helwat يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 10:31:17

ئايرۇپىلان بىلىتىنى ئۆيدە ئولتۇرۇپلا ئىلىڭ

پىقىر تەتىلدە ئىككى ئاي ئايرۇپىلان بىلىتى سىتىش ئورنىدا جەريانىدا بىلەت توغۇرلۇق ئانچە مۇنچە بىلىمگە ئىگە بولۇپ قالدىم   

بۇگۇن بۇنى كۆپچىلىك بىلەن تەڭ بەھىرلىنەي دەپ بۇ يەرگە يوللىدىم      

ئادەتتە بەزىدە ئاشۇ بىلەت ساتىدىغان يەرلەردىمۇ مۇشۇ تور بەتلەردىن بىلەتنى چىقىرىپلا  ئۈستىگە پۇل چاپلاپلا سىزگە تولۇن ئۇرۇپ بەرسمۇ

بىلمەيلا ئىلىۋىردىغانلا نۇرغۇن   ،،بۇنى كۆرۇپ بىلەت ساتىدىغانلارنىڭ ئاچچىقى كەپ قالمىغاي  ھى ھى  

مۇشۇ تور بەتلەر گە بىلەتلەرنى ئۇچىدىغان ئورۇن ۋە بارىدىغان ئورۇننى تاللاپلا تەكشۇرۇپ ئەڭ ئەزران بىلەتنى تاللاپ ئىلۋەتسىڭىز بولىدۇ  

پۇلىنى تور بانكىسىدىن تۆلەيسىز ....u盾  بولسا تىخىمۇ قۇلاي

شىنجاڭ ئىچىدە قاينايدىغان بىلەتلەرنى ئادەتتە    تۆۋەندىكى تور بەتلەردىن ئالىسىز   دۆلەت ئىچى خالىقئارالىق لىرىمۇ با جۇما يانا

1-南航    تور بىكىتى        http://www.cs-air.com/cn         

2-海航     تور بىكىتى    http://www.hnair.com/

3-国航    تور بىكىتى   http://www.airchina.com.cn/

4-东航     تور بىكىتى   http://www.ceair.com/

تور بەتكە كىرىپلا 机票预订  دىگەن ياردىن لىنىيەنى تەكشۇرۇپ بىلەتنى زاكاس قىلىپ پۇلنى تۆلىسىڭىزلا ئىش تامام ۋەسسالام   

دىققەت  :بىلەتنى ئالغاندىن كىيىن كىملىكىڭىز  ئايرۇپىلان بىلىتى ھىسابلىنىدۇ   .......ئايرۇدۇرۇمغا چىققاندىن كىيىن كىملىكنى كۆرسەتسىڭىز   چىقىش بىلىتى بىرىدۇ   

بىلەتخانىلارنىڭ چىقىرىپ بەرگىنى ئايچوت تالۇنى خالاس  .....   شۇڭا بىلەت ئالغاندا   كىملىكتىكى ئىسىم ۋە كىملىك نۇمۇرىنى چوقۇم توغرا كىرگۈزىشىڭىز شەرىت   

ئىسىمنى كىرگۈزگەندە   ئوتتۇردىكى چىكىتنى قويمايسىز  ئۇلاپلا يازىسىز

春秋航空    بۇ مەخسۇس ئۇرۇمچىدىن شاڭخەي ،چىڭدۇ،چوڭچىڭ ،سەنيا،يىنچوەن    گىلا  قاتنايدىغان ئايرىم بىر ئاۋئاتسىيە شىركىتى   

بىلەتلىرى ئۈستىدىكى ھەرقانداق شىركەتتىن ئەرزان چىقىدۇ   ...    سەۋەبى   ئايرۇپىلانلىرى كونا كىچىك       ئولتۇرسىڭىز

تىراكتۇرنىڭ توچىيىدە ئولتۇرغاندەك گەنجۆ كىلىدۇ   ھى ھى   

تور بىكىتى  : http://www.china-sss.com/

قالغىنىنى ئىسىمگە كەلگەندە ئاسىتىغا ئىنكاس شەكىلدە يوللاپ قوياي  

يىزىپ بولۇپ   قارىسام سەل قالايمىقان تۇرىدۇ     سۇئاللار بولسا ئىنكاش شەكىلدە سورىساڭلار بولىدۇ   

qehwe يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 12:43:29

مەن شۇ نەچچە قېتىم سىناپ ئىسمىم بىلەن فامىلەم ئوتتۇرىسىكى چىكىتنى كىرگۈزەلمەي جىلە بولۇپ كەتكەن ،ئاخىرى بىلەت سېتىش ئورنىدىن سېتىۋالغان ئىدىم قىممەترەك بولسىمۇ.سىز دېگەندەك بولسا چىكىتنى كىرگۈزمىسە ئىسىمىڭ كىملىك بىلەن ئوخشىمايدىكەن دەپ ئايروپىلانغا چىقارماي قالماس؟

turbo يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 12:49:41

خەتكۈچ

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 12:59:29

كومپيۇتېرىمغا ساقلىۋالاي بۇنى.

