Birzat يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 09:15:33

ئەركەكلەر كاۋا تاتلىقى يەپ قويۇڭ!!!

نالەن خانقىزنىڭ يولدىشىغا <<كاۋا تاتلىقى>>نى ئوخشۇتۇپ ئىتىپ بىرىپ خوش قىلىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ كاۋىنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى ھەققدىكى بۇ تېمىنى تەييارلىدىم.

ﺑﯘ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﯩﻠﻪﻙ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﯚﺳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﺎﻣﺎﻥ ﻏﻮﻟﻠﯘﻕ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﻛﺎﯞﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯜﺭﻯ، ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﻛﺎﯞﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﻪﻧﺠﺎﻥ ﻛﺎﯞﯨﺴﻰ، ﺗﻪﻛﻰ ﻛﺎﯞﯨﺴﻰ ، ﻣﺎﻧﺘﺎ ﻛﺎﯞﯨﺴﻰ، ﺗﻮﻧﯘﺭ ﻛﺎﯞﯨﺴﻰ ، ﺳﻪﻱ ﻛﺎﯞﯨﺴﻰ...ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻧﺎﻣﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯧﻴﺘﻘﺎﻥ. (ﻛﺎﯞﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻧﻤﻪ، ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺗﯜﺯﯛﺗﯜﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎ ﺧﯘﺭﺳﻪﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻢ).
ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ: ﺗﻮﻧﯘﺭ ﻛﺎﯞﯨﺴﻰ: (ﺗﻮﻧﯘﺭﺩﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﭼﻮﻏﺪﺍ ﭘﯘﺷﯘﺭﻏﯩﻨﻰ ) ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ،
ﻣﺎﻧﺘﺎ ﻛﺎﯞﯨﺴﻰ : ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺳﻮﻏﯘﻕ.
تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن (بىرزات)
ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ: ﻗﻪﻧﺖ ﺳﯧﻴﯩﺶ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ، ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻐﺎ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯩﺸﺸﯩﻖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻳﯚﺗﻪﻝ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺪﯗ.
ﺧﻮﺗﻪﻥ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﺗﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯨﺪﯗ.
ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ ﻧﺎﻣﻰ: cushaw، pumpkin
ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﺎﻣﻰ: 南瓜nan gua
قوشۇمچە ئۇچۇر:
تىببىي تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە كاۋا ئۇرۇقى تەركىبىدە سىنىك مول بولۇپ، ئۇ ئەرلەردىكى مەزى بېزى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ياخشىلاشتا ناھايىتى ياخشى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە ئىكەن. كاۋا كۆپ چىقىدىغان شەرقىي ياۋرۇپا، ئوتتۇرا ياۋرۇپادىكى كاۋا ئۇرۇقى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئەرلەر مەزى بېزى كېسەللىكلىرىگە ناھايىتتى ئاز گىرىپتار بولىدىكەن.

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 09:26:07

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

بىرزاتئەپەنىدى سىزدە مومىيا بارمۇ؟ھىلىقى سۇنۇققا پايدا قىدىغانچۇ.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 09:28:34

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام

يوق ئىدى. تاپماقمۇ تەسمىش ئاڭلىسام. موميا ھەمدە مۇشۇ سۇنۇققا پايدىلىق يېمەك-ئىچمەكلەر ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى كىرىپ كۆرۈڭ!

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 09:45:04

مەكتەپتە سۆڭەك شورپىسى قىلماقمۇ تەس .بىلىق شورپىسى،توخو شورپىسى دىگەندەكلەر قانداق بولا؟

سۇتنى بەك سوغۇق يەل دەيدۇ قىزلار.

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 10:00:29

چاقما كاۋىدا تۇرپان ياپمىسى قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 10:03:27

سۈزۈك، رىشالە قىلغاندا ئىككى پىيالە شېكەرگە بىر پىيالە تۇخۇمنىڭ ئېقىنى قوشتىڭىزما؟ بەك سۇيۇق بولۇپ قالماس؟ مەن مىرىنكا قىلىپ باقاي دەپ بۈگۈن تۇخۇمنىڭ ئېقىنى ئالغانتىم. 3:1 قىلسام بەك تاتلىق بوپ كېتەرمۇ دەپ ئەنسىرەپ تۇرىمەن.

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 10:08:24

ياق، يېرىم پىيالىدىن ئازراق تۇخۇم ئېقىغا بىر پىيالە شىكەر قوشتۇم. ئىككى تۇخۇمنىڭ ئېقىغۇ دەيمەن.بىر پىيالىدىن جىقراق رىشالە چىقىدىكەن. كۆپتۈرۈش تەسكەن، قېتىقتەك بولسا پۈتكىنى ئەمەسكەن، ئۇنىڭدىنمۇ قويۇقراق قوشۇققا ئالسا ئاقمايدىغان بولىدىكەن. ئەگەر كۆپتۈرۈشىڭىز يېتەرلىك بولماي قالغان بولسا، بىرەر ئىككى سائەت تۇرغاندىن كېيىن ئاستىغا سېرىق سۇيۇقلۇق، ئۈستىگە پاختىدەك رىشالە لەيلەپ چىقىدىكەن. ئاۋۇ مېرىنكىنى نىمە دەيدىغاننى ئۇنتۇپ قېلىپ يامان قىينىلىپ كەتكەن ئۆتكەندە، ئەمدى ئېسىمگە سېلىپ قويدىڭىز.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 10:13:47

