان. نۆۋەتتە تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ كۆپلىكى ئادەمنى چۆچىتىدۇ. بولۇپمۇ ئوغۇل-قىزلار ھەتتا ئاياللارمۇ تاماكا چىكىشكە بىرىلمەكتە.

اللەتائالا مۇنداق دەيدۇ: «ۋەز-نەسىھەت قىلغىن، ۋەز-نەسىھەت مۆئمىنلەرگە پايدىلىق» (سۈرە زارىيات 55-ئايەت)

مەن تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ بۇ ئىللەتتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بىرىشنى ئىمانى بۇرچۇم دەپ قاراپ بۇ ھەقتىكى بىلگەنلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن. بۇنىڭدىن ئۆز ھەسسىلىرىنى ئالغۇچىلارغا اللەنىڭ رەھمەت مەغپىرىتى بولغاي (ئامىن)

ئىسلام دىنىمىز ئىنسانغا تۆۋەندىكى 5نەرسىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى تاپشۇرغان                                                         

1)       جىسمانىي جەھەتتىن: ئۆزىنىڭ تەن-سالامەتلىكىنى قوغداش.

2)       مالىيە جەھەتتىن: ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى قوغداش.

3)       مەنىۋىي جەھەتتىن: ئەقىلنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش.

4)       ئىجتىمائىي جەھەتتىن: ئۆزىنىڭ ئەخلاقى (يۈز-ئابرويىنى) قوغداش.

5)       دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك جەھەتتە: ئۆزىنىڭ دىنىي ئىتىقادىنى قوغداشتىن ئىبارەت.

يۇقارقى 5 ئىشنىڭ بىرىگە ياكى بىرنەچچىسىگە زىيان يەتكۈزىدىغان نەرسىنىڭ ھەرقاندىقىنى ئىسلام دىنىمىز ھارام دەپ ھۆكۈم قىلدى. شۇ سەۋەپتىن نۇرغۇن كىشلەر زىيىنىنى بىلمەي ياكى بىلسىمۇ سەل قاراپ، ئۆزىگە ھەمراھ قىلىۋالغان تاماكىمۇ يۇقىرىدىكى 5 ئىشقا زىيان يەتكۈزىدىغان ناپاك نەرسە بولغانلىقى ئۈچۈن ھارام دىگەن ھۆكۈمنىڭ ئىچىگە كىرىدىغانلىقىغا شەك يوق، دەلىل شۇكى: اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «اللە ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ».(سۈرە ئەئراپ 157-ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «ئەقىلنى خىرەلەشتۈرىدىغان نەرسىنىڭ ئازراقىمۇ كۆپرەكىمۇ ھارام» (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى)

تۆۋەندە تاماكا چىكىشنىڭ زىيىنى ۋە ئۇنىڭ ھاراملىقىنى بىرنەچچە جەھەتتىن بايان قىلىمىز.



1.   تاماكا چىكىشنىڭ ئىنسان جىسىمىغا يەتكۈزىدىغان زىيىنى



شۈبھىسىزكى ئىسلام دىنىمىز ئىنسانلارنىڭ سالامەت ۋە بەخىتلىك بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئىنسانلارغا مەنپەئەتلىك بولغان ھەرخىل دانلار، كۆكتاتلار، مىۋىلەر، دورا-دەرمەكلەر، ھالال چارۋا-ماللار ...نى ھالال قىلىدۇ. ئىنسانلارغا زىيانلىق، ھارام قىلىنغان چارۋا ماللار، چەكلەنگەن يىمەك-ئىچمەكلەر، بولۇپمۇ ھاراق، نىشە، تاماكا، خىروئىن ... قاتارلىقىلارنى ھارام قىلىدۇ.

ئەمەلىيەت شۇكى، ئىسلام دىنىمىز قەتئىي ھارام دەپ ھۆكۈم قىلغان تاماكا چىكىش ئالدى بىلەن ئادەمنىڭ جىسمىنى زەئىپلەشتۈرىدۇ. بەدەن اللەتائالانىڭ ئىنسانغا بەرگەن ئامانىتى بولۇپ، ئۇ ئىنساننىڭ ئۆز مۈلۈكى ئەمەس، ئۇنىڭدىن اللە تائالا كۆرسەتكەن رەۋىشتە پايدىلىنىپ ئۇنى اللە تائالانىڭ ئەمرىنى تۇتۇشقا ئىشلىتىش لازىم. ئادەم پەقەت شۇ چاغدىلا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخىتلىك ھاياتقا مۇيەسسەر بولالايدۇ. ئەقلى جايىدا ئادەم ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ بىرەر ئەزاسىنى كىسىۋىتىشنى خالىمايدۇ. بىر ئادەم تاسادىبىي ئۆزىنىڭ بىرەر ئەزاسىنى كىسىپ سالسا، داۋالىنىش ئارقىلىق مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن  ئەسلىگە كىلىشى مۇمكىن، ئەمما بىر ئادەمنىڭ بىر مەزگىل تاماكا چىكىش ئارقىلىق ئۆز بەدىنىگە زىيان يەتكۈزۈشى، ئۆز بەدىنىنى كىسىۋەتكەندىنمۇ يامان بولۇپ، بۇنىڭ ئەسلى ھالىتىگە كىلىشى مۇمكىن ئەمەس. تىببىي ئالىملارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، تاماكا تەركىبىدە راك كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋە راكنى تەرەققىي قىلدۇرىغان 40خىلدىن ئارتۇق ماددا بارلىقى ئىسپاتلانغان.

سۈرىيەنىڭ ھۈلبە شەھىرىدە ئېچىلغان تىببىي يىغىندا تىببىي ئالىملارنىڭ ھەممىسى شۇنىڭغا بىرلىككە كەلدىكى: تاماكا چىكىشنىڭ سالامەتلىككە كەلتۈرگەن زىيىنى بەك چوڭدۇر. تاماكا چىكىش گال راكى، ئۆپكە راكى، يۈرەك كىسىلى، جىگەر كىسىلى، ئاشقازان جاراھەتلىنىش، ئۆپكە توبىركىلىيۇز، ئۆپكە ئىششىقى، مىڭە قان-تومۇر كېسەللىرى، ئاياللاردا ئادەت كۆرۈشنىڭ قالايمىقانلىشىشى، تۆرەلمىنىڭ زەھەرلىنىشى، كۆرۈش قۇۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى، قۇلاق پەردىسىنىڭ ئاجىزلىشىشى نەتىجىسىدە گاس بولۇپ قىلىش، موپاسىل (رېماتىزىم) قاتارلىق كېسەللەر پەيدا بولۇشنىڭ مۇھىم سەۋەپلىرىنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن، ئومومىي بەدەن ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تىببىي ئالىملار نىكوتىن خەتىرىنى تۆۋەندىكى تەجىرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلىغان. ئۇلار بىر تىرىك توشقانغا نىكوتىن زەھەرىنى تېمىتقان، توشقان دەسلەپتە مەس بولغان، ئۇزۇنغا بارماي ئۆلگەن. تەجرىبە ئىسپاتلىدىكى تاماكىدىكى كاربون چالا ئوكسىدى روھقا ئوزۇق بولىدىغان ھاۋانىڭ بېسمىنى  كىمەيتىپ ساپ قاننى بۇزىدۇ. ئۇ (كاربون چالا ئوكسىد گازى) ئۆپكىگە كىرگەندىن كېيىن قىزىل قان دانچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئوكسىگىننىڭ ئورنىنى ئىگەللەيدۇ ۋە يۈرەك، شۇنداقلا باشقا ئورگانىزىملاردىكى ئېھتىياجلىق ئوكسىگىنلارنى ئازايتىپ، خولىستىرىننى قان تومۇرلىرىدا تىندۇرۇپ قويىدۇ. نەتىجىدە قاننىڭ بۇزۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قاننىڭ بۇزۇلۇشى-ھەرخىل كېسەللەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرىدۇر. سۈرىيە تىببىي فاكۇلتوتىنىڭ دوكتورى كەنئالۇلجابى مۇنداق دەيدۇ: «مەن 25يىلدىن بۇيان راك كىسلىنى داۋالاۋاتىمەن. گال راكى بولغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى تاماكا چەككۈچىلەردۇر. شۈبىھىسىزكى تاماكا چىكىش زىيانلىقتۇر. بىلىملىك ۋە بىلىمىنى جايىدا ئىشلىتىشنى بىلىدىغان ئەقلى جايىدا كىشىلەر قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەرگە ئاساسەن تاماكا چىكىشنىڭ زىيىنى ۋە ھاراملىقىنى بىلىۋالالايدۇ». ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئوچاقنىڭ مورىلىرى ۋە مەشنىڭ كانايلىرىنى پات-پات تازىلاپ تۇرمىسا ئىسلىشىپ تۈتۈن راۋان ماڭمايدۇ، ئۇنى سۈپىرىپ تازىلاش مۇمكىن، ئەمما تاماكا    چەككۈچىلەرنىڭ ئىچىكى ئەزالىرىغا ئورناپ كەتكەن ئىس-تۈتەك داغلىرىنى نىمە بىلەن تازىلىغىلى بولىدۇ؟ چۈنكى ئادەمنىڭ ئىچىگە سۈپۈرگە پاتمايدۇ-دە؟»
</div>

qerindash يوللانغان ۋاقتى 2010-10-21 14:08:13

<div class=tpc_content>ئۇ دوكتۇر يەنە ئىشەنچىلىك بىر كىشىنىڭ مۇنداق بىر ئەھۋالنى سۆزلەپ بەرگەنلىكى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن تاماكا چىكىش سەۋەبىدىن كېسەل بولۇپ ئۆلگەن بىر ئادەمنىڭ ئەزاسىنى بىر دوختۇرنىڭ يارغانلىقىنى كۆردۈم، ئۇ، ئۆلگۈچىنىڭ قاپقارا بولۇپ كەتكەن ئۆپكىسىنى ئەتراپىدىكىلەرگە كۆرسەتكەندىن كېيىن سىقىشقا باشلىدى. سىقىلغان ئۆپكىدىن قاپقارا شىلىمشىق ئىس تامچىلاپ ئاقتى.  تاماكا چىكىش نەتىجىسىدە بۇ قارا ئىسلار ئۇنىڭ نەپەس يوللىرىنى قاپلاپ كەتكەنلىكتىن ساپ ھاۋاغا ئورۇن قالمىغان ئىدى، دوختۇر بۇ ئەمەلىيەتنى ئەتىراپىدىكىلەرگە كۆرسەتكەندىن كېيىن قاراپ تۇرغان بىر كىشىدىن بىر تال تاماكىنى تۇتاشتۇرۇپ ئاق داكىغا پۈۋلەشنى تەلەپ قىلىدى. ئاق داكا بارا-بارا سارغايدى دوختۇر ئارقىمۇ-ئارقا پۈۋلەشنى تەلەپ قىلدى. نەتىجىدە داكا قارىيىپ كەتتى. ئاندىن دوختۇر ئەتراپىدىكىلەرگە قاراپ مۇنداق دېدى: مۇشۇ بىرتال تاماكا ئىسى داكىنى قارايتىۋەتتى، داۋاملىق تاماكا چەككۈچىنىڭ  نەپەس يوللىرى قانداق بولۇپ كەتكەندۇ-ھە؟»

جۇڭگۇ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەشىرىياتى شىنجاڭ ئۇيغۇر قازاق شۆبىسى، نەشىر قىلغان «تاماكا ۋە كېسەللىك» دىگەن كىتابتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان: «تاماكا چىكىش ئادەمنى جىددىي زەھەرلەپ ئۆلۈمگە ئېلىپ بارالايدۇ. مىسال: فىرانسىيەدىكى بىر كۇلۇب بىر قېتىم تاماكا چىكىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن. بىر نەپەر ئۇتۇۋالغۇچى ئارقا-ئارقىدىن 60تال تاماكا چەككەن، مۇكاپاتنى ئېلىشقا ئۈلگۈرمەيلا بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشقان. مۇسابىقىگە قاتناشقان باشقا كىشىلەرمۇ تاماكىنى ھەددىدىن ئارتۇق چەككەنلىكى ئۈچۈن، ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قېلىپ، تىز قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىتىلگەن.

بۇ كىتاپتا يەنە مۇنداق دىيىلگەن: تىببىي ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، بىر مىللىتېر تاماكا ئىسىنىڭ ئىچىدە تاماكا ئىسى زەررىچىسىدىن بەش مىليارد دانە ئەتراپىدا بولۇپ، ئادەتتىكى ھاۋانىڭ تەركىبىدىكى چاڭ-توزان زەررىچە مىقدارىدىن 50مىڭ ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. تاماكا چەككۈچىلەر كۆپرەك بولغان ئۆي، ئىشخانا، زال، رىستۇران ۋە باشقا يىغىلىش سورۇنلىرى قاتارلىق جايلاردىكى كاربون چالا ئوكسىدىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى سانائەتتە رۇخسەت قىلىنغان سەۋىيەدىنمۇ ئېشىپ كەتكەچكە، بۇ يەردە تۇرغان تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ تاماكا ئىسىدىن ئۇچرايدىغان زىيىنى تاماكا چەككۈچىلەردىن ئېشىپ كەتسە كىتىدۇكى كەم قالمايدۇ. لوندوندا بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلارنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، بالىلارنىڭ كانايچە ياللۇغى ۋە ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇشى، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ تاماكا چىكىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بوۋاق ياتقان ئۆيدە تاماكا چەككەندە ئۇلارنىڭ زەھەرلىنىشى ئېغىر بولغان. يەنە بوۋاقنىڭ يىغلاپ بىئارام بولۇشى تاماكا ئىسىنىڭ غىدىقلىشىغا چىدىيالمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، دىيىلگەن،مانا بۇ بەڭگىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ جان جىگەر پەرزەنتىگە بوۋاق چېغىدىن باشلاپ زىيان يەتكۈزۈشى كەچۈرگىسىز جىنايەتتۇر.

يەنە بىر مىسال: بىرقانچە يىل بۇرۇن مارالبېىشى ناھىيە تەۋەسىدىكى قارا قىلچىن ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىدا مۇنداق بىر ئىش بولغان: ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلىۋاتقان بىر جىنايەتچى يەنە بىر جىنايەتچىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن. نەتىجىدە ئۇ جىنايەتچىگە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم  قىلىنىپ ئېتىلغان، قانۇن دوختۇرى سىناق قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قارنىنى يارغان، قاتىل تاماكا چىكىدىغان بولغاچقا ئۆپكىسى قاپقارا بولۇپ كەتكەن، بۇ ئىش ئۈستىدە تۇرغان دوختۇرلار ۋە پىراكتىكانىت ئوقوغۇچىلار تاماكا چىكىشنىڭ خەتىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. تۈرمىنىڭ دوختۇرى جىلىل دىگەن كىشى شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ تاماكا چىكىشنى تاشلىغان.

ئۇيغۇرچە (پايدىلىنىش خەۋەرلىرى) گېزىتىنىڭ 1997-يىللىق 9-ئايلىق بىر سانىدا مۇنۇلار يېزىلغان: «شۇ يىلى 9-ئايدا بىيجىڭدا ئېچىلغان 130نەچچە دۆلەتتىن ئىككى مىڭ مۇتەخەسىس قاتناشقان 10-نۆۋەتلىك تاماكا تاشلاش يىغىنىدا ھازىر جۇڭگۇدا تەخمىنەن 300مىليون ئەتراپىدا ئادەم تاماكا چىكىدۇ. يىلىغا جۇڭگۇدا تەخمىنەن 700مىڭ ئادەم تاماكا چىكىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك بىلەن ئۆلىدۇ. ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتىنىڭ 2009-يىللىق 18-مايدىكى سانىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى كومتىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونۇم رايونىمىزدا تەخمىنەن 5مىليون 700مىڭ ئادەم تاماكا چىكىدىغان بولۇپ، بۇ ئاپتونۇم رايونىمىز ئومومىي نوپوسىنىڭ %31نى ئىگەللەيدۇ. ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە ۋە ئىقتىدارىغا بولغان تەھدىت يەنە بىر تەرەپتىن تاماكا چىكىشتىن كىلىۋاتىدۇ. يۇقارقىلاردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، تاماكا چىكىش ئىنساننىڭ ئۆزىنى قەستەن ھالاكەتكە تاشلىغانلىقى ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشكە قەدەم تاشلىغانلىقىدۇر.

دەلىل شۇكى:اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار» (سۈرە بەقەر 195-ئايەت) «ئۆزۈڭلارنى (بىر-بىرىڭلارنى) ئۆلتۈرمەڭلار، اللە ھەقىقەتەن سىلەرگە مېھرىباندۇر» (سۈرە نىسا 29-ئايەت) تاماكا ئىسى دوزاخ ئەھلىنىڭ يىمەكلىك جۈملىسىدىن بولۇپ، قورساقنىڭ ئاچلىقىغا دال بولالمايدۇ.

اللە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئۈچۈن زەرىدىن (يەنى بەتبۇي ئاچچىق تىكەندىن) باشقا يىمەكلىك بولمايدۇ، زەرى كىشىنى سەمرىتمەيدۇ، ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ.» (سۈرە غاشىيە 6-7-ئايەت) بۇ يەردە شۇنى ئىزاھلايمىزكى، ھەربىر ئادەمنىڭ بەدەن قۇۋۋىتى ئوخشىمىغاچقا تاماكا چىكىشنىڭ زىيىنىنىڭ تەمىنى بەزىلەر بۇرۇنراق، بەزىلەر كىيىنرەك تېتىشى مۇمكىن.

بەزىلەر: تاماكا چىكىش ئۆمۈرنى قىسقارتىۋىتىدۇ دەيدىكەن، ئەمما بەزى تاماكا چەككۈچىلەرمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆردىكەنغۇ؟ دىيىشىدۇ. مۇنداق نادان ئىنسانغا دەيمىزكى: تاماكا چىكىش سېنى بىريولىلا نابۇت قىلمىغان بىلەن ۋاقىتىنىڭ ئۆتۈشى نەتىجىسىدە ئىچكى ئەزالىرىڭغا زىيان يەتكۈزىدۇ، بەدىنىڭنىڭ تاشقى قىياپىتى ئۆزگىرىدۇ، چىشىڭنى سارغايتىدۇ، تىنىقىڭنى سېسىق پۇرتىدۇ، نەتىجىدە جىسمىڭ زەئىپلىشىپلا قالماستىن، گۇناھلىرىڭ بارا-بارا كۆپىيىدۇ.ئۆمۈر اللەنىڭ ئىرادىسى بويىچە چەكلىك بولىدۇ. ئۆلۈمنىڭ ۋاقتى كەلگەندە ئىلگىرى-كىيىن  قىلىنىمايدۇ. مۇشۇ چەكلىك ئۆمۈرنى خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈش ھەممە كىشىنىڭ ئارزۇسى بولسىمۇ، ئەمما تاماكا چەككۈچى تاماكا چىكىش سەۋەبىدىن ھەرخىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغاچقا، ئاخىرقى ھاياتىنى خاتىرجەملىك بىلەن ئەمەس، بەلكى كېسەللىك ئازابىنى تارتىش، كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئىقتىساد چىقىم قىلىش بىلەن خاتىرجەمسىز ئۆتكۈزىدۇ. ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ئازابىنى تارتىدۇ. بۇ پانىي ئالەمنىڭ مەڭگۈلۈك تۇرىدىغان جاي ئەمەسلىكى ھەممە ئىنسانغا ئايان بولۇپ، ئۇ ئادەم ئۈچۈن ئىمتىھان مەيدانىدۇر. ئاخىرەتنىڭ زىرائەتگاھىدۇر. نىمە تېرىساق شۇنىڭ ھوسولىنى ئالىمىز. ئاخىرى قايتىدىغان جاي اللەنىڭ دەرگاھىدۇر. اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلىي ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن اللە ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى» (سۈرە مۈلك 2-ئايەتنىڭ بىر قىسمى) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «ئىنسان قىيامەت كۈنى تۆت نەرسىدىن سورىلىدۇ: ئۆمۈرنى نىمە ئىش بىلەن ئۆتكۈزدى؟ قانداق ئەمەل قىلدى؟ ئىقتىسادنى قايسى يول بىلەن تىپىپ نىمىگە ئىشلەتتى؟ بەدەننى قايسى ئىش بىلەن قېرىتتى؟» (تىرمىزى رىۋايىتى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىن تاللانما 268-بەت)

ئىنسان ئۈچۈن مۇشۇ پانىي دۇنيادىكى يوقىلىدىغان قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا جىسمىنى ئاخىرەتتىكى مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ئۈچۈن ياخشى ئىش-ئەمەللەرنى قىلىشقا سەرپ  قىلىشتىنمۇ ئارتۇق شان-شەرەپ بارمىدۇ؟



2.   تاماكا چىكىشنىڭ ئىنسان ۋاقتىغا يەتكۈزىدىغان زىيىنى



ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت بولۇپ ئۇ كەتسە قايتىپ كەلمەيدۇ.

«ياخشىدۇر كەتمەستىن مۇشۇ جاھاندىن.

ئەقلىڭ خالاس بولسا ھەر پۇشايماندىن.

ئەتە قولدىن كەلگەننى قىلالامسەن يوق؟

پايدىلىنىپ قالغىن بۈگۈن ئىمكاندىن.»

                                                                                      -ئەبۇئەلى ئىبىن سىنا

ئىنسان ئۆزىنىڭ ھاياتلىقىدىكى بارلىق ئىش-پائالىيەتلىرىنى ئەنە شۇ ۋاقىت ئىچىدە ئىلىپ بارىدۇ، كۆپىنچە كىشىلەر ۋاقىتنىڭ قەدرىنى بىلمەي ئۆتكۈزىۋىتىدۇ. تاماكا چىكىش ئادەمنىڭ شۇ قىممەتلىك ئەزىز ئۆمرىنى زايە قىلىدۇ. مىسال: تاماكا چەككۈچى بىر تال تاماكىنى تەخمىنەن 3-5 مىنۇتقىچە چىكىدىكەن. ئۇ بىر كۈندە تەخمىنەن 20تال چەكتى دىسەك، بىر تال چىكىش ئۈچۈن 4مىنۇتتىن ۋاقىت كەتكەن بولسا بىر كۈندە 80مىنۇت ۋاقىت كىتىدۇ. مۇشۇ بويىچە ھىسابلىغاندا بىر ئايدا 40سائەت، بىريىلدا 480سائەت يەنى60 كۈن ۋاقىت كەتكەن بولىدۇ. مانا بۇ تاماكا چەككۈچى بىر يىل ئىچىدە ئىككى ئاي ۋاقىتنى تاماكا چىكىش بىلەن ئۆتكۈزدى دىگەن گەپ. بەزى تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ بىرتال تاماكىنى چىكىپ بولۇپ، ئارقىسىدىن ئۇلاپ تاماكا چىكىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز، بۇنداق كىشىلەر كۈنلۈكى 40-50 تالدىن ئارتۇق تاماكا چىكىدىكەن. ئەگەر ئۇ كىشى بىر كۈندە 40تال تاماكا چەكسە، يۇقارقىدەك ھېسابلاپ كۆرسەك، بىريىل ئىچىدە تۆت ئاي ۋاقتىنى تاماكا چىكىش بىلەن ئۆتكۈزگەن بولىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە بىرمىنۇت، ھەتتا بىر تىنىق ۋاقتىمۇ ئادەم ئۈچۈن قىممەتلىك. (كىسەل ئادەمنى سۈنئىي نەپەس ئالدۇرغاندىكى قىيىن دەقىقىلەر بۇ سۆزىمىزنىڭ پاكىتى بولۇشقا كۇپايە قىلىدۇ.)

ئەجدادلارنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرى ۋە دىنىي ئىشلارنىڭ رىئال تەلىپىگە ئاساسلانغاندا، ۋاقتىنى ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا زايە قىلىۋىتىش-دۇنيا ھاياتىدىكى ئەڭ مەنىسىزلىك بولۇپ، شەرىئەت ئەھكاملىرى بويىچىمۇ، ئىنسانىي ئەقىل ئۆلچىمى بويىچىمۇ مەقبۇل كۆرۈلمەيدىغان ئىشتۇر.

بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى دىنىي تەلىماتلاردىن خەۋەرسىزلىك، ئىنسانىي تۇرمۇش تەقەززاسىغا ئائىت ئىپتىدائىي بىلىملەرنىمۇ بىلمىگەنلىكتىن، قىسقىسى، بىلىمسىزلىك جاھالىتىدىن ئاپىرىدە بولغان مەرەز (كىسەل) دۇر.

ئۆمرىنىڭ بىباھا، قىممەتلىك ئىكەنلىكنى بىلگەن ۋە ئاخىرەتتە قىلمىشى ئۈچۈن مۇۋاپىق مۇكاپات ياكى مۇناسىپ جازانىڭ بارلىقىغا ئىشەنگەن ئادەم «ئۆمرىنى نىمە ئىش بىلەن ئۆتكۈزدى» دىگەن سوراقنىڭ بارلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، ھاياتىنى بىھۇدە ئىشلارغا سەرپ قىلماسلىقى لازىم.



3.   تاماكا چىكىشنىڭ ئىنسان ئىقتىسادىغا يەتكۈزىدىغان زىيىنى



ئىسلام دىنىمىزدا ئىنسانلارنىڭ مال-مۈلكىنى بىھۇدە سەرپ ئىتىپ بۇزۇپ چېچىشى قاتتىق چەكلەنگەن، ھەمدە مال-مۈلۈك ئىنسانلارنىڭ نەپسى ۋە جېنى بىلەن بىر قاتاردا قويۇلغان. ئىسراپ قىلغۇچىلار شەيتاننىڭ بۇرادەرلىرىدۇر، دەپ ئاگاھلاندۇرۇلغان. اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «پۇل مېلىڭنى خاتا يوللارغا سەرپ قىلمىغىن، ئىسراپ قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن شەيتاننىڭ قىرىنداشلىرىدۇر. شەيتان پەرۋەردىگارىغا تولىمۇ كۇپرانى نىمەت قىلغان ئىدى» (بەنى ئىسرائىل 7-ئايەت) مۇغىرە ئىبنى شۈئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «اللە سېلەرنىڭ پايدىسىز بەس-مۇنازىرە قىلىشىڭلارنى، كۆپ سۇئال سورىشىڭلارنى ۋە پۇل مالنى ئىسراپ قىلىشڭلارنى يامان كۆرىدۇ» (قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەرىدىن تاللانما 116-بەت)

ھازىر كۆز ئالدىمىزدىكى  ئەمەلىيەتنى كۆزەتكىنىمىزدە،تاماكا چىكىدىغان بىر ئادەم كۈنىگە تەخمىنەن بىر قاپتىن ئىككى قاپقىچە تاماكا چىكىدىكەن. بىرقاپ ئەرزان باھالىق تاماكىنى 3يۈەندىن 10يۈەنگىچە، بىرقاپ قىممەت باھالىق تاماكىنى 30يۈەندىن 50يۈەنگىچە سېتىۋالىدىكەن. بۇنى ھېساپلاپ كۆرەيلى: تاماكا چىكىدىغان ئادەم كۈنىگە بەش يۈەنلىك تاماكىدىن بىرقاپ چەكسە بىرئايدا 150يۈەنلىك، بىريىلدا 1800يۈەنلىك، ئون يىلدا 18000 يۈەنلىك تاماكا چەككەن بولىدۇ. ئەگەر كۈنلۈكى بەش يۈەنلىك تاماكىدىن ئىككى قاپ چەكسە، بىرئايدا 300يۈەنلىك، بىريىلدا 3600يۈەنلىك، ئون يىلدا 36000يۈەنلىك تاماكا چەككەن بولىدۇ. قىممەت باھالىق تاماكا چەككۈچى كۈنىگە 30يۈەنلىك تاماكىدىن بىرقاپ چەكسە، بىرئايدا 900يۈەنلىك، بىريىلدا 10مىڭ 800يۈەنلىك، ئون يىلدا 108مىڭ يۈەنلىك تاماكا چەككەن بولىدۇ. بەزى كىشلەر نامراتلىقىدىن قاخشايدۇ، نامراتلىقنىڭ سەۋەپلىرى ھەرخىل بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن نامراتلىق دەل پۇللارنى ئورۇنسىز قالايمىقان خەجلەشتىن كىلىدۇ. ئەگەر سىز بىر ئۆمۈر تاماكىغا خەجلىگەن پۇللىرىڭىزنى يىغىپ ساقلىيالىغان بولسىڭىز، بەلكىم ھازىرقىدىن باياشاتراق ۋە ساغلامراق بولار ئىدىڭىز، كۈنىڭىز تىخىمۇ مەنىلىك، جۇشقۇن ئۆتەر بولغىيدى،   نامراتلىقىڭىزغا، كېسەل تىنىڭىز قوشۇلسا، جەزمەنكى قېرىلىقىڭىز تېخىمۇ ئازاب-ئوقۇبەت، غۇربەتچىلىك، ئاسارىتىدە ئۆتمەي قالمايدۇ! تاماكا چىكىش ئارقىلىق سىز يەتمەكچى بولغان نىشان ئاشۇ خارۇ-زارلىقمىدى؟!

ئەگەر ئىقتىسادىمىزنى اللە رازى بولىدىغان ياخشى ئىشلارغا سەرپ قىلمىساق، جاۋابكارلىققا تارتىلىمىز. اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاندىن (دۇنيادا سېلەرگە بېرىلگەن) نىمەتلەردىن سۇئال-سوراق قىلىنىسىلەر» (سۈرە تاكاسۇر 8-ئايەت)



4.   تاماكا چىكىشنىڭ ئىنسان ئەقلىگە يەتكۈزىدىغان زىيىنى



ئىنساننىڭ  باشقا جانلىق (ھايۋان) دىن ئەۋزەل (ئارتۇق) بولىشى ئۇنىڭدا ئەقىل بولغانلىقىدا، ئەقىل اللە تائالانىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن نىمەتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ نىمەتتۇر. ئادەمدە ئەقىل بولمىسا تىرىكچىلىكتىكى ئىش-ھەرىكەت، يىمەك-ئىچمەك، ئۇخلاش-ئويغۇنۇش، مېڭىش-تۇرۇش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردا ھايۋاندىن پەرقى بولمىغان بولاتتى. ئىنسانغا ئەقىلدىن ئىبارەت مۇنداق چوڭ نىمەت بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئىنسان اللە تائالا تەرىپىدىن ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا، يامان ئىشلارنى قىلماسلىققا تەكلىپ قىلىنغاندۇر. ھايۋانلارغا بۇ تەكلىپ يوقتۇر. اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسان ئۆزىنى بىكار قويۇپ بېرىلىدۇ، (يەنى شەرىئەت ئىشلىرىغا تەكلىپ قىلىنماي مەيلىگە قويىۋىتىلگەن ھايۋانغا ئوخشاش) دەپ ئويلامدۇ؟» (سۈرە قىيامەت 36-ئايەت.) بۇ ئايەت مەزمۇنىدىن اللە تائالانىڭ بىز ئىنسانلارنى بىكار ياراتمىغانلىقىنى، شەرىئەت تەكلىپلىرى بىلەن سىنايدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. شەرىئەت تەكلىپلىرى بولسا بىز قىلىپ كىتەلەيدىغان، پايدىسى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئالدى بىلەن ئۆزىمىزگە بولىدىغان ياخشى ئەمەللەردۇر. ئىنسان شەرىئەت بۇيرىغاننى قىلىش ئارقىلىق اللە تائالانىڭ رەھمىتىگە ئىرىشسە، قىلماسلىق بىلەن غەزىپىگە دۇچار بولىدۇ. اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «اللە ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ، كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقى (نىڭ ساۋابى) ئۆزىگىدۇر، يامانلىقى (نىڭ جازاسىمۇ) ئۆزىگىدۇر.» (سۈرە بەقەرە 286-ئايەت) شۇڭا ھەربىر ئادەم ھاياتلىقىدىكى ئىش پائالىيەتلىرىنى شەرىئەت كۆرسەتمىلىرى بويىچە ياخشى ئىلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۆز ئەقلىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشقا ھەردائىم ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. «تاماكا ۋە كېسەللىك» دېگەن كىتاپتا مۇنداق دىيىلىگەن: تاماكا چىكىش مىقدارى كۆپەيگەنسىرى، ئادەمنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى تۆۋەنلىتىپ، نىرۋا ئاجىزلىقى، باش ئاغرىقى، ئۇيقۇسىزلىق، سەزگۈرلىكى ئېشىپ كىتىش، ئەستە قالدۇرۇش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. كىتاپتا مۇنداق دىيىلگەن: تاماكا چەككەندىن كىيىن، تاماكا زەھىرىنىڭ چوڭ مىڭە قان تومۇرلىرىغا تەسىر يەتكۈزىشى ھەم كاربون چالا ئوكسىدى، قىزىل قان ئاقسىلىنىڭ ئوكسىگىننى توشۇش مىقدارىنى ئازايتىۋىتىشى تۈپەيلىدىن چوڭ مىڭە تەسىرگە ئۇچراپ، تەپەككۇر قىلىشى سۇسلىشىپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى چىكىنىپ كىتىدۇ. تاماكا چەككۈچى بىر ئادەمنىڭ مۇنداق بىر ئەمەلىيەتنى بېشىدىن كەچۈرگەنلىكىنى گىرمانىيەلىك بىر دوختۇر ئىزاھلاپ مۇنداق دەيدۇ: تاماكا چەككۈچى تاماكىنى ئارقا-ئارقىدىن  شوراپ ئۆزىنىڭ نەپەس يوللىرىنى تولدۇرسا ئۇ كىشىدە ھاراققا يىقىن بىر مەستىلىك پەيدا بولىدۇ-دە ئەقلىنى يوقىتىدۇ. چەتئەللىك بىر زىرائەت ئىنژىنىرى شۇنى بايان قىلىدۇ: ئۇچار جانىۋالار اللە تائالا قىلغان سىزىمچانلىقى بىلەن تاماكا ئۆسۈملىكىگە يىقىن كەلمەيدۇ، ئەپسۇسكى؛ اللە تائالا ئىنسانلارنى ئەقىل-ئىدراكلىق يارىتىپ، ئاچچىقنى، تاتلىقنى، خۇشبۇينى، بەدبۇينى پەرق ئىتەلەيدىغان ئالىي سىزىمچانلىق قۇۋۋەتلەرنى ئاتا قىلغان تۇرسا، نىمە ئۈچۈن تاماكىنىڭ زىيىنىنى ئاشۇ جانىۋارچىلىك سىزەلمەيدۇ؟!

بەلكىم بەزى تاماكا چەككۈچىلەر مەن ئۇزۇندىن بۇيان تاماكا چىكىۋاتىمەن، يەنىلا ئەقلىم جايىدا دىيىشى مۇمكىن، بىز دەيمىزكى، سىزنىڭ ئەقلىڭىز جايىدا بولغان بولسا ئىدى، ئادەم ئۈچۈن ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى بولمىغان ھارام قىلىنغان زىيانلىق بۇ ئىشتىن قول ئۈزگەن بولاتتىڭىز.

اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يىتىدۇ. نەپسىنى (كۇپرى پىسقى پوجور بىلەن) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم  نائۈمىد بولىدۇ» (سۈرە شەمس 9-10-ئايەت)

ئابدۇقادىر داموللام «ئەدەپ ئاچقۇچى» دېگەن كىتابىدا مۇنداق بىر ھىكىمەتلىك سۆزنى قالدۇرغان: «ئەي ئىنسان، سەن قاچانغىچە زىيان چىقىدىغان نەرسىدىن پايدا ئىزدەيسەن؟ روھىڭنى كۈچەيتكىن، ئۇنىڭ پەزىلەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرگىن، سەن تىنىڭ بىلەن ئەمەس، بەلكى روھىڭ بىلەن ئىنساندۇرسەن»

ئەقلىنى بۇلغىنىشتىن ساقلىيالىغان تەنلا روھى پاك تەندۇر، بولمىسا ئۇ ناپاك تەندۇر، بۇنداق ھاياتلىقنىڭ نىمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟



5.   تاماكا چىكىشنىڭ ئىنسان ئەخلاقىغا يەتكۈزىدىغان زىيىنى



ئىنساننىڭ ياخشى ئەخلاقى-ئىجتىمائىي ھاياتتىكى مەنىۋىي جەھەتتە كەم بولسا بولمايدىغان ئەڭ موھىم نەرسىلەرنىڭ بىرىدۇر. كىشىلەر بەزى ھاللاردا ئۆزىنىڭ مال-مۈلىكى ۋە باشقا مۇھىم نەرسىلىرىنىڭ قولدىن كىتىپ قېلىشىغا چىدىيالىسىمۇ، لىكىن يۈز-ئابرويىنىڭ كىتىپ قېلىشىغا چىدىمايدۇ. تاماكا چىكىش ئادەمنىڭ يۈز-ئابرويىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان ناچار قىلىقلارنىڭ بىر تۈرىدۇر.

