tugturuk يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 12:11:20

چىنگىزخاننىڭ ئۆلۈمى ۋە ئۇنىڭ قەبرىسى

چىنگىزخاننىڭ ئۆلۈمى ۋە ئۇنىڭ قەبرىسى
توغرىسىدىكى سىرلار

<     چىنگىزخان قالدۇرۇپ كەتكەن سىرلار ناھايىتى كۆپ. بۇ سىرلار ئىزچىل تۈردە جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ گۇمانلىق بولغىنى ئۇنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدىكى سىر بولۇپ ، ئۇنىڭ قاچان ئۆلگەنلىكى، نەگە دەپنە قىلىنغانلىقى ھازىرغىچە سىر بولۇپ كەلمەكتە.
     چىنگىزخاننىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدىكى سىرلار:
     1. ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلگەن دېگەن قاراش. چىنگىزخاننىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا ئالتە خىل قاراش بولۇپ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى تاڭغۇتلار بىلەن مۇناسىبەتلىك. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە بىر قەدەر ئومۇملاشقان قاراش «يۈەن سۇلالىسى تارىخى» دا خاتىرىلەنگەن «ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلگەن» دېگەن قاراشتۇر. «يۈەن سۇلالىسى تارىخى» دا خاتىرىلىنىشىچە، چىڭگىزخان 1226- يىلى كۈزدە خوتۇنى يەسۈينى ئېلىپ تاڭغۇت ئېلىگە جازا يۈرۈشى قىلغان. ھەربىي يۈرۈش جەريانىدىكى قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە چىنگىزخان ئالبۇخا دېگەن يەردە ئوۋ ئوۋلىغان. ئويلىمىغان يەردىن ئۇ مىنگەن چىلان تورۇق ئاتنى بىر ياۋا ئات ئۈركۈتىۋىتىپ، تەييارلىقسىز تۇرغان چىنگىزخان ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ يارىلانغان. شۇ كۈنى ئاخشىمى قاتتىق قىزىتىپ كەتكەن. 1227- يىلى 7- ئايدا ساقىيالماي جان ئۈزگەن. ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈش قانداق بولۇپ ئۇنىڭ جېنىنى ئالغان؟ ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭدىن قان بەك كۆپ چىقىپ كەتكەن. ئەينى ۋاقىتتا يەسۈي سەركەردىلەرنى يىغىپ قانداق قىلىشنى مەسلىھەتلەشكەندە، بەزىلەر قايتىپ كېتىپ ، چىڭگىزخاننى داۋالىتىپ، ئۇ سەللىمازا ساقايغاندىن كىيىن قايتىپ كېلىپ ھۇجۇم قىلىشنى ئوتتۇرغا قويغان. چىنگىزخان جاھىللىق قىلىپ مۇشۇنداقلا قايتىپ كەتسەم تاڭغۇتلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالىمەن دەپ تۇرۇۋالغان. ئۇ تاڭغۇتلارنىڭ ئەھۋالىنى تىڭ-تىڭلاشقا ئادەم ئەۋەتكەندە، تاڭغۇتلارنىڭ ئاساگەنبو ئىسىملىك بىر ۋەزىرى مەسخىرە قىلىپ، چىنگىزخاننىڭ كارامىتى بولسا كېلىپ ئۇرۇشسۇن دېگەن . چىڭگىزخان بۇنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئۆلسەممۇ چىكىنمەيمەن، تاڭغۇت ئېلىگە باستۇرۇپ كىرىپ ئاساگەنبونىڭ جېنىنى ئالىمەن دەپ قەسەم ئىچكەن. بىراق شۇنىڭدىن كىيىن چىنگىزخاننىڭ يارىسى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، 1227- يىلى دېھقانلار كالېندارى بويىچە 7- ئاينىڭ 12- كۈنى (شەمسىيە كالېندارى بويىچە 8- ئاينىڭ 25- كۈنى) 67 يېشىدا قازا قىلغان. ئەگەر چىنگىزخان ئەينى ۋاقىتتا قايتىپ كەتكەن بولسا، شۇ ئەرزىمەس جاراھەت تۈپەيلى جېنىدىن ئايرىلىپ قالماسلىقى مۇمكىن ئىدى.
     2. يا ئوقى تېگىپ ئۆلگەن دېگەن قاراش. بۇ خىل قاراشنىڭ مەنبەسى «ماركوپولونىڭ ساياھەت خاتىرىسى» دۇر. ماركوپولو 13- ئەسىردىكى ئىتالىيىلىك سودىگەر بولۇپ ، 1275- يىلى جۇڭگوغا كەلگەن. بۇ دەل يۈەن شېزۇ قۇبلايخان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان مەزگىل ئىدى. ئۇنىڭ «ساياھەت خاتىرىسى» دە چىڭگىزخاننىڭ ئۆلۈم سەۋەبى مۇنداق بايان قىلىنغان: تاڭغۇتلارغا ھۇجۇم قىلىپ، تەيجىن (جىجۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى مۇھىم قورغان) نى مۇھاسىرىگە ئالغاندا، تاڭغۇت لەشكەرلىرىنىڭ يا ئوقى چىڭگىزخاننىڭ تىزىغا تەگكەن. لياڭ شىڭجى تەرجىمە قىلغان «ماركوپولونىڭ ساياھەت خاتىرىسى» دە مۇنداق بايان قىلىنغان: بۇ غالىبىيەتچى (چىنگىزخاننى دېمەكچى ) ئالتە يىل ئىچىدە نۇرغۇن خانلىق ۋە شەھەرلەرنى ئارقا-ئارقىدىن بويسۇندۇردى. كىيىن تەيجىن دەپ ئاتىلىدىغان بىر قەلئەگە قورشاپ ھۇجۇم قىلغاندا، ئۇنىڭ تىزىغا يا ئوقى تەگدى ھەمدە يارىسى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىپ قازا قىلدى. شۇنىڭدىن قارىغاندا، چىنگىزخان يا ئوقى تىگىپ يارىدار بولۇپ ، يارىسى ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكتىن قايتا ئورنىدىن تۇرالمىغان .

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 15:09:24

بۇ ئاشۇ موڭغۇللارنىڭ مەخپى تارىخى دېگەن كىتاپتىكى قاراشلارمۇ؟

Estami يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 21:32:25

تاڭغۇتلار ئەۋلاتلىرى ھازىرىقى قايىسى مىللەتلەرگە توغرا كېلىدۇ ؟

eysatohti يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 21:57:41

چىڭگىزخان قېرىپ ئوزئەجىلى بىلەن ئولدى.قەبىرىسىنى 8000ئات بىلەن 3كۇن دىۋەيلەپ  چاپتۇرۇپ كوز يەتكۇسۇز دالانى توپا-چاڭ باستۇرۇپ لەھەتنى يوشۇردى .

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 22:00:47

تۇڭگانلارغا توغرا كېلەمدىكىن.

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 09:23:15

مەن كۆرگەن ماقالىدە دىيىلىشىچە:

چىڭگىزخان ھايات ۋاقتىدا «مەن ئۆلگەندىن كىيىن رەقىبلىرىم قەبرەمنى ئېچىپ جەسىتىمنى پارچە-پارچە قىلىپ تاشلىۋەتمىسۇن» دەپ ۋەسىيەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئۆلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ جەسىتى خولۇنبوي يايلىقىدىكى دەريا بويىغا يېقىن جايغا دەپىنە قىلىنغان، دەپنە مۇراسىمىغا چىڭگىزخاننىڭ باللىرى ۋە 800ئاتلىق ئەسكەرلا كەلگەن. دەپنە قىلىنىپ بولغاندىن كىيىن 800ئاتلىق ئەسكەر قەبرە ئۈستىگە بەلگە تېشى قويۇپ قويۇپ، قەبرە ئۈستىدە ئات چاپتۇرۇپ قەبرە ئورنىنى تۈپتۈز قىلىۋەتكەن، ئاندىن چىڭگىزخاننىڭ باللىرى بەلگە قىلىنغان يەرگە بىر تايچىقى بار بايتال ئاتنى ئۆلتۈرۈپ قېنىنى ئېقىتىپ،  تايچاقنى ئەكىلىپ ئانىسىنىڭ قېنىنى پۇراتقاندىن كىيىن ئېلىپ ماڭغان ۋە يېرىم يولغا كەلگەندە ئىز قالدۇرماسلىق ئۈچۈن دەپىنە قىلىشقا قاتناشقان 800ئەسكەرگە زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرۋەتكەن.

كىيىنكى يىللىرى چىڭگىزخاننىڭ باللىرى دادىسى ئۆلگەن كۈنى خولۇنبوي يايلىقىغا بېرىپ تايچاقنى قويۇپ بېرىپ تايچاق قايسى يەردە توختىسا شۇ يەردە نەزىر قىلغان، كىيىن ئۇ تايچاق تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن قەبرىنىڭ ئىنىق ئورنىنى ھېچكىم تاپالماي يايلاققا بېرىپلا خالىغان جايدا نەزىر قىلىنغان ئىكەن.  

