sharaf يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 18:41:13

شىنجاڭ ياۋا ئادىمىنىڭ سىرى

شىنجاڭ ياۋا ئادىمىنىڭ سىرى

لى يىبيەن

  دۇنيادا ھازىر بىز يېشەلمەيۋاتقان نۇرغۇن تەبىئەت سىرلىرى بار، خۇددى «ياۋا ئادەم»گە ئوخشاش. «ياۋا ئادەم»لەرنى ئىزدەش ئەسىرلەردىن بۇيان ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دۇنياۋى تېمىدۇر. شىنجاڭنىڭ زېمىنى بىپايان، جۇغراپىئەلىك ئورنى مۇرەككەپ بولۇپ، ئەزەلدىن ئېكىسپېدېتسىيىچىلەر تەلپۈنىدىغان جاي بولۇپ كەلدى. شىنجاڭنىڭ قۇملۇقلىرى، ئورمانلىقلىرى ۋە ئىگىز تاغلىرىدا ياشىغان شىنجاڭ ياۋا ئادىمى ئىزچىل نۇرغۇن ئىكىسپېدىتسىيىچىلەرنى مەپتۇن قىلىپ كەلدى.

http://pic.enorth.com.cn/0/01/69/89/1698946_567547.jpg

تارىخى ماتىرىياللاردا خاتىرىلەنگەن ياۋا ئادەم

  چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى جى شاۋلەن ھەممىدىن خەۋەردار، دانىشمەن كىشى بولۇپ ياۋا ئادەم توغرىلىق كۆپ ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ « يۆۋېي ساتمىسىدىكى خاتىرىلەر» ناملىق داڭلىق ئەسىرىدە شىنجاڭ ياۋا ئادىمىنى كۆرگەنلىك توغرىسىدا بىر پارچە ئارخىپ مىسالى خاتىرىلەنگەن.

  ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: جىمىساردا تۇرۇشلۇق قوشۇننىڭ چىرىكلىرى ئىلگىرى ياۋا توخۇ ئوۋلاۋېتىپ بىر تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ قالىدىكەندە، بىر قىيانىڭ تۆپىسىدە ئۆرە تۇرغان بىر ئادەمنى كۆرۈپ قالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تاغ جىلغىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ يېقىن بېرىپ قارىسا ئۇ، يەر يۈزىدىن 4-5 گەز ئىگىزلىكتىكى قىيادا سۆسۈن رەڭلىك كىگىز كىيىم يېپىنچاقلىۋالغان، يۈز قىسمى بىلەن قول- پۇتلىرىنى تامام بىر سۇڭچە ئۇزۇنلۇقتىكى قارا تۈك بېسىپ كەتكەن ئادەم شەكىللىك بىر مەخلۇق ئىكەن، ئۇنىڭ يېنىدا يەنە ئانىدىن تۇغما ھالەتتىكى قىپيالىڭاچ 4-5تۈكلۈك ئادەم بىر-بىرسىگە قارىشىپ ئولتۇرۇپ كاۋاپ يەۋېتىپتۇ.

  ئۇلار چېرىكلەگە قاراپ كۈلۈشۈپ كېتىپتۇ، سۆزلىرى نە بىر موڭغۇلچىغا، نە بىر ئېلۇتچىغا، نە بىر خۇيزۇچىغا، نە بىر تىبەتچىگە ئوخشىمايدىكەن. قۇش سايرىغاندەك ۋىچىرلاپ ئاۋاز چىقارغاچقا ھېچنىمىنى ئۇققىلى بولمايدىكەن. قارىماققا ئۇلار ئالۋاستىغىمۇ ئوخشىمايدىكەن. چېرىكلەر يۈكۈنۈپ ئۇلارغا تازىم قىپتۇ، ئۇلار بىر نەرسىنى قىيانىڭ ئاستىغا تاشلاپتۇ. قارىسا ياۋا ئېشەكنىڭ كاۋاپ قىلىنغان يېرىم پۇت گۆشى ئىكەن. چېرىكلەر يەنە يۈكۈنۈپ تازىم قىلىپ ھەشقاللا ئېيتىپتۇ، ئۇلار قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپتۇ. چېرىكلەر بۇ كاۋاپنى تۇرالغۇسىغا ئالغاچ كېتىپ 3-4كۈندە ئاران يەپ تۈگۈتۈپتۇ. كېيىن چېرىكلەر بىر يىلقىچىنى ئېلىۋېلىپ ئۇ يەرگە بارسا ياۋا ئادەمنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن چېرىكلەر ئۇلارنى تاغ مۇئەككىللىرىگە چىقىرىپ بولدى قىپتۇ.

  «شىنجاڭ ساياھەت خاتىرىسى» بۇندىن 80يىل بۇرۇن يېزىلغان غەرپكە ساياھەت كۈندىلىك خاتىرىسىدۇر. ئۇنىڭ ئاپتورى شيې بياۋ بېيياڭ(چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى لياۋنىڭ، خېبېي، شەندۇڭلارنىڭ دېڭىز ياقىسىنى كۆرسىتىدۇ-ئوكيانۇس لۇغىتىدىن) ھۆكۈمىتى مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى سالاھىيىتىدە 14ئاي 10مىڭ كىلومېتىردەك يول يۈرۈپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مالىيە- سودا، خەلق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ. 1917-يىلى 7-ئاينىڭ 14- كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 5- كۈنىگىچە ئۇ گۇمىدىن ئەندىرگىچە، ئاندىن خوتەنگە بارغۇچە 23كۈن ۋاقىت سەرپ قىلغان. مۇشۇ ۋاقىتتىكى 7-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى كۈندىلىك خاتىرىسىگە ئۇ ئىنتايىن قىممەتلىك بولغان بىر دلا تەكشۈرۈش ماتىرىيالىنى يېزىپ قالدۇرىدۇ.