مىسال:

(1)    تەقى-تۇرقى سالاپەتلىك بىر ئادەم تاماكا چىكىۋاتقان ھالەتتە كۆزىمىزگە چېلىقىپ  قالسا ئۇ بىزگە سەت كۆرىنىدۇ. بۇ ئەنە شۇ تاماكا چەككۈچىنىڭ يۈز-ئابرويىنىڭ ئۆزى سەزمىگەن ھالدا يوقالغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

(2)    ئىسلام دىنىمىزدا ئەزالىرى ساغلام كۈچ قۇۋۋىتىدىن ئايرىلىپ قالمىغان ھەرقانداق بىرئادەمنىڭ بىر تال سەرەڭگە چاغلىق نەرسىنى تىلىشىمۇ ھارام قىلىنغان. تاماكا چىكىدىغان كىشى تاماكىسى تۈگەپ قالسا باشقىلاردىن سوراشقا مەجبۇر بولۇپ، تىلەمچىلىك ئىللىتىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭدەك، تاماكا چىكىشكە ئۆگۈنۈپ قالغان بەزى  ياش-ئۆسمۈرلەر تاماكا سېتىۋىلىش ئۈچۈن پۇل تاپالمىغاندا ئۆيىدىكى نەرسىلەرنى ئېلىپ چىقىپ ساتىدۇ، ئوغۇرلۇق قىلىدۇ، مانا بۇ ئۆسمۈرلەرنىڭ تاماكا چىكىشنى ئۆگۈنۈپ قېلىشى سەۋەپلىك ئەخلاقسىز ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

(3)      تاماكا چەككۈچى باشقىلارغا ئازار بىرىدۇ. ئۇ ئىسىل كىيىملەرنى كىيىپ ئۆزىگە ئەتىرلەرنى چېچىۋالسىمۇ، ئۇنىڭ تىنىقىدىن چىققان سېسىقچىلىق ئەتىرنىڭ پۇرىقىنى بېسىپ كەتكەن ھالدا ئۇدۇلىدىكى ئادەمنى سەسكەندۈرىدۇ. نەتىجىدە ئۇ كىشى تاماكا چەككۈچىدىن تىزراق ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. تاماكا ئۆيلەردە، جامائەت سورۇنلىرىدا چىكىلسە ئىس-تۈتەكلىرى ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى زەھەرلەيدۇ. تاماكا چەكمەيدىغانلار، بولۇپمۇ ئاياللار، ياش-ئۆسمۈرلەر، بوۋاقلار قاتارلىق (بىگۇناھ ئىسلانغۇچى) لار ئۈچۈنمۇ زىيانلىق. شۇنىڭدەك، ئايرىم ساندىكى كىشلەر مەسجىدكە كىرىپ، تاماكىنىڭ سېىسىق پۇراقلىرى بىلەن يېنىدىكى ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋە ئۆزىگە مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە ئازار يەتكۈزىدۇ. مۇنداق قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «اللەغا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان ئادەم، يېنىدىكى ئادەملەرگە ئازار يەتكۈزمىسۇن» دىگەن تەلىمىگە خىلاپتۇر. (قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىن تاللانما 75-ئايەت)

(4)    تاماكا چىكىشتە ھېچقانداق خىسلەت، خاسىيەت يوق. تاماكا چەككۈچى كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئىسلامى ئەخلاق، ئىنسانىي ئەخلاق پىرىنسىپى بويىچە قىلىقسىز، ئەخلاقسىز ئادەم دەپ قارىلىدۇ. كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كىشى خالا جايدا تاماق يىمەيدۇ، بەزى تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ خالا جايلاردا تاماكا چىكىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. بۇنداق كىشىلەر تاماكا ئىسى بىلەن خالادىكى سېسىق پۇراقنى بىرلىكتە ئىچىگە سۈمۈرىۋېلىشنىڭ ناپاكلىقى، ھاراملىقى، ئادەمنىڭ جىسمىغا زىيانلىق ئىكەنلىكنى نەزىرىگە ئېلىپمۇ قويمايدۇ. مانا بۇ شۇ ئىنساننىڭ زالالەتكە پىتىپ كىتىۋاتقانلىقى، خار-زەبۇنلۇقى، ئەخلاقسىزلىقىدۇر.

(5)      تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ كۆپ قىسىمى ئادەم بار جايلاردا ھايا قىلماستىن تاماكا چىكىۋىرىدۇ. مۇنداق ئاشكارا تاماكا چەككۈچىلەر باشقىلارنى، بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەرنى تاماكا چىكىشتىن ئىبارەت مۇشۇ ناچار ئىللەتكە رىغبەتلەندۈرگۈچىلەر جۈملىسىدىن بولۇپ، بۇنىڭ گۇناھى تېخىمۇ

ئېغىردۇر.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى كەچۈرۈم قىلىنغۇچى ئەمما داۋاملىق كىشلەرگە كۆرسىتىپ گۇناھ قىلغۇچى كەچۈرۈم قىلنغۇچى ئەمەس» (بۇخارى مۇسلىم رىۋايىتى)



6.   تاماكا چىكىشنىڭ ئىسلام دىنىمىزغا يەتكۈزىدىغان زىيىنى



ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئۆزىنىڭ دىنىنى قوغداش ھاياتلىقتا ھەممىدىن موھىم ئىش.

تاماكا چىكىشنىڭ دىنغا يەتكۈزىدىغان زىيىنىدىن بىرى-ئىسلام دىنىنىڭ تۈۋرۈكى بولغان نامازغا زىيان يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت. بەندىنىڭ نىجات تېپىپ، مەڭگۈلۈك بەخىت-سائادەتكە ئىرىشىشنىڭ موھىم ئامىلى ناماز بولۇپ، نامىزى دۇرۇس ئورۇنلىنىپ قوبۇل قىلىنغان ئادەمنىڭ باشقا ئەمەللىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشغا شۈبھە قىلىشقا ئورۇن يوقتۇر.اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مۆئمىنلەر ھەقىقەتەن بەخىتكە ئىرىشتى، (شۇنداق مۆئمىنلەركى) ئۇلار نامازلىرىدا (اللەنىڭ ئۇلۇغلىقىدىن سۈر بېسىپ كەتكەنلىكتىن) ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر. ئۇلار بىھۇدە سۆز، بىھۇدە ئىشتىن يىراق بولغۇچىلاردۇر. ئۇلار زاكات بەرگۈچىلەردۇر. ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچىلاردۇر. ئۇلار (يەنى مۆئمىنلەر) ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر. ئۇلار نامازلىرىنى (ۋاقتىدا تەئدىل-ئەركان بىلەن) ئوقوغۇچىلاردۇر. ئەنە شۇلار (يەنى يۇقارقى سۈپەتلەرگە ئىگە مۆئمىنلەر) نازۇ-نىئمەتلىك جەننەتنىڭ ۋارىسلىرىدۇر» (سۈرە مۇئىمنۇن 1-2-3-4-5-8-9-10-ئايەتلەر)

ئەگەر بەندىنىڭ نامىزى قوبۇل قىلىنمىسا باشقا ئەمەللىرى قوبۇل قىلىنمايدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ قىيامەت كۈنى بەندىلەردىن ئېلىنىدىغان دەسلەپكى سوراق بەش ۋاق ناماز، ئەگەر نامازنىڭ سورىقىدىن ئۆتۈپ كىتەلىگەن ئادەم باشقا سوراقلاردىن ئۆتۈپ كىتىدۇ. ئەگەر بەش ۋاقىت نامازنىڭ سورىقىدىن ئۆتۈپ كىتەلمىسە قالغان ئىشلىرى تەس بولىدۇ. (جامىئۇل ئۇسۇل 1-قىسىم 203-بەت)

نامازنى بەرپا قىلىش دىننىي بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسى: تاھارەت نامازنى بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسى. نامازنى بەرپا قىلىشنىڭ موھىم شەرتلىرىدىن بىرى تاھارەت (پاكلىق) تۇر. تاھارەتسىز ناماز ئەسلا مەقبۇل ئەمەس، تاماكا چىكىش ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرىغا، ئەقلىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بولغاچقا ئۇنى چەككۈچى سېىسىق ئىسنى سۈمۈرۋېلىپ، ئىچكى ئەزالىرىنى ناپاك قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «خام سامساق، خام پىياز يىگۈچىلەر يېنىمىزغا ۋە مەسجىدىمىزگە يېقىن كەلمىسۇن.» (ئىتتىپاق ھەدىس سەھىھۇل بۇخارى ۋە قەستالانى شەرھى)

پىياز ، سامساق ھالال يىمەكلىك بولسىمۇ،(ئۇنى يىگۈچىلەرنىڭ ئېغىزىدىن سېسىق پۇراق چىققانلىقى ئۈچۈن) پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى خام پىتى يىگۈچىلەر يېنىمىزغا ۋە مەسجىدىمىزگە يىقىن كەلمىسۇن دېگەن، تۇرسا تاماكا چەككۈچىنى نىمە دەيمىز؟

اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «نامازنى (تەئدىل- ئەركان بىلەن) ئوقوغىن، ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن گۇناھلاردىن توسىدۇ. اللەنى ياد ئىتىش (ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە ئىبادەتتىن) ئۇلۇغدۇر. اللە قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ» (سۈرە ئەنكەبۇت 45-ئايەت)

ئابدۇللا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «بىر كىشنىڭ ئوقۇغان نامىزى ئۇ كىشىنى قەبىھ گۇناھلاردىن (يامان ئىش يامان ھەرىكەتلەر) دىن توسالمايدىكەن ئۇ كىشى اللەدىن بەكمۇ يىراقلىشىپ كەتتى» (تەبرانى توپلىغان)

ناماز ئوقۇپ تۇرۇپ تاماكا چىكىشكە ئوخشاش ھارام قىلنغان يامان ئىش، يامان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ يۇقارقى ئايەت، ھەدىس بىلەن ئۆزىنى ئۆلچەپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.



7.   تاماكا چىكىش ئاچچىقىنى بېسىشنىڭ داۋاسى دىگۈچىلەرگە رەددىيە



تاماكا چەككۈچىلەر: «تاماكا دېگەن ئادەمنىڭ ئاچچىقنى باسىدۇ، غەمنى كەتكۈزىدۇ» دىگەنگە ئوخشاش قۇرۇق سەپسەتىنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنى چەككەنسىرى تېخىمۇ ئاچچىقى كىلىدىغان قىلىپ قويىدىغانلىقىغا دىققەت قىلمايدۇ. تىببىي ئالىملارنىڭ ئېنىقلىشىچە: تاماكا زەھىرى مەركىزى نىرۋا سىستىمىسىنى قوزغىتىش ۋە تورمۇزلاش رولىغا ئىگە بولۇپ، تاماكا چەككەندە دەسلەپ قوزغىتىش رولىنى ئويناپ ئاندىن تورمۇزلاشقا ئۆزگىرىدۇ. قوزغۇتۇش ۋاقتى قىسقا، تورموزلاش ۋاقتى ئۇزۇن بولغاچقا مەركىزىي نىرۋا سىستىمىسىنىڭ تورموزلىنىشى ئادەمنى تىت-تىت قىلىپ ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان قىلىپ قويۇشنىڭ موھىم سەۋەپلىرىدىن بولۇپ، تاماكا چەككۈچى ئاچچىقىنى بېىسىش ئۈچۈن يەنە تاماكا چىكىشكە باشلايدۇ. مۇنداق قايتا تەكرارلىنىش تاماكا چەككۈچىنى  تېخىمۇ ئاچچىقلىنىدىغان قىلىپ قويىدۇ.سۈرىيەلىك دوختۇر جونىستۇن مۇنداق دېگەن؛ «تاماكا چىكىش ئادەمنى چوقۇم ئەسەبىيلەشتۈرۈپ، جۇدۇنكەش قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا تاماكا چەككۈچىنى ئاچچىقى يامان، قوپال كۆرىسەن، ئۇلاردا كۇپرى سۆز قىلىدىغان، بالا-چاقىلىرىنى ئۇرۇپ-تىللايدىغان، كىشىلەر بىلەن ئاسان جىدەللىشىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ››. تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئاچچىقىنى بېسىپ، كۆڭلىنىڭ تەسكىن تېپىشىنى تاماكا چىكىشتىن ئىزدىشى ئىشقا ئاشمايدىغان قۇرۇق خىيالدىن ئىبارەت بولۇپ، تاماكىنى داۋاملىق كۆپ چەككۈچىنىڭ ئاچچىقى بارغانسىرى كۈچىيىپ كىتىدۇكى، ھەرگىزپەسەيمەيدۇ. ھەتتا ئىمان تىلغا جارى بولماي شۇ ئاچچىقى بىلەن دۇنيادىن ئايرىلىش خەۋپى بار. ئىنسان پەقەت اللە تائالا ئاتا قىلغان ئەقىل-پاراستى بىلەن سەبرى قىلىش  ئارقىلىقلا ئاچچىقىنى بېىسىش مەقسىدىگە يىتەلەيدۇ. تۈرلۈك بېسىم، زىددىيەت، مۈشكۈلاتقا تاقابىل تۇرالايدۇ. ئىنساننىڭ ئاچچىقىنى بېسىپ، كۆڭۈل ئازادلىكىگە ئىرىشىشنى تاماكا چىكىشتىن ئىزدىشى، خارلىققا پېتىپ قالغانلىقىنىڭ بىرخىل ئىپادىسى بولۇپ، چۆلدىكى يىراقتىن كۆرۈنگەن ئالۋۇننى قوغلاپ يىتەلمىگەندەك بىر ئىشتۇر.</div>

qerindash يوللانغان ۋاقتى 2010-10-21 14:08:57

<div class=tpc_content>8.   تاماكا چىكىشنىڭ ھاراملىقىغا شۈبھە بىلەن قارىغۇچىلارغا رەددىيە



دەرۋەقە، تاماكا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپاتىدىن كىيىنرەك پەيدا بولغان. شۇڭا، بەزى كىشلەر تاماكا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زامانىسىدا بولمىسا نىمە ئۈچۈن ئەمدى ھارام دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ؟ دەيدۇ: ئۇلارغا ئىيتىمىزكى؛ ئىسلام دىنىمىز ئادەمنىڭ جىسمىغا، ئىقتىسادىغا، ئەقلىگە، ئەخلاقىغا، دىنىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق نەرسىنى ھارام دەپ ھۆكۈم قىلغانلىقىنى تاماكىغا تەدبىقلىساق، مۇشۇ زىياننىڭ ھەممىسى تاماكىدا تۇرسا ئۇنى چىكىش نىمىشقا ھارام بولمايدىكەن؟

اللە تالانىڭ: «اللە ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ» (سۈرە ئەئراپ 157-ئايەت) دىگەن ئايىتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئەقىلنى خىرەلەشتۈرىدىغان نەرسىنىڭ ئازراقىمۇ، كۆپرەكىمۇ ھارام» (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى) دىگەن ھەدىسى ھارام نەرسىلەرنى تەپسىلى بايان قىلىشتىن بىھاجەت قىلىدۇ.

