تارىختا بۈگۈن (17-ئۆكتەبىر )
1831-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەنگىلىيەلىك ئالىم فارادى ماگىنىت ئىندوكسىيە ھادىسىنى بايقىغان .
,
其中
- 是单位为伏特的电动势
- ΦB是单位为韦伯的磁通量。
1862-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى چىڭ ھۆكۈمىتى سېرىق ئەجدىرھالىق بايراقنى چىڭ دۆلىتنىڭ دۆلەت بايرىقى قىلىپ بىكىتكەن.
1912-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى،بۇلغارىيە ،سېرۋىيە ،گىرىتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئوسمان تۈرك ئېمپىريەسىگە جەڭ ئىلان قىلغان.
1918-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى يۈگۈسلاۋىيە جۇمھۇريىتى قۇرۇلغان .
1919-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى نەنكەي ئۇنۋېرسىتىتى قۇرۇلغان .نەنكەي ئۇنۋېرسىتىتى جۇئېنلەي ،ۋېنجاباۋ قاتارلىق ئىككى زۇڭلىنى تەربىيەلىگەن ،211قۇرۇلىشى ۋە 985قۇرۇلىشىدىكى نوقتىلىق ئالى مەكتەپلەرنىڭ بىرى .
1933-يىلى10-ئاينىڭ 17-كۈنى ، ئېينىشتىيىن گىرمانىيەدىن ئامېركىغا كەتكەن .
1932-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى جىياڭ جېشى قىزىل ئارمىيەگە بولغان <قورشاپ يۇقۇتۇش>نى باشلىغان .
1941-يىلى دوڭتىياۋ يىڭجى 东条英机ياپونىيە ئىچىكى كابىنتىنىڭ باشلىقى بولۇپ سايلانغان .
1948-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى چاڭچۈن تىنىچلىق بىلەن ئازاد قىلىنغان .بۇ كۈنى يەنە تېلۋىزيە فىلىمى <سەنماۋنىڭ سەرگەردانلىق خاتىرسى>سۈرەتكە ئىلىنىشقا باشلىغان .
1967-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى، جۇگگو تارىخىدىكى ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ ئەيشىنگورو فۇيى ۋاپات بولغان .
1959-يىلى،فۇيى ،فۇجىلار ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىدا.
1970-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى مۇھەممەد ئەنۋەر سادەت مىسىزنىڭ زوڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان .بۇ كىشى 1973-يىلى 10ئايدا سۈرىيە بىلەن بىرلىكتە 4-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرىق ئۇرشىنى قوزغاپ ئىسرائىلىيەنىڭ بالىف قوغدىنىش سىزقىنى يوقاتقان .1978-يىلى ئىسرائىلىيە زوڭتۇڭى بىلەن شەرىتنامە ئىمزالىغان ھەمدە نوبىل تىنىچلىق موكاپاتىغا ئېرىشكەن .1981-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى قاھىرەدىكى بىر ھەربى پاراتتا ئۆلتۈرۈلگەن .
1972-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى تاركان Tarkan Tevetoğlu تۇغۇلغان .
1995-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى ،سادام داۋاملىق ئېراقنىڭ زوڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان .ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 7يىل .10-ئاينىڭ 15-كۈنى سادامنىڭ كىيىنكى نۆۋەتلىك زوڭتۇڭ بولۇش بولماسلىقى ئومۇمى خەلق ئاۋازىغا قۇيۇلغان بولۇپ ،بۇ بېلەت تاشلاشتا سادامنى قوللاش نىسبىتى 99.96%بولغان .
بۈگۈن دۇنيا نامراتلىقنى تۈگۈتۈش كۈنى .
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەردە 600دىن كۆپ نۇمۇر ساقلانغان تىلفۇنىمنى يۈتۈردۇم. Mehmut:
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەردە 600دىن كۆپ نۇمۇر ساقلانغان تىلفۇنىمنى يۈتۈردۇم.
