izdanguqi525 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-14 18:40:58

مۇنۇ كىشىلىرىمىزنى ئۇنۇتمايلى

تۆۋەندىكىسى بىر دوستۇم خىزمەت مۇناسىۋېتى بىلەن خوتەننىڭ قاراڭغۇتاغ تەرەپكە ئۆتكەندە تارتقان رەسىملىرى

  يەنە نۇرغۇن رەسىملەر بار ئىدى ، بۇ رەسىملەر يوللانغان كەيشىن001 دىگەن تور بىكەتتىكى رەسىملەر سىرىتقا ئۇلانمايدىكەن ، رەسىملەرنى ئايرىم بوشلۇققا يوللاي دىسەم دەماللىققا ئىشەنىچلىك چوڭ بوشلۇق تېپىپ بولالماي مۇشۇ ئىككى رەسىمنى يوللىغاچ تۇردۇم ...

  تورداشلارنىڭ بۇ ئىككى رەسىمگە يەنە بىر قېتىم تەپسىلىي قاراپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەممىمىز كىچىك ۋاقتىمىزدا ئوقۇغان باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقساق ، قانداق پەرىقلىرى باركىن ؟ خۇسۇسەن مەن ئۆزەم باشلانغۇچقا قەدەم باسقاندىن ھازىرغىچە 20 يىل بولۇپ قاپتۇ ، شۇ 20يىل بۇرۇنقى مەن ئوقۇغان باشلانغۇچ مەكتەپتە سىنىپلارنىڭ شارائىتى ماۋۇ بالىلار ئوقۇۋاتقان سىنىپلاردىن كۆپ ياخشى ئىدى . بۇ رەسىملەرنى بىر بىرلەپ ۋاراقلىغاچ ئىختىيارسىز يۈرىكىم ئاچچىق ئاچچىق ھىسلار بىلەن تولۇپ كەتتى ، ئىچىمدە نۇرغۇن گېپىم باردەك لىكىن سىرىتقا چىقىرالماي قىينىلىۋاتقاندەك ، مۇشۇ بىزنىڭ 21-ئەسىردىكى ئەۋلاتلىرىمىز ، ئۇكا سىڭىللىرىمىز ئوقۇۋاتقان سىنىپمۇ ؟ خاتا كۆرۈپ قالمىغاندىمەن ؟ بۇنداق سىنىپلارنى 50-60-يىللارنىڭ فىلىملىرىدىلا كۆرگىلى بولىدىغانتىغۇ ؟  لىكىن ئەمىلىيەت شۇكى بۇلار تېخى نەچچە كۈن بۇرۇن تارتىلغان رەسىملەر ...

ئارىمىزدا بەزىلىرىمىز ئامرىكا ياۋروپانىڭ ئالىي بىلىم يۇرىتلىرىدا يۈرۈپتىمىز ، بەزىلىرىمىز ئۆزىمىزگ چۇشلۇق چوڭ شىركەتلەرنى ماڭدۇرۇپ داڭلىق ماشىنىلارنى ھارۋام دەپ يۈرۈپتىمىز . بەزىلىرىمىز شىنجاڭدىكى ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەرنىڭ مەركەزلىرىدە ئەڭ ياخشى مەكتەپنىڭ يېنىدىن ئۆي ئېلىپ بالامنى شۇ يەردە ئوقۇتىمەن دەپ يۈرۈپتىمىز .  لىكىن ماۋۇ ئوماق بالىلار باشلانغۇچ مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىغىمۇ بەكلا تەستە ئېرىشىۋېتىپتۇ، ئاشۇ ئۆرىلىپ چۈشكىلى ئاران تۇرغان قاراڭغۇ سىنىپلاردا دەرىس ئاڭلاۋېتىپتۇ . تاغلىق رايونلاردا شارائىت جاپالىق ئىكەنلىكى راسىت ، لىكىن ماۋۇ رەسىمدىكىدەك شارائىتى ناچار مەكتەپنى تېخى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم .

   ماۋۇنىڭدەك يۇرىتلىرىمىز بارلىقىنى ئۇنتۇماسلىق ئۈچۈن ، پۇلى ، ھوقۇقى بار كىشىلىرىمىزنىڭ مۇشۇ بالىلارغا ياردەم قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىش ئۈچۈن  بۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن . بەزى ئايىغى چىقمايدىغان تىمىلاردا بىرمۇنچە ۋاتاتلايدىغان ئاغزىم مەيەردە نىمە دېيىشنى بىلمەي قېلىۋاتىدۇ . قالغىنىنى تورداشلارنىڭ ئەقىل كۆزىگە تاپشۇردۇم . مەيلى جوڭگۇنىڭ نەرىدە ياشايلى ، مۇشۇ بالىلارغا ياردەم قىلالايدىغان قۇربىتى بار يولداشلارنىڭ ياردەم قولىنى ئايىماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن . بۇنداق يېزىلار بەلكىم يەنە كۆپ بولىشى مۇمكىن ، بولسا تورداشلار بىلىدىغانلىرىنى مۇشۇ تىمىغا تاشلاپ ماڭسا ، يەنە مۇشۇنداق ناچار ھالەتتىكى يېزىدىن قانچىسى بارلىقىنى بىلىپ قالساق ، مۇمكىن بولسا مۇشۇ يىزىلارنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن مەكتەپ سەپ بېرىش ئۈچۈن قانچىلىك مەبلەغ كېتىدىغانلىقىنى ھىساپلاپ ، مەخسۇس تۈر قىلىپ ماتىرىيال يېزىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ياكى خەيىر ساخاۋەت ئورۇنلىرىغا ، چوڭ شىركەتلەرگە  تاپشۇرۇپ باقساق ، چوڭ شىركەتلەر بىرى بىردىن مەكتەپ سەپ بېرەلىسىمۇ نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ كېتىدۇ ، ئەلۋەتتە ھۆكۈمەتتىن كۈچىۋېتەلىسە تېخى ياخشى ،  بۇمۇ ئانچە جىق پۇل كېتىدىغان ئىش ئەمەس ...  

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2010-10-14 18:52:30

ھەقىقەتەن ئىچىم ئاچچىق بولدى. بۇ مەكتەپ مەن 20 يىل بۇرۇن ئوقىغان مەكتەپتىنمۇ خېلىلا ناچاركەن. تەرەققى تاپقان بەزى دۆلەتلەردە ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىلارنى باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. ئىزدەنگۈچى قالغان رەسىملەرنىمۇ يوللاڭ.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2010-10-14 18:59:43

ماۋۇ رەسىمنىڭ يېڭىدىن تارتىلغانلىقىغا ئانچە ئىشەنگۈم كەلمىدى.  سەۋەبى: ھازىر جەنوبتا ئاساسەن دېگۈدەك يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى زامانىۋى ياتاقلىق سىنىپلارغا ئايلاندۇرۇپ بولدى. ھازىر مانداق سىنىپ بار، دېيىلسە مائارىپ تارماقلىرىنىڭ يۈزىگە سەت ئەمەسمۇ؟ ئاكامنىڭ بالىسىمۇ ھەپتىدە ئىككى كۈن شەنبە، يەكشەنبە شىڭچى بولغان كۈندە ئۆيىگە قايتىدۇ.

مائارىپنى قوللاش ھەممە كىشىنىڭ مەجبۇرىيىتى.  قوش تىللىق ئوقۇتۇش تېخىمۇ شۇنداق. پۇلى كۆپلەر ياردەم قىپقالسا ياتاقلىق باشلانغۇچى، ياتاقلىق يەسلى قۇرۇۋالسا بەك ئېسىل ئىش ئەمەسمۇ؟

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2010-10-14 19:01:07

تۆۋە، مەنمۇ ئاختۇنىڭ چەت تاغلىق رايۇندا ئىككى ئاي ئىشلەپ باققان، شارائىتىنىڭ ناچارلىقىدىن ئۇچۇپ كەتكەن ئىدىم لىكىن بۇ رەسىمدىكى مەكتەپكە سىلىشتۇرغاندا كۆپ ياخشىكەن.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2010-10-14 19:24:21

ئەمدى قاراڭغۇ تاغدا شۇنداق مەكتەپ بولسىمۇ باردۇر ، مەن ئۇ يەرنىڭ يوللىرىنىڭ  بەك خەتەرلىك دەپ ئاڭلىغان .