ھازىر ئايرىم ساندىكى بەزى كىشلەر تاماكا چىكىش ھارام ئەمەس، مەكرۇھ دىسە، بەزىلىرى تاماكا چەكسە تاھارىتى سۇنمايدۇ دىيىشمەكتە. يەنە بەزىلىرى تاھارىتى تۇرۇپ تاماكا چەكسە ئېغىزىنى چايقىۋىتىپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ، دىگەنگە ئوخشاش پەتىۋالارنى چىقىرىپ، ئىسلام دىنىمىزدا ھارام دەپ ھۆكۈم قىلىنغان تاماكا چىكىشكە پۇرسەت يارىتىپ بىرىۋاتىدۇ، مۇنداق پەتىۋالارنىڭ ھىچقانداق ئاساسى يوق.

يەنە بەزى تاماكا چەككۈچىلەر ئاز ساندىكى دوختۇرلار ۋە ئالىملارنىڭ تاماكا چىكىدىغانلىقى بىلەن ئۆزىنى ئاقلايدۇ. بىز ئېيتىمىزكى: پۈتۈن يەرشارىدىكى ئىنسانلارنىڭ كۆپ قىسىمى تاماكا چەكسىمۇ تاماكا چىكىشنى ھالال قىلالمايدۇ، چۈنكى، ئۇلارمۇ ئىنسان بولغاچقا بەزى خاتالىقلاردىن ساقلىنالماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا نەپسى خاھىشىنى ئاساسسىز دەلىللەر بىلەن پەردازلايدىغانلارنى دورىماسلىقىمىز لازىم..

نوئمان ئىبنى بوشەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن:

ھالالمۇ ئوچۇق-ئاشكارە، ھاراممۇ ئوچۇق-ئاشكارەدۇر، نۇرغۇن شۈبھىلىك نەرسىلەر بولۇپ، ئۇنى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىلەلمەيدۇ. كىم شۈبھىلىك نەرسىلەردىن ھەزەر قىلىپ ساقلانسا، ھەقىقەتەن ئۇ، ئۆزىنىڭ يۈز-ئابرويى، ئىناۋىتى، دىنى ئۈچۈن پاكلانغان، پاكلىق يولىنى تۇتقان بولىدۇ. كىم شۈبھىلىك نەرسىنى قىلىپ سالسا، شۈبھىگە چۈشۈپ كەتسە، ئۇ ھارامغا چۈشكەن بولىدۇ. (يەنى بۇ ھارامغا ئېلىپ بارىدۇ) ئۇنىڭ مىسالى چىگرا ئەتراپىدا پادا باققان پادىچىغا ئوخشايدۇ. پادىچى، چىگرا ئىچىگە كىرىپ كېتىشى، چىگرا ئىچىدىمۇ پادىنى بېقىپ سېلىشى مۇمكىن. (ئەنە شۇنىڭدەك شۈبھىلىك نەرسە بىلەن شۇغۇللانغۇچى ھارامغىمۇ كىرىپ كېتىدۇ) ئاگاھ بولۇڭلار ھەربىر پادىشاھنىڭ چىگرىسى بار، ئاگاھ بولۇڭلار ھەقىقەتەن اللە تائالانىڭ زىمىندىكى چىگرالىرى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردۇر. دىققەت قىلىڭلار، جەسەدتە بىر چىشلەم گۆش بار، ئۇ ئوڭشالسا بارلىق جەسەد ئوڭشىلىدۇ، ئۇ بۇزۇلسا جەسەدنىڭ ھەممە يىرى بۇزىلىدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى بۇ گۆش بولسا قەلب، يۈرەكتۇر. (بەيھەقى، بۇخارى، مۇسلىم، ئەبۇداۋۇد، نەسەئى، تىرمىزى، ئىبنى ماجە توپلىغان. سەھىھ)

شەيخ ئەللامە، ئوسەيمىيىن، رەھىمەھۇللاھ بو سەھىھ ھەدىستىن مۇنداق پايدىلىق ھۆكۈم چىقارغان:

1.      شەيئىلەر بۇ ھەدىستىن ئۈچ قىسىم بولىدۇ، يەنى ھالال، ھارام، شۈبھىلىك. ھالالغا ھىچ كىشىگە مالامەت قىلىنمايدۇ. خۇددى بۇغداي، قوناق، كۆكتاتنى يىگەندەك. ھارامغا ھەرقانداق ئىنسان مالامەت قىلىنىپ ئازاپقا ئۇچرايدۇ، يەنى ھاراق، قىمار، زىنادەك. شۈبھىلىك نەرسىلەردە ئالىملار ئىختىلاپ قىلىشقان، بەزىسى ھالال دىسە، بەزىسى ھارام دىگەن. بەزىسى تەپسىلىي سۆزلەپ ئىللەت يازغان. مەسىلەن: تاماكا بۇرۇن شۈبھىلىك دەپ قارالغان، بەزىسى ھارام دىسە، بەزىسى مەكرۇھ، بەزىسى ھالال دىگەن. مانا ئەمدى تىبابەتتە ئاشكارە بولۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىت قىلىنىپ نۇرغۇن ئايەت، سەھىھ ھەدىسلەردىن قىياس قىلىنىپ تاماكا قەتئىي ھارام قىلىندى. بۇنىڭ ھاراملىقىغا ئىسلام ئالىملىرى، ھەتتا خەلىقئارا ئالىملار ئىتتىپاققا كېلىپ، بۇنى پۈتۈن دۇنيا ئىتراپ قىلدى، بىرلىككە كەلدى. ھارام دىگەن چەكلىنىدۇ دىگەن بولىدۇ، تاماكا ئەلۋەتتە ھەممە جايدا چەكلىنىدۇ. بۇ بۇرۇن شۈبھىي بولسا، ھازىر ئوچۇق ھارام قىلىندى. ماگىزىنلاردا بىر قىسىم شۈبھىلىك نەرسىلەر بار. ئۇ ھارامغىمۇ ئوخشايدۇ، ھالالغىمۇ ئوخشايدۇ، شۇڭا شۈبھىدۇر.

2.      ئىلىمنىڭ ئازلىقىدىن، چۈشەنچىنىڭ يوقلىقىدىن، تەدبىرنىڭ كاملىقىدىن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىنىڭ يوقلىقىدىن شۈبھىي كېلىپ چىقىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر سۈيقەست قىلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر شەخسىي غەرىزى بىلەنلا ھۆكۈم قىلىۋىتىپ شۈبھىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەمكىنلىك بىلەن ئالدىرىماي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ئايەت سەھىھ ھەدىسكە سالساق ئوچۇق روشەنلىشىدۇ.

3.      شۈبھىلىك نەرسىنى تىلغا ئېلىشنىڭ ھىكمىتى شۇكى، ئىلىمغا ھېرىسمەن كىشى بىلەن، ھېرىسمەن ئەمەس كىشىلەر ئاشكارلىنىدۇ، مۇسۇلمان مەنپىئەتىنى كۆزلەيدىغانلار بىلەن ھىچ كارى يوقلار ئاشكارلىنىدۇ، كىشىلەر سىنىلىدۇ.

4.      شۈبھىلىك نەرسىدىن قاتتىق ساقلىنىش لازىم، چۈنكى ئۇ ھارامغا ئېلىپ بارىدۇ.

5.      ھارامغا ئېلىپ بارىدىغان ھەرقانداق نەرسە چەكلىنىدۇ. ھارامغا ۋاستە، ۋەسىيلە بولسا ئۇمۇ ھارام.

6.      مۇسۇلمانلار ئىتقادىنى، يۈز-ئابرۇيىنى، ئىناۋىتىنى ساقلىشى لازىم.  

ئىسلام ئالىمى يۈسۈپ قەرزاۋى مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ بوپتۇ، مەكرۇھ دىيىلگەن تەقدىردىمۇ بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك پەتىۋاسىدا گۇناھى سەغىرىلەر (مەكرۇھلار)نى ھايا قىلماي ئاشكارە قىلىشقا ئادەتلەنگەندە بۇ مەكرۇھ ئاپتۇماتىك ھالدا گۇناھى-كەبىرىگە ئايلىنىدۇ››.



9.   قانداق قىلغاندا تاماكا چىكىشنى تاشلىغىلى بولىدۇ؟



1)تاماكا چەككۈچى ئۇنى چىكىشنىڭ زىيىنى ۋە ھاراملىقىغا قەتئىي شۈبھە قىلماسلىقى ئادەمگە زىيانلىق ھارام ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە

ئازاپقا ئىلىپ بارىدىغانلىقىنى ھەقىقىي تونۇش لازىم. للە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ، كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ» (سۈرە زەلزەلە 7-8-ئايەت)

2)تاماكا چىكىشنى تاشلاشقا قەتئىي ئىرادىگە كىلىش، اللە تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ، چىن دىلىدىن دۇئا قىلىش، دۇئادا: « ئى اللە، تاماكا بىلەن مىنىڭ ئارىلىقىمنى ۋە باشقا ئىللەتلىرىمنى مەشرىق بىلەن مەغرىپنىڭ ئارىسىدەك يىراق قىلغىن، ئۇ نىمە دېگەن يامان ھەمراھ» دىيىش.

3)تاماكا چىكىشكە كۆنۈپ قالغۇچى زىيانلىق تاماكىنى مەنپەئەتلىك نەرسىگە ئالماشتۇرۇش، تاماكا چىكىش ئورنىغا ئادەمگە مەنپەئەتلىك ھەرخىل قۇرۇق يەل-يىمىش قاتارلىق قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى يىيىش، مىسۋاك ئىشلىتىشكە ئادەتلىنىش، چاينى قېنىق دەملەپ ئىچمەسلىك، قەھۋە قاتارلىقلارنى ئىچمەسلىك لازىم.

4)تاماكا چەككۈچىلەردىن ۋە تاماكا چىكىلىۋاتقان سورۇنلاردىن يىراق تۇرۇش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ياخشى ئادەملەر بار سورۇننىڭ مىسالى ئىپار ساتقۇچى (ياكى كۆتۈرگۈچى) نىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ. سەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولساڭ ئۇنىڭدىكى ئىپارنىڭ خۇش پۇرىقىنى پۇرىيالايسەن ياكى سېتىۋالالايسەن. يامان ئادەملەر بار سورۇننىڭ مىسالى تۆمۈرچىنىڭ كۆيىكىنى باسقۇچىنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ سەن ئۇنىڭغا يېقىنلاشساڭ ياكى كىيىمىڭنى كۆيدۈرۋالىسەن ياكى سېسىق پۇرىقىنى پۇرايسەن» (سەھىھۇل بۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى شەرھى 108-بەت)

5)ئۆزىگە نەسىھەت قىلىش ئۇسۇلى بىلەنمۇ تاماكا چىكىشنى تاشلىغىلى بولىدۇ. چۈنكى ئىنسان قانچىلىك سۆزىدە تۇرمايدىغان يالغانچى بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئۆزىنى ئالدىماسلىقى كېرەك. ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن ۋىجدانى ئوتتۇرىسىدا سەمىمىيەت بولۇشى كېرەك. تاماكا چىكىشنى تاشلاش ئۈچۈن ئۆزىگە چىن ۋەدە بەرگەن ئادەم ھەرقېتىم خۇمارى تۇتۇپ ۋەدىسىنى بۇزۇش ھالىتىگە چۈشۈپ قالغاندا ئۆزىگە بەرگەن ۋەدىسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ يەنە ئۆزىنى ئالدىماسلىقى كېرەك. ئۆزىگە ئۆزىدىن يامانلىق كىلىۋاتقان ئۆزىنى ئالدىغان ئادەمدىن نىمە ياخشىلىق كۈتكىلى بولسۇن؟

6)تاماكا چىكىشنى تاشلاش نىيىتىگە كەلگەندىن كىيىنمۇ ئۇنىڭ خۇمارىدىن كىچەلمەي (ئىرادىسىزلىكتىن) تاشلىيالمىغۇچىلار دوختۇرخانىلاردىن ياكى ئۇيغۇر تىبابىتى رىتسىپى بويىچە ياسالغان دورىلارنى سېتىۋىلىپ ئىستىمال قىلسىمۇ تاماكا چىكىشنى تاشلاشقا ياردىمى بولىدۇ.

