raheed يوللانغان ۋاقتى 2010-10-17 19:27:12

يېڭى كىتابلار ئۇچۇرى 1- يۈرۈش (2010-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى

يۈرۈشلۈك ئەدەبىي توپلام كىتابلار

ئەسكەرتىش : ئالدىنقى ھەپتە كىتابخانا ئارىلاپ قايتىپ كىلىپ، تورغا ئۆزۈم دىققەت قىلغان بىر قىسىم يېڭى كىتابلار ھەققىدىكى ئۇچۇرنى بىلوگىمغا ۋە چوغلان، كۆيۈكتاغ مۇنبەرلىرىگە قويغاندىن كېيىن كۆپچىلىك تورداشلارنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاسى ياخشى بولدى. ئۇلارنىڭ ئارىىسىدا بەزىلىرى باشقا بەزى يېڭى كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنىمۇ سوراشتى. ئۈرۈمچىدەك رايۇنىمىزنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئۇچۇر مەركىزىدە يۈرۈپ، باشقا يۇرتلاردىكى ياكى خىزمەت بىلەن ئالدراش كىتابخانىغا بارغۇسى بولسىمۇ بېرىشقا ۋاقتى يەتمەيۋاتقان تورداش قىرىنداشلىرىمىزغا نىسبەتەن بۇ خىل يېڭى كىتابلار توغرىسىدىكى ئۇچۇرنىڭ تولىمۇ قىممىتى بارلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم. بۇ خىل تېمىنى قارارلىق قىلىپ ئايدا بىرەر مەرتەم يوللاپ تۇرۇشنى ئويلىدىم. شۇڭلاشقا قايتا كىتابخانىغا بارغان پۇرسەتلىرىمدە بەزى يېڭى كىتابلارنى تۈرى، ئاپتۇرى، باھاسى، نەشىر قىلىنغان ۋاقتى، نەشرىيات دېگەندەك ئۇچۇرلىرى بىلەن خاتىرلىۋالدىم. تۆۋەندە يېقىنقى بىر مەزگىلدە نەشىر قىلىپ تارقىتىلغان بەزى يېڭى كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. بۇلار ئەلۋەتتە ھەممە يېڭى كىتابلارنىڭ تىزىملىكى ئەمەس بەزى يېڭى كىتابلار دىققىتىمدىن سىرىتتا قالغان بولىشى، بەزىلىرى مەن بارغان كىتابخانىدا يوق بولىشى، يەنە بەزىلىرىنى بولسا خاتىرلىۋېلىشقا ئېرىنگەنلىكىمدىن چۈشۈپ قالغان بولىشى مۇمكىن. قېنى بۇ توغرىسىدىكى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ. بۇلارنى بىر قانچە تۈرگە ئايرىپ قويدۇم ۋە شۇ تۈرلەر بويىچە تورغا يوللىدىم.

ھە راسىت، بالىلار ئوقۇشلۇقلىرى، دەرسلىك كىتابلار ماسلاشتۇرما كىتابلىرى، روھى ساغلاملىق، ساغلاملىققا ئائىت نەشىر قىلىنىۋاتقان كىتابلار بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا ئۇلارنى يوللىماسلىقنى ئويلاشتىم.

يۈرۈشلۈك ئەدەبىي توپلام كىتابلار

1.    ئەبەيدۇللا ئىبراھىم ئەسەرلىرى (6 توم) 322.00 يۈەن ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2010-1

«بوز دالا»، «ئۈچ غەزەل»، «ئاجايىپ كۆزلەر»، «ساياھەتنامە»، «داغ»، «بەشىنچى ئوغۇل»

2.    تۇردى سامساق ئەسەرلىرى (6 توم)،

«يۈرەك سىرلىرى»(40.00 يۈەن)، «ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر»(30)، «خەيىر كۈنلەر»، «ئاسمىنىڭدا ئاي بارمۇ»، «ئۆچمەس يۇلتۇزلار»، «ئۆمۈر ئىزلىرى»

