NALAN يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 03:20:39

كاۋا تاتلىقى

كاۋا تاتلىقى

بەقەت ئۈچلا خۇرۇچ بىلەن گۈزەل ۋە ئاددى بىر ئاخشام تاتلىقى تەييارلاش سىزچە قانداقراق؟ ياراپ قالسا يولدىشىڭىزنىڭ ئىككى ئېغىز ماختىشىغىمۇ ئېرىشىپ قالىسىز تېخى  ھى ھى!

كېرەكلىك خۇرۇچلار: بىر كىلوگرام كاۋا، يېرىم كىلوگرام شىكەر، بىر ئوچۇم سوقۇلغان ياڭاق مېغىزى ياكى بادام مېغىزى.

كاۋىلارنى بىر كورىغا سالغاندىن كېيىن ئۈستىگە شىكەرنى تەكشى سېپىپ يېرىم سائەت ئەتراپىدا تۇرغۇزۇڭ، ئاندىن سۇس ئوتتا بىر سائەت ئەتراپىدا پىىشىرىڭ. (ئوتقا قويۇپ قويۇپ ئۇنتۇپ قالماڭ يەنە ماڭا ئوخشا ھى ھى)پىشقاندىن كېيىن سوۋۇتۇپ ئۈستىگە تەييارلىغان مېغىزىڭىزنى سېپىڭ.

مۇنۇ تېمىنى بايامقى قوناق ئېتىلدۇرۇش ھەققىدىكى تىمىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللاشنى ئويلىغانىدىم، ئەمما ساقلىسام تەستىقلانماي قالدى.  شۇڭا خاپا بولماڭلار ھە كىچىككىنە تېمىنى ئىككىگە بۆلۈپتۇ دەپ. بولسا باشقۇرغۇچىلار ئىككىسىنى بىر تېما قىلىپ قويارسىلەر.   ما تەلىپىم تېمامدىن ئۇزۇن بولۇپ كەتتىمۇ نىمە.

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 06:58:36

بىر قېتىمدا بىر كىلو كاۋا يېۋىتىدىكەندە يولدىشىڭىز؟

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 07:58:04

كاۋا ئۇستىگە شىكەر سىپىپ يىسە سەللىمازا تاتلىق بولۇپ كەتمەمدا؟

eysatohti يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 08:50:22

كاۋا ئەرلەر ئۇچۇن زۇرۇر بولغان ياخشى يىمەكلىك !

matu يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 08:50:52

يولدىشىڭىز نەدىن ؟

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 10:12:57

matu:
يولدىشىڭىز نەدىن ؟

مەتۇ!

نالەن ماڭا بەك ياقتى بۇ تېما، بۈگۈن كەچتە بىر سىناپ باقايمىكىن دەيمەن. نەچچە كۈن ئىلگىرى  ياڭيۇ نېنى قىلىپ باققانتىم،شەكلى يۇپيۇمىلاق چىرايلىق چىقىپتۇ لكىن تەمى تازا خىيالىمدىكىدەك ئەمەس، كەچتە بىر يوللاپ قوياي خۇدا بۇيرۇسا سۈزۈكنىڭ ئەتىر تېمىسىغا قوشۇپ .

matu يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 10:22:37

نىمىگە ھەيران قالدىڭىز espresso؟

كاۋا ، قوناق بىلەنلا بېقىۋىتىپتۇ ، شۇڭا سورىغىنىم

yanmas يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 10:45:04

بولغۇسى خاتۇنغا بۇ بىر قانچە رىسالىنى ساقلاپ قويسام بولغۇدەك.

yanmas يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 10:48:09

bikarchi:

بىر قېتىمدا بىر كىلو كاۋا يېۋىتىدىكەندە يولدىشىڭىز؟

سىلىنىڭ جانابىي ئايال باشلىقمۇ ئۆگەنگىلى تۇرۇپتۇ، بۇ رىسالىنى، قارىغاندا سىلىمۇ كاۋىغا بوردىلىپ كېتىدىغاندەك تۇرىسىلە، ھاھاھا،

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 10:55:08

كاۋا بەك يەلغۇ دەيمەن ھە؟شىكەر قوشۇلسا تېخىمۇ يەل بولۇپ....

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 10:58:00

ياتتلىق بولمىغان قىزۋاللا ساقلاپ كېتىدىغان بولدى -دە ئەمدى . قاچان كاۋا پىشۇرۇپ يەمەن دەپ .

yanmas يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 11:29:08

Guitarfan:
كاۋا بەك يەلغۇ دەيمەن ھە؟شىكەر قوشۇلسا تېخىمۇ يەل بولۇپ....

غەجەك چالغاندا كۈچلۈكرەك چالساڭلا يەلنىڭ ئاۋازىدىن ئەنسىرىمىسەڭلىمۇ بولا....... ، ھاھاھا...........

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 12:39:01

ئورۇقلاۋاتىمەن

تاتلىق نەرسىلەرنى يىمەيمەن

ئاچچىق سۇ قۇيۇپ بېرەمسىز

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 13:05:16

ساقلاپ قوياي....بولىدىغان ئۇسۇلكەن.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 13:21:48

ئاۋارنىڭ ئېيتقىنى كەلدى.

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 13:35:46

كاۋىچىغا كاۋا پايدا....

NALAN يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 16:10:29

ھەي باللار  تاماقتىن كېيىن توق قوساققا يىسىمۇ كۆتىرىدىغان   ھەم ئاسان تاتلىق بۇ \"

ئەمدى يولدىشىڭىز ئاقسۇدىن بولماي قالسا بىر كىلودىن پىشىرىۋالماي ئىككى ئادەمگە لايىق پىشەسەڭلارمۇ بولىدۇ  ھى ھى ~

espresso

ياڭيۇ نېنىنى قانداق پىشىردىڭىز؟ ئورتاقلىشامدۇق

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 08:29:00

مەنمۇ بىر خىل ياڭيۇ توقىچى قىلىمەن، ئاۋۋال ياڭيۇنى سۇدا پىشۇرۇۋېلىپ، mashed potato  قىلغاندەك ئېزىپ، ئاندىن ئازراق ئۇن، شېكەر، تۇخۇم بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سۇيۇق پوشكال خېمىرى قىلىپ، چۆمۈچ بىلەن ياغقا قۇيۇپ پىشۇرىمەن. كىچىك بالىلار بەك ياقتۇرىدۇ. ئۆيگە مېھمان چاقىرىپ قالسام بالىلىرىغا ئالما بەلىچ (Apple pie) ياكى مۇشۇنى قىلىپ بېرىمەن.
جىن بايرىمىغا ئاز قالدى دەپ بېشىمدەك ئۈچ چىقىدىغان كاۋىلارنى سېتىۋاتىدۇ. شۇ كاۋىلاردىن بىرەرنى ئېلىپ تاماق قىلىپ باقسام قانداق بولار، دەپ، يەنە تۇرۇپ كاۋىنى يارسام ئىچىدىن بىر نېمە سەكرەپ چىقىدىغاندەك بىلىنىپ....ئالالمايۋاتىمەن.

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 17:44:04

بەك چىقسا بىرەر ئاقسۇلۇق سەكرەپ چىقار ئىچىدىن، يۇرتداش بولغاندىكىن قورقماي ئېلىۋېرىڭ.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-10-29 20:42:12

ياق ھېلىقىدەك ئۈچ شەرتىڭىزنى ئورۇنداپ بېرىمەن، دەيدىغان ئالۋاستىدىن بىرەرى چىقىپ قالسا شەرتىمنىڭ جىقلىقىدا دەپ بولالماي قالارمەنمىكىن دەپ ئەنسىرەپچۇ.
شۇنداق قىلىپ ياڭيۇ نېنى قانداق بولۇپ كەتتى، ئېسپرەسسو؟ يېڭى ھۈنەرلەرنى ئۆگىنىۋالاي دەپ ساقلاۋاتىمەن.
بەت: [1] 2
: كاۋا تاتلىقى