  خاتىرىگە مۇنداق يېزىلغان: بەزى كىشىلەر ئىلگىرى خوتەننىڭ جەنۇبى تەرىپىدە ياۋا ئادەمنى كۆرگەن، ئۇنىڭ قۇيرۇقى بولۇپ ئۇزۇنلۇقى 4-5سۇڭچە كېلىدىكەن. 7-8يىل ئىلگىرى بىر ئايال ئېرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ تاغ جىلغىسىغا يامانلاپ چىقىپ كېتىپتۇ ۋە ئۇ يەردىكى بىر ياۋا ئادەم بىلەن ئۇزۇن يىل بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ. ھەيران قالارلىقى شۇكى ئۇ ئايال ياۋا ئادەمدىن بىر قانچە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلىك بوپتۇ. كېيىن بۇ ئايال بالىلىرىنى ئىلگىرى ئۆزى تۇرغان ئۆيگە ئېلىپ كېلىپ كەچۈرمىشلىرىنى ئۇرۇق-تۇققان، يۇرتداشلىرىغا تارتىنماي سۆزلەپ بېرىپتۇ. بىرنەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ جايغا ئوت كېتىپتۇ. كىشىلەر دەريادىن بىر كىچىك بالىنىڭ جەسىدىنى سۈزۈۋاپتۇ. بۇ جەسەتنىڭمۇ كىشىلەر ئىلگىرى كۆرگەن ياۋا ئادەمنىڭكىگە ئوخشاش قۇيرۇقى بار ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇ جەسەتنىڭ ھېلىقى ئايال بىلەن ياۋا ئادەمنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى جەزم قىپتۇ.

  60 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ يەردە يەنە ئىككى قېتىم ياۋا ئادەمنى كۆرۈش ئارخىپ مىسالى يۈز بەردى. 1980-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى شىزاڭ ئالى قۇراللىق ساقچى قىسمىغا بىۋاستە قاراشلىق ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ كادىرى ۋاڭ شياۋپىڭ گۆرۈگە مال قويۇپ پۇل ئەكىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋېتىپ، شىنجاڭدىن شىچۇەن دەرياسىغا قايتىش يولىدىكى خوتەننىڭ بۇلاقسۇ جىلغىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىدا تۇساتتىن، ماشىنىنىڭ ئوڭ ئالدى تەرىپىدىن 150مېتىر يىراقلىقتىكى بىر جايدا تۇرغان ئىگىزلىگى تەخمىنەن 2 مېتىرچە كېلىدىغان، پۈتۈن بەدىنىنى كۈلرەڭ تۈك قاپلاپ كەتكەن ئادەمسىياق بىر مەخلۇقنى كۆرۈپ قورققىنىدىن ئۇنىڭغا قارىتىپ ئوق ئاتىدۇ. لېكىن تۈكلۈك ياۋايى ئادەم ئۆرە ھالەتتە ناھىيىتى تېز يۈگۈرۈپ بىردەمدىلا كۆزدىن غايىپ بولىدۇ. يەنە بىر ۋەقە 1983-يىلى 4-ئايدا يۈز بەرگەن بولۇپ، قەشقەر پوچتا- تېلېگراف ئىدارىسى يەتكۈزۈش پونكىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئەمەت بىلەن بىر خىزمەتدىشىمۇ يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان جايدا يۇقۇرىدا تەسۋىرلەنگىنىدەك تۈكلۈك ياۋا ئادەمگە ئۇچراپ قېلىپ ئىنتايىن قورقۇپ كەتكەن ھەم ئۇزۇنغىچە ۋەھىمە ئىچىدە ياشىغان.

پامېر ياۋا ئادىمى

  « ياۋا خالىق» قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پامېر ئىگىزلىگىدە ياشايدىغان تاجىك مىللىتىنىڭ رىۋايەتلىرىدىكى ياۋا ئادەمدۇر. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر، قىرغىزلارمۇ ئۇنى «ياۋا ئادەم» دەپ ئاتايدۇ. شۇ يەردىكى قازاقلارنىڭمۇ قار ئادىمىنى كۆرگەنلىك توغرىسىدىكى خاتىرىسى بار. يېقىنقى 100يىلدىن بۇيان، دۇنيانىڭ  ھەرقايسى جايلىرىدىن ياۋا ئادەمنى كۆرگەنلىك توغرىسىدىكى مەلۇماتلار ئۈزلۈكسىز تارقىلىپ تۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە پامېر ئېگىزلىگى رايۇنى ياۋا ئادەم بايقىلىش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ رايون بولۇپ كەلدى. پامېردا كىشىلەرنىڭ ياۋا ئادەمنى تەسۋىرلىشى ئاساسەن ئوخشايدۇ. ئىككى خىل ئوخشىمىغان جانلىق ئىچىدە بىر تۈرى ئادەمگە ئوخشاپ كەتسە، مۇناسىۋەتلىك دوكلاتنىڭ تەسۋىرلىشىگە ئاساسلانغاندا «ھىمالايا قار ئادىمى»گە ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن .

  1906-يىلى باراكىن ئىسىملىك بىر روسىيىلىك ئىكىسپىدېتسىيىچى ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا ئادەم ئىرقىغا تەۋە بىر تۈكلۈك مەخلۇقنى كۆرگەن ۋە ئۇ تۈكلۈك مەخلۇق ئالىملار ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن تۇنجى پامېر ياۋا ئادىمى دەپ ئاتالغان. 1925-يىلى، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ئاق باندىتلارنى قوغلاپ پامېر رايۇنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا بىر تاغنىڭ قېتىدا تۇساتتىن بىر قاتار ياۋا ئادەم قالدۇرغان پۇت ئىزلىرى بايقىلىدۇ. ئۇلار بۇ ئىزنى بويلاپ بىر تاغ ئۆڭكىرىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۆڭكۈر ئىچىگە مۈكۈنىۋالغان ئادەمگە تولىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر غەلىتە مەخلۇقنى كۆرىدۇ ھەمدە قورقۇپ ئەرۋاھى ئۇچقان ئەسكەرلەر ئۇ مەخلۇقنى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. ھەربىي دوختۇر ئۇنىڭ جەسىتىنى يېرىپ ئاناتومىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن تاش دۆۋىسى ئىچىگە كۆمۈۋېتىدۇ. ئۇنىڭ يۈز قىسمىنىڭ ئالاھىدىلىگى:« قارا كۆز، چىشلىرى بىر قەدەر ئۇزۇن، شەكلى ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭكىگە يېقىن كېلىدۇ. ئالدى پىشانىسى يانتۇ، قېشى ناھىيىتى ئۇزۇن، پولتىيىپ چىققان جاغ سۆڭىكىدىن يۈز قىسمى موڭغۇلغا ئوخشايدۇ، بۇرنى پاناق، ئېڭىكى كەڭ ھەم چوڭ». تاشقورغان ناھىيىلىك مەدەنىيەت سارىيىنىڭ باشلىقى تابىلدى مۇنداق دەيدۇ:« 1937-يىلى كىشىلەر پامېردا ئالما دەرىخىنىڭ تۈۋىگە ئورا كولاپ بىر ياۋا ئادەمنى تىرىك تۇتىۋالغان. گەرچە كېيىن كىشىلەر ئۇنىڭغا كىيىم- كېچەك بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھېچنېمە يىگىلى ئۇنىمىغان. كېيىن كىشىلەر ئۇنى ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالمىسۇن دەپ قويۇپ بەرگەن».

  1941-يىلى، w.s كاجېسىدوف ئىسىملىك سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ دوختۇرى پامېردىكى بىر كىچىك تاغلىق كەنتتە پۈتۈن بەدىنىنى تۈك باسقان بىر غەلىتە مەخلۇقنى يولۇقتۇرغان. ئۇ سۆزلەشنى بىلمەيدىكەن، پەقەتلا ھۇۋلىيالايدىكەن. كېيىن چېگرا قاراۋۇلخانىسىدىكى بىر ئەسكەر ئۇنى ئېتىپ ئۆلتۈرىۋېتىپتۇ. بۇنىڭدىن ھەربىي دوختۇر بەكلا ئازاپلىنىپ بۇ ئىشنى خەۋەر قىلپ يېزىپ بىر تىببى ژورنالدا ئېلان قىلغان. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي، w.kلېۋىندىيا ئىسىملىك بىر ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاشنى تەپتىش قىلىش ئەمەلدارىمۇ پۈتۈن بەدىنىنى تۈك قاپلىغان، ياپىلاق يۈزلۈك، ئىككى پۇتى غەلىتە بىر ياۋا ئادەمنى 50-60 مېتىر يىراقلىقتىن كۆرگەنلىكى توغرىسىدا دوكلات يازغان.

  1953-يىلى، تاشقورغان ناھىيىسىنىڭ مارياڭ يېزىسى 3-چوڭ ئەترىتىدىكى ساتتارخان ئېشەك مىنىپ تاغدىن چۈشۈپ كېتىۋاتقىنىدا تۇساتتىن، ئېشىگى قورقۇپ ھاڭراپ كېتىدۇ. ئەسلىدە، ئالدى تەرەپتىكى ئوتلاقتا سېرىق تۈكلۈك بىر ئادەمسىمان مەخلۇق ئىسقىرتقاندەك ئاۋاز چىقارغان ئىكەن. ساتتارخان كەنتكە قايتقاندىن كېيىن بۇ ئىشنى ناھىيىلىك ج.خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى زۇلالغا دوكلاپ قىلغان. كېيىنكى تەكشۈرۈشتە تۈكلۈك ياۋا ئادەمنىڭ نەق مەيداندا قالدۇرغان پۇت ئىزلىرى بايقالغان ۋە ئۇنىڭ قارلىق تاغ تەرەپكە كەتكەنلىكى ھۆكۈم قىلىنغان.كېيىن بۇ ۋەقە يەرلىك كىشىلەر ئارىسىغا كەڭ تارقالغان.

  1957-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى، لېنىنگىراد ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ سۇ مۇتەخخەسىسى پولونىن پامېردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئادەم سىياقلىق مەخلۇقنى كۆرگەن. 1958-يىلى 1- ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى «بېيجىڭ گېزىتى»دە 1-ئاۋغۇست كىنو ئىسدوتىيىسىنىڭ رېژېسورى بەي شىننىڭ « مەن بىلىدىغان قار ئادەم» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە ئۇلار پامېر ئىگىزلىكىگىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقىتتا ئىككى ئادەمسىمان مەخلۇقنى كۆرگەن چاغدىكى مەنزىرىنى بايان قىلغان بولۇپ ئەپسۇسلىنارلىق بەيشىن ياۋا ئادەمنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالمىغان. پامېر تاغلىرى ئارىسىدىكى سانەن مۇزلۇقلىرى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى تاشلىق تاغ باغىرلىرىدا ياۋا ئادەمنىڭ ئاياق ئىزى تولۇپ ياتىدۇ دەيدىغان ئېيتىلمىلار نۇرغۇن. 1981-يىلى، كىشىلەر يەنە بىر قېتىم تاشقاتمىغا ئايلانغان ئىككى ياۋا ئادەمنىڭ پۇت ئىزىنى بايقىغان.

ئالتۇنتاغدىكى غەلىتە، يوغان پۇت ئىزى

  ئالتۇن تاغ شىنجاڭ بايىنغولىن ئاپتۇنۇم ئوبلاستى چارقىلىق ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ تارمىقىغا تۇتۇشۇپ غەرپتىن شىمالغا سوزۇلۇپ ياتىدۇ. بۇ يەرنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئىگىزلىگى 4500 مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، مىلادى 3-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى يەر پوستى ئۆزگۈرىشىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، يېپىق شەكىلدىكى تاغ ئارىسىدىكى ئويمانلىقلار، ئىگىز چوققىلار، چوڭقۇر جىلغىلار، قويۇق ئورمان-چاتقاللار گېرەلىشىپ ئادەملەردىن خالىي ،  ياۋايى ھايۋانلارنىڭ كۆڭۈللۈك باغچىسىغا ئايلانغان. 10نەچچە يىل ئىلگىرى، دۆلىتىمىز بۇ جاينى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. قوغداش رايونى ئىچىدە ياۋا تۆگە، چىپار باش غاز، قار يىلپىزى قاتارلىق قىممەتلىك ھايۋاناتلاردىن 50نەچچە خىلى بار. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك ھايۋاناتلارنىڭ سانى 150مىڭدىن ئاشىدۇ. بىراق، ئويلىمىغان يەردىن بۇ ھايۋاناتلار پادىشاھلىقىدىن ئېنىقلا «چوڭ پۇتلۇق» غەلىتە مەخلۇق چىقىپ قېلىپ نۇرغۇنلىغان زوئولوگىيەشۇناسلارنى تاڭ قالدۇردى.

  قوغداش رايۇنى خادىمىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بىر قار ياغقان كۈنى كەچقۇرۇن شۇ يەرلىك چارۋىچى مەمەت روزى ئالتۇن تاغ باغرىدىكى بىر ئوتلاقتا مال بېقىۋاتقاندا تۇساتتىن، قوللىرىنى ئىككى تەرەپكە سېلىپ ئۆرە مېڭىپ كېتىۋاتقان، ئۇچىسىغا ھېچقانداق كىيىم كىيمىگەن غايەت زور بىر مەخلۇقنى كۆرۈپ قالغان. ئۇ قورققىنىدىن قاراپ بايقىغانكى، بۇ غەلىتە مەخلۇقنىڭ بەدىنىدە ھېچقانداق تۈك يوق ئىكەن، چاچلىرى يەلپۈنگىنىچە قارلىق دالىدا ئۇچقانداق كېتىۋېتىپتۇ. قارلىق شىۋىرغان كۈچلۈك، ھاۋا تۇتۇق بولغاچقا ئۇ مەخلۇقنىڭ چېچىنىڭ رەڭگىنى ئېنىق ئىلغا قىلالماپتۇ. بىرازدىن كېيىن، غەلىتە مەخلۇق ئاپئاق قارلار ئىچىدە كۆزدىن غايىپ بوپتۇ. شۇ چاغدا چارۋىچى مەمەت روزى تولىمۇ قورقۇنچ ۋە ھەيرانلىق ئىچىدە بۇ غەلىتە مەخلۇق قالدۇرغان ئىزلارنى تەپسىلى كۈزۈتۈپ، ئۇ پۇت ئىزلىرىنىڭ توپ-توغرا قوينىڭ بىر پاچىقىچىلىك كېلىدىغانلىقىنى، قەدەم ئارىلىقىنىڭ قورامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ ئىككى ھەسسىسىچىلىك كېلىدىغىنىنى بايقاپتۇ.

  ئۆزىنى ياۋا ئادەمنى كۆردۈم دەپ ئاتايدىغان چارۋىچىلارنىڭ بۇ «سىرلىق مېھمان»لارنى تەسۋىرلىشى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بەزىلەر ھەتتا بۇ تۈردىكى مەخلۇقنى قار ئادەم ياكى ياۋا ئادەم دەپ ئاتايدۇ. ھەر خىل ئاقما گەپلەرنى خۇلاسىلىگەندە بۇ چوڭ پۇتلۇق غەلىتە مەخلۇقنىڭ مۇنداق ئالاھىدىگى بار: بويى 2مېتىر ئەتراپىدا؛ قار ياغقان كۈنى سىرتتا پائالىيەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن باشقا يىرتقۇچ ھايۋانلارغا ئوخشاش ئادەملەرگە ھۇجۇم قىلمايدۇ؛ بەدىنى قارىماققا كالامپاي كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ھەرىكىتى چەبدەس، سەكرىشى يەڭگىل بولۇپ ئانچە كۈچىمەيلا 1مېتىر ئىگىزلىكتىكى توسۇقتىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ. بىراق، بۇ ئاشۇ يەرلىك كىشىلەر ئېيتىپ كېلىۋاتقان ئەپسانىدۇر، ئۇنىڭغا ئېنىق بولغان بىر پاكىت يوق. ئۇنداقتا، ئالتۇن تاغدىكى چوڭ پۇتلۇق مەخلۇق بىر رىۋايەت، ئاساسى يوق يالغان گەپمىدۇ؟ مۇناسىۋەتلىك مۇتەخخەسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، 1984-يىلى 10-ئايدا، كىشىلەر تاسادىپى ھالدا ئۇنىڭ ئىز- دېرىكىنى بايقاپ قالغان. ئەينى ۋاقىتتا، شىنجاڭ تاغقا چىقىش كوماندىسىنىڭ 4تەنھەركەتچىسى ئالتۇنتاغدىكى مۇزتاغ چوققىسىغا چىقىشنىڭ ھارپا كېچىسى، دېڭىز يۈزىدىن 5800مېتىر ئىگىزلىكتىكى مۇزلۇقتا بىر كېچە تۈنىگەن. ئەتىسى سەھەردە ئويغانغاندىن كېيىن ئۇلار ھەيرانلىق ئىچىدە چېدىرنىڭ ھەممە ئەتراپىنىڭ ناھىيىتى يوغان كەلگەن ئاياق ئىزىغا توشۇپ كەتكەنلگىنى بايقىغان. بۇ ئاياق ئىزلىرى ئالدى تەرەپكە سوزۇلۇپ بىر غايەت زور مۇزلۇقنىڭ ئارىسىدا غايىپ بولغان. لېكىن، جاندىن ئۆتىدىغان قەھرىتان سوغۇق، قار دېڭىزىدەك بۇ ماكاندا ئادەتتىكى كىشىلەر ھەرگىزمۇ ئاياق باسالمايدۇ. بۇ بەلكى چوڭ پۇتلۇق مەخلۇقنى ئۇزۇن مۇددەت كىشىلەرنىڭ بايقىيالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى بولسا كېرەك.

  ئەينى ۋاقىتتا، شىنجاڭ تاغقا چىقىش كوماندىسىنىڭ فوتوگرافى مۇز تاغ ئاستىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 5000مېتىرچە كېلىدىغان قۇملۇقتا بىر قىسىم ناھىيىتى ئېنىق بولغان يوغان ئاياق ئىزىنى سۈرەتكە تارتىپ، نەق مەيداندا ئۇ ئىزلارنى ئۆلچەپ چىققان ۋە بۇ پۇت ئىزلىرىنىڭ 50-67 سانتېمېتىر، كەڭلىگى 13-15 سانتېمىتىر، چوڭقۇرلىقىنىڭ 4 سانتىمىتىر، ئەڭ چوڭقۇر يېرىنىڭ6.5 سانتېمىتىر، ھەر بىر قەدەم ئارىلىقىنىڭ 1.5 مېتىر، ئەڭ چوڭىنىڭ بولسا 2 مېتىر كېلىدىغىنىنى بايقىغان.

  بىر مۇتەخخەسىس تەھلىل قىلىپ:« بۇ يوغان پۇتلۇق مەخلۇق دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان تىبەت ئېيىقى بولىشى مۈمكىن. چۈنكى تىبەت ئېيىقى يل ماڭغاندا كەينى پۇتى ئالدى پۇتىغا بەك يېقىن ماڭىدۇ. كەينى پۇت ئالدى پۇت ئىزىنى بېسىپ ماڭغاچقا كەينى پۇتنىڭ بىر قىسمى ئالدى پۇتنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ كىشىلەر كۆرگىنىدەك ئادەمنىڭ پۇتىغا ئوخشايدىغان يوغان ئىز قالىدۇ. بۇ گەپ چىقىشى بىلەن نۇرغۇن مۇتەخخەسىسلەر ئەجەپلىنىدۇ، يەنە ئاز بولمىغان كىشىلەربۇ كۆز قاراشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. يوغان پۇتلۇق مەخلۇقنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت ئۆرە ھالەتتە مېڭىشى ئىنتايىن چوڭ گۇمانلىق نۇقتىنىشەكىللەندۈرىدۇ. كىشىلەر يوغان پۇتلۇق مەخلۇقنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان نۇرغۇن سىرنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ.

ئالماس ياۋا ئادىمى

  15-ئەسىردە، گېرمانىيە باگولىيەلىك ھەنىس. خىلبوگېر ئىسىملىك بىر ئاقسۆڭەك بىر قېتىملىق جەڭدە تۈركلەر تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشۈپ كېيىن بىر كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىگە ئاپىرىۋېتىلىپ، موڭغۇل شاھزادىسىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىدۇ. بىر يىلى ئۇ، موڭغۇل شاھزادىسىگە ئەگىشىپ ئالتاي تېغىنىڭ غەربىي دوقمۇشىغا كېلىپ ئىكىسپىدېتسىيە قىلىدۇ. يەرلىك كىشىلەر ئۇلارغا بۇ گەپنى ئېيتىپ بېرىدۇ:« تاغ تىزمىسىنىڭ تۆۋەن تەرىپى بىپايان چۆللۈك. ھەممە يەر يىلان ۋە يولۋاسنىڭ ماكانى، ئادەم ياشىيالمايدۇ. پەقەت ياۋا ئادەم «ئالماس»لا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشىيالايدۇ. «ئالماس»لارنىڭ يۈزى بىلەن ئىككى قولىدىن باشقا ھەممە يېرىنى ئۇزۇن تۈكلەر قاپلىغان. ئۇلار ئوت- چۆپ ۋە دەرەخ يوپۇرمىغىنى يەپ ھايات كەچۈرىدۇ».

  ئىكىسپىدېتسىيىچىلەرنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن شۇ يەرنىڭ بېگى ئۇلارغا ئورمانلىقتىن تۇتۇپ ئەكەلگەن بىر جۈپ «ئالماس»ئادىمىنى شاھزادىگە سوۋغا قىلىدۇ. 1427-يىلى، خىلبوگېر باگولىيىگە قېچىپ كېلىپ، يۇقۇرىدىكى ۋەقەنى ئۆزىنىڭ ئىكىسپىدېتسىيە ساياھەت خاتىرىسىگە يازىدۇ. بۇ ئالتۇنتاغدىكى «ئالماس» ياۋا ئادىمى توغرىلىق خاتىرىلەنگەن تۇنجى يازما ماتىرىيال بولسا كېرەك. ئۇندىن باشقا، تارىختا بىر قىسىم لامالارمۇ دىنىي مۇراسىم رەسىملىرىگە «ئالماس» دېگەن خەتنى يازغان. 1871-يىلى، پورۋارىسكىيمۇ «ئالماس» ياۋا ئادىمىنى كۆرگەن.