خالىدە ئىسرائىل ئەسەرلىرى (3 توم)

«ھۆكۈمران»، «قۇملۇقنى چۈشى»(44.00 يۈەن)، «ئانا دەريانى ئىزدەپ»

3.    مەمتىمىن ھوشۇر ئەسەرلىرى (4 توم)

«گۈللىگەن دالا»(30.00 يۈەن)، «قىرلىق ئىستاكان»(30.00 يۈەن)، «كونا يېڭى ئىشلار»(30.00 يۈەن)، «تولۇن ئاي»(30.00 يۈەن)

4.    قاھار جىلىل ئەسەرلىرى (4 توم)

«تەقدىرنى كىشىلەر يارىتىدۇ»(46.00 يۈەن)، «بالدۇر توزىغان گۈل»(44.00 يۈەن)، «كۈلۈمسىرىگەندە»، «قىساس»

5.    يېڭى دەۋىر شائىرلىرىنىڭ 10 توپلىمى

مۇھەممەدئىلى زۇنۇن تەشنائى : «قەدىردان ئاتام»، 15.00 يۈەن

قۇربان ئىمىن : «بوز تورغاي»، 12.00 يۈەن

ئەلقەم ئەختەم : «ئۆچمەس تىلەكلەر»، 13.00 يۈەن

ئابدۇكىرىم خوجا : «تاغ گۈلى»، باھاسىنى كۆرمەپتىمەن

مۇھەممەتجان سادىق : «مۇھەببەت ۋە تەبەسسۇم»، باھاسىنى كۆرمەپتىمەن

رەخىم قاسىم : «تەڭرىتاغ قەسىدىسى»، 15.00 يۈەن

مۇھەممەد شاۋۇدۇن : «تەڭرىتىغىم»، 15.00 يۈەن

ئىمىن ئەھمىدى : «ئاسمانلار - تاغلار»، باھاسىنى كۆرمەپتىمەن

مامۇت زايىت : «زېمىندىكى يۇلتۇزلار»، 15.00 يۈەن

تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن : «سەھرا نەزمىلىرى»، 15.00 يۈەن

ئارسلان : «زېمىن ئەركىسى»، 15.00 يۈەن

تاھىر تالىپ : «مەن - ئادەم»، باھاسىنى كۆرمەپتىمەن

داۋامىدا :

ئەدەبىيات – سەنئەت، تارىخ، مەدەنىيەت تەتقىقاتى توغرىسىدىكى كىتابلار

رومان، ھېكايە، پوۋېسىتلار توپلاملىرى

شېئىرلار توپلىمى

مەنبە : بىلوگىم

yarxarilik يوللانغان ۋاقتى 2010-10-17 20:11:20

ئىككى يىلنىڭ ياقى تۈزۈكراق ماكىرو ياكى مىكىرو جەھەتتىكى  ئىقتىساد،سىياسەتكە دائىر كىتاب تەرجىمە قىلىنماپتۇ.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-17 20:15:17

مەمتىمىن ھۇشۇر ،ىالىدە ئىسرائىللارنىڭ ئەسەرلىرىنى مەن ياقتۇرۇپ ئۇقۇيمەن...

company يوللانغان ۋاقتى 2010-10-17 20:19:59

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  يەرشارلىق ئەپەندىم ، چوك سىغىندۇق سىزنى . سىزدىن بەكىرەك ئۇچۇرلىرېڭىزنى سىغىندۇق .

تەكرار خۇش كەلدىڭىز !

Baghrim يوللانغان ۋاقتى 2010-10-17 23:45:02

داغ بىلەن ئاخىرەتتىن كەلگەنلەردىن باشقىسىنى ئوقۇپ باقماپتىمەن ...