turbo يوللانغان ۋاقتى 2010-10-14 19:42:26

ئاشۇ مەكتەپلەرنى قايتا قۇرۇشقا نۇرغۇن پۇللارنى ئىلتىماس قىلغان بولغۇيتى ، ئىلتىماسلار رەت قىلىنغاندۇ ياكى ئىلتىماسلار تەستىقلىنىپ ئاجىراتقان مالىيەنى كۆڭلى قارىلار بۆلۈشكەندۇ ۋە ياكى ...........
دەريانىڭ بېشى لاي بولسا ئاخىرى قانداق بولماقچى

turbo يوللانغان ۋاقتى 2010-10-14 19:44:34

100% ھۆكۈمەت ياردەم قىلىشى كېرەك ، ياق ياردەم ئەمەس  قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى ،

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2010-10-14 20:16:12

بىزنىڭ پۇل تاپقان بايلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىلىرى كاللا ئىشلەتمەيدۇ، جاپا تارتىپ پۇل تېپىپ شارائىت ھازىرلانمىسىمۇ كۆرسەتكۈچ (زىبىيو) ئېلىش ئۈچۈن ماڭغاندەك ھەرەمگە بېرىپ پۇل تۈگۈتۈپ كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا ھاجىم دىگەن نامنى ئېلىپ ئاۋارە بولۇپ كەلگۈچە، ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن كۆۋرۈك سالسا، يول ياسىسا، مەكتەپكە ئىئانە قىلسىمۇ بولىۋېرەتتى.

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-10-14 20:24:16

Bilig:
تۆۋە، مەنمۇ ئاختۇنىڭ چەت تاغلىق رايۇندا ئىككى ئاي ئىشلەپ باققان، شارائىتىنىڭ ناچارلىقىدىن ئۇچۇپ كەتكەن ئىدىم لىكىن بۇ رەسىمدىكى مەكتەپكە سىلىشتۇرغاندا كۆپ ياخشىكەن.

بۇلۇڭكۆل ،چارلوڭ ،كوسراپ دىگەندەك يەرلەرنى دىمەيدىغانسىز ؟

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2010-10-14 20:37:45

   مەن چوڭ بولغان يېزىدىنمۇ ناھىيە بازىرىغا 80 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. مەن شۇ چەت يېزىنىڭمۇ چەت چارىۋىچىلىق رايونىدا ياتاقلىق باشلانغۇچتا ئوقۇغان. ئون نەچچە يىل بوپتۇ،لېكىن ئۇ چاغدىكى شارائىتىمىزمۇ بۇنىڭدەك ناچار ئەمەستى.

  بەلكىم خوتەن بىلەن ئاقسۇنىڭ ئۇنۋېرسال ئىقتىسادىي كۈچى بەلگىلىگەندۇ بۇنداق پەرقنى.

  خوتەنلىك تاشچىلارنى يىغىپ بىر كۇرس ئاچىدىغان يەرگە كەپتۇ.

raheed يوللانغان ۋاقتى 2010-10-14 20:47:44

مەن كۆرەلمىدىم. سۈرەتلەر ئېچىلمىدى.

totem يوللانغان ۋاقتى 2010-10-14 20:48:58

نىمىنى\"ئىككى ئاساسەن\"دەيدۇ؟

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2010-10-14 22:09:33

UyghurBaligh:
بۇلۇڭكۆل ،چارلوڭ ،كوسراپ دىگەندەك يەرلەرنى دىمەيدىغانسىز ؟


قىزىل تاغ.

oqmeas يوللانغان ۋاقتى 2010-10-14 22:11:00

ئانداق مەكتەپتىن بىرسى بولاپ قالسا پۈتۈن خوتەننىڭ ئىككى ئاساسەن ئۆتمەيدۇ.مەن ئىشەنمىدىم ئۇ رەسىمگە

ھازىر شىنجاڭنىڭ ھېچقايسى يېرىدە ئۇنداق مەكتەپ قالمىدى.ئۇنداق مەكتەپلەر2007.يىلىلا تۈگىگەن.

ئىككى ئاساسەن دېگىنىمىز.9يىللىق مەجبۇرى مائارىپنى ئاساسەن ئۇمۇملاشتۇرۇش

ساۋاتسىزلىقنى ئاساسەن تۈگىتىش دېگەن گەپ.

ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا مۇنداق گەپلەر چىققان.

ئىككى ئاساسەن دېگىنىمىز ئاساسەن ئارام ئالماسلىق،ئاساسەن مائاش ئالماسلىق

oqmeas يوللانغان ۋاقتى 2010-10-14 22:12:46

مۇشۇ ئىزدىنىشتە ئىنكاس پات-پات قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى جۇمۇ راس

يە بولمىسا باشقۇرۇش رايونىغا بېرىپ بولغىچە ماشىنا سوقىۋەتتىمۇ،ۋاي ئىنكاسلىرىم.......ۋاي ئىنكاسلىرىم

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-14 22:16:50

ئىللىق نۇرلار يېتىپ بېرىپ بولالماپتۇ دە؟ تامدىكى ئاۋۇ رەسىممۇ ھازىرقىدەك بايراققا ئالماشمىغىنىغا قارىغاندا  سىياسەتمۇ بەك كىچىكىپ بارىدىغان ئايرىم بىر ئالاھىدە رايۇن ئوخشايدۇ.

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-14 22:18:53

قۇدۇقتا ئىنكاسىڭىز يوقكەن، ئېقىن سۇغا تاشلاپ سالغان ئوخشايسىز..

مېنىڭچىمۇ بۇ مەكتەپ ئۇزاققا قالمايدۇ. ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە خەتەرلىك مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى بۇيىل تاماملىنىدۇ. ھازىرغىچە بۇ پېىتى تۇرغىنىغا قارىغاندا، بەلكىم بۇ مەكتەپ تاقىلىپ، ئوقۇغۇچىلىرى يېقىن ئەتراپتىكى شارائىتى ياخشى قوش تىللىق ياتاقلىق مەكتەپكە يۆتكىلىشى مۇمكىن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2010-10-14 23:58:55

رەسىمدىكىدەك سىنىپلارنى ئىككى ئاساسەن تىلى بويىچە D دەرىجىلىك ئۆيلەر دەيمىز، بىز بىر چېقىپ تۈگەتكەن پېتى 3 يىل بولدى توختىماي بىنا، ياتاق، ئاشخانا، يەر تەۋرەشكە چىداملىق رامكىلاش قۇرۇلۇشى دىگەنلەرنى قىلىپ يۈرىمىز..

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2010-10-15 01:38:49

مىنى چ چ دا ئىزدەڭە، مەن رەسىمگە چىقىرىدىغانغا بوشلۇق بىرەي.

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2010-10-15 05:22:53

HX1:
بىزنىڭ پۇل تاپقان بايلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىلىرى كاللا ئىشلەتمەيدۇ، جاپا تارتىپ پۇل تېپىپ شارائىت ھازىرلانمىسىمۇ كۆرسەتكۈچ (زىبىيو) ئېلىش ئۈچۈن ماڭغاندەك ھەرەمگە بېرىپ پۇل تۈگۈتۈپ كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا ھاجىم دىگەن نامنى ئېلىپ ئاۋارە بولۇپ كەلگۈچە، ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن كۆۋرۈك سالسا، يول ياسىسا، مەكتەپكە ئىئانە قىلسىمۇ بولىۋېرەتتى.

مەكتەپ يۇزى كۆرمىگەن بايلارلا ئەمەس بەلكى خىلى خىلى زىيالىلارنىڭمۇ كاللىسى ئىشلىمەيدۇ.ھەجنىغۇ ئاللاھتائالا قۇدرىتى يەتكەن كىشىگە پەرىز قىلدى؟ھازىر كىشىلەردە ئومۇملىشىپ كەتكەن ھەشەمەتلىك توي،قاتار چاي ،40-50مىڭغا ئۆي بىزەش قاتارلىقلارنى كىم پەرىز قىلدى بىزگە؟ھەتتا بەزىلەر 10-15مىڭغا تىلفۇن ئىلىپ ئىشلىتىدۇ،شۇ پۇللارنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمىنى بولسىمۇ مۇشۇنداق يەرلەرگە ئاتىساق يامان بولامدۇ؟

تىخى بەزى مۇئاشلىق زىيالىلاردا ئۆزىمىز ئىشلەپ تاپقان پۇلغىمۇ زاكات كىلەمدۇ دەيدىكەن.ھەممە ئشتا ھاجىلارنى چىشلەپ تارتماي پىشانىمىزنىمۇ سىلاپ باقايلى مۇنداق

بەت: [1] 2
: مۇنۇ كىشىلىرىمىزنى ئۇنۇتمايلى