raheed يوللانغان ۋاقتى 2010-10-17 19:34:49

يېڭى كىتابلار ئۇچۇرى (2010-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى )

ئەسكەرتىش : ئالدىنقى ھەپتە كىتابخانا ئارىلاپ قايتىپ كىلىپ، تورغا ئۆزۈم دىققەت قىلغان بىر قىسىم يېڭى كىتابلار ھەققىدىكى ئۇچۇرنى بىلوگىمغا ۋە چوغلان، كۆيۈكتاغ مۇنبەرلىرىگە قويغاندىن كېيىن كۆپچىلىك تورداشلارنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاسى ياخشى بولدى. ئۇلارنىڭ ئارىىسىدا بەزىلىرى باشقا بەزى يېڭى كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنىمۇ سوراشتى. ئۈرۈمچىدەك رايۇنىمىزنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئۇچۇر مەركىزىدە يۈرۈپ، باشقا يۇرتلاردىكى ياكى خىزمەت بىلەن ئالدراش كىتابخانىغا بارغۇسى بولسىمۇ بېرىشقا ۋاقتى يەتمەيۋاتقان تورداش قىرىنداشلىرىمىزغا نىسبەتەن بۇ خىل يېڭى كىتابلار توغرىسىدىكى ئۇچۇرنىڭ تولىمۇ قىممىتى بارلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم. بۇ خىل تېمىنى قارارلىق قىلىپ ئايدا بىرەر مەرتەم يوللاپ تۇرۇشنى ئويلىدىم. شۇڭلاشقا قايتا كىتابخانىغا بارغان پۇرسەتلىرىمدە بەزى يېڭى كىتابلارنى تۈرى، ئاپتۇرى، باھاسى، نەشىر قىلىنغان ۋاقتى، نەشرىيات دېگەندەك ئۇچۇرلىرى بىلەن خاتىرلىۋالدىم. تۆۋەندە يېقىنقى بىر مەزگىلدە نەشىر قىلىپ تارقىتىلغان بەزى يېڭى كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. بۇلار ئەلۋەتتە ھەممە يېڭى كىتابلارنىڭ تىزىملىكى ئەمەس بەزى يېڭى كىتابلار دىققىتىمدىن سىرىتتا قالغان بولىشى، بەزىلىرى مەن بارغان كىتابخانىدا يوق بولىشى، يەنە بەزىلىرىنى بولسا خاتىرلىۋېلىشقا ئېرىنگەنلىكىمدىن چۈشۈپ قالغان بولىشى مۇمكىن. قېنى بۇ توغرىسىدىكى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ. بۇلارنى بىر قانچە تۈرگە ئايرىپ قويدۇم ۋە شۇ تۈرلەر بويىچە تورغا يوللىدىم.

   بۇ نۆۋەتتە : ئەدەبىيات – سەنئەت، تارىخ، مەدەنىيەت تەتقىقاتى توغرىسىدىكى كىتابلار

رومان، ھېكايە، پوۋېسىتلار توپلاملىرى

شېئىرلار توپلاملىرى

1.    ئەدەبىيات – سەنئەت، تارىخ، مەدەنىيەت تەتقىقاتى توغرىسىدىكى كىتابلار

1) ئەنىۋەر سەمەد قورغان : «ئۇيغۇرلاردا نەسەبنامە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2010-6، 20.00

2) ۋ.ۋ بارتولى : «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر توغرىسىدا -  12 لىكسىيە»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2010-6، 28.00

3) مۇزەپپەر ئابدۇللايىۋ : «ئازادلىق جەڭچىسى رىزۋانگۈل»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2010-6، 18.00

4) سوپاخۇن سۈۋۈرۈف : «مەن كەچكەن كېچىكلەر»(ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى توغرىسىدا تارىخىي ئەسلىمە)، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2010-8، 38.00

5) نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۈچقۇن : «روھىيەتنىڭ قاتلىرىنى ۋاراقلاپ»، ئىككى نەشرىيات، 2009-12، 25.00

6) ئابدۇبەسىر شۈكۈرى : «ئەدەبىياتىمىز نېمە دەيدۇ»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2010-6، 15.00

7) يىپەك يولىىدىكى سەيياھلار خاتىرىسى يۈرۈشلۈك كىتابلىرى:

مارىك ئاۋرىل سىتەيىن : «خوتەن بوستانلىقىغا قايتىش»(30.00 يۈەن)، «لوپنۇر قۇملىقىدىن دۈنخۇاڭغىچە» (40.00 يۈەن)، «نىيە خارابىسىنى تەكشۈرۈش» (35.00 يۈەن)، «كرورانغا سەپەر»(38.00 يۈەن)، «تەكلىماكاندىن ئۆتۈش»(37.00 يۈەن)، بۇ بىر يۈرۈش كىتابلار شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 2009-يىلى 12-ئايدىن 2010-يىلى 7-ئايغىچە نەشىر قىلىنغان.

