ئۆيدە قوناق ئېتىلدۇرۇپ باقتىڭىزمۇ؟
ئۆيدە قوناق ئېتىلدۇرۇپ باقتىڭىزمۇ؟بەلكىم سىناپ باققانلار بولىشى مۇمكىن، بىلمەيدىغانلار بولسا دەپ يوللاپ قويدۇم.
كەچلىرى ئۆيدە ئولتۇرۇپ كىنو كۆرگەچ ئېتىلدۇرۇلغان قوناق يىگىڭىز كەلگەن كۈنلىرى كوچىغا چىقىپ ئەكىرىشتىن ئېرىنسىڭىز ئۆيدە ئۆزىڭىز ئېتىلدۇرۇپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئىچىگە قانداق ماي سالغاندۇ دەپ ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان كورىلىرىڭىزدىن بىرىگە قوناقتىن ئازراق سېلىڭ. بەك جىق سېلىۋالسىڭىز تولۇق ئتىلىپ بولماي زايا بولۇپ كېتىدۇ. ئۈستىگە ئىككى قوشۇق ئەتراپىدا شىكەر سېپىپ ئاغزىنى يېپىپ ئوتقا قويۇڭ. پاسىلداپ ئېتىلىپ بولغاندىن كېيىن ئالسىڭىز بولىدۇ. نورمال قوناقتىن سەل كىچىكرەك كەلگەن ئۇشاق قوناقلار بارغۇ، ئۇندىقىنى تاپالىسىڭىز ئېتىلمىقى تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ.
كاۋا-قوناق بىلەنلا باقماي، لەغمەن-پولومۇ ئىتىپ بىرىڭ ئى ئەدەمگە...
كۈچلۈك ئوتتا ئاتامدۇق يا ؟ ئىشنىڭ ئاسىنىغا كىرىشىۋاپتۇ. كاتلېتنىمۇ يوللاڭە~~ مەن قىلالمىدىممەن شەخساەن شېكەر قوشقىنىغا بەك ئامراقتىم لېكىن ئۇزۇن بولدى، تەلەپلەر بويىچە تۇزلا قوشۇۋېتىمەن،باشتا تەمگە كونەلمىگەن،ھازىر شېكەرنىڭ تەمىنى ئۇنتۇپ قالدىم جۇمۇ
مەن مايكروۋېيىۋدا قىلىدىكەنمەن،سىلەر سىناپ باقتىڭلارمۇ؟
مىكرو ئوچاقتا قانداق قىلىدۇ؟ قىلغىلى بولىدۇ دەپ ئاڭلىغان، بىراق قىلىپ باقماپتىكەنمەنكۆپ ھاللاردا تەييار قوناق ئېتىلدۈرمىسىڭىنىڭ خام ماتىريالىنىدىن مانچە قاپ سېتىۋېلىپ ئۆيگە تاشلاپ قويىمىز،ئۇنى مايىكرو ئوچاقتا بىردەمدىلا كۆپتۈرىۋەتكىلى بولىدۇ لېكىن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسە كۆيۈپ كېتىدىغان ئىشمۇ مەسىلىكەن،ھەتتا قەغەزگە ئوت كېتىپ ئوچاقنىڭ ئىچىدە سەللىمازا قورقۇتىۋەتكەن مېنى. شۇنىڭ بىلەن خام قوناقتىن قىلىشنى ئۈگىنىۋالدىم.
كېرەكلىك نەرسىلەر: سېرىق ماي، شېكەر ئېزىلمىسى ياكى تۇز
ئالد بىلەن سېرىق مايدىن(2 قوشۇق ئەتراپىدا)، شېكەر ئېزىلمىسىدىن(بىزغۇ تۇزلا قۇيىىغان بوپ كەتتۇق )3-4 قوشۇقتىن بىر ئاستى تۈز ئەينەك قاچىغا سېلىپ ئارلاشتۇرىمىز ئاندىن ئوچاققا سالىمىز،ئوتنى سۇسغا تەڭشەپ ئەينەكتىن قاراپ تۇرىمىز، بۇ ئارلاشما قىزىپ مېيى ئېرىغاندا ئەينەكتىن كۆرەلەيمىزدە قاچىنى ئالىمىز سىرتىغا، شۇ قوشۇق بىلەن ئوبدان ئېلاشتۇرىمىز، ئاندىن قوناق دانلىرىنى قاچىغا تۆكىمىز ھەم تەكشى ئېلەشتۈرىمىز تاكى ھەممە قوناقتا سېرىق ماي بىلەن شېكەرنىڭ چىرايى كۆرۈنگىچە،ئادندىن قاچىنىڭ ئۈستىگە بىر نەرسە يېپىپ، ئوچاققا سېلىپ ئۇلۇق ئوتتا 2مىنۇتتىن 2يېرىم مىنۇتقىچە ساقلايمىز، باشقا ئىش بولمىسا ئەينەكتىن قاراپ تۇرساقمۇ بولىدۇ قانداق رىئاكسىيەلەر يۈز بېرىۋاتقىنىغا ،مەن تولا شۇنداق مارايمەن
تەجرىبە ساۋاقلار:ھەر خىل ئوچاقلارنىڭ توك كۈچى ئوخشىمىغاچقا بەلكى كېتىدىغان ۋاقىت ئوخشىماسلىقى مۈمكىن شۇڭا تۇنجى قىلغاندا قاراپ تۇرۇش ئەڭ توغرا ئۇسۇل. يەنە بىرسى تەييار بولغان ئېتىلمىنى تۆككەندە ئاستىدا يەنە بىر مۇنچە قوناقنىڭ ئېتىلمىغىنىنى كۆرسىڭىز ھەرگىز تۆكۈۋەتمەي يەنە ئابايىقىدەك سېرىق ماي شېكەر ئارلاشمىسىدىن ئازراق سۈركەپ يەنە ئوچاقتا قايتىلىسىڭىز تېخىمۇ ئوبدان پىشىدىكەن. ھە راس، مەن ئەينەك قاچا ئىشلىتىمەن ئادەتتە، بىر قېتىم سۇلياۋنى ئىشلەتسەم كۈچلۈك ئوتتا سەل شەكلى ئۆزگۈرۈپ قاپتىكەن. يەنە بىرسى ئوچاقتىن ئالغاندا پەلەي كىيىۋېلىشنى ئۇنتۇماڭ.
iphone قوناق ئېتىلدۇرۇپ يىسىمۇ بۇلىدىكەن.