7)بەزىلەر تاماكا چىكىشنى تاشلىغىلى بولمايدىكەن دىيىشىدۇ. ئۇلارغا ئېيتىمىزكى، ئىنسان ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇققا كۈنلەپ چىداپ كىتىدۇ ۋە ئاتا-ئانىسى، پەرزەنتلىرى ئۆلۈپ كەتسە چىدايدۇ يۇ، سېىسىق تۈتۈننى تاشلاشقا نىمىشقا چىدىمايدۇ؟ شۇنىمۇ ئەسكەرتىمىزكى، ئادەم بوۋاق ۋاقتىدا 2-3ياشقىچە ئەمگەن ئانا سۈتىدىن ئايرىلىشقا چىدايدىيۇ سېىسىق تاماكىدىن ئايرىلىشقا نىمىشقا چىدىمايدۇ؟ يەنە بەزىلەر كۆرەڭلىگەن ھالدا تاماكا دېگەننى ئوغۇل بالا ئەركەك چىكىدۇ دىيىشىىدۇ، بۇنداق دىيىش بىمەنىلىك ۋە نادانلىق، تاماكا چەككەنلىك ئەركەكلىك بەلگىسى ئەمەس، ئۆزىنىڭ ھاۋايى ھەۋىسىگە ۋە نەپسىگە قۇل بولغانلىق، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلىقتۇر.



10.بالىلارنىڭ تاماكا چىكىشىنى ئۆگىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بىرىش لازىم.



بالىلاراللە تائالانىڭ ئاتا-ئانىلارغا بەرگەن ئامانىتى ۋە ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىدۇر، بالىلار ئاتا-ئانىلارنىڭ بۈگۈنى، ئەتىسى ۋە كىلىچىكدۇر. بالىلارنىڭ بەخىت-سائادىتى،ئاتا-ئانىلارنىڭ زور خۇشاللىقى بولغىنىدەك، بالىلارنىڭ بەخىتسىزلىكى ئۇلارنىڭ غەمكىنلىكىدۇر. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ساغلام، ئەخلاقلىق، ياراملىق يىتىلىۋاتقانلىقىدىن خۇشاللىققا چۆمسە، بالىلىرىنىڭ يارامسىز ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقانلىقىدىن  قەلبى ئازاپلىنىدۇ. ياراملىق بالىلار ئائىلە ئۈچۈن، جەمئىيەت ئۈچۈن پايدىلىق بولسا، يارامسىز بالىلار زىيانلىقتۇر. بالىلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئارزۇ قىلمايدىغان بىرمۇ ئاتا-ئانا بولمىسا كېرەك. ئەمما قۇرۇق ئارزۇدىلا بولۇپ، بالىسىنى تەربىيلەشكە سەل قارايدىغان ئاتا-ئانىلارنى كۆپلەپ ئۇچرىتالايمىز.

بالىلارنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشنىڭ ياخشى ياكى يامان بولۇشى، ئۆمۈر بويى سالامەتلىكىنىڭ ياخشى، ناچار بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى، بۇ مەزگىلدە بەدەننىڭ ھەرقايسى توقۇلمىلىرى نىسبەتەن يۇمران بولۇپ، نېرۋا سىستىمىسى، ئىچكى ئاجراتما پائالىيىتى، ئىممۇنىت خىزمىتى قاتارلىقلار تېخى تۇراقلاشمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆسمۈرلەرنىڭ تاشقى موھىتتىكى پايدىسىز ئامىللارغا قارشى تۇرۇش كۈچى نىسبەتەن ئاجىز بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە ھەرخىل چىكىملىك، ئىچىملىكلەرگە بىرىلىش، بولۇپمۇ تاماكا چىكىش ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن بەك زىيانلىق. خۇسۇسەن ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە چوڭ كانايچە نىسبەتەن تۈز بولغاچقا، تاماكا ئىسى ئۆپكە پۈۋەكچىسىگە ئوڭايلا كىرىپ كىتىدۇ. كانايچىنىڭ تىۋىتلىرىمۇ كوكىس مېيى بىلەن ئوڭايلا غىدىقلىنىدۇ. يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىقتىدارىمۇ ئاجىزلاپ كىتىدۇ. نەتىجىدە تاماكا چىكىۋەرگەندە نەپەس يولى ۋە باشقا كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى بارغانسىرى كۆپىيىدۇ.

ئومومەن تاماكا چىكىش ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي ۋە ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرىۋىتىدۇ.

ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆپىنچىسى تاماكا چىكىشنى دەسلەپتە باشقىلارنى دوراپ ئۆگىنىپ قالغان بولۇپ، ۋاقتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنى چىكىشنى ئادەت قىلىۋالغان، ياشلىق دەۋرى تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان پۇرسەت بولسىمۇ، ئۆسمۈرلەر تاماكا چىكىپ، كۈن بويى ئىس-تۇمانلار ئارىسىغا غەرق بولۇپ، رولى يوق قېيىقتەك قايمۇقۇپ يۈرىدىغان بولۇپ قالغان. بەزىلىرى تاماكا چىكىشتىن تەرەققىي قىلىپ، ئاق تاماكا چىكىشنى ئۆگىنىپ قالغان سەۋەپلىك ئوغۇرلۇق قىلىش ۋە باشقا جىنايەت ئۆتكۈزۈش يوللىرىدا مېڭىپ، ئۆزىگە، ئاتا-ئانىسىغا، جەمئىيەتكە زىيانلىق تىرىكتاپلارغا ئايلانغان.

دىمەك، تاماكا چىكىشنىڭ بالىلارغا بولغان زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، بۇ زىياننىڭ ئورنىنى ھەرقانچە بەدەل تۆلەپمۇ ئورنىغا كەلتۈرۈش قىيىن، پەقەت ئالدىنى ئىلشلا ئۈنۈملۈك چارىدۇر.

بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:

1.      ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ تەقۋادارلىقى ۋە ئىسىل ئەخلاقى بىلەن بالىلارغا ئۈلگە بولۇش.

2.      ئائىلىدە تەربىيىنى كۈچەيتىپ، بالىلارنىڭ ياخشى-ياماننى، ھالال-ھارامنى، توغرا-خاتانى پەرق ئىتىش ئىقتىدارنى يىتىلدۈرۈپ، ئۇلارغا تاماكا چىكىشنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي زىيىنىنى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپ ئۇلارنى تاماكا چىكىشتىن يىرگەندۈرۈش كېرەك. بۇ ھەقتىكى تەربىيە قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ياخشى ئىلىپ بىرىلسا، بالىلار ئۆمۈر بويى شۇ ناچار ئىشتىن ئۆزىنى پاك ساقلىشى مۇمكىن.

3.      ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ يۈرۈش-تۇرشىغا نازارەت قىلىش، ئۇلارنىڭ يېنىنى ۋە سومكىلىرىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش، ئۇلارنى بۇراپ بېقىش، تاماكا چەككەنلىكى سىزىلسە ئۇنى بىخ ھالىتىدە تۈزىتىشكە سەل قارىماسلىق.

4.      ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئارىلىشىدىغان دوسىتىلىرى، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئەخلاقسىز، بەڭگە بالىلارغا ئارىلاشتۇرماسلىق.

5.      بالىلارنىڭ ياخشى دوست تاللىشىغا ياردەم بىرىش.

6.      بالىلىرى ھەققىدە ياخشى دۇئا تىلەكتە بولۇش.

7.      مۇئەللىملەردىن بالىلىرىنىڭ مەكتەپتىكى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، سىزىلگەن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىشكە سەل قارىماسلىق.

8.      مەكتەپلەر قاراتمىلىقى بولغان ھالدا، تاماكا چىكىشنىڭ زىيىنى توغرىسىدا تەربىيە ئېلىپ بېرىش.

9.      ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چەكمەسلىكى لازىم..

10.   جەمئىيەتتىكى ھەرساھە كىشىلەر بالىلاردىكى تاماكا چىكىشكە ئوخشاش ناچار قىلىقلارنى كۆرگەندە، بۇ مىنىڭ پەرزەنتىم بولمىغاندىن كېيىن نىمە كارىم دىمەستىن، تەربىيە قىلىپ توسۇش،

ئومومەن قىلغاندا، ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەت ئورتاق ھالدا بالىلارنىڭ تاماكا چىكىشنى ئۆگىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېىلىشقا يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەھمىيەت بىرىشى لازىم.



11.تاماكا چىكىشنى تاشلاش ھەققىدىكى خەلىقئارالىق تەشەببۇسلار



ھازىر دۇنيا مىقياسىدىن ئالغاندىمۇ تاماكا چىكىشنى چەكلەش ھەممە ساھەنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشمەكتە. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تاماكا چىكىشنىڭ ئىنسانلارغا بولغان زىيىنىنى نەزەردە تۇتۇپ ھەريىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنىنى تاماكا تاشلاش كۈنى قىلىپ بىكىتتى. شۇڭا تاماكا تاشلاش ئىس-تۈتەكسىز دۇنيا بەرپا قىلىش شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەريىلى بۇ پائالىيەتنى تەشكىللەۋاتىدۇ.

دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋە شەھەرلەردە، ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چەكمەسلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ، تاماكا چەككۈچىلەرنى چەكلەۋاتىدۇ.

بەزى دۆلەتلەردە ئىشلەنگەن تاماكا قېپى ئۈستىگە تۆۋەندىكىدەك ئاگاھلاندۇرۇش يېزىلغان:

1)سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا قارىغاندا، تاماكا چىكىشنىڭ سالامەتلىككە زىيىنى بار. (ئامرىكا)

2)ئاگاھلاندۇرۇش: تاماكىنى كۆپ چەككەنسىرى سالامەتلىككە بولغان زىيىنى چوڭ بولىدۇ. دىققەت، چەكمەڭ! (ئەنگىلىيە)

3)ھۆكۈمەتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى: تاماكا چىكىش سالامەتلىكىڭىزگە زىيان يەتكۈزىدۇ. (ئەنگىلىيە)

4)تاماكا چىكىش سالامەتلىككە زىيانلىق (ئاۋستىرالىيە)                             «تاماكا ۋە كېسەللىك» دىن

ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، تاماكا قېپىغا، «تاماكا چىكىش سالامەتلىككە زىيانلىق» دەپ يېزىۋېلىپ، تاماكىغا خۇمارنى كۈچەيتىدىغان باشقا تەركىبلەرنى قوشۇپ ساتىدىغانلاردا ئىنسانىيەتكە، ئادەمگە كۆيۈنگىدەك پەزىلەت بارمىدۇ؟





12.تارىختا ھەرقايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تاماكا چىكىشىنى چەكلەشكە ئائىت ئىلىپ بارغان پائالىيەتلىرى



1)1602-يىلى «تۈتۈن بىلەن زەھەرلىنىشنى تۈگىتەيلى» دىگەن ماۋزۇدا تاماكا چىكىشكە قارشى بىرىنچى قېتىملىق تەشۋىقات ماتىرىيالى ئەنگىلىيەدە نەشىر قىلىندى.

2)1604-يىلى ئەنگىلىيە پادىشاھى جاموس تاماكا چەككۈچىلەرنى قورقۇتۇپ: «سەن قىلچە ئىككىلەنمەستىن بۇ ئىپلاسنى تاشلىشىڭ كېرەك. ئۇنى چىكىش كەچۈرگىلى بولمايدىغان جىنايەتتۇر. ئۇنى چىكىش ئاسمان-زىمىندەك چوڭ خاتالىقتۇر. ئۇ بىرخىل كۆزگە زەرەر يەتكۈزىدىغان، بۇرۇننى غىدىقلايدىغان، مىڭىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان، ئۆپكىنى بۇزىدىغان يامان ئادەت، تېگى يوق ھاڭ» دېگەن. بۇ گەپنى دېگەننىڭ ئەتىسىلا تاماكىنىڭ ئىمپورت بىجىغا يۈزدە تۆت مىڭ پىرسەنت باج قوشقان.

