ئايتولدىنى.بىلەمسىلەر؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.ئىزدىنىش ئەھلى!.كەمىنە 2003- يىلى.مۇشۇ مۇنبەرگە ئەزە بولۇپ كەلگەندىن بېرى،مۇنبەردىن تالاي نەپ ئىلىپ كەلدىم .تالاي مىننەتسىز كىشىلەرنىڭ ئەمگەلىرىدىن ھۇزۇرلاندىم،بۇنىڭ ئۇچۇن ئەۋۋىلى ئاللاھغا،ئاندىن شۇ ئەجىر ئىگىلىرىگە رەھمەت ئىيتىمەن.شۇچاغلاردا [ئايتولدى]دەپ تولىمۇ.ئىسىل شېئىرلىدىن بىزنى بەھىرمان قىلىپ تۇرۇدىغان بىر توردىشىمىز بولدىغان.بەك ئۇزاق بولدى،شۇ ياقنىڭ.ئوزىنى .ياكى،خەۋىرىنى.ھەم شۇنداقلا.ئېسىل ئەمگەكىلىرىنى،كورگىلى بولماس بولۇپ كەتتى.ئەگەر مۇشۇ مۇنبەردىكى بۇرۇنقى تورداشلاردىن.ئايتولدىنىڭ خەۋىرىنى بىلىدىغانلار بولسا.ياكى شۇ چاغلاردىكى يازمىلىرىدىن تاپالىسا ئىلان قىلىپ قويىدىغانلار بولسا تولىمۇ خۇرسەن بولغان بولاتتىم.چۇنكى كامال تۇرباتىنىڭ مۇنداق مېسرالىرى بۇنداق ئەزىزلەرنى ھەرقاچان يادىمىزغا سىلىپ تۇرۇدۇ؛؛
ياخشىلارنىڭ سوھبېتى خۇددى ئىپار،
خۇشبۇيىدىن جان ھالاۋەتلەر تاپار.
بولسا كونا تورداشلارنىڭ شۇ بۇرادەرنىڭ يازمىلىردىن تاپالىسا ئىلان قىلىپ قايتا بەھىرمان قىلىشىنى ئۇمىت قىلاتتىم.
مەندە بىر شئېرى بار ئىدى، بىر ئىزدەپ باقاي! ئۈرۈمچىدە ئۆلمەڭلار دىگەن شېئىرى نوچى ئىدى ئايتولدىنىڭ. بىزگە ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس ئۆتۈپ بەرگەن قىزىل گۈل مۇئەللىمەمىزمۇ يوقاپلا كەتتى. بىلىشىدىغانلار ئاي تولدى، قىزىل گۈللەرگە دەپ قويساڭلار ئىزدىنىش ئىچىلدى، سىزنى سىغىندى دەپ.
ئايتولدى نېل بويىدا ...
قىزىلگۈلنىڭ كاككۇك دېگەن ناخشىسىنى ئاڭلاۋىتىپ، ماۋۇ تېمىغا كىرسەم، قۇتلان ئەپەندى قىزىلگۈنىڭ دىرىگىنى قىلۋىتىپتۇ
Toghrak731:
قىزىلگۈلنىڭ كاككۇك دېگەن ناخشىسىنى ئاڭلاۋىتىپ، ماۋۇ تېمىغا كىرسەم، قۇتلان ئەپەندى قىزىلگۈنىڭ دىرىگىنى قىلۋىتىپتۇ
بىزمۇ ئاڭلاپ باقايلى، قەيەردىن ئاڭلايمىزكىن؟
ئۇ ناخشا كومپىيۇتىردىتتى