  1963-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقىلىق دوختۇر يىفىلوف ئالتاي تېغىنى ساياھەت قىلىۋاتقاندا 3نوپۇسلۇق «ئالماس» ياۋا ئادىمىنى كۆرگەن. ئەينى چاغدا، ئۇلار بىر تەرەپتىكى تاغ قاپتىلىدا ئۆرە تۇرغان بولۇپ ئىككى تەرەپنىڭ ئارىلىقى 200مېتىر كېلىدىكەن. دوختۇر قوش كۆزلۈك دۇربۇن بىلەن بۇ ئالاھىدە بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ئۇلار تاغ جىلغىسىغا كىرىپ كۆزدىن غايىپ بولغۇچە تەپسىلى كۈزەتكەن. كېيىن كىشىلەر دوختۇرغا بۇ يەردىكى دەريادىن سۇ كېچىپ ئۆتكەن «ئالماس» ياۋا ئادىمىنى كۆرگەنلىكى توغرىسىدا ئېيتىپ بېرىدۇ.

  بۈگۈنكى كۈندىمۇ شىمالىي شىنجاڭدىكى كۆيۈك تاغقا يېقىن بىر جايدىمۇ «ئالماس» دەپ ئاتىلىدىغان بىر يەر بار. ئېيتىلىشىچە، بۇ يەردە ئىلگىرى ياۋا ئادەم كۆرۈلۈپتىكەن.

ئۇنىڭ تەسۋىرلىنىشى ئوخشىمىغان خاتىرىلەردىن كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بوي ئىگىزلىگى ھازىرقى زامان موڭغۇل كىشىلىرىنىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئىككى پۇتى بىر ئاز ئىچ مايماق، تىزىنى ئېگىپ ماڭىدۇ. لېكىن يۈگۈرىشى بەك تېز؛ ئاستى- ئۈستى ئېڭىكى بەك چوڭ، ئاستى ئېڭىكى كەينىگە ئېگىلگەن، قاش سۆڭىكى موڭغۇللارنىڭكىگە قارىغاندا روشەنلا پولتىيىپ چىققان.

يۇلغۇن بالا

  «خانىدانلىق تېرىتورىيىسىدىكى غەربىي يۇرتنىڭ سۈرەتلىك تەزكىرىسى»- چيەنلۇڭنىڭ 21-يىلى (1756-يىلى) ليۇ تۇڭسۇن قاتارلىق ئەمىرلەرنىڭ يارلىقىدا چىڭ قەلەمدار بەگلىرى تۈزۈتۈش كىرگۈزۈپ يېزىپ چىققان زېمىن تەزكىرىسىدۇر. ئۇۇنىڭدا جيا يۈگۇەننىڭ سىرتىدىكى ئەينى چاغدىكى شىنجاڭنىڭ پۈتكۈل چېگراسى، تارىخ- جۇغراپىيەسى ۋە مىللىي مەدەنىيەتىنىڭ مۇھىم تۆھپىسى تەتقىق قىلىنغان. بۇ كىتاپتا ياۋا ئادەم توغرىلىقمۇ مەزمۇنلار بار بولۇپ 47- جىلىدىدا مۇنداق خاتىرىلەنگەن؛« ئۈرۈمچىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى تاغ ئارىسىدا ھەر قېتىم يۇلغۇن ئۆسىدىغان مەزگىلدە يۇلغۇن بالا دەپ ئاتىلىدىغان، بوي ئىگىزلىگى ئاران 1-2 چى كېلىدىغان، يۇلغۇن يوپۇرمىقىدىن چەمبىرەك ياساپ بېشىغا كىيىۋالىدىغان، تاغ جىلغىسى ئەتراپىدا قىپيالىڭاچ يۈگۈرۈپ يۈرىيدىغان بىر بالا بار، ئۇ باشقىلار تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنىپ، بىر نەرسە يىگىلى ئۇنىماي ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىغان ھادىسە.

10 نەچچە يىلدىن كېيىن يۇلغۇن بالا توغرىسىدا جى شاۋلەن «يۆۋېي ساتمىسىدىكى خاتىرىلەر» دېگەن كىتابىنىڭ 3-جىلىدى ‹لۇەنياڭدا سالقىنداش خاتىرىسى›گە مۇنداق يازغان: « ئۈرۈمچىنىڭ ئەتراپىدىكى تاغ ئارىسىدا چارۋىچىلار ھەمىشە ئىگىزلىگى 1چىدىن ئازراقلا ئېگىز كېلىدىغان پەتەك ئادەملەرنى كۆرىدىكەن. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوغۇل- قىز، قېرى-ياش ھەممىسى بار ئىكەن. يۇلغۇن چېچەكلىگەندە بۇلار يۇلغۇن تېلىدىن چەمبىرەك ياساپ بېشىغا كىيىۋېلىپ قاتار بولۇپ ئۇسۇل ئوينىغىچە «ھۇۋ!ھۇۋ!» دەپ چۇرقۇرىشىپ ماڭىدىكەن. بەزىدە چېرىكلەرنىڭ تۇرالغۇلىرىغا يېمەكلىك ئوغۇرلىغىلى كىرىپ تۇتۇلۇپمۇ قالىدىكەن ۋە تىزلىنىپ، يالۋۇرۇپ يىغلىشىپ كېتىدىكەن. قويۇپ بەرمىسە تا ئۆلۈپ كەتكۈچە ھېچنەرسە يىگىلى ئۇنىمايدىكەن. قويۇپ بەرسە شۇ ھامان كېتىشكە جۈرئەت قىلالماي سەل نېرىغا بارغاندىن كېيىن خۇددى چېرىكلەر ئۇلارغا قايتىپ كەل دەپ ۋارقىراۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ تىزلىنىپ ئۇزاققىچە يالۋۇرۇپ يىغلايدىكەن. پەقەت چېرىكلەردىن يىراقلاپ ئەمدى يېتىشەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەندىلا ئاندىن قېچىپ تاغنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۈپ كېتىدىكەن.

