uzchi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 15:03:47

سىيەك يىيزسىدىكى دىھقان كەشپىياتچى

ئوتكەندە ئىزدىنىشتا مۇشۇنداق بىرتىما بەكلە قىززىپ كەتكەن ئىدى . بۇنىڭغا  بەزى ياخشى پىكىرلەرمۇ بولغان بەزىلەر ساراڭ بوپ قاپتۇ  دىگەن  يەنە بەزىلەر ئاللا قانداق بىرنىملەرنى دەپ ئىشقىلىپ بۇ ئاداشنى ئەگەر ئىزدىنىشنىڭ ئەزاسى بولغان بولسا ئىزدىنىشتا تۇرغۇسىز قىلۋەتكەن ئىدى ....يىقىندىن بىرى بۇبالا خىلى تىرىشقان ئوخشايدۇ بۇگۇن يەنە بۇ بالنىڭ بىر پارچە مىدىياسىنى ئەپ كەلدىم يەنە پپىكىر يۇرەۇزۇپ باقمايمىز مۇ  ئەمسە دىقتىڭىز توۋەندە بولسۇن

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 17:13:33

تېلۋىزىيە ئىستانىسىدىكىلەرنىڭمۇ كاللىسىنىڭ قىيىنچىلىقى بارمۇ نىمە ؟

مۇشۇنداق ۋاقتتا ھەي ئىلمىيلىك ، ھەي ساۋاتسىزلىق ... دەپ قالىمەن

مەنمۇ سافا دەپ قوياي بوپتۇ

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 17:20:46

ئىنكاسىمنى ئۆچۈرمەڭلار دەيمەن . بىر ۋىلايەتلىك تىلۋېزىيە ئىستانىسىمۇ زە ... غۇلجىنىڭ تىلۋىزىيە ئىستانىسى بولسىغۇ ھە پو ئېتىپتۇ دەپ كۈلۈشۈپ ئۆتكۈزۋەتسەك . مۇخپىر خوتۇننىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىدىن ئۆرگىلەي ، ئاۋۇ ئالىمجاننى دەيمىنا ، خەق بۇ بالىنى ئالداپ چاتاق قىپتۇ جۇمۇ .

Windboy يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 17:34:56

مەنمۇ ھازىر تېخى مۇشۇنى تىما قىلىپ يوللاي دەپ كىرگەن.چىقىپ بوپتۇ مانا،راس ئوخشىمامدۇ قارىغاندا،

samsak يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 17:42:12

بۇ ئەدەم بىلىپ تۇرۇپ قىلۋاتقانمدۇ - يا بۇ ئالدامچىلىقنى!!

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 17:47:33

بۇ ھەقىقەتەن بىر كاللا ئىشلىتىدىغان جەريان ، لېكىن ھەرگىزمۇ يېڭىلىق ياكى يېڭى تېخنىكا ئەمەس

پەقەت ئېنىرگىيەنى ئېنىرگىيەگە ئالماشتۇرۇش جەريانى

bardam يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 17:53:06

قانداق گەپ بوپ كەتتى زادى؟ئاۋۇ پاتنىت كىنىشكىللىرى راسمۇ ،يالغانمۇ؟

Windboy يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 17:56:11

ئەنئەنىۋى بېنزىن ماتورى،دىزىل ماتورى دىگەنلەرمۇ شۇ بىر خىل ئىنىرگىيەنى يەنە بىر خىل ئىنىرگىيەگە ئالماشتۇرۇش بولىدىغاندۇ؟ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆگەنگەن ئىنىرگىيە يوقلۇقتىن پەيدا بولمايدۇ،ئۇ پەقەت بىر خىل شەكىلدىن يەنە بىر خىل شەكىلگە ئۆزگىرىدۇ دىگەنلەر ئانچە مۇنچە ئىسىمدە.

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 18:04:57

تىلىۋىزىيەدە كۆرسەتكەن بولسا يالغان بولسىمۇ ئامال يوق راسقا ئايلىنىدۇ.

بىز مۇنبەردە ۋاي بۇ يالغانيەي بۇ ئىنىرگىيەنى ئايلاندۇرۇش ماشىنىسىيەي دەپ قالىمىز شۇ .

شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئىچىدە بۇنىڭغا رەددىيە بىرىپ سۇئال قۇيىدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىغىنىغا ھەيرانمەن.

بۇنى ئەسلىدا ياندا تۇرغان گاز تۇڭىغا يۇقرى بېسىم بىلەن ھاۋانى قاچىلاپ شۇنىڭ كۈچى بىلەن ئايلاندۇرىدىكەن، سىننى كۈرۈپ مەن شۇنداقتەك ھىس قىلدىم.

لېكىن بۇ ئادەمنىڭ ماتوردىن باشقىمۇ كەشپىياتلىرى بار ئىكەن بولسا ماتورغىلا ئېسىلىۋالماي باشقىلىرىنىمۇ كۈرۈپ باقساق بۇلاتتىكەن بەلكىم راستىنلا كەشپىياتتۇ ھېچبولمىسا يىڭىلىقتۇر.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 18:13:49

تېلۋىزىيەدە كۆرسىتىپ كەتسىمۇ بەربىر يالغان ، كىممۇ ھاۋانىڭ كۆيىدىغىنىغا ئىشەنسۇن ھە . ۋاي توۋا ... بۇ يەردە ئەڭ چوڭ ئالدانغۇچى ئەمەلىيەتتە ئالىمجاننىڭ ئۆزى . ئەتراپىدكى چالا موللىلار ۋاي ئۇ ، ۋاي بۇ دەپ كۆپتۈرۈپ يۈرۈپ بۇ ئادەممۇ مەن راستىنلا كەشپىياتچى ئوخشايمەن دەپ ئىشىنپ قاپتۇ .

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 19:30:42

ئۇنى دەيمىز بۇنى دەيمىز لېكىن بۇ ماتور ھەقىقەتەتەن مۇھىت بۇلغىنىشچانلىقى تۆۋەنكەن قارىغاندا. ھەقىقەتەن ئىستىقباللىق كەشپىيات بۇلۇپ قالامدۇ بىر نىمە دەپ بولمايدۇ.

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 19:38:05

ماقۇل ھاۋادىن بىكار بىكارغا ھەركەت قىلسۇن ئاۋۇ ماتور دەپ تۇرايلى ئەمدى.ئاۋۇ خەۋەردە دىيىلگەن ئات كۈچى بېنزىن،دېزىل يېقىلغۇ قىلىدىغان ماشىنىلاردىنمۇ كۈچلۈك دىگەن گەپ پونىڭ ئەڭ چوڭ دادىدىسىغۇ دەيمەن.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 19:49:26

بۇ ماتور يوپورغىدا ئوموملاشتۇرۇلسا ، قاۋۇل يوپۇرغا ئىشەكلىرى ئىشسىز قالىدىكەندە

islamhuja يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 19:56:11

مەنمۇ ئالدىنقى يىلى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا ناھايىتى ھاياجانلانغان.ئەمما ھازىرغا  قەدەر چوڭراق،رەسمى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بۇ خەۋەرنى ئاڭلىمىدىم.شۇڭا گۇماندا تۇرىۋاتىمەن. ئەگەر راستىنلا شۇنداق ھاۋانىلا يېقىلغۇ قىلغىلى بولسا دۇنيانى زىلزىلىگە سېلىپ،يېڭى بىر سانائەت ئىنقىلابى پەيدا قىلىشى ۋە دۇنيانىڭ ئىقتىسادىنى ئوڭتاي-توڭتاي قىلىپ،بىر قىسىم نىفىت دۆلەتلىرىنى ئۈلۈم گىرداۋىغا ئاپىرىپ قۇيىشى ۋە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ كەشپىيات بولۇپ قېلىشى تەبئى ئىش ئىدى.ئەمما مەن بۇنى مۇنداقراق ئىشمىكىن دەيمەن.http://sbgl.jdzj.com/Article/200906/20090611091800_54918.html

http://detail.china.alibaba.com/buyer/offerdetail/626312562.html

ئەمما مۇشۇنداق ئىشى بولغان تەقدىردىمۇ بۇ يىگىتكە قول قويماي بولمايدۇ.چۈنكى ھېچقانداق خېمىيە ۋە فىزىكا پەنلىرىنى ئوقۇمىغان،نەزەرىيىۋى بىلىم ئالمىغان بۇنداق بىر ئادەمنىڭ بۇنداق ئىشنى قىلالىشى،ھەتتا باشقىلارنىڭ قىلغىنىنى كۆرۈپ دوراپ قىلىشىمۇ ھەيران قالارلىق ئىش. مېنىچە بۇنداق ئىشنى بىز ئەمدى ئىزدىنىپ بىلگەن ئەھۋالدا،بۇ يىگىتنىڭ باشقىلار قىلغاننى دوراپ قىلىشى ناتايىن. بالدۇرراق بايقىغان بولسا بەلكىم ..................

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 19:58:07

Windboy:

ئەنئەنىۋى بېنزىن ماتورى،دىزىل ماتورى دىگەنلەرمۇ شۇ بىر خىل ئىنىرگىيەنى يەنە بىر خىل ئىنىرگىيەگە ئالماشتۇرۇش بولىدىغاندۇ؟ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆگەنگەن ئىنىرگىيە يوقلۇقتىن پەيدا بولمايدۇ،ئۇ پەقەت بىر خىل شەكىلدىن يەنە بىر خىل شەكىلگە ئۆزگىرىدۇ دىگەنلەر ئانچە مۇنچە ئىسىمدە.

شۇ ئانچە مۇنچىلا ئېسىدە قالسا مۇشۇنداق بولىدۇ

ھازىر بۇ ئاداش يوق ئېنىرگىيەنى ئېنىرگىيەگە ئايلاندۇرماقچىكەن

86 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 20:10:53

ئەگەر ئۇنىڭ دىگىنىدەك ھاۋادىن باشقا ھېچقانداق نەرسىنى ئېنىرگىيە قىلمايدىغان بولسا،  بۇ كەشپىيات 21 ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ كەشپىيات بولۇپلا قالماي ، دۇنيادىكى دەۋىر بولگۈچ چوڭ كەشپىيات قاتارىغا كىرىدۇ. چۈنكى دۇنيادا بولىۋاتقان ئۇرۇش -تالاشلارنىڭ  كۆپىنچىسى ئېنىرگىيە تالىشىپ بولىۋاتىدۇ.  ئۇنىڭ دىگىنى راست بولسا،  دۆلەتلەرنىڭ تېگىدىكى  نېفىتلار، شىنجاڭدىكى نېفىتلار گازلار ھەممىسى يەر ئاستىدا قالىدۇ. يادرو ئېنىرگىيە دەۋاسى قىلىپ دۆلەتلەر بىر -بىرىگە ھۆرپىيىپمۇ يۈرمەيدڭۇ. ئېنىرگىيە بولغانكەن، ئۇنى توكقا ئايلاىدۇرۇپ باشقا ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ.  بارلىق ماشىنىلارنى ماڭدۇرغىلى بولىدۇ. سىلەر ئويلاپ بېقىڭلار شۇنداق يېڭى بىر ئېنىرگىيە بولىدىغان بولسا ئالىملار ئېنېرگىيە مەنبەسى تۇغرىلىق ئىزدىنىپ چاچلىرى چۈشۈپ كەتكىچە  بېشىنى قاتۇرۇپ  يۈرۈشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.

ئېنرگىيە ساقلىنىش قانۇنىۇيەت بولغانكەن، ئۇمۇ شۇ قانۇنىيەت ئىچىدە بولىدۇ. ئۇ چوقۇم ئېنىرگىيە ئالماشتۇرۇش ئىشىنى دىمىگەن ئوخشايدۇ. ياكى تۇغرىسىنى دىمىگەندەك قىلىدۇ.  ئۇنىڭ گېپىگە قارىغاندا يەنە باشقا كەشپىياتلىرى باركەن. ھەم دۆلەت پاتنت ھۆقۇق كېنىشكىسى بېرىپتۇ. پاتنت كېنىشكىسى بېرىدىغانلار ئۇنداق دۆت ئەمەس. ئۇنىڭ ياسىغان نەرسىسىنىڭ ئىلغارلىق تەرپىنى چوقۇم بار. ئۇنى خەق تەكشۈرۈپ ئاندىن بېرىدۇ. بۇ يەردە ئۇقۇشماسلىق پەيدا قىلىشىدا  ئۇنىڭ چۈشەندۈرگەن گەپلىرىدە مەسىلە بار دەپ ئويلايمەن.

oqmeas يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 20:28:04

شۇ ھاۋانى قاچىلاپ ئاندىن ھاۋاغا بېسىم بېرىپ ھاۋا بېسىمى ئارقىلىق ماتۇرنى ئايلاندۇرىدىكەن،ھاۋاغا بېسىم بېرىدىغانغا يەنە ئېنىرگىيە كېرەككەن.ئىككى سەككىز ئون ئالتە چۇپپۇر ئىشتان يۇڭ تامبال دېگەن شۇ.سىز موتۇرىڭىزغا بېنزىننى بىۋاستە قۇيسىڭىز ياخشىمۇ،ياكى بېنزىىننى ھاۋاغا بېسىم بېرىدىغان ماتۇرغا قۇيۇپ،ئاندىن يۇشىياڭغا ھاۋا قاچىلاپ ئاندىن بېسىم بېرىپ ھەيدىسىڭىز قولايلىقمۇ ياكى بىۋاستە ماينى قۇيۇپلا ھەيدىسىڭىز قولايلىقمۇ؟

ئېنىرگىيە يوقتىن پەيدا بولمايدۇ،بار ئېنىرگىيە يوقاپ كەتمەيدۇ،پەقەت بىر خىل شەكىلدىن يەنە بىر خىل شەكىلگە ئۆزگىرەيدۇ.مانا بۇ مەشھۇر ئېنىرگىيەنىڭ ساقلىنىش ۋە ئايلىنىش قانۇنىدۇر.

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 21:07:44

ھاۋانى يېقىلغۇ قىلىدۇ دەيدۇ تېخى. ئاشۇ قارىماققا چىڭدۇدا ياسالغان زاپەر موتونىڭ ماتورىغا ئوخشىغان ئاشۇ ئاۋاق ماتور بىز نەپەس ئېلىۋاتقان ھاۋانى كۆيدۈرۈپ ئايلىناما؟ كەشىپ قىلغان ماتورىنىڭ تەپسىلىي ئىش پىرىنسىپىنى بىر سورىۋالسام بوپتىكەن يەرمەنكىدە كۆرگەن ۋاقتىمدا. گەپلىشىپ قالسام قايناپ قالماي دەپ كىرمەيلا ئۆتۈپ كەتكەنتىم. ئەگەر مۇشۇ ھاۋا كۆيىدىغان ئىش بولسا ھاۋادىكى نېمە كۆيىدۇ؟ ئازوتما؟ كاربون 4 ئوكسىمۇيە؟ ئۇلار كۆيسە نېمە ھاسىل بولىدۇ؟ ئۇ نەرسە قېنى؟ ئەگەر ھاۋانىلا يېقىلغۇ قىلىدىغان ئىش بولسا ماتورىنىڭ قوڭىغا ھاجىم دادامدەك كېلىدىغان نەچچە ئون كېلوپاسكاللىق بېسىم تۇڭىنى چېتىپ نېمىش قىلىدۇ؟ ئالدىنقى يىللىرى تۇنجى كۆرگەندە بىلگەن بولغىيتىڭلار، ئېنىقلا تۇڭدىكى يۇقىرى بېسىملىق ھاۋانىڭ ئىتتىرىش كۈچىدىن ئايلىنىۋاتقان نەرسە ئۇ.

بۇ دىگەن ئىۋۇ ماشىنىنىڭ چاقىنى يەملەيدىغان يەرگە بارسا كۆرگىلى بولىدىغان چاقنىڭ بولتىسىنى بوشىتىدىغان، تىشىلگەن يەرنى تازىلايدىغان چوپس دەمدۇق شۇ نەرسە، ئىشقىلىپ چاق يەملەيدىغان يەردىكى نۇرغۇن نەرسە ئاشۇ يەل تۇڭى (چىباڭ) دىن چىققان بېسىملىق ھاۋانىڭ تەسىرىدە ئايلىنىدۇ، خىزمەت قىلىدۇ. بۇ بۇرادەر شۇنىڭ پىرىنسىپىنى بىلىۋاپتۇ. دوراپ ئازراق ئۆزگەرتىپ ياساپتۇ. كەشپىياتقا ئىشقى باركەن. تىرىشچانكەن. لېكىن يالغان سۆزلەپ پو ئېتىشتىن نومۇس قىلمايدىكەن. يا بىلمەي دەۋاتامدۇ ئا گەپلەرنى...

Nurlan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 21:15:44

samsak:
بۇ ئەدەم بىلىپ تۇرۇپ قىلۋاتقانمدۇ - يا بۇ ئالدامچىلىقنى!!

بۇرۇن مەنمۇ ئىشەنمىگەن ... ئەمدى بۇلسىمۇ نىيتىڭلاردىن يىنىڭلار بۇرادەرلەر ... بۇ ئادەمنىڭ كەشپىياتلىرى ئالدامچىلىق ئەمەس راست ئىش ...

sardar يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 21:18:22

كۆلدە ئۆسكەن قۇمۇشتەك ھەممەيلەن تەڭلا بىر تەرەپكە ئېغىپ كەتمەيلى تورداشلار . كەشپىيات بولغانىكەن مەيلى ئاددىي بولسۇن مۇرەككەپ بولسۇن چۇقۇم  مەخپىي تۇتىىدىغان يادرولۇق تېخنىكىسى بولىدۇ .ئىزدىنىش تورى ئىلمىي ماقالا، كەشپىيات ئېلان قىلىپ باھالايدىغان نوپۇزغا ئىگە ئەمەس شۇنداقلا  شۇ كەشپىيات ئىگىسىنىڭ ئۆز نەتىجىلىرىنى يىپىدىن يىڭنىسىگىچە بىزگە بىلدۈرۈش مەجبۇريىتى يوق. بۇنداق ئىشقا داۋراڭنىڭ بولمىغىنىدىن بولغىنى ياخشى، ناۋادا ئاخىرقى نەتىجىدە بىز ئالدانغان بولۇپ چىقساقمۇ بىزدىن كېتىدىغىنى ناھايتى بىر ھاياجان خالاس . راست بولۇپ چىقسا بۇنىڭدىن كاتتا ئىش يوق ئەلبەتتە .
بەت: [1] 2 3 4
: سىيەك يىيزسىدىكى دىھقان كەشپىياتچى