habibulla يوللانغان ۋاقتى 2010-10-14 17:19:02

تارىختا بۈگۈن (15- ئۆكتەبىر )

1815- يىلى 10 ئاينىڭ 15- كۈنى رۇسيە شائىرى ل.تولىستوي دۇنياغا كەلگەن.

1915- يىلى 10- ئاينىڭ 15- كۈنى ئىسرائىليەنىڭ <قاباقباش> زۇڭلىسى شامىر دۇنياغا كەلگەن.

1917- يىلى 10-ئاينىڭ 15- كۈنى بېيجىڭ ئونۋېرسىتىتى كەسىپ تاللاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا باشلىغان.

1925- يىلى 10-ئاينىڭ 15- كۈنى چېڭ گېڭ جىياڭ جېشىنى قۇتقۇزۇپ قالغان. شۇ يىلى 10- ئاينىڭ 15- كۈنى جېفېڭ ئۇرۇشى پارتىلىغان.

1932- يىلى 10-ئاينىڭ 15- كۈنى كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ سابىق سېكىرتارى چېن دۇشىيۇ قولغا ئېلىنغان.

1944- يىلى 10- ئاينىڭ 15- كۈنى جوڭگۇ ئارمىيەسى بېرمىدىكى بامو، كادېكا دىكى ياپۇن ئارمىيەسىنى يوقاتقان.

1945- يىلى 10- ئاينىڭ 15- كۈنى ناتسىست گىرمانىيەسىنىڭ ھاۋا ئارمىيە مىنستىرى گوللىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان.

1947- يىلى 10- ئاينىڭ 15-كۈنى دۇنيادىكى ئاۋازدىن تېز  ئۇچىدىغان ئايرۇپىلان (پۈركىگۈچ شەكىلدىكى) تۇنجى قېتىم سىناق قىلىپ ئۇچۇرۇلغان.

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-10-14 19:50:16

تەرجىمە قىلسىڭىز تولۇقراق قىلسىڭىز بوپتىكەن .

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-10-14 20:22:23

2003-يىلى 10-ئاينىڭ 15كۈنى دۆلىتىمىز خاسىيەتلىك كىمە 5 نى مۇۋاپپىقىيەتلىك قويۇپ بەرگەن .بۇ دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ئادەملىك ئالەم كېمىسى بولۇپ ،ئالەم ئۇچقۇچىسى ياڭلىۋېي.

1878-يىلى بۈگۈنكى كۈندە  ئېدىسوننىڭ لامپۇچكا ياساش شېركىتى قۇرۇلغان.

1932-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ھېندىستاننىڭ تۇنجى ئاۋئاتسىيە شېركىتى تىجارەت باشلىغان .

1934-يىلى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭخۇا سوۋېت ھۆكۈمىتى پارچىلانغان .

1964-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ۋېرسون ئەنگىليەنىڭ باش ۋەزىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن .

1860-يىلى بۈگۈنكى كۈندە بىرلەشمە ئارمىيە جۇڭگوغا تاجاۋۇزقىلىپ كىرگەن .

1972-يىلى  بۈگۈنكى كۈندە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى پايتەختى مۇسكىۋا شەھرىدە پارتىلاش يۈز بېرىپ 172ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

1985-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ،15-ئۆكتەبىرنى دۇنيا ئەمالار كۈنى قىلىپ بىكىتىش قارار قىلىنغان.

1993-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ماندىلا نوبىل تىنىچلىق موكاپاتىغا ئېرىشكەن .

1929-يىلى بۈگۈنكى كۈندە دۇڭسوڭرۈي تۇغۇلغان.

2005-يىلى بۈگۈنكى كۈندە چىڭخەي-شىزاڭ تۆمۈر يولىغا رېلىس ياتقۇزۇش قۇرۇلىشى تاماملانغان .

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2010-10-14 20:37:49

تارىختىكى بۈگۈننى يىزىۋاتامسىلەر  ياكى تارىختىكى ئەتىنىمۇ ؟تولىستوينى شائىر دىگەندىن كۆرە يازغۇچى دىسەك مۇۋاپىق بولارمىكىن مەن تېخى تولىستوينىڭ بىرەر پارچە شىئېرىنى كۆرۈپ باقمىدىمغۇ...

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-10-14 20:40:35

kuyaxoghli:

تارىختىكى بۈگۈننى يىزىۋاتامسىلەر  ياكى تارىختىكى ئەتىنىمۇ ؟تولىستوينى شائىر دىگەندىن كۆرە يازغۇچى دىسەك مۇۋاپىق بولارمىكىن مەن تېخى تولىستوينىڭ بىرەر پارچە شىئېرىنى كۆرۈپ باقمىدىمغۇ...

