UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 14:14:23

تارىختا بۈگۈن (18-ئۆكتەبىر )

1931-يىلى بۈگۈنكى كۈندە كەشپىيات پادىشاھى ئاتالغان توماس ئىدىسون (Thomas Alva Edison)ۋاپات بولغان .ئىدىسون 1847-يىلى ئامېركىدىكى بىر ئەمگەكچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ ئاران ئۈچ ئاي مەكتەپتە ئوقۇيالىغان .ئۇ كەشىپ قىلغان ئېلىكتىر چىراق،كىنو سۈرەتكە ئېلىش ئاپاراتى قاتارلىق نەرسىلەر ئىنسانىيەتكەن غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن ھەمدە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىغان .ئۇ ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرغىچە جەمئى 1099كەشپىياتقا پاتنېت ھوقۇقى ئالغان .

1009-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئېرۇسالىمدىكى خىرىستئان چىركاۋى (لاتىنچە نامى Sanctum Sepulchrum،ئەرەپچە نامى كنيسە القيامە‎،ئېنگىلىزچە نامى Church of the Holy Sepulcher)  ئىسلام دىنى خانلىقى فاتىمە خانلىقى(al-Fātimiyyūn  ،الدولە الفاطميە
法蒂玛伊斯兰王朝
،تەرپىدىن چېقىۋىتىلگەن .

1860-يىلى بۈگۈنكى كۈندە فىرانسىيە-ئەنگىلىيە بىرلەشمە ئارمىيسى بېيجىڭغا باستۇرۇپ كىرىپ يۈەنمىڭيۈن باغچىسىنى كۆيدۇرگەن ،ھەمدە <تىيەنجىن شەرىتنامىسى>ئىنزالانغان.2-قېتىملىق ئەپيۇن ئۇرىشى ئاخىرلاشقان .

1867-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا ئالياسكاAlaska State شىتاتىنى  روسيەدىن سېتىۋالغان .  ئالياسكا ئامېركىدىكى ئەڭ چوڭ شىتات.كۆلىمى 1،717،855كىۋادىرات كېلومىتىر،

1910-يىلى بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتمىزنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنى  نەنجڭدا ئېچىلغان .

1911-يىلى بۈگۈنكى كۈندە تاشقى مۇڭغۇلىيە بۆلگۈنچىللىرى چارروسىيەنىڭ قوللىشى ئاستىدا  مۇستەقللىق ئىلان قىلغان .

1912-يىلى بۈگۈنكى كۈندا بالقان ئۇرۇشى پارتىلىغان .

1920-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئەنگىلىيە كان ئىشچىللىرى مۇئاشىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ كەڭ كۆلەمدە ئىش تاشلىغان .

1922-يىلى بۈگۈنكى كۈندە  ئەنگىلىيە دۆلەتلىك رادىئو شىركىتى BBCقۇرۇلغان .

1962-يىلى بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتىمىز بىلەن ئۇگاندا دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان .

1977-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېركىنىڭ ئېزىنخاۋۇر ناملىق ئاۋياماتكىسى ۋەزىپە ئېجرا قىلىشقا باشلىغان .

1992-يىلى بۈگۈنكى كۈندە كۇلۇمبىيەدە 7.2بال يەر تەۋرىگەن .20ئەڭ ئاز دىگەندە ئادەم ئۆلگەن .

1995-يىلى بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى تۇنجى تور بانكىسى ئامېركىدا تىجارەت باشلىغان ،بۇ بانكا 24سائەت كىشىلەر ئۈچۈن ھەرخىل بانكا مۇلازىمىتى قىلىدۇ.ئابونىت مەيلى دۇنيانىڭ قەيىردە بولسۇن بىر تورغا ئۇلاغلىق كومپىيوتېر ئارقىلىق بانكا مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولالايدۇ .

2007-يىلى بۈگۈنكى كۈندە سابىق پاكسستان باش مېنىستىرى  بىنەزەر بوتتۇ 8يىللىق سەرگەردانلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ۋەتىنىگە قايتتى ،

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 16:20:33

ئۈستەلگە ئاۋئاماتكىنى تىزىپ قويۇپ سېتىۋالغان ئوخشايدۇ-دە..

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 20:58:30

ئۇ چاغلاردا ئامېرىكا ئۇنچىلا كۈچلۈك ئەمەستى. پۇلنى نەچ ساناپ سېتىۋالغان .

hekemi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 00:06:00

ئامېرىكىدا ئېدىسون دىگەن مەشھۇر بىر ئالىم ۋە كەشپىياتچى ئۆتكەن .ئۇ ئېلېكتىر چىرىغى،پاتىپون،
كىنو ۋە ئاككوملاتور قاتارلىق ئىككى مىڭ خىلدىن ئارتۇق نەرسىنى كەشپ قىلغانلىقى ئۈچۈن،كىشىلەر ئۇنى \"كەشپىيات ماھىرى\"دەپ ئاتاشقان .
ئېدىسون 1847 - يىلى 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئوھو شىتاتى مىلان شەھىرىدىكى بىر نامرات دىھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇ بالىلىق دەۋرىدىلا ھەرقانداق ئىشنىڭ تېگى - تەكتىگە يېتىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان .مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭ ئانىسىغا \"بۇ بالىغا ھىچ ئىلاجىمىز قالمىدى،ئۆزى تىرىشمايدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە يوقىلاڭ سۇئاللارنى قويۇپ تەرتىپنى بۇزىدۇ. تۈنۈگۈن ئەيمەنمەستىن،نىمە ئۈچۈن ئىككىگە ئىككىنى قوشساق تۆت بولىدۇ،دىگەن سۇئالنى قويىۋاتىدۇ . بۇ بالىنى ئۆيىڭىزگە ئىلىپ كەتسىڭىز،ئۇنىڭ مەكتەپتە بولغىنىنىڭمۇ ھىچقانچە پايدىسى يوق \" دەيدۇ . ئانىسى شۇ ئاچچىغىدا،راستلا ئۇنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ كىلىدۇ .
ئېدىسون پۈتۈن ھاياتىدا ئارانلا ئۈچ ئاي مەكتەپ تۇرمۇشىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ .ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، ئانىسى ئۇنىڭغا ئوقۇتقۇچى بولىدۇ .ئانىسى ئۇنىڭغا رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاك بولىشىنى،ئەنگىلىيىنىڭ تەرەققىياتىنى سۆزلەپ بىرىدۇ .ئۇنىڭغا ئەدەبىيات دەرسىنى ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن،فىزىكا ۋە خىمىيىدىن دەرس بىرىدۇ .ئۇ كىچىكىدە غازنىڭ تۇخۇمدىن چۆجە چىقارغانلەقەنى كۆرۈپ ناھايىتى ھەيران قالىدۇ .ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە ،غازنىڭ ئۇۋىسىغا كىرىپ ،غاز تۇخۇمىنىڭ ئۈستىدە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ،ئۇنىڭدىن چۆجە چىقارماقچى بولىدۇ .
ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ قىيىنچىلىقى سەۋەبى بىلەن 12 ياشلىق ئېدىسون پويىزدا گىزىت ساتقۇچى بولۇپ ئىشلەيدۇ .16 ياشقا كىرگەندە تۈمۈريول شىركىتىدە رادىسلىق قىلىدۇ .
1868 - يىلى10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، \" بىلەت ھىساپلاش ماشىنىسى\" نى ئىجات قىلىپ،بىرىنچى قىتىم پاتېنتقا ئىرىشىدۇ .ئېدىسوننىڭ ئۆمۈر بويى مەيدانغا چىقارغانكەشپىياتلىرىدىن پاتېنت ئىدارىسىغا تىزىمغا ئالدۇرغىنى 1328 خىلغا يىتىدۇ .پەقەت 1882 - يىلى بىر يىل ئىچىدىلا ئەنگە ئالدۇرغان پاتېنت ھوقۇقى 141 خىلغا يەتكەن .ئەمەلىيەتتە ئېدىسوننىڭ كەشپىياتلىرى مۇشۇ سان بىلەنلا چاكلىنىپ قالمىغان .ئۇنىڭ كەشپىياتلىرىدىن ئاشكارا ئېلان قىلىنغانلىرىنى،پاتېنت ھوقۇقىدىن مەقسەتلىك ۋاز كەچكەنلىرىنى بىراقلا قوشۇپ ھىساپلىغاندا،2 مىڭ خىلغا يىتىپ بارىدۇ .
ئېدىسون 1931 - يىلى 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ۋاپات بولغان ،84 ياش 8 ئاي 7 كۈن ئۆمۈركۆرگەن،ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ھەر 15 كۈندە بىر يېڭى كەشپىياتنى مەيدانغا كەلتۈرگەن .پەقەت 1882 - يىلىدىكى كەشپىياتلىرى بويىچە ھىساپلىغاندا،ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ھەر 2 يېرىم كۈندىن كۆپرەك ۋاقىتتا بىر يېڭى كەشپىياتنى مەيدانغا كەلتۈرگەن .

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 00:17:47

ئۇ چاغلاردا كەشپىيات يارىتىش ئاسان ئوخشايدۇ. مەن 18 يىل ئوقۇپمۇ بىرەر نەرسىنى كەشپ قىلالماي يۈرۈيمەن دىسە. كەشپىيات ھەققىدىغۇ ئىزدىنىپ باقمىدىم لېكىن.

بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(18-ئۆكتەبىر)