UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 20:54:49

تارىختا بۈگۈن (10-ئاينىڭ 20-كۈنى )

1626-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى نۇرخاچ  شېنياڭدا تەخىتكە چىقتى، پادىشاھلىق ئىسمىنى چىڭ تەيزوڭ قىلىپ بىكىتتى.

1803-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى (پالاتاسى )لىئوزىنا  يەر سېتىۋېلىش لاھىيەسىنى تەستىقلىدى.

بۇ لاھىيەگە ئاساسەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەخمىنەن بىر ئاكر ( ئىنگلىز موسى ،بىر ئاكىر تەخمىنەن  كىۋادىرات كېلومېتىر0.004،047)يەرنى  3 ئامېرىكا پۇڭىدىن (美分) فىرانسىيەدىن سېتىۋالغان . سېتىۋالغان جەمئى يەر كۆلۈمى 2،144،476كىۋادىرات كېلومېتىردىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ خەجلىگەن ئومۇمى پۇلى 15مىلىيون دوللار بولغان .ئۇ قېتىم سېتىۋالغان يەر ئامېرىكا ھازىرقى دۆلەت زىمىنىنىڭ 22.3%نى ئىگەللەيدۇ .

خەرىتىدىكى يېشىل  بويالغان يەرلەر ئاشۇ ۋاقىتتا سېتىۋالغان زىمىندۇر.

1818-يىلى  بۈگۈنكى كۈندە ئەنگىلىيە بىلەن ئامېرىكا 1818-يىلى شەرىتنامىسىنى ئېمزالاپ ،شىمالى كەڭلىك 49گىرادۇسنى ئامېرىكا بىلەن كانادانىڭ چىگرىسى قىلىپ بىكىتىشنى قارار قىلغان .

1928-يىلى بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتىمىزنىڭ سابىق زۇڭلىسى لىپىڭ تۇغۇلغان .

1935-يىلى بۈگۈنكى كۈندە 25مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەر ئاياغلاشقان .

1945-يىلى  بۈگۈنكى كۈندە مۇڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇريىتى ئومۇمى خەلىق ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق مۇستەقىللىق ئىلان قىلغان .مۇڭغۇلىيە 1924-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە سوتسىيالىتىك تۈزۈمنى يولغا قويغان دۇنيادىكى 2-بولۇپ قۇرۇلغان سوتسىيالستىك جۇمھۇريەت بولۇپ ،ئەسلى 1911-يىلى تاشقى مۇڭغۇلىيە چىڭ ھۆكۈمىتىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان بولسىمۇ ،جۇڭخۇا مىنگونىڭ ئىتراپ قىلشىغا ئېرشەلمىگەن .ئەكىسچە كومپارتىيە قۇرغان جۇڭخۇا سوۋىت جۇمھۇريىتى بولسا تاشقى مۇڭغۇلىيەنى ئىتراپ قىلغان .1946-يلىغا كەلگەندا جۇڭخۇا مىنگومۇ مۇڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتراپ قىلغان .لىكىن 1953-يىلى جۇڭخۇا مىنگو مۇڭغۇلىيەنى مىنگونىڭ زىمىنى دەپ قايتا جاكارلىغان ،1949-يىلى دۆلىتىمىز ھۆكۈمىتى مۇڭغۇلىيەنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى ئېتراپ قىلغان .ئەمەلىيەتتە مۇڭغۇلىيە  ئۇزۇن مەزگىل سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بېقىندى دۆلىتى بولۇپ كەلگەن .1992-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى مۇڭغۇلىيە خەلىق جۇمھۇرىيتى ئىسمىنى مۇڭغۇلىيە دۆلىتى قىلىپ ئۆزگەرتىپ ،دۆلەت بايرىقى،دۆلەت گىربىنى ئالماشتۇرغان ھەمدە سوتسىيالىزىم تۈزمىدىن ۋاز كېچىپ كۆپ پارتىيە تۈزۈمىنى يولغا قويدىغانلىقىنى جاكارلىغان .بۇ دۆلەت ئۇزۇن مەزگىل سوۋىت ئىتتىپاقىغا بېقىنىپ ياشاپ كەلگەچكە ھازىرغا قەدەر ئۆزىنىڭ سانائەت ئاساسى يوق .

بۇ كۈندە يەنە ئەرەب ئىتتىپاقى قۇرۇلغان .باش شىتابى قاھىرەدە .32ئەزا دۆلەت ئىككى كۈزەتكۈچى دۆلەت بار .

1949-يىلى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو خەلىق سۇغۇرتا شېركىتى قۇرۇلغان .

1962-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ھېندىستان تاجاۋۇزچىللىرغا قارشى تۇرۇپ ئۆزىمىزنى قوغداش جېڭى باشلانغان .

1982-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى پۇتبول مۇسابىقسىدە ئېچنىشلىق ۋەقە يۈز بېرىپ 340ئادەم ئۆلگەن .

1999-يىلى بۈگۈنكى كۈندە جىياڭسۇ تىيەنۋەن يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىغا قۇرۇلۇش باشلانغان .

2004-يىلى خېنەندە كۆمۈر كان پارتىلاش يۈر بېرىپ 148ئادەم قازا قىلغان .

مەنبە:ۋېكپىدىيە قامۇسى بەيدۇتورى.

eysatohti يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 21:59:20

1982-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى پۇتبول مۇسابىقسىدە ئېچنىشلىق ۋەقە يۈز بېرىپ 340ئادەم ئۆلگەن .

*********************************************************************************************

بۇ ۋەقەدىن خەۋىرى بارلار تەپسىلاتىنى يوللىۋەتمەمسىلەر؟

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 22:14:04

eysatohti:

1982-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى پۇتبول مۇسابىقسىدە ئېچنىشلىق ۋەقە يۈز بېرىپ 340ئادەم ئۆلگەن .

*********************************************************************************************

بۇ ۋەقەدىن خەۋىرى بارلار تەپسىلاتىنى يوللىۋەتمەمسىلەر؟

1982-يىلى ياۋروپا پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسى مۇسكىۋادىكى 卢日尼基تەنتەربىيە  مەيدانىدا سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ  سىپاتاك 斯巴达克 كوماندىسى بىلەن  گوللاندىيەنىڭ خارچىم 哈尔列姆队كوماندىسى ئوتتۇرسىدا بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينالغان.مۇسابىقە تۈگەشكە 20سىكىنوت قىلغاندا سوۋېىت كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزگەن شۇنىڭ بىلەن تاماششىبىنلار(روسيەلىك تاماششىبىنلار خۇشاللىق ھېسياتىنى باسالمىغان ئوخشايدۇ قارىغاندا)مەيدانغا سوقۇنۇپ كىرگەن .شۇنىڭ بىلەن قستىلىشىش ،دەسسلىش يۈز بەرگەن .ئاخىردا 340ئادەم چارپادىشاھنىڭ قېشىغا كەتكەن .

Baghrim يوللانغان ۋاقتى 2010-10-20 13:48:34

10  - ئاينىڭ 20  - كۈنى دۇنيا ئاشپەزلەر كۈنى

raheed يوللانغان ۋاقتى 2010-10-21 00:07:53

بۇ كۈندە ھەقىقەتەن ئۇيغۇرغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلار كۆپ ئىكەن. مۇشۇ تېمىنى بولسا ئىزچىل داۋاملاشتۇرساق. مەن ئىزچىل كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن. ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(10-ئاينىڭ 20-كۈنى)