تېلىفون ئالدامچىسىنى مۇنداق جايلايمىز
ئىككى كۈندىن بۇيان ئىزدىنىشتا تېلىفون ئالدامچىلىغى توغرىسىدا گەپ بولىۋاتىدۇ ،بىر ئاغىنەم شۇنداق بىر تېلىفون ئالدامچىسىنىمۇنداقجايلاپتىكەن .ئاغىنەمنىڭ ئىشخانىسىدىكى بىر يولداشقا ئىچكىرىنىڭ بىر يانفونىدىن تېلىفون كېلىپ ،ئۇنى قىلتاققا چۈشۈرۈپ 3000 سوم پۇلىغا زىيان سېلىپتۇ ، بۇ ۋەقە بولۇپ بىر ئايدىن كېيىن ئاغىنەمگە تېلىفون كەپتۇ ، قارىسا گۇاڭدوڭنىڭ نومۇرى ئىكەن ، ئاغىنەمنىڭكۆڭلىگە دەرھاللا"تېلىفون ئالدامچىسى چوقۇم " دىگەن خىيال كېچىپ تېلىفوننى ئاپتۇ ،ۋە قارشى تەرەپتىن "ياخشىمۇ سىز " دەپئەھۋال سوراپتۇ ، قارشى تەرەپ ئىنتايىن قىزغىنلىق بىلەن " قېنى تېپىپ باقە مەن كىمۇ . " دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپتۇ ،ئاغىنەم ھىچ چاندۇرمايلائىشخانىسىدىكى 3000سومغا قويۇلۇپ كەتكەن ئاداشنىڭ ئىسمىنى دەپلا " ۋاي سەن پالانچىغۇ "دەپ قايتۇرۇپ سوراپتىكەن قارشى تەرەپ گۈلقەقەلىرى ئېچىلغان ھالدا " ۋاي نەق مەن شۇ ، شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت كۆرۈشمىسەكمۇ مېنى ئۇنتۇپ قالماپسەن ، ئۆزۈڭ ياخشى تۇردۇڭمۇ ؟ ئۆستۈڭمۇ ................................ " ۋاھاكازا بىرمۇنچە گەپلەر بىلەن يېقىنچىلىق قىلىپ ئۆزىنىڭ ھازىر شىنجاڭغا ئۇچماقچى ئىكەنلىگىنى ، ئۆگۈنىقارىمايغا بېرىپ ئاغىنەمنى يوقلىماقچى ئىكەنلىگىنىئېيتىپ ،ئۆزىنىڭ خېلى ئوبدان سوۋغاتلىق ئېلىپ كېتىۋاتقانلىغىنى ھەم پۇرىتىپ ئۆتۈپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن 10 مىنۇتتەك ھال - ئەھۋال سورىشىپ ئۆگۈنلۈكتە قارىمايدا كۆرۈشۈشكە كېلىشىپ خوشلىشىپتۇ .
ئاغىنەم ئالدامچىنىڭ قائىدە بويىچە ئەتىسى ئەتىگەندە تېلىفون قىلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇپتۇ ، دىگەندەك سائەت 8 لەر بىلەن بۇ ئاداش تېلىفون قىلىپتۇ "جېنىم ئاغىنەم شاۋۋاڭ ، سېنى ئاۋارە قىلىدىغان ئىش چىقتى قارا ، ئاخشام ئ.ۈرۈمچىگە چۈشكەن ،پويىز ئىستانسى تەرەپتە مېھماخانىغا ياتقان ، ئۈرۈمچىدىكىئەل - ئاغىنىلەر بىلەن كۆرۈشۈپجىق ئىۋېلىپ پورتماللىرىمنى يۈتتۈرۈڭ بىرھەم پاھىشۋازلىق قىلىپ تۇتۇلۇڭ بىر ، پويىز ئىستانسى ساقچىخانىسىدا ئولتۇرۇپتىمەن ھازىر ، ساقچىلار 8000سوم جەرىمانە دەيدۇ ،سەن شۇنچە يىللىق قەدىردانلىغىمىزنىڭ يۈزى ئۈچۈن سەن مۇشۇ پۇلنى ھازىر ساقچىخانىدىكى بىر ساقچىنىڭ كارتىسىدا ئۇرۇپ بەرسەڭ ،مەن قارىمايغا بارغاندىن كېيىن پۇلۇڭنىشىركىتىم ھىساۋاتىدىن يۆتكەپ بېرەي ،بۈگۈن شەنبە شىركەتتە ئادەم يوق ، ياردەم قىل ئاداش "دەپتۇ دە ................. ئاغىنەمنىڭ شۇنداق كۈلكىسى قىستاپ تۇرسىمۇ چىداپ تۇرۇپ" پۇل كىچىك ئىش ،سېنىڭ بۇ ئىشىڭ تېخىمۇ كىچىك ئىش ، پويىز ئىستانسى ساقچىخانىسىنىڭ باشلىغى مېنىڭ يېقىن ئاغىنەم بولىدۇ ،سەن بىر مىنۇت توختا مەن ئۇنۇڭغا تېلىفون قىلاي " دەپتىكەنقارشى تەرەپ ھولۇقۇپ" ۋاي توختا ، مەن ھازىر تېلىفون قىلىۋاتقاندا ساقچى ئەسكەرتتى ، مەن پويىز ئىستانسى ساقچىخانىسىدا ئەمەس ، ياڭزىجاڭ يولى ساقچىسىخانىدا ئىكەنمەن " دەپتۇ ، ئاغىنەم قوپاپ "ئەمىسە تېخىمۇ ياخشى ، ج خ نازارىتىدە بىر باشلىق ئاغىنەم بار ،ھازىر سېنى ئالغىلى بارسۇن "دەپتىكەنھىلىقى ئالدامچى تۇرۇپ كېتىپ :
-- ھېي ئاناڭنى ئوغرى ........نىمانداق جىق ئاغىنەڭ سېنىڭ.............. دەپ تېلىفونى قويىۋېتىپتۇ .
يەنە بىر ھىكايە بار ئىدى ، ئالدامچىقارشى تەرەپكە2000 سوم پۇلنى سېلىپ بېرىدىغان ، بىللە يوللاي دىسەم تاپالمىدىم ،كېيىنچە ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قوياي
Erktekin:
يەنە بىر ھىكايە بار ئىدى ، ئالدامچىقارشى تەرەپكە2000 سوم پۇلنى سېلىپ بېرىدىغان ، بىللە يوللاي دىسەم تاپالمىدىم ،كېيىنچە ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قوياي
مۇنداق يامان ئادەملەر بارمىكەن
يومۇردەكلا ۋەقەكەن.قۇيمىچىنىڭ ئۆزى قۇيۇلۇپ كەتكىنىنى قانچە قىزىقتۇ. مېنىڭ بىر ئاغىينەم بار. دائىم ئىچكىرىدىن تېلفۇن كەلسە ئۇيغۇرچىلا گەپ قىلىدۇ. قارشى تەرەپ بىر چاغ بولغاندا زېرىكىپ، تېلفوننى ئۆزىلا قويىۋېتىدۇ. بولمىسا خەنزۇچىنى خېلى بىلەتتى.ئالدامچىنى ئالدىيالىغاندىن كىيىن ئاغىينىڭىز خىلى يامانكەن جۇمۇ.
ماڭا بايا بىر ئۇچۇر كەپتۇ ، قۇرلۇش بانكىسى كارتامدىن 1300 يۈەن رەسمىيەت ھەققى تۇتىۋاپتىمىش ، مەلۇم بىر نومۇرغا ئۇرۇپ سۈرۈشتۈرۈشۈپ كېرەكمىش . مەن ئادەتتە قۇرلۇش بانكىسىنىڭ كارتىسىنى ئانچە ئىشلىتىپ كەتمەيمەن ، ئىچىدە پۇلمۇ يوق .ئۇچۇر كەلگەن نومۇر : 13296931931
ئۇرۇشۇم كېرەك بولىدىغان نومۇر : 0991-2163122
نومۇرنى قالدۇرۇپ قويدۇم ، بىكارچىلىقتا ئىچى پۇشۇپ قالغانلار ئويۇن ئويناسىلەر .
ئاۋۇ ئالدامچىنى پۇل سالغۇزىدىغاننى يېزىڭا، قىززىقىپ قالدىم پۇل تاپايلى بىزمۇ ... ئاۋۇ ئالدامچىنى ئالدايدىغاننى يېزىڭە
kainam:
ماڭا بايا بىر ئۇچۇر كەپتۇ ، قۇرلۇش بانكىسى كارتامدىن 1300 يۈەن رەسمىيەت ھەققى تۇتىۋاپتىمىش ، مەلۇم بىر نومۇرغا ئۇرۇپ سۈرۈشتۈرۈشۈپ كېرەكمىش . مەن ئادەتتە قۇرلۇش بانكىسىنىڭ كارتىسىنى ئانچە ئىشلىتىپ كەتمەيمەن ، ئىچىدە پۇلمۇ يوق .
ئۇچۇر كەلگەن نومۇر : 13296931931
ئۇرۇشۇم كېرەك بولىدىغان نومۇر : 0991-2163122
نومۇرنى قالدۇرۇپ قويدۇم ، بىكارچىلىقتا ئىچى پۇشۇپ قالغانلار ئويۇن ئويناسىلەر .
ھەي كالۋا تېلېفون قىلىپ سالما بولمىسا تىڭجى بولاپ كېتىسەن
ۋا ما قۇيمىچىلارنى
قۇيمىچىنىمۇ قۇيغانمۇ تېخى
ئالدىنقى كۈنىمۇ ، ساڭا 12000 سوم مۇكاپا چىقتى ، ئالدىن باجغا 1900 سوم تاپشۇر دەيدۇ .
3000 سومنى باجغا ۋە خۇتۇنۇڭغا پايپاققا تۇتۇپ قېلىپ قالغىنىنى مۇشۇ تىلفۇنۇمغا ئۇرىۋەتكىن دىيىشمگىلا تىلفۇن ئۈزۈلدى ....
تېخى كەينىنى دەپ بولالمىغان ئىدىم .

kainam:
ماڭا بايا بىر ئۇچۇر كەپتۇ ، قۇرلۇش بانكىسى كارتامدىن 1300 يۈەن رەسمىيەت ھەققى تۇتىۋاپتىمىش ، مەلۇم بىر نومۇرغا ئۇرۇپ سۈرۈشتۈرۈشۈپ كېرەكمىش . مەن ئادەتتە قۇرلۇش بانكىسىنىڭ كارتىسىنى ئانچە ئىشلىتىپ كەتمەيمەن ، ئىچىدە پۇلمۇ يوق .
ئۇچۇر كەلگەن نومۇر : 13296931931
ئۇرۇشۇم كېرەك بولىدىغان نومۇر : 0991-2163122
نومۇرنى قالدۇرۇپ قويدۇم ، بىكارچىلىقتا ئىچى پۇشۇپ قالغانلار ئويۇن ئويناسىلەر .
ماڭىمۇ شۇنداق ئۇچۇر كەلگەنىكەن ، بىر ھازا تۇرۇپ قاپتىمەن (مەندە قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ كارتىسى بولمىسا ، كىمنىڭ كارتىسىدۇ دەپ).
مۇشۇ بىر ئايدىن بۇيان «بانكا كارتىسىدىن پۇل تۇتۇلغان» ئۇچۇرلار سەل كۆپىيىپ قالدى.