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 02:04:45

«بوز دالا»،«قۇملۇقنى چۈشى>>،«گۈللىگەن دالا»(30.00 يۈەن)، «قىرلىق ئىستاكان»(30.00 يۈەن)، «كونا يېڭى ئىشلار»(30.00 يۈەن)،قاتارلىقلارنى ساقلاش قىممىتى بار، دەپ قارايمەن. قالغانلىرىنى كۆرۈپ بىر نېمە دېگەن تۈزۈك.

company يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 10:47:16

ئىككى يىلنىڭ ياقى تۈزۈكراق ماكىرو ياكى مىكىرو جەھەتتىكى  ئىقتىساد،سىياسەتكە دائىر كىتاب تەرجىمە قىلىنماپتۇ.

ئەگەر مۇشۇنداق بولاۋەرسە ئىككى يىل ئەمەس ،يىگىرمە يىلدىمۇ ،ئۇنداق ئەسەرلەردىن بىرەر تەرجىمە قىلىنماسلىقى  مۇمكىن ئوخشايدۇ .

ئۆزىمىزنىڭ ئايرىم ئىزاھلاپ يىزىشىمىز  باشقا بىر گەپ ئوخشايدۇ .

شۇنىڭ ئۇچۇن بۇرۇنقىدەك سىياسى - ئىقتىساد ۋە خەلقىئارا ۋەزىيەتلەرگە دائىر ئوقۇغان ،ئويلىغان ،بىلگەنلىرىڭىزنى سىخىلىق بىلەن يوللىمامسىز دەيمەن .

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 11:04:43

بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى ئومومىي ھىساپتا قايتا نەشىر قىلىنىپتۇ~~مال باھاسىنىڭ ئۆسىشىگە ئەگىشىپ زىياننى كۆپەرەك تارتىۋاتقىنى نەشىرياتتىكىلەر بىلەن، كىتاب ساتىدىغانلارمكىن  دەيمەن، كىتاب دىگەن بىردىنلا باھانى يۇقىرلىتالايدىغان گۆش بولمىغاندكىن~~

شۇگا پايدا ئالىمەن دىسەڭلار كىچىك كىتابخانلارغا كىرىپ سىتىۋىلىڭلار، بۇ كىتابلار ھامانە مۇقاۋىسى بىلەن ئەسەر تەرتىپى ئوخشاش بولمىسا باشقىسى ئوخشاش،

ھە راسىت لىيىغان بۇلاقنى نەشىر قىلمامدىكەن، قاچانغىچە ساختىسىنى ئوقۇيمىز(داۋبەن)

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 22:20:59

بۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسى مەندە باركەن.

kurguyum يوللانغان ۋاقتى 2011-8-31 23:17:57

مەنمۇ مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ ئەسەرلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ ئۇقۇيمەن. ئاللا دېھقان سۇپەت بۇ ئاكىمىزنىڭ تىنىنى ئامان قىلسۇن! تېخىمۇ نادىر ئەسەرلىرىگە تەشنامىز!

sansara يوللانغان ۋاقتى 2011-9-1 08:23:24

ياشلارنىڭ  يولى،مۇناسىۋىتى بولمىغاچقا ياكى بولمىسا داڭقى بولمىغاچقا قوليازمىسىنى ئېلىپ نەنمىنغا كىلىپلا يىڭى سالغان ئېگىز بىنادىن ئۆتەلمەيۋاتىدۇ،ماۋۇ  ئادەملەرنىڭ ئىچىدىكى بەزى ئۆلگەنلىرىنىڭكىنى بولسىمۇ قايتا قايتا بېسىشنىڭ ئورنىدا ياشلارنىڭكىنى بېسىپ قويغۇلۇقتى،مەن ھازىر 90-يىلللاردىن كىيىن تۇغۇلغان بالىلاردىن يازغۇچى چىقارمۇ؟ دىگەن ئەندىشىدە.......

بەت: [1]
: يېڭى كىتابلار ئۇچۇرى 1- يۈرۈش(2010-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى)