ئۇيغۇرچە ياخشى ژرناللاردىن تەۋىسيە قىلساڭلار.
كۇتۇپخانىغا ئۇيغۇرچە ژۇرنال خەتلەنمەكچى ئىدۇق،بولسا نوپوزلۇق ژورناللاردىن كوپەرەك تەۋىسيە قىلغان بولساڭلار.
دۇنيا ئەدىبىياتى ،تارىم دىگەندەك،ۋاقتى سەل قىستى.شۇڭا ئالدىرتىپ قويۇدىغان بولدۇم.
رەخمەت.
(باشقۇرغىچىلار تىزرەك تەستىقىلاپ بېرەرسىزلەر)
\"جۇڭگۇ مىللەتلىرى\" ، \"تەڭرىتاغ\"، \"شىنجاڭ مەدىنيىتى\"، \"كىروران\"، \"ئاقسۇ ئەدىبىياتى\" ئەدىبىي تەرجىمىلەر ...........................
ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش
تارىم
تەڭرىتاغ
قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى
تىل ۋە تەرجىمە
شىنجاڭ چارۋىچىلىقى
شىنجاڭ مائارىپى
شىنجاڭ ياشلىرى
شىنجاڭ مالىيىسى
شىنجاڭ سۈرەتلىك ژۇرنىلى
شىنجاڭ سەنئىتى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى
شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى
شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى (پەلىسپە-ئىجتىمائىي پەن)
تۇرپان
يېزا پەن-تېخنىكىسى
ئەدەبىي تەرجىمىلەر
شىنجاڭ ئاياللىرى
ئىلى دەرياسى
تارىم غۇنچىلىرى
بۇلاق
شىنجاڭ تەنتەربىيىسى
شىنجاڭ مەدەنىيىتى
دۇنيا ئەدەبىياتى
يېرىم ئايلىق سۆھبەت
ئاقسۇ ئەدەبىياتى
قۇمۇل ئەدەبىياتى
بىلىم-كۈچ
پەن ۋە تۇرمۇش
يېڭى قاشتېشى
قۇرغاق رايون جۇغراپىيىسى
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئىلمى
قۇرغاق رايون تەتقىقاتى
ئوتخور ئۆي ھايۋانلىرى
ساقلىقنى ساقلاش
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش
شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى
مىراس
ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى
شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى
تەرمىلەر
شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى
شىنجاڭ پۇل-مۇئامىلىسى
شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى
ئۇيغۇر تىبابىتى
شىنجاڭ ئورمانچىلىقى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخباراتى
شىنجاڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىلمى ژۇرنىلى
شىنجاڭ نېفت مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى
ئۈرۈمچى چوڭلار مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى
خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى
خوتەن ئۇيغۇر تىبابەت تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى
زامانىمىز ئاخباراتچىلىقى
شىنجاڭ يىلنامىسى
شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى
شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى (تەبىئىي پەن)
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى (تەبىئىي پەن)
شىنجاڭ ساقچى-ئوفېتسرلار ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى
شىنجاڭ مالىيە -ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى
شىنجاڭ كەسپى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى
كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش
شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى
پەرۋاز
بۈگۈنكى شىنجاڭ
ھاياتلىق
قەشقەر
ئامانلىق
شىنجاڭ ئادىمىيەت-جۇغراپىيىسى
ئۇھ....ئامبىرىمدىكى ئۇيغۇرچە ژۇرناللاردىن مۇشۇلار باركەن. ئۆزىڭىز قاراپ تاللاسىز.
رەخمەت ،بىكارچى .
سەللىمازا تولۇقكەن
<<شىنجاڭ مەدەنىيىتى>>، <<تارىم>>،<<شىنجاڭ تەزكىرىسى>>.
بىكارچى ئاساسەن چالا قويماپتۇ.
ئەدەبىي ژۇرنالدىن \"تەڭرىتاغ\"، \"ئىلى دەرياسى\"، \"ئاقسۇ ئەدەبىياتى\" ۋە \"دۇنيا ئەدەبىياتى\" سىزنى جەزمەن رازى قىلىدۇ. بۇ باشقا ژۇرناللارغا خەتلەنمەڭ دېگەنلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە. مۇمكىن بولسا بىكارچى ساناپ چىقىپتۇ، ھەممىسىگە خەتلىنىپ قويۇڭ، پۇل يانچۇقتىن چىقمىغاندىكىن
رەخمەت سىلەرگە ،مەن ئىسمىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان ژورناللار كوپكەن.
ھازىرچە تارىم،تەڭرىتاغ،ئاقسۇ ئەدىبىياتى،دۇنيا ئەدىبىياتى،تەرمىلەر،ئەدەبىي تەرجىمىلەر،ئامانلىق،ئىلى دەياسى قاتارلىقلارغا چەك سىېلىپ قوياي.
تارىم دۇنيا ئەدەبىياتى شىنجاڭ مەدەنىيىتى شىنجاڭ ياشلىرى ئامانلىق كومپيوتېر ۋە تۇرمۇش ئەدەبىي تەرجىمىلەر تەرمىلەر... زۇلپىقار بارات بىكارچىنىڭ ئامبىرىنى كۆرگەن بولسا،ئۇيغۇرۇم رومان-پوۋىستتەك ئەدەبىي كىتابلا ئوقۇماي، ئىلمىي ژورنالمۇ ئوقۇيدىكەن دەپ ھاياجانلانغان بولاتتى -دە ..
كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ھەرگىزمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنىدىغان ژۇرنال ئەمەس ئىدى. ئەپسۇسكى، ئۇ ژۇرنال ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ ئۆزىنى ئۆزى ھالاك قىلغىلى تۇردى. ھازىرقى ۋاقىتتا ئاسانمۇ بىر ژۇرنالنى مەملىكەت ئىچىدە ئاشكارە تارقىتىشقا ئىجازەت ئالماق؟! مانا ھازىر قائىدە بويىچە 5-سان چىقىپ بولىدىغان ۋاقىت بولدى، بىراق بۇ ژۇرنالنىڭ 2-سانى ئەمدى چىقتى... ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ شۇنداق بولۇۋاتىدۇ... مۇشۇنداق كېتىۋەرسە بۇ ژۇرنال كىشىلەرنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ قالىدۇ.
بەك ئەپسۇسلىنىمەن، ئەگەر بۇ ژۇرنال مېنىڭ قولۇمغا چۈشۈپ قالغان بولسا كاتتا ژۇرنال بولۇپ كېتەتتى (بۇ ژۇرنالنىڭ ئۆزى كاتتا شۇ ۋاقتىدا چىقمايدىغان يىرىلا بار). بۇ يىللىق 2-سانىنى قولۇمغا ئېلىپ بۇ ژۇرنالدىن ئاساسەن ئۈمىدنى ئۈزدۈم. سەۋەبى، ژۇرنال ۋاقتىدا چىقمىغاننىڭ ئۈستىگە ژۇرنالدا بىر مۇنچىلىغان ئىملا خاتالىقى بار ئىكەن. ئاساسەن بۇ ژۇرنال كوررېكتورلانماپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بەزى ماقالىلارنىڭ بېشى ياكى ئاخىرى يوق. مۇشۇنداقمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك بولامدۇ دەيمەن؟!
<< ئېقىن >> دەيدىغان ئىلاننى ئاساس قىلىدىغان بىر ژورنالنى كۆرۈپ قالدىم. مۇشۇ يىل 9-ئايدىن باشلاپ نەشىردىن چىققاندەك قىلىدۇ. پۇل، ئىقتىسات، ئىستىمال ھەققىدە موھىم مەزمۇنلار باردەك قىلىدۇ.
raxit1973:
كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ھەرگىزمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنىدىغان ژۇرنال ئەمەس ئىدى. ئەپسۇسكى، ئۇ ژۇرنال ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ ئۆزىنى ئۆزى ھالاك قىلغىلى تۇردى. ھازىرقى ۋاقىتتا ئاسانمۇ بىر ژۇرنالنى مەملىكەت ئىچىدە ئاشكارە تارقىتىشقا ئىجازەت ئالماق؟! مانا ھازىر قائىدە بويىچە 5-سان چىقىپ بولىدىغان ۋاقىت بولدى، بىراق بۇ ژۇرنالنىڭ 2-سانى ئەمدى چىقتى... ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ شۇنداق بولۇۋاتىدۇ... مۇشۇنداق كېتىۋەرسە بۇ ژۇرنال كىشىلەرنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ قالىدۇ.
بەك ئەپسۇسلىنىمەن، ئەگەر بۇ ژۇرنال مېنىڭ قولۇمغا چۈشۈپ قالغان بولسا كاتتا ژۇرنال بولۇپ كېتەتتى (بۇ ژۇرنالنىڭ ئۆزى كاتتا شۇ ۋاقتىدا چىقمايدىغان يىرىلا بار). بۇ يىللىق 2-سانىنى قولۇمغا ئېلىپ بۇ ژۇرنالدىن ئاساسەن ئۈمىدنى ئۈزدۈم. سەۋەبى، ژۇرنال ۋاقتىدا چىقمىغاننىڭ ئۈستىگە ژۇرنالدا بىر مۇنچىلىغان ئىملا خاتالىقى بار ئىكەن. ئاساسەن بۇ ژۇرنال كوررېكتورلانماپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بەزى ماقالىلارنىڭ بېشى ياكى ئاخىرى يوق. مۇشۇنداقمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك بولامدۇ دەيمەن؟!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
سىزگە بىر تەنقىد بار:
بۇ ژورنال سىزنىڭ قولىڭىزغا چۈشۈپ قالغان بولسا ئېھتىمال يەنە تايىنلىق بولىشى مۈمكىن (بۇ ئوچۇق سەمىمى گېپىم). سۇمرۇغ تورىنىڭ ھالاكىتىنى ۋە ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدىكى مۇشۇنداق ئەڭ قېرى بېكەتنىڭ پۈتۈنلەي يوقىلىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز!
نېمىشقا ئۇنى ياخشى قىلالمىدىڭىز؟
كۈتۈپخانىدا مىراس بىلەن بۇلاق قەتئى كەم بولسا بولمايدۇ
بىكارچى بىكار بولسىمۇ ئازراق مىدىرلاپ سەللىمازا تۇلۇق يېزىپ قويۇپتۇ، ئالدىرىماي تاللىۋالسىڭىز بولغىدەك....ئۇيغۇرچە ياخشى ژرناللاردىن تەۋىسيە قىلساڭلار.
ئىملا خاتالىقى باركەن .......
ۋېلايەتنىڭ ژورناللىرى ئىچىدە \"قۇمۇل ئەدەبىياتى\" ئەڭ يېقىشلىق ژورنال، مەن قۇمۇلدىن بەكمۇ يىراق يەردە، ئەمما بۇ ژورنالنى خىلى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن.