tugturuk يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 12:07:16

چىڭگىزخان موڭغۇلمۇ ياكى تۈركمۇ؟

چىڭگىزخان موڭغۇلمۇ ياكى تۈركمۇ؟


يۈسۈپجان ياسىن

       چىڭگىزخان تىلغا ئېلىنسىلا ئۇ مىلادىيە 13- ئەسىردە بارلىققا كەلگەن بۈيۈك موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، موڭغۇل مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ سىياسىئونى، ھەربىي سەردارى ۋە مەرىپەت تارقاتقۇچىسى دەپ تەرىپلىنىدۇ. دېمىسىمۇ ھەممىگە مەلۇمكى، ئەقىل-پاراسەتكە تولغان، باتۇر، شىجائەتلىك، يېڭىلمەس چىڭگىزخان ئەينى دەۋردە تاشقى موڭغۇلىيە تەۋەسىدە ياشايدىغان ھەرقايسى موڭغۇل ۋە تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ، دۇنيا تارىخىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن بۈيۈك موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، موڭغۇل مىللىتىنى دۇنيانىڭ سىياسى سەھنىسىگە ئېلىپ چىقتى. چىڭگىزخان موڭغۇل مىللىتىنى ئىپتىدائىي جەمئىيەت باسقۇچىدىن بىردىنلا فېودالىزىم جەمئىيەت قوينىغا باشلاپ كىردى. ئۇلارنىڭ يولىغا پەن-مەدەنىيەتنىڭ نۇرلۇق مەشئەلنى ياقتى.
       بىز مانا شۇ چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ قەبىلىسى قىياتلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل تارىخىي مەنبەلەر، ئىتنۇگرافىك – ئانتىروپولوگىيىلىك مەلۇماتلار، تىل پاكىتلىرى ۋە ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىدىغان بولساق چىڭگىزخاننىڭ ساپ موڭغۇل قەبىلىسىدىن ئەمەس، تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ بىرىدىن كېلىپ چىققان تارىخىي شەخس ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىمىز. ئىلگىرىمۇ بەزى شەرقشۇناسلار ۋە تۈركولوگلار بۇ ھەقتە ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتكەن ئىدى.
       چىڭگىزخاننىڭ مىلادىيە 1155-1227- يىللاردا ياشىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. تارىخىي مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، چىڭگىزخاننىڭ ئانىسى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ بىرى بولغان مەركىتلەردىن كېلىپ چىققان ئىدى. مىلادىيە 12- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تاشقى موڭغۇلىيەدىكى موڭغۇل ۋە تۈركىي قەبىلىلەر ئارىسىدا ئۇرۇش يۈز بىرىدۇ. مۇشۇنداق چاغدا قىيات قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى يەسۈگەي بائاتۇر (باتۇر) مەركىتلەردىن خۇئالۇن ئۇجىن (ئۆگەلۇن ئەكە) دېگەن بىر قىزنى بۇلاپ قاچقان. چىڭگىزخان مانا شۇ خۇئالۇن ئۇجىندىن تۇغۇلغان ئىدى. بۇ ئىشنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن، مەكىتلەر 10 يىلدىن كىيىن مىلادىيە 1164- يىلى يەسۈگەي بائاتۇرنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن. يەسۈگەي بائاتۇر بۇ ئايالدىن تىموچىن، خاسار، خائىچۇن، تەمۇلىن دېگەن تۆت ئوغۇل ۋە تەمۇگە دېگەن بىر قىز پەرزەنت كۆرگەن. يەسۈگەي بائاتۇرنىڭ چوڭ ئوغلى تىموچىن