ئاخشام قىززىغان مۇنازىرەدەك يوقاپ كەتمىسۇن يەنە (سەنئەت توغرىسىدىكى  شۇ مۇنازىرىنى ساقلىۋالغانلار بولسا ئىۋەتىپ بەرسەڭلار)

qehwe يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 13:03:34

توۋا،مېنىڭ ئىنكاسىم قەيەرگە يوقاپ كەتتى ھە؟

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 13:04:51

جەنۇب ئاۋىئاتسىيىنىڭ بېيجىڭغا 19 پىرسەنتلىك بېلىتى بار ئىدى، ئىنىم نەچچە قېتىم شۇنى ئالغان، بىراق بۇنى پەقەت شۇ شىركەتنىڭ تور بېكىتىدىنلا زاكاس قىلغىلى بولىدۇ.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 13:10:15

پويىز بېلىتىنى كومپىيۇتېردىن سېتىۋالىدىغان ئادرېس، ئۇسۇلىنىمۇ يوللاپ قويايلى.

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 13:12:40

پويىز بېلىتىنى توردىن سېتىۋىلىشنى پەقەت شېنجىندىلا سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇۋاتىدىغۇ دەيمەن

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 13:28:41

suzuk:
جەنۇب ئاۋىئاتسىيىنىڭ بېيجىڭغا 19 پىرسەنتلىك بېلىتى بار ئىدى، ئىنىم نەچچە قېتىم شۇنى ئالغان، بىراق بۇنى پەقەت شۇ شىركەتنىڭ تور بېكىتىدىنلا زاكاس قىلغىلى بولىدۇ.

ھە، پويىزنىڭكىمۇ بارمىدۇ، پرسەنتلىك؟

Typography يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 13:37:34

خەتكۇچ

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 14:30:00

ئابدۇلئەھەت بىلەن 86 نى ئىزدەيمەن، ئىككىڭلار كۆرسەڭلار ئىنكاس قايتۇرۇڭلار ماڭا، 86 نىڭ تۇنۇش بىلىشلىرى بولسا يەتكۈزۈپ قويۇڭلار
كىيۇ كىيۇ 88247599  تەلىم ئالىدىغان ئىش بار

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 14:53:21

qehwe:
مەن شۇ نەچچە قېتىم سىناپ ئىسمىم بىلەن فامىلەم ئوتتۇرىسىكى چىكىتنى كىرگۈزەلمەي جىلە بولۇپ كەتكەن ،ئاخىرى بىلەت سېتىش ئورنىدىن سېتىۋالغان ئىدىم قىممەترەك بولسىمۇ.سىز دېگەندەك بولسا چىكىتنى كىرگۈزمىسە ئىسمىڭ كىملىك بىلەن ئوخشىمايدىكەن دەپ ئايروپىلانغا چىقارماي قالماس؟

توردىن ئىسىم كىرگۈزگەندە فامىلە بىلەن ئىسىم ئايرىم كاتەكچىدە بولىدۇ شۇڭا چىكىتدىن ئەنسىرەشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. لېكىن پاسپورت ئىشلەتسىڭىز ئىسىم بىلەن فامىلىنى ئالماشتۇرۇپ كىرگۈزىسىز ھەم پىنيىنچە كىرگۈزسىڭىزمۇ بولىدۇ يەنى لاتىنچە.

KULANGGA1 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 15:38:22

www.quna.com  بۇ بىكەتتىن سىتىۋالسىڭىزمۇ بەك ياخشى

nuris يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 17:08:16

پايدىلىق ئۇچۇر ، خەتكۈچ .

Nurlan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 21:32:12

تۇلا ئۇچىدىغانلار ئەسقاتىدىكەن، بەلگە سەپ قوياي ... رەھمەت ھە ...

uqkun8738 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 22:19:04

مەنمۇ بەلگە سىلىپ قوياي

kamal يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 22:58:41

بۇندىن كىيىن مەنمۇ شۇنداق قىلاي جۇما

lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 14:03:43

مەن دائىم نەگە بارىسەن دىگەن تور بەتتىن ياكى تاۋباۋدىن ئالىمەن ..

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 15:49:28

ئۇچۇش نىسىپ بولغاندا لازىم بولۇپ قالغۇدەك ، خەتكۈچ سېلىپ قوياي.

pidayi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 16:45:03

چۈنچيۇ ھازىر يوق ، تاقىدى  ئەرزانچىلىقتى ، ئوقۇغۇچىلارغا خېلى ئەس قاتقان بۇ شىركەت    ئالتۇن ھەپتىلەردىمۇ ئەرزان بېلىتى بار ئىدى

بەت: [1] 2
: ئايرۇپىلان بىلىتىنى ئۆيدە ئولتۇرۇپلا ئىلىڭ