3)1615-يىلى پارىس پادىشاھى شاھ ئابباس تاماكا چىكىشنىڭ مەملىكەت خەلقىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزشىدىن ئەنسىرەپ بىر تاماكا سودىگىرىنىڭ تاماكىسىنى ئۆزىگە ئوتۇن قىلىپ كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرگەن.

4)1630-يىلى ئەنگىلىيە سىياسى نەزىرىيىچىسى بورتون جامائەت ئالدىدا كۆك تاماكىنى «ئۆتكۈر تارقىلىشچان كېسەللىك، دوزاق، ئالۋاستى، قارغىش تەككۈر، بەدەننى ۋە روھنى نابۇت قىلىدىغان نەرسە» دەپ سۆككەن.

5)1634-يىلى چارروسىيە پادىشاھى تىسىزار دەسلەپ تاماكا چەككەنلەرنى ئۇرۇش، قايتا چەككەنلەرنى ئۆلتۈرۈش، تاماكا چەككەنلەرنىڭ بۇرنىنى كىسىش قاتارلىق بۇيرۇقلارنى ئېلان قىلغان.

1967-يىلى نىيۇرۇكتا «تاماكا چىكىش ۋە سالامەتلىك» توغرىسىدا دۇنيا بويىچە بىرىنجى قېتىم يىغىن ئېچىلغان. 1971-يىلى لوندوندا دۇنيا بويىچە «تاماكا چىكىش ۋە سالامەتلىك» توغرىسىدا ئىككىنچى قېتىم يىغىن ئېچىلغان.

1978-يىلى 6-ئايدا خەلىقئارالىق تاماكا تاشلاشنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنى نىيوروكتا ئېچىلغان.

1980-يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش ئىش بىجىرگۈچى-دوختۇر مالى 1980-يىلى (7-ئاپرىل)نى دۇنيا ساقلىق ساقلاش كۈنى قىلىش توغرىسىدىكى ئوچوق خېتىنى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن دۇنيا بويىچە «تاماكا چىكىشكە تۇرامسىز ياكى سالامەتلىككىمۇ؟ خالىغىنىڭىزنى تاللاڭ» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا چاقىرىق قىلغان.                              (تاماكا ۋە كېسەللىك)تىن.

1997-يىلى بىيجىڭدا 10-نۆۋەتلىك دۇنياۋى تاماكا تاشلاش يىغىنى ئېچىلغان.

جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى 2003-يىلى نويابىردا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ «تاماكىنى چەكلەش رامكا كىلىشىمى»گە ئىمزا قويغان، كىلىشمىگە ئاساسلانغاندا، ئىلىمىز 2011-يىلىغىچە بارلىق زال ئىچى ئاممىۋىي سورۇنلىرى، خىزمەت ئورۇنلىرى ۋە ئاممىۋىي قاتناش ۋاستىلىرى ۋە باشقا تاماكا چىكىش مۇمكىنچىلىكى بار ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چىكىشنى پۈتۈنلەي چەكلەپ بولۇشى كېرەك ئىكەن. (ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ 2009-يىلى 18-مايدىكى سانىدىن)



13-خاتىمە



ئىنسانلارغا ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتە زىيان يەتكۈزىدىغان تاماكا چىكىشنى ئىسلام دىنىمىز ھارام دەپ ھۆكۈم قىلدى. شۇ سەۋەپتىن (چىكىش ئۈچۈن) تاماكا تېرىش، قاچىلاش، سېتىش، سېتىۋىلىش ھەم ھەمكارلىشىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «اللەتائالا ھاراققا، ئۇنى ئىچكۈچىگە، ئۇنى قۇيۇپ بەرگۈچىگە، ئۇنى ساتقۇچىغا، ئۇنى سېتىۋالغۇچىغا، ئۇنى سىققۇچىغا، سىقتۇرغۇچىغا، ئۇنى كۆتۈرگۈچى ۋە كۆتىرىپ ئاپىرىپ بەرگۈچىگە لەنەت قىلدى» (مىشكا تۇل ماسابىھ ئەرەپچە نەشىرى 243-بەت)

دېمەك، ئىسلام دىنىمىزدا ھارام دەپ ھۆكۈم قىلىنغان تاماكا چىكىشكە رازى بولغانلار ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا ياردەملەشكەنلەرمۇ يۇقارقى ھاراقنىڭ ھۆكۈمىگە ئوخشاشتۇر.اللە تائالا تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچى ۋە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلغۇچى زاتتۇر.اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىدىكەن ۋە ئەمىلىنى تۈزەيدىكەن ئۇ اللەقا يۈزلەنگەن بولىدۇ. (يەنى اللە ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ» (سۈرە فۇرقان 71-ئايەت)

ئىمام مۇسلىم، ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكنى رىۋايەت قىلىدۇ: «كىمكى بىر يامان ئىشنى كۆرسە ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئەگەر ئۇنداق قىلىشقا كۈچى يەتمىسە تىلى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئۇنىڭغىمۇ كۈچى يەتمىسە دىلىدا نارازى بولسۇن. دىلىدا نارازى بولۇش ئىماننىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسدۇر.» بۇ ھەدىستىن  مەلۇمكى، باشقا كىشلەر بىلەن نىمە كارىم دىيىش مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاقىغا يات قىلىق. ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ خاتا چۈشەنچە. شۇڭا تاماكا چىكىشنىڭ ھاراملىقى ۋە زىيىنى توغرىسىدا نەسىھەت قىلىش ۋە ئۇنى توسۇش يالغۇز ئۆلىمالارنىڭلار مەسئۇلىيىتى بولۇپلا قالماستىن، بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ جۈملىدىن ئاتا-ئانىلار، ئاكا-ئۇكىلار، ئاچا-سىڭىللارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ئورتاق مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىدۇر. ھازىر كىشىلەردە سادىر بولىۋاتقان (تاماكا چىكىشتىن تارتىپ بارلىق گۇناھلىق ئىشلارغىچە) خاتالىقلار ھاياسىزلىقنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەرقانداق نەرسىدە ھاياسىزلىق بولىدىكەن ئۇنى سەتلەشتۈرىدۇ. ھەرقانداق نەرسىدە ھايا بولىدىكەن ئۇنى گۈزەللەشتۈرىدۇ» (تىرمىزى رىۋايىتى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىن تاللانما 193-بەت)

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھايا - ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر» تىرمىزى رىۋايىتى (قۇرئان كەرىم ۋە  ھەدىسلەرىن تاللانما 184-بەت) ئىمران ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: (ھايا بەندە ئۈچۈن ھەممە ياخشىلىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ» بۇخارى رىۋايىتى (قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىن تاللانما 187-ئايەت)

ئۇنداق بولسا ئىنسانلارنىڭ ياخشىلىق يوللىرىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ھايانى قايسى رەۋىشتە قىلىمىز؟ كىمدىن ھايا قىلىمىز؟ نىمىدىن ھايا قىلىمىز؟ ئالدى بىلەن بىزنى ئۆز قۇدرىتى بىلەن قەددى-قامەتلىك ئىنسان قىلىپ ياراتقان، ئالەملەردىكى بارلىق نىئمەتلەرنى بىز ئۈچۈن يارىتىپ بويسۇندۇرۇپ بەرگەن، بىزگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخىت-سائادەت يولىنى كۆرسەتكەن مىھرىبان ئىگىمىز اللەتائالادىن ھايا قىلىمىز، ئۇ زات ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلىشتىن ھايا قىلىمىز. ئىنسانلاردىن ھايا قىلىمىز، ئۆزىمىزگە مۇئەككەل پەرىشتىلەردىن ھايا قىلىمىز. مۇشۇنداق تەقۋادارلىق بىلەن يۇغۇرۇلغان ساپ ئىتىقادنىڭ تۈرتكىسىدە ھەقىقىي ھايالىق ئىنسان يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ھالەتتە گۇناھ ئىشلارنى قىلمايدۇ. مانا بۇنداق «ھايا بەندە ئۈچۈن ھەممە ياخشىلىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ» يۇقارقىلاردىن بىلىۋالالايمىزكى، باشقىلار كۆرگەن-كۆرمىگەن تەقدىردىمۇ ناچار ئىشلاردىن يىراقلىشىشىقا سەۋەپ بولىدىغان تۇيغۇ، ئەخلاق ھايادۇر. ھايا نومۇس دىمەكتۇر. ئادەم نومۇستىن مەھرۇم بولسا ئىنسان تەبىئىتىنى تەشكىل قىلىدىغان روھى تۈۋرۈكنىڭ موھىم بىر تۈرى ئۆرىلىپ كىتىدۇ. روھى تۈۋرۈك ئۆرۈلسە ئادەم ياخشى-ياماننى پەرق ئىتەلمەيدىغان، نەپسى خالىغاننى قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

دىمەك، خۇلاسە قىلغاندا ھەق گەپ شۇكى: اللە تائالا ياراتقان ئىنسان ۋۇجۇدىدا تاماكىغا نىسبەتەن ھىچقانداق فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياج يوق. ئۇ نەپەس ئېلىش،  يىمەك-ئىچمەك چىقىرىش...قا ئوخشاش ئادەم ئۈچۈن زادى بولمىسا بولمايدىغان ئىھتىياجلىق نەرسە بولماستىن، بەلكى ئېھتىياج سىرتىدىكى ئادەمگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان زىيانلىق نەرسىدۇر.

اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى ئۇنىڭغا (يەنى ئىنسانغا) بىز (پەيغەمبەر ئەۋەتىش بىلەن ياخشى-يامان) يولنى كۆرسەتتۇق. ئۇ مۆئمىن بولۇپ ياخشى يولدا مېڭىپ (اللەنىڭ نىئمىتىگە) شۈكۈر قىلغۈچىدۇر ياكى (پاجىر بولۇپ يامان يولدا مېڭىپ) كۇفۇرلۇق قىلغۇچىدۇر» (سۈرە ئىنسان 3-ئايەت)

«يامان ئىشلارنى قىلىپ قويۇپ، كىيىن تەۋبە قىلغان ۋە ئىماندا سەمىمىي بولغانلارنى تەۋبىسىدىن كېيىن پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلىدۇ. (ئۇلارغا) رەھىم قىلىدۇ» (سۈرە ئەئراپ 135-ئايىتىنىڭ بىرقىسىمى)

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسان بالىسىنىڭ ھەممىسى خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ، خاتالىق ئۆتكۈزگۈچىلەرنىڭ ياخشىسى تەۋبە قىلغۇچىلاردۇر.»

(تىرمىزى رىۋايىتى، قۇرئان كەرىم ۋە  ھەدىسلەردىن  تاللانما 329-بەت)

ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ :ھەرقاندق گۇناھقا تەۋبە قىلىش ۋاجىپتۇر .ئەگەر گۇناھ اللەبىلەن بەندە ئوتتۇرىسىدا بولسا ئۇنىڭغا ئۈچ شەرت لازىم .

1-گۇناھدىن دەرھال يېنىش 2-ئىلگىرىكى گۇناھلىرىغاپۇشايمان قىلىش 3-قايتا گۇناھ قىلماسلىققا بەل باغلاش. مانابۇ ھەقىقى تەۋبىدۇر

‹‹ئى اللە بىزنى تەۋبە قىلغۇچىلاردىن ۋەپاك بولغۇچىلاردىن قىلغىن ››.‹‹ئى اللە بىز ھەقىقەتەن سەندىن مەنپەئەتلىك ئىلىم ، پاك رىزىق ، قوبۇل قىلىنىدىغان ئەمەل سورايمىز ››.(امىن)

مەن بۇ ماقالە ئارقىلىق تاماكا چىكىشنى ئۆگىنىپ قىلىپ تاشلىيالمايۋاتقانلارنىڭ ئۇنى چىكىشنى تاشلىشىغا ياردىمى بولۇشىنى، تاماكا چىكىشنى ئۆگىنىپ قېلىش ئىھتىماللىقى بار كىشىلەرنىڭ بۇ زىيانلىق كەيىپكە مۇپتىلا بولۇپ قالماسلىقىغا ياردىمى تىگىپ قېلىشنى شۇ ئارقىلىق اللە تائالانىڭ ياخشى ئەجىر ئاتا قىلىشنى تىلەيمەن.