لېكىن،خاتىرىدە باشتىن- ئاخىر بىلگىلى بولمايدىغان كاۋاك بار. جى ئۆلىما يۇلغۇن بالىنى پەرەز بىلەن دەرەختىن ئۆزگەرگەن جىنمۇ ئەمەس ھەم تاغدىكى غەلىتە مەخلۇقمۇ ئەمەس، بەلكى رىۋايەتلەردىكى پەتەكلەر دۆلىتىدىكى پەتەكلەر بولسا كېرەك، دەپ يازىدۇ. ئۇلارنىڭ نامىنى بىلمىگەنلىگى سەۋەپلىك جۇغىنىڭ كىچىك بالىغا ئوخشايدىغانلىقى ھەم يۇلغۇن چەمبىرەك تاقاشقا ئامراق ئىكەنلىكىگە قاراپ يۇلغۇن بالا دەپ نام قويىدۇ. كىتاپتا يەنە مۇنداق خاتىرىلەنگەن: ناھىيە ئامبىلى چيۇ تيەنجىن چارۋىچىلىق مەيدانىنى چارلاۋېتىپ يۇلغۇن بالىدىن بىرنى تۇتۇۋېلىپ باغلاپ ئەكەلگەن ۋە ئۇنىڭ ساقال-بۇرۇت، قاش، چاچلىرىنى ئىنچىكە كۈزەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئادەمگە ناھىتىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقى مەلۇم بولغان. شۇنىڭ بىلەن جى شاۋلەن «تاغ-دېڭىز شەجەرىسى» دېگەن كىتاپتا تىلغا ئېلىنغان ياۋا ئادەمنى شەكسىز بار. شۇنداقكەن، ئەڭ كىچىك مۈمكىنچىلىكمۇ چوڭغا ئايلىنىپ، «ليېزى- تاڭنىڭ سۇئالى» دېگەن كىتاپتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يۇبو دۆلىتىمۇ شەكسىز بار بولغان بولىدۇ دەپ كېسىپ ئېيتقان.

جۇڭغار ياۋا ئادىمى

  1906-يىلى 4-ئايدا موڭغۇل زىيالىي بازاربالادىن جۇڭغار رايۇنىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. بىر كۈنى گۇگۇم پەيتى بىلەن كۆپچىلىك چېدىردا ئارام ئېلىۋاتقاندا تۇساتتىن بىرەيلەن يېقىندىكى قۇم دۆڭى ئۈستىدە ئۆرە تۇرغان پۈتۈن بەدىنىنى ئۇزۇن تۈك بېسىپ كەتكەن ياۋا ئادەمنى كۆرىدۇ. ئۇ تەكشۈرۈش ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى كۈزۈتۈپ تۇرغان ئىكەن.ئارىلىق تولىمۇ يېقىن بولغاچقا تەكشۈرۈش ئەترىتىدىكىلەر ئۇنى ئېنىق كۆرۈپ رەسىمىنى سىزىۋاپتۇ. بۇ بايقاش روسىيە ئىلىم-پەن ئاكېدىمىيىسىدىكىلەرنىڭ ناھىيىتى زور دىققىتىنى تارتقان. 1914- يىلى، روسىيە سان پېتېربورگ ئىلىم-پەن ئاكېدېمىيىسى ياۋا ئادەم مەسىلىسى توغرىلىق بىر پارچە تىزىس دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. ئەينى چاغ 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلى بولغاچقا، بۇ بىر پارچە دوكلات دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىيالمىغان. ئۇ دوكلاتتا شىنجاڭ ياۋا ئادىمى توغرىلىق بىر پارچە قىممەتلىك ماتىرىيال بار: 1907- يىلىدىن 1911- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، روسىيەلىك زوئولوگىيەشۇناس W.A كاكىلوف جۇڭغار ئويمانلىقىدا يەرلىك كىشىلەر «جىيا. جىيى» دەپ ئاتايدىغان ياۋا ئادەم توغرىلىق يازما ماتىرىياللارنى ۋە ئۇنىڭ سۈرىتىنى تارتىپ توپلىغان.يازما ماتىرىيالدا جۇڭغار ئادىمى پۈتۈن بەدىنى تۆگە بوتىلىقىنىڭكىدەك سارغۇچ، كۈلرەڭ تۈك بېسىپ كەتكەن، بىلىكى ئۈزۈن، پۇتى قىسقا، تاغقا يامىشىپ چىقىشى تولىمۇ چەبدەس، كەڭ يۈزلۈك، مەڭىز سۆڭىكى گەۋدىلىك، ئاغزى كەڭ، لېكىن كالپۇكى يوق، ئېڭىكى كەمتۈك، يۈز تېرىسىنىڭ رەڭگى قېنىق لېكىن تۈكسىز، دەرەخنىڭ يىلتىزى، تېلى، مېۋە قېقى، قۇش-قۇرۇت، تاشپاقا ۋە غاجىلىغۇچىلار ئائىلىسىدىكى ھايۋانلارنى يەيدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. بۇ ماتىرىيال 1958-يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى بوپورشىنوف تەرىپىدىن بايقالغان ھەم تەتقىقاتىدا پايدىلىنغان.

شىنجاڭدا زادى ياۋا ئادەم بارمۇ-يوق؟ يۇقۇرىدىكى تارىخى يازمىلار ۋە كۆز بىلەن كۆرۈلگەن ئارخىپ مىساللىرىغا قارىغاندا كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە بىر جاۋاپ كېلىدۇ. تەبىئەت دۇنياسى تولىمۇ مۇرەككەپ، ئاددى ئۇسۇللار بىلەن بۇ ئۆزگۈرۈشچان دۇنيانى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز پەقەت سىرلار ئىچىدىكى بۇ چوڭ سىرنى تا ئۇ ئۈزۈل- كېسىل ھەل بولغۇچە ئۈزلۈكسىز بېرىپ تونۇش ۋە ئېچىشتۇر.

«ئىزدىنىش ۋە بايقاش» ژورنىلىدىن شەرەف تەرجىمىسى.

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 19:37:20

ھايۋانلارنىڭ ياۋىسى كۆندۈرۈلگىنىگە ئىشىنىمىز چۈنكى ئۇلارنى ئادەملەر كۆندۈرىدۇ. لېكىن ئادەمنى ياۋىسىغا ئىشەنمەيمەن، چۈنكى ئۇنى نىمە كۆندۈرەر؟ ئەگەر كۆندۈرۈلمىگەن بولسا بىز ھەممىمىز ياۋا ئادەمما؟

'ئادەمنىڭ ياۋىسى يوق.

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 19:48:07

بۇ توغۇرلۇق 90-يىللاردا شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان، ئۇنىڭدا ئاساسلىقى پامىر ياۋا ئادىمى سۆزلەنگەن،

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 20:17:23

ياۋا ئادەم نېمىش قىلسۇن...ئەينى زاماندا ئىچكىرىدىن چىققان كوسا بۇرادەرلەر مەندەك تۈكلۈكلەرنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتكەن گەپ.  بىر ئەسەر بارتىغۇ، قايسى بىر پادىشاھ يەنە بىر پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدا چوكىنى قاچىغا ئۇرۇپ قويسا، ئاۋۇ پادىشاھنىڭ تەزكىرىچىلىرى \"پۇكۇنى پادىشاھ خاقانىمىزغا ساز چېلىپ بەردى' دەپ يازىدىغان. شۇنداقلا بىر ئىش.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 21:52:27

ئون نەچچە يىل بۇرۇن \" شىنجاڭ ياشلىرى\" مىكىن\" خوتەندە ياۋايى قەبىلە بايقالدى\" دېگەن خەۋەر بېسىلغان كېيىن \"جىممىدە يوقىدى بۇ گەپ.

eysatohti يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 22:06:25

تەسىرات ماقالىسى يېزىش بۇرۇندىن تارتىپ بار ئوخشايدۇ،

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 22:15:42

بۇ توغرىسىدا ئىلگىرى بىر ماتېرىيال كۆرگەن ئىدىم، ھەقىيقەتەن سىرلىق

totem يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 23:55:23

جى شاۋلىيەن دىگەن كىم ئۇ؟كىنودىكى غاڭزىغا موخوركا سىلىپ چىكىدىغان بەڭگە شۇما؟

Derwaza يوللانغان ۋاقتى 2010-10-17 00:04:28

ئېيىقنىڭ ئادەم ئېلىپ قېچىپ خوتۇن قىلغانلىقىغا ئائىت ھېكايىلەر باردى بۇرۇن.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2010-10-17 00:10:50

دەل شۇ بەڭگە. بۇرۇن كىنو كىتاپلاردا بۇ توغرىلىق جىق مەلوماتلارنى كۆرۈپ كەتكەن. ھىندونوزىيەدىكى ياۋايى قەبىلە، ئافرىقىدىكى قېنى كۆك رەڭدىكى قەبىلە دىگەندەك ھازىر قارىغاندا ساپلا يالغان خەۋەر ئوخشايدۇ...ھازىر يەر شارى مىقياسىدا ئادەم ئاياغ باسمىغان يەرلەرمۇ ئاز قالدىغۇ دەيمەن. بار بولسا ھېلىغىچە بايقىلىپ بولاتتى...

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2010-10-17 09:57:39

بىزنىڭ جۇڭگۇدىمۇ ھازىرمۇ ياۋايىلار قەبىلىسى بار.

مان بۇ شىنياڭدىكى ياۋا ئادەم قەبىلىسىدىكىلەر تونۇشتۇرۇلغان خەۋەر، كۆرۈپ بېقىڭلار

http://society.news.mop.com/rw/p/2006/0907/15212004.shtml

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-10-17 11:20:01

بۇ ماقالە كېرىيە دەريا بويى ئادەملىرىنى خاتا ھالدا ياۋايى ئادەم دەپ قاراپ يازغان  ماقالە شۇمۇ نىمە ؟

دەريا بويىنى ئىلمى تەكشۈرۈشتىن كىيىن ئۇلارنىڭ سىرىتقى دۇنيا بىلەن ئالاقىسىز ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان .تارىمنىڭ يۈركىدىكى ئوت دىگەن كىتاپتا مۇشۇ توغرىسىدا خېلى مول ئۇچۇرلار بار.

bagzada يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 15:53:27

قوم باسقان شەھەر   نى ئوقۇغانلا  بەلكىم ياۋا ئادەم بارلىقىغا ئىشىنىدۇ... مەنمۇ ياۋا ئادەم با دىسە ئىشىنىمە

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 16:23:46

bagzada:
كوم باسقان شەھەر   نى ئوقۇغانلا  بەلكىم ياۋا ئادەم بارلىقىغا ئىشىنىدۇ... مەنمۇ ياۋا ئادەم با دىسە ئىشىنىمە
bagzada:
كوم باسقان شەھەر   نى ئوقۇغانلا  بەلكىم ياۋا ئادەم بارلىقىغا ئىشىنىدۇ... مەنمۇ ياۋا ئادەم با دىسە ئىشىنىمە

سىزنىڭچە قۇم باسقان شەھەردە تەسۋىرلەنگەن ھەر تەرەپكە پىتراپ كەتكەن قۇياش دۆلىتىنىڭ ئادەملىرى ياۋايى ئادەممىدۇ ؟

بەت: [1]
: شىنجاڭ ياۋا ئادىمىنىڭ سىرى