8) ئار بورت خۇببارد(ئامېرىكا) : «گارسىياغا يېزىلغان خەت»، شىنجاڭ سەھىيە نەشرىياتى ، 2010-5، 22.00

2. رومان، ھېكايە، پوۋېسىتلار توپلاملىرى

1. تۇرسۇن مەھمۇت : «گۇگۇم» (رومان)، مىللەتلەر نەشرىياتى،    2010-7 ،                25.00

2. تۇرسۇنجان مۇھەممەت : «كۈز يامغۇرى» (رومان)،     شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى،        2010-6 ،      42.00

3. تۇرسۇنجان مۇھەممەت : «جەزىرە» (رومان)،     شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،        2009-7 ،           36.00

4. تۇرسۇنجان مۇھەممەت : «ۋىجدان كۆزى» (پوۋېستلار)، شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى،     2009-12 ،       22.00

5. ياقۇپ ئىسمائىل پىدا : «گۈلدۇرماما» (رومان)،     شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،        2009-12 ،           30.00

6. تۇردى مۇھەممەد سەئىدى : «بالدۇر توزىغان غۇنچە» (رومان)، ئىككى نەشرىيات،        2009-12               

7. زۇلپىيە كۆلتېگىن : «جانان كوچىسىدىكى ئىشلار» (ھېكايىلەر توپلىمى)، شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى  2010-6،        41.00

8. گۈلباھار ناسىر : «سۆيۈلمىگەن قارا كۆزلەر»(رومان)، شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى، 2009-12،                   23.00

9. «ئەرەب پىروزىسى» (ئەرەب ئەدەبىياتىدىن تاللانما)، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2010.6، 15.00

3. شېئىرلار توپلىمى :

1)    مامۇت زايىت : «دىدار غەنىمەت»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2009-12، 12.00 يۈەن

2)    مۇھەممەتجان راشىدىن : «جاھان دېگەن يارالغان شۇنداق»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2009-1،    15.00 يۈەن

3)     مۇھەممەتئىلى زۇنۇن تەشنائى : «مەشرەپ»، مىللەتلەر نەشرىياتى،    2009-12،    15.00 يۈەن

10-ئايلىق كىتاب ئۇچۇرلىرىم تامام. كېلەركى نۆۋەت يۇقارقىدىن سىرىت يېڭى تارقىتىلغان كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى يوللايمەن. مەن كىتاب سودىگىرى ئەمەس. پەقەت تورداشلارغا پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن يوللىدىم.

مەنبە: بىلوگىم

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 09:45:27

سىز خوتەندىنما ئاينا؟

alip يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 10:01:28

تاۋباۋدىن دۇكاندىن بىرنى ئېچىپ، مەخسۇس شىنجاڭ مەدەنىيىتى ساتسىمۇ پۇل تاپقىلى بولامدۇ نېمە؟!

نالەن، HX1 مەھەللەڭلەرگە ، پوچتا، EMS دېگەنلەر بارمامدا؟

<div style=\"FLOAT: right\" class=style2><a target=_blank href=\"javascript:BBSXP_Modal.Open('Reputation.asp?CommentFor=HX1',550,200);\"> </div>

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 10:22:42

شىنجاڭ مەدەنىيىتى بىلەن دۇنيا ئەدەبىياتىنى چەت ئەللەردە قانداق زاكاز قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىپ دەپ بەرسەڭلار، بەك رازى بولغان بولاتتىم.
ئەفىيفىي: تەرجىمە قىلمىغىنىنىمۇ 135 دوللارغا ساتىدىكەن. تەرجىمە قىلىپ 135 كويغا ساتسا قىممەت ئەمەستۇ؟
بىر ۋاقىتلاردا بەك كۆيۈپتىكەنمەن، ھازىر قىزىققۇم كەلمەيدۇغۇ تاڭ مۇشۇنداق ئېغىر كىتابلارغا.
ھازىر بىر كىتاب ئوقۇۋاتىمەن، «باي، تۈگەشكەن....شاھزادە» دەپ، مەلىكىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدەك دۇنيادا يوق بىر دۆلەتنىڭ شاھزادىسى بىلەن بىر ئامېرىكىلىق قىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت تەسۋىرلىنىدىكەن. بۇنداق ھېكايىلەرنى باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىلا يازالايتتىم. تىلىنىڭ ناچارلىقى تېخى. لېكىن يەنە قىزىقىپ ئوقۇپ كېتىۋاتىمەنغۇ تاڭ.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-17 20:16:54

رەھمەت سىزگە ھىچقايسىسى تېخى مەن ئۇقۇپ باقمىغان كىتاپلار ئىكەن

upukjan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-17 20:46:09

تاللاپ سېتىۋالسام بولغىدەك.يۇقارقى كىتاپلارنى ئۇقۇغان تورداشلار بولسا ،تەۋسىيە قىلسا ،ساقلاش قىمىتى بارلىرىنى ساقلاپ ،ئۇقۇپ قۇيۇشقا تىگىشلىكلىرىنى ئارىيەت ئېلىپ ئۇقۇپ قويساق.قارىسام بۇكىتاپلار ئۇچىرىدا قۇرال كىتاپلار كۈرۈنمەمدۇ نىمە؟يەنى قامۇس خارەكتىرلىك توپلام  .