مىلادىيە 1206- يىلى ھەرقايسى موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ خانلىق تەختكە چىققان ھەم ئۆزىنى «چىڭگىزخان» دەپ ئاتىغان. «چىڭگىزخان» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى توغرىسىدا چىڭگىزخان بىلەن بىر دەۋردە ياشىغان مىڭ خوڭ ئۇنى خەنزۇچە 天子 (كۆكنىڭ ئوغلى) دېگەن مەنىدە چۈشەندۈرسە، ئىران تارىخچىسى رەشىدىدىن «چىڭگىز» سۆزىنى موڭغۇل تىلىدىكى «كۈچ، قۇدرەتلىك» دېگەن مەنىدىكى «چىنك» سۆزىنىڭ كۆپلىك شەكلى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. رۇس شەرقشۇناس ۋ.ۋ. بارتولد «چىڭگىزخان» دېگەن ئىسىمنى دىنىي چۈشەنچىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان.
       مىلادىيە 13- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا جۇڭگودىن تاكى ئادرىئاتىك دېڭىزىغا قەدەر يۈرۈش قىلىپ، بۇ جايلاردىكى ھەرقايسى ئەللەرنى قاتتىق ۋەھىمىگە سالغان موڭغۇللار بۇ دەۋرگە ئائىت جۇڭگو ، ئىسلام ئەللىرى، رۇس ۋە غەربىي ياۋروپا مەنبەلىرىدە بىردەك ھالدا «تاتار» دەپ ئاتالغان ئىدى. «تاتار» دېگەن نام ئەڭ دەسلەپ «ئورخۇن-يېنسەي مەڭگۈ تاشلىرى» دا كۆرۈلىدۇ . كۆك تۈرك ۋە ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىدىن كىيىن بۇ نام موڭغۇلىيەدىكى موڭغۇل ۋە تۈرك قەۋملىرىگە قارىتىلغان ئىدى. «ئورخۇن-يېنسەي مەڭگۈ تاشلىرى» دا «توققۇز تاتار» ۋە «ئوتتۇز تاتار» دېگەن قەۋملەر تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ ناملارنىڭ موڭغۇللارغا ئائىت ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ۋ. تومسىن تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشنى بارتولد ۋە باشقا تارىخچىلارمۇ قوبۇل قىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن «تاتار» نامىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ نۇقتىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلدى. لېكىن تەتقىقاتلارنىڭ داۋاملىق چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ئىككى گۇرۇپپا تاتارلار توغرىسىدىكى كۆزقاراشلاردا ئۆزگىرىش بولدى. «ئوتتۇز تاتارلار» ئابىدىدە موڭغۇل تىلىدا سۆزلىشىدىغان قىتانلار بىلەن بىر قاتاردا بايان قىلىنغاچقا، «ئىسلام قامۇسى» نىڭ «تاتار» ماددىسىنى يازغان ئاتاقلىق تۈرك ئالىمى ب.ئۆگەل «ئوتتۇز تاتار» لارنىڭ بۈگۈنكى موڭغۇلىيىدىكى موڭغۇللار بىلەن بىر ئىكەنلىكىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئېھتىماللىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. «توققۇز تاتار» دېگەن نام «بايانچۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» دا ئۇچرايدۇ. بۇ ئابىدىدە مىلادىيە 747- يىلىدىن كىيىن ئۇيغۇرلارنىڭ «توققۇز تاتار» لار بىلەن ئۇرۇش قىلغانلىقى يېزىلغان. ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كىيىن، «توققۇز تاتار» لار ئالاشەن دالىسىدا قايتىدىن ئوتتۇرغا چىقتى. ئالاشەن دالاسى گەنسۇ ئۆلكىسىدىن شىمالدىكى گوبى چۆلىگە قەدەر سوزۇلغان دالىنى كۆرسىتىدۇ.

hazang يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 10:36:46

چىڭگىزخان چىڭگىزغان بولۇپ، چىڭگىزغان دېگەنلىك چىڭگىزخان دېگەنلىكتۇر،   توۋا چىڭگىزخاننىڭ مىللىتىنىڭ نىمىلىكنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ ھازىر!!!

arislan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 16:25:13

چىڭگىزخاننىڭ دادىسى مۇڭغۇل چوڭ دادىسىنىڭ چوڭ دادىسى تۈرك... ئۇ ئەرمۇ ئايالمۇ ئىنىق ئەمەس. ئەمما ئادەملىكىمۇ بار ھەم  ياۋايى ھايۋانلىقى بار ئادەم ئىكەنلىكى ئىنىق.

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 16:25:32

UyghurBaligh:
چىڭگىزخان ئەرمۇ ئايالمۇ ؟

مەنمۇ سوراي دەپ تۇرغان ...

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 16:49:54

يىگىرمىدىن ئەمدى ئاشقان ئوخشىمامسىز

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 16:51:09

suzuk:
يىگىرمىدىن ئەمدى ئاشقان ئوخشىمامسىز

مېنى دەمسىز ؟

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 16:53:17

ياق، تېما ئىگىسىنى دەيمەن، قارىسام ساپلا مەن يىگىرمىدىن يېڭى ئاشقان چېغىمدا قىزىقىپ تالىشىدىغان مەزمۇنلارنى يوللاۋېتىپتۇ

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 16:55:05

چىڭگىزخان نىڭ پاسپورتىغا نېمە دەپ يىزىلىپتۇ ؟ ئىۋۇ مىللىتى دېگەن يىرىگە ...؟

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 17:09:22

قېنىدا تۈرك قېنى ئاقىدىغان تۈرك ئەمەسلەرمۇ نۇرغۇن.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 18:23:40

سۇلتان سەئىدخان ئۇيغۇرمۇ مۇڭغۇلمۇ ؟

مۇڭغۇللارنىڭ تاتار قەبىلىسى بىلەن تاتار مىللىتى باشقا گەپتۇر ھە دوستلار

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 20:55:46

چىڭگىزخان  توپىغا ئايلانغان مۇردا.

Nurlan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 21:26:49

hiyalqi:

مۇڭغۇللارنىڭ تاتار قەبىلىسى بىلەن تاتار مىللىتى باشقا گەپتۇر ھە دوستلار

تاتارلارنى ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادا قىپىقالغان موڭغۇللارنىڭ ئەۋلادى دەپ ئاڭلىغانتىم ... ھەقاچان مۇڭغۇللارنىڭ باشقىچە بىر ۋاىيانتىمىكى ...

Micheal-17 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 21:34:31

مۇڭغۇللارنىڭ تاتار قەبىلىسى بىلەن تاتار مىللىتى توغرىسدا بىلىدىغانلار تەپسىلىرەك چۈشەنچە بەرسەڭلار...

eysatohti يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 21:51:40

1933-يىلدىن بۇرۇن تاشقى موڭغۇل دىگەن سوز يوقتى

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 10:56:02

چىڭگىزخاننى ھىندىستانلىقمىكىن دەيمەن، بەلكىم شارۇلخاننىڭ بوۋىسىىنىڭ بوۋىسىنىڭ .... بوۋىسى بۇلۇشى مۇمكىن.

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 11:36:32

ھا ھا ھا   ئىنكاسلار  سەللىمازا قىززىق ئىكەن

eysatohti يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 12:39:33

بىزنىڭ يۇرتتا ،پىخسىق ،چاپلشقۇ كىشىلەرنىمۇ چىڭگىز نىمىكەنسەن دەپ ئەيىپلەيدۇ،

lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 14:31:47

قارىسامغۇ مىڭ كاۋخەندەك لاقىلىدۇ ئۇ بالا ......

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 16:14:11

بۇ رىۋايەت بەك ئېسىل ئىكەن

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 21:30:41

ماۋۇ تىمىدىكى ئىنكاسلار ئىزدىنىشنىڭ ئىنكاسىغا ئوخشىماي قاپتۇ،
بەت: [1] 2 3
: چىڭگىزخان موڭغۇلمۇ ياكى تۈركمۇ؟