ئىزدىنىش - تۈرك تىلى كۇرسى قانداق بولدى ؟
زىيالىمۇ يىڭى تىما ئىچىپ قويۇپتۇ ، قۇشقاچ مۇئەللىم ، قىنى بىشىنى باشلىغاندىكىن ئاخىرىغا چىقىرىۋەتمەمسىز ؟
بۇرۇنقى تىمىنى باشقىلار ۋاشاڭ قىلىۋىتىپتۇ ، كۆچۈرۈپ چاپلاپ دىگەندەك ، بىزگە ئۇنداقلار كىرەك ئەمەس ، بەلكى ھەركۈنى مەلۇم ۋاقىتنى چىقىرىپ سىستىمىللىق ئۈگىتىدىغانلار كىرەك !
tarim722:
كۆكلەم بەلكىم كۆچۈرۈپ چاپلاپ ۋاشاڭ قىلىۋېتىپتۇ دەپ مېنى دىگەن بولسىڭىز كىرەك .
مېنىڭ يوللىغانلىرىم بولسا ، مەن تور تاقاق ۋاقىتلاردا تۈرك تىل گىرامماتىكا كىتابىدىن ئۇيغۇرچىغا كىتابتىكى گىرامماتىكا رەت تەرتىپى بويىچە تەرجىمە قىلىپ يازغان دەرسلىكلەر ئىدى . پېئىل قىسىمىغا كەلگەندە داۋامىنى يازمىدىم . سىزگىمۇ مۇڭداشقۇدا خەت يازغان ، قۇشقاچ مۇئەلىمگىمۇ قىسقا ئۇچۇردا خەت يازغانتىم ، ئەگەر ئارتۇقچە ئارلىشىۋېلىپ ، كۆچۈرۈپ چاپلاپ تېمىنى ۋاشاڭ قىلىپ قالايمىقان قىلىۋېتىپ، سىلەرنىڭ دەرس ئۆگىنىشڭلارغا تەسىر قىلغان بولسام كەچۈرۈڭلار.
ۋاي ئۇنداق دىيىشىپ كەتمەيلى دەيمەن ، بىز كوت - كوتتا دىيىشىپ بولغانغۇ !
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ياخشىمۇ سىلەر قېرىنداشلار، مەن بۇ مۇنبەرگە يېڭىدىن ئەزا بولدۇم ، مەنمۇ تۈركچىگە بەكمۇ قىزىقىمەن ، ئۆگىنەي دەپ ئويلىغان ئىدىم ،
بولسا ئۇستازلار بىلىمىنى ئايىمىغايسىلە ، ئاللا رەھمەت قىلسۇن.
ئۇرۇمچىنىڭ نەرىدە ئۇگىتىدۇ تۇرىك تىلىنى؟ قانچە پۇل؟مەن پەقەت ئايدا 15 كۇن ۋاقىت چىقىرالايمەن.يەنى بۇ ھەپتە 7 كۇن كىلەر ھەپتە يوق.يەنە بىر ھەپتە 7 كۇن. مەنمۇ قالايماقان گەپ قىپ قويغان بولسام تارىم قاتارلىق قېرىنداشلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن، بولسا تۈرۈكچىنى مۇنتىزىم كۈندە بىر دەرىس ئۈتۈپ بەرگەن بولساڭلار بوپتىكەن. yulhun:
ئۇرۇمچىنىڭ نەرىدە ئۇگىتىدۇ تۇرىك تىلىنى؟ قانچە پۇل؟مەن پەقەت ئايدا 15 كۇن ۋاقىت چىقىرالايمەن.يەنى بۇ ھەپتە 7 كۇن كىلەر ھەپتە يوق.يەنە بىر ھەپتە 7 كۇن.
مەن بىر دوستۇمدىن 200 يۈئەن كە ئاڭلىغان، ئۈچ ئاي ئۆگىتىدىكەن، چۈشتىن كىيىن 6-8 گىچە بولغان ئارلىقتا دېگەندەك قىلدى.