تاماكا چەكسىڭىز ئىتىراپ قىلىڭ-قىلماڭ ئالدى بىلەن زىيىنى ئۆزىڭىزگە.ئاگاھ بولسۇنكى، ئاقىل ئادەم ھەرگىزمۇ (يولسىز) نەپسىنىڭ كەينىدىن چاپمايدۇ، خەتەرلىك ھاڭغا ئۆزىنى ئاتمايدۇ. ئىمان ئىتىقادىنى ساقلايدۇ، چىن ئىنسانلىق بۇرچىنى ئاقلايدۇ.



بۇ ماقالىنى تەييارلاشتا مەككە-مۇكەررەمەدىكى مۇدەررىس مۇھەممەد جەمىل زەينو ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەردىكى مەسجىدى نەبەۋىنىڭ مۇدەررىسى ئەبۇ بەكرى جابىرىل جازائىرنىڭ تاماكىنىڭ ھۆكمى دېگەن كىتاپلىرىنى ئاساس قىلدىم، جۇڭگۇ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەشىرىياتى ئۇيغۇر-قازاق شۆبىسى نەشىر قىلغان «تاماكا ۋە كېسەللىك» دېگەن كىتاپتىن ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللاردىن بەزى مەزمۇنلارنى شۇنىڭدەك بەزى ئەمەلىي مىساللارنى كىرگۈزدۈم. خاتا جايلىرى بولسا تۈزىتىپ پايدىلانغايسىلەر.

جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اللەغا خاستۇر. (امىن)







قوشۇمچىلار



تاماكا چەككۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا:

«خۇمار-چاقماق، كاناي-غاڭزا، بۇرۇن-مورا، ئۆپكە-كۈلدان، يۈرەك-ئوت يالقۇنىدا ئۆرتەنگۈچى، ئەگەشمە كېسەللىك قالدۇقتۇر»

**********************************

تاماكىنىڭ ئىقرارى

‹‹مىنىڭ ئىسمىم تاماكا،                                                                        ساغلام بەدەن چىرىيدۇ،

زىيانغا مەن پىداكار.                                                                           زەھەر ئىچرە سەركە مەن.

ئىنسانىيەت ئالدىدا،

كەچۈرگىسىز گۇناھكار.                                                                         راستىن دېسەم خالايىق،

                                                                                                  ئەسلى ھالىم گۇناھسىز.

مىنى چەككەن ئادەمنىڭ،                                                                      مېنى چەكسە جان بېرىپ،

ئۆپكىسىدە ئوينايمەن.                                                                          مەن ھېچقاچان ئامالسىز.

قايتىپ چىقىپ ئۆپكىدىن،

ساپ ھاۋانى بۇلغايمەن.                                                                         مىنىڭ ئەسلىم ئۆسۈملۈك،

                                                                                                   تەسبىھ بىلەن ئۈنگەنمەن.

مەن بۇلغىغان ھاۋادىن،                                                                           ئازغۇن ئىنسان قولىدا،

دەم ئالمىغان كىشى يوق.                                                                         تۈتۈن بولۇپ كۆيگەنمەن.

تىرىلەمدۇ، ئۆلەمدۇ،

ئۇنىڭ بىلەن ئىشىم يوق.                                                                          چەكسەڭ كۆيۈش ئادىتىم،

                                                                                                    زەرىرىم كۆپ، پايدام يوق.

پۇلغا ئالسا چىقىممەن،                                                                              چەكسەڭ مىنى ئەي ئادەم،

چەكسە ئاچچىق تۈتۈنمەن››.                                                                          خارلىنىسەن، گۇمان يوق.

**********************************

                                   ئۆزۈڭ تاللا ئادەملەر

ئادەم نىچۈن تۇغۇلدى، نىچۈن ياشاش ئەستە يوق،

ھارام كەيپۇ-ئىشرەتكە، ئامراق نىچۈن ئادەملەر؟!

ئىلاھ قىلغان نەپسىنى، ئۇنتۇلغاچقا ئەسلىنى،

چاھار پايدەك① ياشاشنى ئادەت قىلغان ئادەملەر.



نەپسى بىلەن تىغمۇ-تىغ ھەرنەپەستە جەڭ قىلماق،

چىن ئىنساندىن بىشارەت، ئاگاھ بولغىل ئادەملەر.

ئالدىڭدادۇر گۈلىستان، ياكى «دەھشەت ئازگال»لار

ئەبەدىدۇر ئۇ مەنزىل، ئۆزۈڭ تاللا ئادەملەر.



    ①چاھار پاي-تۆت پۇتلۇق ھايۋان.</div><div class=tpc_content> </div><div class=tpc_content>تامام</div><div class=tpc_content> </div>

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2010-10-21 16:09:20

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.

مەن ئۆزۈم ھېس قىلغانلىرىمنى بىر دەپ باقاي:

اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «اللە ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ».(سۈرە ئەئراپ 157-ئايەت)

نى

ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « ئۇ <مۇھەممەد> ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ».(سۈرە ئەئراپ 157-ئايەت)
، دەپ تۈزەتكەن توغرا.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «ئەقىلنى خىرەلەشتۈرىدىغان نەرسىنىڭ ئازراقىمۇ كۆپرەكىمۇ ھارام» (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى)

نى :

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «كۆپ ئىستېمال قىلسا مەست قىلىدىغان نەرسىنى ئاز ئىستېمال قىلسىمۇ ھارام، دېگەن(ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزىي، ئىبنى ماجە، ئەھمەد توپلىغان، ئالبانىي: سەھىھ، دېگەن)،غا:

ئابدۇقادىر داموللام «ئەدەپ ئاچقۇچى» دېگەن كىتابىدا مۇنداق بىر ھىكىمەتلىك سۆزنى قالدۇرغان: «ئەي ئىنسان، سەن قاچانغىچە زىيان چىقىدىغان نەرسىدىن پايدا ئىزدەيسەن؟ روھىڭنى كۈچەيتكىن، ئۇنىڭ پەزىلەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرگىن، سەن تىنىڭ بىلەن ئەمەس، بەلكى روھىڭ بىلەن ئىنساندۇرسەن»

نى ئابدۇقادىر داموللام ئەدەب ئاچقۇچى، دېگەن كىتابىغا بىر ئاقىلنىڭ مۇنۇ ھېكمەتلىك سۆزىنى نەقىل ئالغان، دېسە توغرا بولىدۇ. چۈنكى، بۇ سۆزنى داموللام ئۆزى دېمىگەن، باشقىلارنىڭ سۆزىنى كىتابىغا كىرگۈزگەن.



ئەگەر بەندىنىڭ نامىزى قوبۇل قىلىنمىسا باشقا ئەمەللىرى قوبۇل قىلىنمايدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ قىيامەت كۈنى بەندىلەردىن ئېلىنىدىغان دەسلەپكى سوراق بەش ۋاق ناماز، ئەگەر نامازنىڭ سورىقىدىن ئۆتۈپ كىتەلىگەن ئادەم باشقا سوراقلاردىن ئۆتۈپ كىتىدۇ. ئەگەر بەش ۋاقىت نامازنىڭ سورىقىدىن ئۆتۈپ كىتەلمىسە قالغان ئىشلىرى تەس بولىدۇ. (جامىئۇل ئۇسۇل 1-قىسىم 203-بەت)
نى: <<قىيامەت كۈنى تۇنجى بولۇپ نامازدىن ھېساب ئېلىنىدۇ. ناماز ھېساباتى ئوڭۇشلۇق بولسا، باشقا ھېساباتلىرى ئاسانلىشىپ كېتىدۇ. ئەگەر نامازنىڭ ھېساباتىنى بېرەلمەي قالسا، باشقا ئەمەللىرى بىكار بوپكېتىدۇ>>(تەبەرانىي ئەۋسەت كىتابىدا توپلىغان، ئالبانىي سەھىھ، دەپ باھالىغان)، دەپ ئۆزگەرتسىڭىز. چۈنكى، مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەدىسنىڭ تىكىستىدە<<بەش>> رەقىمى يوق. سىزمۇ ئەسلىگە قاراپ باقسىڭىز.



ئابدۇللا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «بىر كىشنىڭ ئوقۇغان نامىزى ئۇ كىشىنى قەبىھ گۇناھلاردىن (يامان ئىش يامان ھەرىكەتلەر) دىن توسالمايدىكەن ئۇ كىشى اللەدىن بەكمۇ يىراقلىشىپ كەتتى» (تەبرانى توپلىغان)

بۇ ئىشەنلىك ھەدىس ئەمەس. پاكىتقا يارىمايدۇ. ئالدىنقى  ئايەت يېتەرلىك.

ھازىر ئايرىم ساندىكى بەزى كىشلەر تاماكا چىكىش ھارام ئەمەس، مەكرۇھ دىسە، بەزىلىرى تاماكا چەكسە تاھارىتى سۇنمايدۇ دىيىشمەكتە. يەنە بەزىلىرى تاھارىتى تۇرۇپ تاماكا چەكسە ئېغىزىنى چايقىۋىتىپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ، دىگەنگە ئوخشاش پەتىۋالارنى چىقىرىپ، ئىسلام دىنىمىزدا ھارام دەپ ھۆكۈم قىلىنغان تاماكا چىكىشكە پۇرسەت يارىتىپ بىرىۋاتىدۇ، مۇنداق پەتىۋالارنىڭ ھىچقانداق ئاساسى يوق.

تاماكىنىڭ ھاراملىقى ئېنىق مەسىلە بولسىمۇ، ئادەمنى مەست قىلمايدىغان تاماكا بولسىلا ئۇنىڭ تاھارەتنى سۇندۇرىدىغانلىقىغا پاكىت يوق

باشقا نەقىل قىلىنغان ھەدىسلەر ئىشەنچلىك ئىكەن.

باشقا قېرىنداشلارمۇ مۇنۇ ماقالىغا قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقسا.

ezzam يوللانغان ۋاقتى 2010-10-21 16:15:08

تاماكا ئاستا خاراكتىرلىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش.

totem يوللانغان ۋاقتى 2010-10-21 16:42:17

ئۆگزەڭدە كەپتەر بالىخان،

تاماكا سەپ بەر.

تاماكاڭنى چەكمەيمەن،

يارىمنى تىپبەر.

                                        دەپتىكەن كونىلار.

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2010-10-21 17:26:16

يەنە بىر ئىسل تىما خەتكۈچ سېلىپ قۇياي ئالدىرماي تەپسىلى ئۇقۇپ ئىنكاس يازىمەن

tvman يوللانغان ۋاقتى 2010-10-21 18:59:20

ما تېمىنى ئوقۇغىچە تاماكىدىن ئىككى تال چېكىپ بوپتىمەن

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2010-10-21 19:52:21

tvman:
ما تېمىنى ئوقۇغىچە تاماكىدىن ئىككى تال چېكىپ بوپتىمەن

================

alimjan15 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-21 22:20:59

ما تېمىنى ئوقۇغىچە تاماكىدىن ئىككى تال چېكىپ بوپتىمەن

تېما ئېگىسىنى زاڭلىق قىلىۋاتىدۇ. تاماكنى تاشلايلى ئەمدى.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-21 22:29:41

تەخمىنەن بەش يۈز يىلنىڭ ئالدىدا ئىراندا تاماكا چەككەنلەرنى جادىگەرلىك قىلدى دەپ ( ئاغزى بۇرنىدىن ئىس چىقارغانغا قاراتقانمىكىن ) ئاغزى بۇرنىغا قوغۇشۇننى ئېرىتىپ قۇيۇپ ئۆلتۈرىدىكەن دەپ كۆرگەنتىم بىر كىتابتا .

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2010-10-21 22:46:24

niyazdixan:

تەخمىنەن بەش يۈز يىلنىڭ ئالدىدا ئىراندا تاماكا چەككەنلەرنى جادىگەرلىك قىلدى دەپ ( ئاغزى بۇرنىدىن ئىس چىقارغانغا قاراتقانمىكىن ) ئاغزى بۇرنىغا قوغۇشۇننى ئېرىتىپ قۇيۇپ ئۆلتۈرىدىكەن دەپ كۆرگەنتىم بىر كىتابتا .

ئاساسى يوق كىتابنى بوش كۆرىلى. تاماكىنىڭ ئاسىيالىقلار بىلىدىغان  500 يىللىق تارىخى بولمىغاندىكىن

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-5-31 12:45:37

بۈگۈن تاماكا تاشلاش كۈنى.

ئەسلى بۇ توغرىلىق بىر تېما يازاي دىگەنتىم ۋاقتىم يار بەرمىدى. قاراپ باقسام ماۋۇ بەك ئېسىل يىزىلغان يازمىكەن. شۇڭلاشقا كۆپچىلىكنىڭ مۇشۇ تېمىنى بىر ئوقۇپ قويىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. \"\"
بەت: [1]
: تاماكا چىكىشىنىڭ زىيىنى ۋە ئىسلامنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قارىشى