habibulla يوللانغان ۋاقتى 2010-10-15 15:27:13

تارىختا بۈگۈن (16- ئۆكتەبىر )

1854- يىلى 10- ئاينىڭ 16 كۈنى گىرمانىيە سوتسىيالىزىم پائالىيەتچىسى كارىل. كوسىجى دۇنياغا كەلگەن.

1888- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى ئامېرىكا داڭلىق كومىدىيەئاساسچىسى، تىراگىدىيە يازغۇچىسى، 1936- يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتغا ئىرىشكۈچى لۇڭجىن. ئوۋنى دۇنياغا كەلگەن.

1908- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى ئالبانىيە رەھبىرى ئوۋىر خوج دۇنياغا كەلگەن.

1913- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق ڧىزىكا ئالىمى چىيەن سەنچاڭ دۇنياغا كەلگەن.

1922- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى كەيلۇەن كۆمۈر كان ئىشچىلىرى ئىش تاشلاپ مەغلۇب بولغان.

1933- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى ياپۇنغا قارشى بىرلەشمە قوشۇن مەغلۇپ بولغان.

1949- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى دۆلىتىمىز مۇڭغۇلىيە  بىلەن دىپلۇماتىك مۇناسۋەت ئورناتقان.

1950- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى شىزاڭغا كىرگەن.

1954- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى ماۋزېدۇڭ «قىزىل راۋاقتىكى چۈش تەتقىقات مەسىلى توغرىسىدىكى» خەتنى ئېلان قىلدى.

1964- يىلى دۆلىتىمىز تۇنجى قېتىم ئاتۇم بومبىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پارتىلاتتى.

1973- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى نىفىت كىرزىسى پارتىلاپ دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى.

1978-  يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى جوڭگۇ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، 10- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قورۇلتىيى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

1979- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى گېنرال ھاكى پاكىستان چوڭ سايلامدا سىياسىي پارتىيەنى تارقىتىۋېتىشنى  كېيىنگە سۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1984- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى جەنۇبى ئافىرقىلىق نىگىر ئىپسكوپ دېسمىند توتو شۇ يىللىق نوبىل تېنىچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشتى.

1991- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى ئامېرىكىدىكى كىچىك بازاردا قاتىللىق ۋەقەسى يۈز بېرىپ 22 ئادەم ئۆلگەن.

1995- يىلى 10- ئاينىڭ 16-كۈنى ئامېرىكىدىكى يۈز مىڭلىغان نىگىر ئەرلەر نامايىش قىلغان.

1996- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى ۋېيىتمالا پۇتبول مەيدانىدا قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن.

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2010-10-15 19:45:02

تۈگدىما؟

hekemi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-15 21:24:38

ﮔﯘﻧﺘﯧﺮ ﮔﺮﺍﺱ ، ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺴﻰ، ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺩﯨﺮﺍﻣﺎﺗﻮﺭﮔﻰ . ﯰ 1927 - ﻳﯩﻠﻰ 10- ﯪﻳﻨﯩﯔ 16 - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ . ﯰﻧﯩﯔ \"ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﻮﺧﯘﺳﻰ ﯞﻩ ﯰﻧﯩﯔ ﯪﺭﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻰ\" ، \"ﯴﭺ ﻗﯩﺮﻟﯩﻖ ﺭﯨﻠﯩﺲ\" ، \"ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﺵ\" ، \"ﻛﻪﻟﻜﯜﻥ\" ، \"ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ\" ، \"ﺗﯜﻧﯩﻜﻪ ﺩﯗﻣﺒﺎﻕ\" ، \"ﯪﻟﺘﯘﻥ ﺑﯩﻠﯩﻖ\" ، \"ﺗﯧﺮﮔﯧﺘﺘﯩﻜﻰﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺶ\" .... ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﯬﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ . ﮔﯘﻧﺘﯧﺮ ﮔﺮﺍﺱ 1999 - ﻳﯩﻠﻰ \"ﺗﯜﻧﯩﻜﻪﺩﯗﻣﺒﺎﻕ\" ﺭﻭﻣﺎﻧﻰ ﯴﭼﯜﻥ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ - 1959 .ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﭗ ﻧﻪﺷﯩﺮﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ \"ﺗﯜﻧﯩﻜﻪ ﺩﯗﻣﺒﺎﻕ\" ﮔﯘﻧﺘﯧﺮ ﮔﺮﺍﺳﻨﯩﯔ ﺗﯜﻧﺠﻰ ﺭﻭﻣﺎﻧﻰ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﯰﻧﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻞﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﯬﺳﯩﺮﻯ . ﺭﻭﻣﺎﻥ ﯪﭘﺘﻮﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﺩﺍﻧﺴﯩﮓ ﯞﻩ ﯰﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻨﻰ ﯪﺭﻗﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﯰﻧﯩﯖﺪﺍ ﻫﻪﻳﻴﺎﺭ، ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﺧﻨﯩﯔﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺭﻭﻟﻰ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ . ﺑﺎﺵ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻥ ﯮﺳﻜﺎ ﻣﺎﺗﺴﯩﻼﺕ ﺩﺍﻧﺘﺴﯩﮕﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﯰﺷﺸﺎﻕ ﺑﯘﺭﮊﯗﯪﺯﯨﻴﻪﯪﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، ﻛﯚﭖ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﻪ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﯪﺟﺎﻳﯩﭗ ﻣﺎﻫﺎﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﭘﺎﻛﯩﻨﻪﻙﯪﺩﻩﻡ . ﯰ ﯪﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺳﯩﻐﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻼ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﯬﻗﯩﻞ - ﺋﯩﺪﺭﻩﻛﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﯬﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻣﯩﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﺘﯩﻠﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻻﻻﻳﺪﯗ . ﺷﯘﻧﯩﯔﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ، ﯲﺯ ﺗﯧﻨﯩﻨﯩﯔ ﯲﺳﯩﺸﯩﮕﻪ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﯰ ﯴﭺ ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻼ ﯲﺳﯜﺷﺘﯩﻦﺗﻮﺧﺘﺎﺷﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﺎﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﯲﺯ ﯴﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﭼﻮﯕﻼﺭﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ . ﯰ ﻛﯜﻧﺒﻮﻳﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺩﯗﻣﺒﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯩﺮﯨﭗﻳﯘﺭﯗﭖ، ﺩﯗﻣﺒﺎﻕ ﭼﯩﻠﯩﺶ ﻫﯚﻧﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ . ﺩﯗﻣﺒﺎﻕ ﯰﻧﯩﯔ ﺳﺎﺩﺩﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﺵﯞﺍﺳﺘﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﯰﻧﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻐﺎﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﻮﺭﺍﻟﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﯰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺩﯗﻣﺒﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ، ﯲﺯﯨﻨﯩﯔﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺳﺎﺩﺍﺳﻰ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯬﻳﻨﻪﻛﻨﻰ ﺑﯘﺯﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯧﺰﯨﺪﯗ . 2 - ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯰﺭﯗﺷﻰﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ، ﯮﺳﻜﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ - ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﯪﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﭖ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮ ﯲﻣﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﯬﺯﺍﺳﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﻳﺎﺵ ﯲﺳﻤﯜﺭ ﻟﯜﻛﭽﻪﻛﻠﻪﺭ ﮔﻮﺭﻭﻫﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﯲﻟﯩﯟﯨﻠﯩﺸﻘﺎﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻻﻳﺪﯗ ، ﻳﻪﻧﻪ ﯴﮔﻪﻱ ﯪﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻫﻪﻣﺪﻩ ﯰﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﯰﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺩﻳﯘﺳﺴﯧﻠﺪﯗﺭﻗﻘﺎ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﯩﻠﯩﭗ، ﺗﺎﺷﭽﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺳﻪﻧﯭﺕ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﻮﺗﯩﺪﺍﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﻣﻮﺩﯨﻞ، ﯮﺭﻛﯩﺴﺘﯩﺮﺩﺍ ﺩﯗﻣﺒﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﻰ ﺑﺎﻳﺎﺷﺎﺗﻠﯩﺸﯩﺪﯗ . ﯬﻣﻤﺎ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺰ ﯲﺗﻜﻪﭼﻜﻪ، ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺩﯨﻠﻮﺳﯩﻨﯩﯔ ﯪﺳﺎﺳﻠﯩﻖﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﺎﻣﯩﻠﯩﭗ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕ ﯪﺳﺘﯩﻐﺎ ﺋﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺑﯘﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﯰ ﺩﯗﻣﺒﺎﻗﻨﻰ ﭘﺎﺕ - ﭘﺎﺕ ﭼﯧﻠﯩﺶ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﯲﺗﻜﻪﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯬﺳﻠﻪﻳﺪﯗ . ﺭﻭﻣﺎﻧﺪﺍ ﭼﯩﻜﯩﻨﻤﻪ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﯰﺳﯘﻟﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺑﺎﺵ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺳﻪﺧﺲ ﻳﺎﻛﻰ 3 - ﺷﻪﺧﺲ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺭﻩﻫﯩﻤﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻘﺮﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ، 1924 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1954 - ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯪﺭﯨﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﻟﯜﻙ، ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺴﯩﻨﻰﻳﯧﻴﯩﭗ، ﺷﻪﺧﺲ ﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻰ ﯞﻩ ﯬﺧﻼﻗﺴﯩﺰ ﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﯰﻧﻰﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﯮﺳﻜﺎﻧﯩﯔ ﯪﻧﯩﺴﻰ ﯮﻏﻠﯩﻐﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﯪﺷﻨﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ ، ﯮﺳﻜﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﺎﺭﯨﻴﺎ ﯴﮔﻪﻱ ﯪﻧﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻤﯘ ﯰﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯪﭘﺎﻕ - ﭼﺎﭘﺎﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯜﺭﯛﻳﺪﯗ، ﯮﺳﻜﺎﻧﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﯮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﺳﯚﻳﮕﯩﻨﯩﻨﻰ ﯲﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ ، ﯞﺍﻫﺎ ﻛﺎﺯﺍﻻﺭ . \"ﺗﯜﻧﯩﻜﻪ ﺩﯗﻣﺒﺎﻕ\" ﻧﯩﯔ ﯞﻩﻗﻪﻟﯩﻜﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯩﺸﯩﻨﻰﺯﻭﻗﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ . ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺶ ﯰﺳﻠﯘﺑﻰ ﯪﻻﻫﯩﺪﻩ، ﺧﯩﻴﺎﻟﻐﺎ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﺭ ﻗﯩﭗ - ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺﯞﻩ ﻗﻮﭘﺎﻝ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ، ﺗﻮﻟﯘﻕ . ﺗﯩﻠﻰ ﯮﺑﺮﺍﺯﻟﯩﻖ ،ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻮﻝ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯜﺳﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ . ﺑﯘﻧﺪﺍﻕﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﯪﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺭﻭﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﻬﺮﯨﻲ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﯪﺷﯘﺭﻏﺎﻥ .