قارىسام مۇنۇ تورداشنىڭ قىزغىنلىقى خېلى يۇقۇرى ،بىركۈن بۇرۇن تەرجىمە قىلىپ يوللاۋاتىدۇ .شۇڭا تولۇق بولۇپ كەتسۇن دەپ مەنمۇ ئۇنتۇلۇپ قالغانلارنى ئىنكاس قىلىپ يېزىپ قويدۇم .مۇشۇ بويىچە داۋاملاشسىلا ياخشى

hekemi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-15 07:01:13

1844 - يىلى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى نېتشې تۇغۇلدى .
نېتشې - گىرمانىيىلىك ئىدېئالىست پەيلاسوپ، ئىرادىچىلىك تەرەپدارى . ئۇنىڭ ئىدىيىسى شەكىللىنىۋاتقان مونوپول بۇرجۇئازىيىنىڭ تەلەپ ۋە ئارزۇلىرىنى ئەكس ئەتتۇرىدۇ . ئۇ ئەينى زاماندىكى لىبرال بۇرجۇئازىيىنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنى كونا قائىدىلەرگە يىپىشىۋالىدىغان، ئەپلەپ - سەپلەپ جان بىقىشنىڭلا كويىدا يۈرىدىغان \"چاكىنىلار\" دەپ ئاتايدۇ . ئۇ : ئەقلىيچىلىك ، خرىستىئان دىنى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ تەسىرىنى قوبول قىلغۇچى ھەم كۈندىن - كۈنگە زاۋاللىققا يۈز تۈتقۇچى غەرب مەدەنىيىتىنى ئىنكارقىلىپ، \"بارلىق قىممەتلەرنى يېڭىباشتىن بەلگىلەش\" يېڭى قىممەت يارىتىش زۆرۈر ، دەپ تونۇيدۇ . سوبېيىكتىپ جەڭگىۋارلىقنى ۋە تۇرمۇشقا نىسبەتەن \"مۇئەييەنلەشتۈرۈش\" پوزىتسىيىسىنى تەشەببۇس قىلىدۇ . تەرەققىيات - ھوقوق ئىرادىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەلگە ئېشىش جەريانى، كىشىلىك تۇرمۇشتىن مەقسەت - ھوقوقنى جارى قىلدۇرۇشتىن، ,ئۆزىنى زورايتىش\" تىن ئىبارەت دەپ تەكىتلەيدۇ . ئۇ \"پەۋقۇلاددە كىشىلەر\" تارىخنىڭ ياراتقۇچىلىرى، ئۇلار ئاممىنى قۇل قىلىشقا ھوقوقلۇق، ئاددىي كىشىلەر بولسا ، \"پەۋقۇلاددە كىشىلەر\" نىڭ ئۆز ھوقوق ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قورالىدىنلا ئىبارەت دەپ ھىساپلايدۇ . ئۇ دىمۇگراتىيىگە، سوتسىيالىزم ۋە ئاياللارنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتىگە قارشى ئىدى ، ئۇرۇشنى ئوچۇق - ئاشكارە مەدھىيىلەيتتى ، \"ئۇرۇش يولىدا قۇربان بولۇش ياخشىلىق\" ، چۈنكى ئۇرۇش ئەخلاق دىمەكتۇر، دەپ جاكالايتتى . سەنەت - ھوقوق ئىرادىسىنىڭ بىرخىل ئىپادىلىنىش شەكلى، سەنەتكارلار بولسا ئۆزىنى يۇقۇرى دەرىجىدە كۆپتۈرۈپ كۆرسەتكۈچى، ئۆزىنى ئىپادىلىگۈچى كىشىلەردۇر، دىگەننى قۇۋۋەتلەيدۇ .

habibulla يوللانغان ۋاقتى 2010-10-15 08:21:45

مېنىڭمۇ تولۇق تەرجىمە قىلغۇم بار ئەلۋەتتە. ئەمما شۇ ۋاقىت ۋە سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تەرجىمە قىلۋاتىمەن. قالغىنىنى تورداشلار بولغاندىن كېيىن بىرلىكتە تولۇقلىساق بولىدۇ ئەمەسمۇ.  مەنمۇ  توختاپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن. تارىختىكى بۇگۈننى مەخسۇس بىر ئادەم ئۈستىگە ئېلۋېلىش زۈرۈر  ئەمەسقۇ دەيمەن.

Micheal-17 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-15 12:55:44

1988-يىل 10-ئاي 15-كۈنى گىرمانىيەلىك تۇرك پۇتبولچى مەسئۇت ئوزىل تۇغۇلغان...
بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن (15- ئۆكتەبىر)