بۇنى تىمىغا قوشۇپ يېزىۋىتەيمۇ ؟ تىما سەللىمازا تولۇق بولۇپ كەتسۇن
مۇشۇ مەخمۇتنىڭ باش شەكلىغا قاراپ خېلە كۈلۈپتىمەن 1933-يىلى ئىدىسون ئەمەس ئېينىشتىيىن گىرمانىيەدىن ئامېرىكىغا كەلگەن .1933-يىلى ئېدىسون رەمەتلىك بولۇپ كەتكەندۇ؟ئۈكەم تۈزۈك تەرجىمە قىل ، چالا تەرجىمان ئادەم ئۆلتۈردىغان ئىش بولۇپ قالمىسۇن
ئوبدان ئىزچىل تەرجىمە قىلىپ ماڭساڭ جەۋلان سېنى باشقۇرغۇچى قىلىدۇ ،
لېكىن دەرستىن قاچما ھە
kuyaxoghli:
1933-يىلى ئىدىسون ئەمەس ئېينىشتىيىن گىرمانىيەدىن ئامېرىكىغا كەلگەن .1933-يىلى ئېدىسون رەمەتلىك بولۇپ كەتكەندۇ؟
دىققەت قىلماي خاتا يېزىپ قويۇپتىمەن .تەھرىرلەپ قوياي
ئاۋۇ چاڭشا ئەمەس چاڭچۈن . مەھمۇت تېلفۇن يۈتتۈرۈپ تۆمۈرگە ئۈسىدىغان بوپ قاپتۇ-دە تېلىفۇننىڭ دەردىنى تۈۋرۈكتىن ئېلىپ..ﻛﯧﻠﯟﯨﻦ (1824 - 1907 (
ﻛﯧﻠﯟﯨﻦ 1824 - ﻳﯩﻠﻰ 6 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 26 - ﻛﯜﻧﻰ ﯬﻧﮕﯩﻠﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻠﻔﺎﺳﺖ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ . ﯰﻧﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺗﻮﻣﺴﻮﻥ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ﯪﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﯴﺯﻟﯩﻜﺴﯩﺰ ﯴﮔﻪﻧﮕﻪﻥ . 1832 - ﻳﯩﻠﻰ ﮔﯩﻼﺳﻜﻮﯞ ﯰﻧﯩﯟﯨﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻓﺮﻭﻓﯩﺴﺴﻮﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . 8 ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﯧﻠﯟﯨﻨﻤﯘ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﮔﯩﻼﺳﻜﻮﯞ ﯰﻧﯩﯟﯨﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﺪﺍ ﺩﻩﺭﺱ ﯪﯕﻠﯩﻐﺎﻥ . ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﯮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ . ﯮﻗﯘﺵ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﻧﻐﺎﻥ . ﯰ 15 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﯩﻨﻰ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .
1840 - ﻳﯩﻠﻰ 16 ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﯧﻠﯟﯨﻦ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺗﻜﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ . ﺳﻪﭘﻪﺭ ﯴﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺳﺎﺗﺘﯩﻨﻼ ﻓﻮﻟﯩﯯ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ \"ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﯲﺗﯩﺸﯩﺸﻰ\" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﻰ ﯮﻗﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ، ﯰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯩﺪﯨﻨﺒﯘﺭﮒ ﯰﻧﯩﯟﯨﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻓﺮﻭﻓﯩﺴﺴﻮﺭﻯ ﻛﯩﺮﻻﻥ \"ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﻰ\" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻓﻮﻟﯩﯯﻧﯩﯔ ﻧﻮﻗﺘﯩﺌﯩﻴﻨﻪﺯﻩﺭﯨﻨﻰ ﯪﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﻳﺎﺵ ﻛﯧﻠﯟﯨﻦ ﻛﯩﺮﻻﻧﻨﯩﯔ ﻓﻮﻟﯩﯯ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﯪﺳﺎﺳﻨﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﺩﻩﭖ ﻫﯩﺴﺎﭘﻼﻳﺪﯗ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻓﻮﻟﯩﯯﻧﯩﯔ ﯮﺭﻧﯩﺪﺍ ﻛﯩﺮﻻﻧﻐﺎ ﺭﻩﺩﺩﯨﻴﻪ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ . ﻓﺮﻭﻓﯩﺴﺴﻮﺭ ﻛﯩﺮﻻﻥ ﯰﻧﻰ ﯮﻗﯘﭖ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯧﻠﯟﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ \"ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺷﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﯞﯗﺷﻰ\" ﯞﻩ \"ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﯧﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺩﺩﺍﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ\" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﺘﯩﯟﺍﺭﻩﻥ ﻛﯧﻠﯟﯨﻦ ﺑﻪﺯﻯ ﯪﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﺋﯩﺘﯩﺒﺎﺭﯨﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﻳﺪﯗ . 1845 - ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯧﻠﯟﯨﻦ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻓﯩﺰﯨﻚ ﻓﺎﺭﺍﺩﯦﻲ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﺪﯗ، ﯰﻻﺭ ﺑﯩﺮﻻ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯮﺑﺪﺍﻥ ﺩﻭﺳﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻥ ﯴﭼﯜﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ ﯰ ،ﯻﻜﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﻪﻣﺒﻪﺭ ﭼﻪﺱ ﺑﺎﻏﻼﻳﺪﯗ .