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-10-15 22:15:40

hekemi يوللىغان ئىنكاس كاتەكچە بولۇپ، كۆرۈنمىدى .

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2010-10-15 22:33:54

سالام ھېكىمى بۇرادەر  باركەنلا ئەمدى ئىزدىنىشنىڭ تارىختىكى بۈگۈن سەھىپىسىنى تۇلۇق ئادا قىلدىغان ئادەم چىقىپتۇ

raheed يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 00:28:25

تارىختىكى بۈگۈندە يۈز بەرگەن ئاشۇ ئىشلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئويلىنىپ باقتىم. مۇشۇنداق ئېسىل تېمىلارنى دائىم يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

tumurkala يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 10:41:03

تارىخ ئاجايىپ نەرسىدە!ئۆز تارىخنى ئۇنتۇپ قالغان ئادەم ھايۋانچىلىكمۇ بولالمايدۇ!............

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-17 13:19:40

habibulla:

1854- يىلى 10- ئاينىڭ 16 كۈنى گىرمانىيە سوتسىيالىزىم پائالىيەتچىسى كارىل. كوسىجى دۇنياغا كەلگەن.

1888- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى ئامېرىكا داڭلىق كومىدىيەئاساسچىسى، تىراگىدىيە يازغۇچىسى، 1936- يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتغا ئىرىشكۈچى لۇڭجىن. ئوۋنى دۇنياغا كەلگەن.

1908- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى ئالبانىيە رەھبىرى ئوۋىر خوج دۇنياغا كەلگەن.


توغىرىسى ئەنۋەر خوجا

بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن (16- ئۆكتەبىر)