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2010-10-17 21:58:54

ئۇيغۇرلاردا نەسەبنامە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈكىي خەلقلەرنىڭ تارىخى توغرىسىدا 12 لىكسىيە،  مەن كەچكەن كېچىكلەر دېگەن كىتابلارنى ساقلاپ قويسىڭىز بولىدۇ.

Baghrim يوللانغان ۋاقتى 2010-10-17 23:57:24

رەھمەت raheed ، ياخشى كىتاپلارنى تەۋسىيە قىلىۋاتىسىز ، پۇرسەت بولسا چوقۇم ئېلىپ ئوقۇپ باقىمەن ...

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 02:11:37

1) ئەنىۋەر سەمەد قورغان : «ئۇيغۇرلاردا نەسەبنامە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2010-6، 20.00

===============

فولىكلور دوكتورى.ساقلاش قىممىتى بار، پاكىتلىق ئەسەر يېزىشنى ئۆزىگە كەسپ قىلغان.  تۈنۈگۈن دېگەنتى بۇ كىتابنىڭ نەشردىن چىققانلىقىنى.

2) ۋ.ۋ بارتولى : «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر توغرىسىدا -  12 لىكسىيە»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2010-6، 28.00

=========================

ئادىل ئابدۇقادىر تەرجىمە قىلغىلى ئۇزاق بولغانتى. چوقۇم ساقلايدىغان كىتاب بولىدۇ، بۇ.

قالغانلىرىنى ۋاراقلاپ بىر نېمە دېگەن تۈزۈك.

NALAN يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 02:25:26

توردىن شىنجاı مەدەنىيىتىنىڭ بىرەر قىسمىنىڭ بولسىمۇ ئېلكىتابىنى تاپقىلى بولۇرمۇ؟ كۆرگەن يېرىڭلار ئېسىڭلاردا قالغان بولسا دەپ بەرسەڭلەر!

Algha يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 07:11:03

بۇ كىتابلارنىڭ ئىسمىدىنلا ھەممىسى ئوقۇشقا ئەرزىيدىغاندەك قىلىپ تۇرامدۇ نىمە...

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 10:23:30

يەنە مىڭ يىل بۇرۇن، مىڭ يىل كىيىن مەھمۇت كاشفەرى ۋە <<دىۋۇنۇ لوغەتىيىن تۈرۈك >> دىگەن كىتاپمۇ ساقلاپ قۇيۇشقا تىگخشلىك كىتاپ ئىكەن .

Watandax يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 11:04:01

\"مەن كەچكەن كېچىكلەر\" دېگەن كىتاپنى مەن ھازىر ئوقوۋاتىمەن.

بۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىكى يىڭىلمەس سەركەردە سوپاخۇن پولكوۋنىكنىڭ ئۆز قەلىمىدىن چىققان تارىخىي ئەسلىمە. ئوقوشقا، ساقلاشقا ئەرزىگۇدەك كىتاب.

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 17:11:44

NALAN:
توردىن شىنجاı مەدەنىيىتىنىڭ بىرەر قىسمىنىڭ بولسىمۇ ئېلكىتابىنى تاپقىلى بولۇرمۇ؟ كۆرگەن يېرىڭلار ئېسىڭلاردا قالغان بولسا دەپ بەرسەڭلەر!

سىكانىرلەپ ئەۋەتىپ بىرەيمۇ يېڭى سانىنى؟

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 19:33:52

تولستوينىڭ \"«ئاننا كارېنىنا\" سىمۇ چىقتى، لېكىن بەك قىممەت: 135 كوي

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 21:04:08

ئاننا كارىننانى قايسى نەشرىيان نەشر قىپتۇ؟

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 21:16:38

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنى XJTV 2  تەڭىرىتاغ گۈلزارى پىروگراممىسىدا زىيارەت قىلغاندا بىر شېئرلار توپلىمىنىڭ نەشىر قىلىنماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقاندى، 2-3 يىل بولغاندۇ ئۇ ئىشقا.. جىمجىتقۇ؟

Micheal-17 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 21:36:26

كارخانا باشقۇرۇش،پۇل مۇئامىلە،ئىقتىسادقا ئائىت ئۇيغۇرچە كىتابلار تولىمۇ ئاز دىسە...

kamal يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 22:25:20

شىنجاڭ مەەنىيىتى يېڭى سانىغا بىرقىسىم زۈرۈر كىتاپلارنىڭ ئىسىملىكى كىرگۈزۈلىپتۇ   ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زۈرۈر ئوقۇشلۇقلار ئىكەن .

NALAN يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 02:17:44

بىكارچىغا:

ياق دېمەيمەن جۇمۇ. ئەمما بىكار ۋاقىتتا بولسۇن. بۇلاق كۆزگگ تەۋە  ۋاقىتقا خىيانەت قىلىپ ئەمەس . ھى ھى ~    بەك كېرەك بولۇپ قالغانتى.

بەت: [1] 2
: يېڭى كىتابلار ئۇچۇرى (2010-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى)