Comeon يوللانغان ۋاقتى 2010-10-14 14:57:26

(ماشىنا ھەۋەسكارلىرى )جىددى خەتەرگە يولۇقسىڭىز قانداقam

يېقىندا بىر ئاغىنىمىزنىڭ ئۆيىگە دوست-بۇرادەرلەر يىغىلىپ كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇپ قالدۇق. ئارىمىزدا تاكسى ھەيدەيدىغان بىر بۇرادىرىمىز بار ئىدى. ئۇ خېلى بولغان ، بارلىق كەيپ-ساپا يامان ئادەتلەرنى تاشلاپ ، ياخشىنى باشلاپ تىنىمسىز پۇل تېپىپ ئىشلىرى شۇنداق ياخشى كېتىۋاتاتتى . شۇ كۈنى كەچتە ئۇنى شۇنچە تۇتۇپ قالساقمۇ ئۆيىگە قايتقان ئىدى ... بىز دوستلار بىلەن تاڭغا يېقىن ئۇخلاپ ، چۈشكە يېقىن قوپۇپلا شۇم خەۋەرنى ئاڭلىدۇق . دوستىمىز سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ كىرا قىلىپ ، ئېغىر دەرىجىدىكى قاتناش ھادىسىگە ئۇچرىغان ئىكەن . ئۇنىڭ ماشىنىسىدىكى ئۈچ يولداش ساپمۇساق ، دوستىمىز بولسا ... ... ... پالەچ ... ... ... ھازىر كاللىسى ساق ، لېكىن پۇت-قولى ھەركەتلەنمەيدۇ،دوختۇرلارنىڭ گېپىدىن مۆجىزە يۈز بەرسە ساقىيىدىكەن ، بولمىسا .... ......

بۇ ئەمەلى بىر ئىشقۇ ، ماشىنا دېگەننىڭ خەتىرى شۇ ... لېكىن تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ماشىنىدىن ئايرىلالمايدۇ ، ماشىنا ھەۋەسكارلىرى تېخىمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ ، مۇنبىرىمىزدىمۇ ماشىنا ھەۋەسكارلىرى مۇنازىرە قىلىشتۇققۇ ، بىخەتەرلىك ھەققىدە ... لېكىن جىددى ئەھۋالدا قانداق قىلىش توغرىسىدا مۇنازىرلىشىپ باقىمىدۇق.

بۈگۈنكى كەنجى يوللىغان <ئەجەل كەلمىسە بىكار> دېگەن تېمىدىكى شۇنچە سوقۇلسىمۇ ساپمۇساق يەرگە چۈشكەن بالىنى كۆردۈڭلار .بۇنى ئۇ بالىنىڭ ماھارىتى دېسىمۇ ئارتۇق بوپ كېتىدۇ . تەلىيى كەپ قالدى دېسىمۇ ئاددى بوپ قالىدۇ . پەقەت دەقىقە ئىچىدىكى جىددى ئەھۋالغا تۇتقان ئىنكاسى ۋە پىسخىكىلىق تەڭپۇڭلىقى ئۇنىڭغا ئەڭ چوڭ ياردەمدە بولغان بولۇشى مۇمكىن .  
مەن ئادەتتە ماشىنىغا چىقسام ياكى رول تۇتسام بىخەتەر يوللاردا خەتەر ئۈستىدە ئويلىنىپ قالىمەن . كۆز ئالدىمدا مەلۇم خەتەرلىك پەيتلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىپ ، ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە ئويلىنىپ باقىمەن .  بۇ جان دېگەنمۇ پىششىق نەرسە ،  بەزى سوقۇلۇش، سىلكىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىلا جاننى ئالالىشى ناتايىن . بىراق ، خەتەرلىك پەيت دېگەندە ئادەمنىڭ كاللىسى قۇرۇق بولۇپ كەتسە كېرەك ، شۇڭا بىرەر ۋەقەلەردە ئۇستا شوپۇرلارنىڭمۇ كەتكۈزۈپ قويىدىغان يەرلىرى كۆپ بولىدۇ .
بىر قېتىم يېرىم كېچىدە ماشىنا بىلەن ئۆزۈم يالغۇز مېڭىپ قالدىم.يالغۇز ماشىنا ھەيدىشىم ۋە ئۇزۇنراق مۇساپە مېڭىشىممۇ تۇنجى قېتىم ئىدى.چالا شوپۇر بولساممۇ ، مەن ماڭىدىغان يول كېچىدە ماشىنا ئاز ، ھەم كەڭرى يول بولغانلىقى ئۈچۈن خاتىرجەم ئىدىم .  تۈگۈرمىتىنىڭ چەكسىز سايلىق يولىدا كۆزگە توسالغۇ بولىدىغان ھېچقانداق نەرسە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى يەتكەن يەرگىچە بولغان ئارلىقتا ماشىنا بارمۇ يوق كۆرگىلى بولاتتى. مەن قارىسام يولدا ھېچنەرسە يوق ، جاھان ماڭا قاپتۇدە ... دەپ ئويلاپ ماينى دەسسەپ مېڭىپ كەتتىم . يالغۇز ماڭسا ئۇيقۇ بېسىپ كېتىدىكەن ، تۈگۈرمىتىنىڭ ساي يولى تۈگەپ ، ئاتۇش شەھەر ئىچىگە قارىلىدىغان يولغا كەلگۈچە مۈگدەپ قاپتىمەن ... بىر چاغدا چۆچۈپلا كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام ئالدىمدا يول يوق، ماشىنا ھاۋادا ئۇچۇۋاتىدۇ-دە...نېمە ئىشلىكىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە ماشىنىنىڭ كەينى قىسمى يەرگە قاتتىق ئۇرۇلدى ، ئاندىن ئالدى چاق .ماينى قويۋېتىپ تورمۇز دەسسەش شۇ چاغدا ئېسىمگە كەلدى. بىخەتەرلىك تاسمىنى تاقىمىغان ئىدىم ، لېكىن رولغا ئۈسۈشكە تاس-تاماس قالدىم . تورمۇز تۇتتىمۇ تۇتمىدىمۇ بىلمەيمەن ، ماشىنا يانتۇلۇقتىن تۆۋەنگە قاراپ مېڭىۋاتاتتى. ئۇ جىددىچىلىكتە ماشىنا خۇددى بىر ئېگىز ياردىن غۇلاپ كېتىپ بارغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى ، شۇنداق زېھنىمنى يىغىپ قارىسام پەستە سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ، ماشىنىنىڭ ئالدى شۇ ئۆستەڭگە تىكلا چۈشۈپ قاتتىق سوقۇلۇپ توختىشى ئېنىق ئىدى. نەدىن كاللامغا كەلدى ، قولۇمنى تۈپتۈز قىلىپ رولنى چىڭ تۇتۇپ پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئىتتىرىپ ، دۈمبەمنى يۆلەنچۈككە چىڭ قاداپ تۇرۋاپتىمەن . ئۇنىڭغىچە ماشىنىنىڭ سوقۇلغىنىنى ھېس قىلدىم ... كاللا قۇرۇق ... ئىشىكنى قانداق ئېچىپ قانداق چىقىۋالغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن ...ئىككى قولۇم چىدىغۇسىز ئاغرىيتتى.ئوڭ قولۇم نورمال ئىشلىمەيۋاتاتتى. سايلىقتا بىردەم يېتىۋېلىپ ئۆزۈمنى ئوڭشىۋالغاندىكىن، قولۇمدىن باشقا يەردە چاتاق يوقلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىكىن ماشىنىنىڭ يېنىغا كەلدىم. ئەسلى بۇ ئېگىز سېلىنغان يولنىڭ ئەگىلىدىغان يېرىدىن چۈشۈپ كېتىپتىمەن . ماشىنا دېگەن ئادەم قارىسىمۇ قورققۇسى كەلگۈدەك بولۇپ قاپتۇ ... ... ... ... ... ... ئەگەر شۇ چاغدا ئۆزۈمنى يوقۇتۇپ قويۇپ رولنى قويىۋەتكەن بولسام ئاقىۋەت خەتەرلىك ئىدى ... ... ... ... ... ...

خەتەرلىك پەيتلەردە قانداق قىلىشنى بىلىش جانغا ئەسقاتىدۇ ، مۇشۇ يەردە ھەممەيلەن تەجىربىلەرنى سۆزلەپ باقساق ، دەماللىق بىرەر جىددى پەيتتە ئېسىمىزگە كېلىپ قالسا ھەممىمىزگە ئەسقېتىپ قېلىشى مۇمكىن ... ... ...

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-14 15:26:40

مېنىڭمۇ ئۈرۈمچىگە كىراكەشلىك قىلىدىغان ئاغىنەم بار ئىدى،تېخى ئۆلۈشكەنلا ئۈرۈمچىگە چىقىپ قايتىپ كېلەشىدە،بەك تېز مېڭىۋەتتىمۇ قانداق خېلى ئۇزۇن ئارلىقتىن تورمۇز قىلىپمۇ توختىتالماي چوڭ ماشىنىنىڭ كەينىگە ئۆسىۋاپتۇ،ئۆزى ۋە يەنە بىر ئادەم ئوتتۇرا يېنىك دەرىجىدە يارلىنىپتۇ،ئەمما ماشىنىدىكى قالغان ئىككى ئادەم بەختكە قارشى قازا قىلىپتۇ.

ھازىر مەن ماشىنا چىقىپلا تۈنجى بۇلۇپ قىلىدىغان ئىشىم بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاش،ئاندىن ئوتنى ئالدۇرۇپ مېڭىش بوپقالدى،يول ماڭغاندىمۇ داۋاملىق ئالدىمغا تويۇقسىز بىر نەرسە چىقىپ قالسا قانداق قىلىمەن دەپ تۇرۇپ،سۆرئىتىمگە چەك قۇيۇپ تۇرىمەن.

habibulla يوللانغان ۋاقتى 2010-10-15 08:36:56

قاتناش ۋاستىلىرنىڭ سۈرئىتى ئازراقلا ئىتتىك  كەتسىلا، ئەزرائىل شۇنچە تېز ئالدىمىزغا كىلىدۇ. ئەمما ئەجەل بىزنى نەگە ئاپىرىپ ئامانەتنى ئالىدۇ، بونى ياراتقۇچى ئىگىمىز ئاللاھ بىلىدۇ. بىز ئىنسان پەقەت ئانداق قىلسا بولۇپتىكەن، ياكى مۇنداق بولسا ئۇ ھادىسىگە يولۇقمايتى دەپ قالىمىز.

Micheal-17 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-15 13:56:28

پىراۋام چىققاندىن كىيىن يەنە بىر كۆرەي ماۋۇ تىمىنى..تەسراتىمىنى شۇ ۋاقىتتا بىراقلا كۆپرەك يازارمەن.

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2010-10-15 14:16:58

ئويلاپ باقسام بۇ تېمىنى بىسسىمىلاھىرەھمانىرەھىم بىلەن باشلاپ خۇدايىم ساقلىسۇن دەپ ئاخىرلاشتۇرماپتىمەن ... ... ... ...

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2010-10-15 17:02:56

مىنىڭ  قائىدەم بۇرۇن  مىڭىپ باقمىغان يۇلدا ئاستا   سۇرئەتتە   ھەيدەش.

مىڭىپ باققان يۇلدا ئەڭ  تۇۋەن سۇرئەت چەكلىمىسدە ھەيدەش،

10يىلنىڭ ئالدىدا 120-150-175  چىقىرىپ باققان..

قىرىپ كەتتۇق،.  يۇرەك يۇق.

ilyaruk يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 21:43:44

بۇ ياخشى تېمىكەنتۇق ، تەجىرىبىلىرى بارلار سۆزلەپ قويسا بولغۇدەك ... مەنمۇ  ماشىنىنى ئېلىپ ھەيدەۋاتقىلى بىر ئايدىن ئاشتى ، ئۇلۇغ ئاللا بىزنى بالا-قازالاردىن ساقلىسۇن!!!

destiny يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 00:13:15

سۇرئەتنى 120 دڭن ئاشۇرماسلىق كىرەك ،مەيلى مىنىۋاتقىنىڭز ئالاھىدە چەتئەلنىڭ ماشىنىلىرى بولسىمۇ .120 دە كىتىۋاتقان ماشىنىڭ سىرتىدىن تۇرۇپ قارسىڭىز قانچىلىك تىز ماڭدىغانلىقىنى ھىس قىلالايسىز .ئىچىدە ئولتۇرۇپ مايغا دەسسەپ ھەيدەۋەرگەن بىلەن شۇ سۇرئەت ئادەمنى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىگۇزۋېتىدىغانلىقىنى ھىس قىلۋېلىشىڭىز كىرەك ئىكەن .

يەنە بىرى ماشىنا ئارلىقى ساقلاپ مىڭىش ،  يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تولەشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . ئۆتكەن يىلى تىز سۇرئەت بىلەن بىر   يۇك ماشىنىسنىڭ كەينىدىن بىسىپلا كىلىشىم ،  يۇك ماشىنىسى شۇنداق تىز سۇرئەت بىلەن ئۆزىنى ئوڭ تەرەپكە تارتتى قارىسام ئالدىمدا يېرىم مىتىر ئىگىزلىكتىكى  بىتودىن ياسالغان يول بولگۇچ  ۋە ئوتتۇردا قىزىل چىراق تۇرمامدۇ .كوزۇمنى ئىچىپ قاراپ بولغۇچە ئۇچۇپ بىرىپ ئۇسسۇپ قىزىل چىراقنى  يەرگە پاتۇرۋەتتىم .خۇداغا شۇكرى مەن ساق قالدىم ،شۇندىن بىرى سۇرئەت 120 دىن ئاشمايدۇ  چوڭ ماشىنىلارنىڭ كەينىگە قەتئى كىرمەي ئارلىق ساقلاپ ماڭىدىغان بولدۇم .

بەت: [1]
: (ماشىنا ھەۋەسكارلىرى)جىددى خەتەرگە يولۇقسىڭىز قانداق قىلىسىز؟