ﯰ 22 ﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻼ ﮔﯩﻼﺳﻜﻮﯞ ﯰﻧﯩﯟﯨﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻟﯩﻜﺘﻮﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﯰﺯﯗﻥ ﯲﺗﻤﻪﻱ ﻓﺮﻭﻓﯩﺴﺴﻮﺭﻟﯘﻗﻘﺎ ﻛﯚﺗﯜﺭﻟﯩﺪﯗ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﯰ ﺗﺎ 1899 - ﻳﯩﻠﻰ ﭘﯩﻨﺴﯩﻴﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ 53 ﻳﯩﻞ ﯮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯗ .
ﻛﯧﻠﯟﯨﻦ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻛﯚﭖ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﻪ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ 1848 - ﻳﯩﻠﻰ ﯰ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺗﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﯨﻨﻰ ﯮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻫﻪﻣﺪﻩﻛﺎﺭﻧﻮﻧﯩﯔ ﺩﻩﯞﺭﯨﻠﯩﻚ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﯩﮕﻪﻥ . ﯰ ﺟﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻣﯘﺯﻧﯩﯔ ﺋﯩﺮﯨﺶ ﯞﻩ ﻗﺎﻳﻨﺎﺵ ﻧﻮﻗﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻜﯩﺘﻜﻪﻥ . 1849 - ﻳﯩﻠﻰ \"ﭼﻪﻣﺒﻪﺭﺳﯩﻤﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻮﻛﻠﯘﻕ ﯲﺗﻜﯜﺯﮔﯜﭺ ﯮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﺶ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ\" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻛﯘﻟﯘﻥ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﯩﮕﻪﻥ . 1851 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﻣﯩﺨﺎﻧﯩﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . 1853 - ﻳﯩﻠﻰ ﮔﯩﻼﺳﻜﻮﯞ ﺩﺍ \"ﻟﯩﺘﻮﻥ ﺑﻮﺗﯘﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﯞﺭﻩﻧﻤﻪ ﺯﻩﺭﻩﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺸﻰ\" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﯰﻧﯩﯖﺪﺍ ﺗﻪﯞﺭﯨﻨﯩﺶ ﭼﺎﺳﺘﻮﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﻫﯩﺴﺎﭘﻼﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ . ﺑﯘ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺕ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺳﯩﻤﺴﯩﺰ ﺗﯧﻠﮕﯩﺮﺍﻓﻨﯩﯔ ﻛﻪﺷﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﯴﭼﯜﻥ ﻣﻮﻫﯩﻢ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﯟﯨﻲ ﯪﺳﺎﺱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . 1867 - ﻳﯩﻠﻰ ﯰ ﻳﻪﻧﻪ \"ﯪﺗﻮﻣﻨﯩﯔ ﯪﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻰ\" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯪﺗﻮﻣﻨﯩﯔ ﯪﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﯰﻗﯘﻣﯩﻨﻰ ﯮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ . 1881 - ﻳﯩﻠﻰ ﯰ ﺗﻮﻙ ﺩﯨﯟﯨﮕﺎﺗﯩﻠﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻐﺎﻥ . 1887 - ﻳﯩﻠﻰ ﮔﺎﻟﯟﺍﻧﻮﻣﯩﺘﯩﺮﻧﻰ ﻛﻪﺷﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ، ﯰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﺮﮔﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﻣﯩﻠﻠﻰ ﯪﻣﭙﯩﺮﺩﯨﻦ ﻣﯩﯔ ﯪﻣﭙﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻙ ﯞﻩ 40 ﻣﯩﯔ ﯞﻭﻟﺘﻠﯘﻕ ﺗﻮﻙ ﺑﯩﺴﯩﻤﯩﻐﺎ ﺗﻪﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﯰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻥ ﺋﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﺠﺘﺎﻫﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭﺳﺎﻫﻪ ﯬﺭﺑﺎﭘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ - ﻫﯚﺭﻣﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﯰ 1892 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﯬﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻥ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺳﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﺎ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻐﺎﻗﻪﺩﻩﺭ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺷﯘ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻨﻰ ﯲﺗﯩﮕﻪﻥ . ﻛﯧﻠﯟﯨﻦ 1907 - ﻳﯘﯨﻠﻰ 10 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 17 - ﻛﯜﻧﻰ ﯪﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﯲﺗﺘﻰ . ﯰ ﯞﯨﺴﺘﻤﯩﻨﯩﺴﺖ ﭼﻮﯓ ﭼﯩﺮﻛﺎﯞﻏﺎ، ﻧﻴﯘﺗﯘﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﯞﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﻨﯩﻐﺎ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ . ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﯴﭼﯜﻥ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻓﯩﺰﯨﻚ ﻳﻪﺭ ﯪﺳﺘﯩﺪﺍ ﻳﺎﻧﻤﯘ - ﻳﺎﻥ ﻳﺎﺗﺘﻰ .