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Azariya يوللانغان ۋاقتى 2010-10-22 15:18:34

<div class=ForumPostContentText>

مەن كۆرگەن ماقالىدە دىيىلىشىچە:

چىڭگىزخان ھايات ۋاقتىدا «مەن ئۆلگەندىن كىيىن رەقىبلىرىم قەبرەمنى ئېچىپ جەسىتىمنى پارچە-پارچە قىلىپ تاشلىۋەتمىسۇن» دەپ ۋەسىيەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئۆلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ جەسىتى خولۇنبوي يايلىقىدىكى دەريا بويىغا يېقىن جايغا دەپىنە قىلىنغان، دەپنە مۇراسىمىغا چىڭگىزخاننىڭ باللىرى ۋە 800ئاتلىق ئەسكەرلا كەلگەن. دەپنە قىلىنىپ بولغاندىن كىيىن 800ئاتلىق ئەسكەر قەبرە ئۈستىگە بەلگە تېشى قويۇپ قويۇپ، قەبرە ئۈستىدە ئات چاپتۇرۇپ قەبرە ئورنىنى تۈپتۈز قىلىۋەتكەن، ئاندىن چىڭگىزخاننىڭ باللىرى بەلگە قىلىنغان يەرگە بىر تايچىقى بار بايتال ئاتنى ئۆلتۈرۈپ قېنىنى ئېقىتىپ،  تايچاقنى ئەكىلىپ ئانىسىنىڭ قېنىنى پۇراتقاندىن كىيىن ئېلىپ ماڭغان ۋە يېرىم يولغا كەلگەندە ئىز قالدۇرماسلىق ئۈچۈن دەپىنە قىلىشقا قاتناشقان 800ئەسكەرگە زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرۋەتكەن.

كىيىنكى يىللىرى چىڭگىزخاننىڭ باللىرى دادىسى ئۆلگەن كۈنى خولۇنبوي يايلىقىغا بېرىپ تايچاقنى قويۇپ بېرىپ تايچاق قايسى يەردە توختىسا شۇ يەردە نەزىر قىلغان، كىيىن ئۇ تايچاق تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن قەبرىنىڭ ئىنىق ئورنىنى ھېچكىم تاپالماي يايلاققا بېرىپلا خالىغان جايدا نەزىر قىلىنغان ئىكەن

</div>

**************

مەنمۇ مۇشۇ مەزمۇندىكى ماتىرىيالنى ئوقۇۋىدىم.

toghraq1 يوللانغان ۋاقتى 2011-5-22 20:13:44

چىڭگىزخاننىڭ  ئۈلۈمى ۋە قەبرىسى توغرىسىدىكى تلاش - تارتىشلار  بۇرۇندىنلا  قىزىپ  كىلىۋاتىدۇ، مەن بىلىدىغىنى   http://bbs.bilik.biz/viewthread.php?tid=2184&highlight=%DA%86%D9%89%DA%AD%DA%AF%D9%89%D8%B2%D8%AE%D8%A7%D9%86 ۋە http://bbs.bilik.biz/viewthread.php?tid=1113&highlight=%DA%86%D9%89%DA%AD%DA%AF%D9%89%D8%B2%D8%AE%D8%A7%D9%86 لاردا  ئوتتۇرغا  قۇيۇلغان  رىۋايەت

toghraq1 يوللانغان ۋاقتى 2011-5-22 20:14:45

چىڭگىزخاننىڭ  ئۈلۈمى ۋە قەبرىسى توغرىسىدىكى تلاش - تارتىشلار  بۇرۇندىنلا  قىزىپ  كىلىۋاتىدۇ، مەن بىلىدىغىنى   http://bbs.bilik.biz/viewthread.php?tid=2184&highlight=%DA%86%D9%89%DA%AD%DA%AF%D9%89%D8%B2%D8%AE%D8%A7%D9%86 ۋە http://bbs.bilik.biz/viewthread.php?tid=1113&highlight=%DA%86%D9%89%DA%AD%DA%AF%D9%89%D8%B2%D8%AE%D8%A7%D9%86 لاردا  ئوتتۇرغا  قۇيۇلغان  رىۋايەت
بەت: [1]
: چىنگىزخاننىڭ ئۆلۈمى ۋە ئۇنىڭ قەبرىسى