مەن ماشىنىغىلا سېلىپ ھارغۇچە كۆپتۈرۈۋېتىمەن.
ئۆتكەندە بىر ئايال دەپ بەرگەنتى، رىشالىنى قويۇق قىلىپ ياساپ، ئاندىن ھېلىقى سىقىدىغان نەرسىدە لېسقا سىقىپ چىقىرىپ، دوخۇپكىنىڭ تېمپىراتۇرىسىنى 50 گرادۇسقا تەڭشەپ بىر كېچە قويسىڭىز بولىدۇ، دەپ. بىر سىناپ باقاي دەيمەن، ھېچ قىلالىشىمغا كۆزۈم يەتمەي يۈرگەنتىم. بىر سىناپ باقمىسام. قۇربان ھېيتقىچە تاتلىق-تۈرۈملەرنى پىشۇرۇشنى ئۆگىنىپ ئۆزەم پىشۇرايمىكىن دېگەنتىم بۇ قېتىم.

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 10:23:59

مەنمۇ ماشىنىدا بىر سائەتتەك كۆپتۈرگەن بولمىسا، ئەتىسى قارىسام يەنە ئاستىغا سۈزۈلۈپ چىقىپ قاپتۇ، ماشىنىدا ئىككى سائەتلەر كۆپتۈرسىڭىز بولىدىغان ئوخشايدۇ

yanmas يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 10:51:25

ئەتىگەندە ئاغزىمغا سېرىق سۇ كەلتۈرىۋەتتى، ماۋۇ كاۋا، قوناق، رىشالىلەر.................

yanmas يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 11:01:21

Birzat:

ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ: ﻗﻪﻧﺖ ﺳﯧﻴﯩﺶ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ، ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻐﺎ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯩﺸﺸﯩﻖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻳﯚﺗﻪﻝ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺪﯗ.
ﺧﻮﺗﻪﻥ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﺗﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯨﺪﯗ.

ئەمدى ئاقسۇغا يۆتكىسەك بولغۇدەك كاۋا دېگەننى، دەۋر ئالمىشىپتۇ.

eysatohti يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 11:46:37

كاۋىدا سىنېك ماددىسى كوپ .سېنىك بولسا ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ماددا،...........يېڭى توي قىلغان يىگىتلەر كوپىرەك يەپ قويۇڭوڭلار بۇنىڭدىن .بالىرىڭلار قوشكېزەك...ئۇچكېزەك....ئالتە كېزەك بولۇپ ئۇيغۇر ئاينىيدۇ!  

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 11:47:22

كاۋىغا سەللىمازائامراق ئەمەس ئىدىم، قان بىسىمى بارلارغا پايدا قىلىدىكەندە؟
مۇشۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، بىر سۇئال سورىۋالسام: چوڭلارنىڭ قان بىسىمىنى تۆۋەنلىتىپ، قان قويۇقنى ۋە قان نوكچىسىنى كونترول قىلىدىغان ئۇيغۇر تىبابەت دورىللىرى بارمۇ؟ قان بىسىمى بار، قان نوكچىسى شەكىللەنگەن ياشانغان، ئوتتۇرا ياش كىشىلەر تۇرمۇشتا نىمىلەرگە دىققەت قىلغىنى ياخشى؟

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 11:52:15

رەسىمدىكىسى قەيەرنىڭ كاۋىسى؟

ay~chiwar يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 15:16:36

suzuk:
چاقما كاۋىدا تۇرپان ياپمىسى قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن.

تۇرپان ياپمىسى قانداق  تەييارلىنىدۇ ؟ تەپسىلاتىنى يوللاپ قويۇڭە ...

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 15:17:53

مانتا كاۋىسىدا كاۋا مانتىسى يىيىشكە  ئەمراق

كاۋىدا باشقا نەرسە ئەتسە يىمەيمەن

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 20:13:39

كاۋىدا سۇيۇق ئاش ئەتسە بەك بەلەن بولىدۇ

Micheal-17 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-17 12:02:53

مانا تۈنۈگۈن كەچتە كاۋا مانتىسى يەپ قويدۇققۇ...

kurguyum يوللانغان ۋاقتى 2011-9-1 00:05:08

مەنزە قازان كاۋىسىغا بەكلا ئامراق. قازانغا پۈتۈن پۈتۈن سېلىپ يەپ كىتىمەن. كاۋىنىڭ رەسىمىنى كۈرۈپ ئاغزىمغا سېرىق سۇ كىلىپ كەتتى!


oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2011-9-1 02:01:28

بۇنداق دەپ زىنىككىلا دۈم چۈشمەيلى، ئىسپېرما تەركىبىدىكى مىتال ئېلمىنتلار ئىچىدە كۆپ - ئازلىق  تەرتىپ بويىچە ھەر 100 مىللىلىتىردا ناترىي 300مىللىگىرام، كالىي 100، كالىتسىي 25، زىنىك 15 ، ماگنىيلار 10 مىللىگىرام كىلىدۇ. مەنبە:ئۇلىنىشتىكى


5-بەت، pdf تىكى 463- بەت


http://insitekit.com/Ref7.pdf


بەت: [1] 2
: ئەركەكلەر كاۋا تاتلىقى يەپ قويۇڭ!!!