kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2010-10-12 07:46:46

تارىختىكى بۈگۈن (12-ئۆكتەبىر)

بۈگۈن 12-ئۆكتەبىر كولومبو خاتىرە كۈنى

1999-يىلى ب د ت بەلگىلىگەن دۇنيا نوپوسى ئالتە مىلياردقا يەتكەن نوپوس كۈنى.

1492- يىلىدىكى بۈگۈنكى كۈندە كولومبو شىمالى ئامېرىكا قىتئەسىنى بايقىغان. كولومبو ئىتالىيە گىنويا شەھىرىدىن بۇلۇپ يەھۇدى قان سىستىمىسىدىن. ئەينى چاغدا غەرپ ئەھلى سەلپ قوشۇنى تەشكىللەپ ئوسمان تۈركلېرى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان ۋاقىت بولغاچقا قۇرۇقلۇق يولى بىلەن ھىندىستان ۋە جوڭگوغا بېرىش تەسكە توختىغان. دىڭىز قاتنىشىدا بولسا ئافرىقىنىڭ جەنوبىدىكى ئۈمىد تۇمشىقىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ ئاندىن ھىندى ئوكيان تەۋەلىكىگە كىرەتتى. بۇ يول بەك ئۇزۇن، خەتەرلىك بولغاچقا ئەينى چاغدا كولومبو غەرپ تەرەپكە دىڭىز يۈرۈشى قىلىپ ھىندىستان بىلەن جوڭگوغا بارىدىغان يىڭى دىڭىز قاتناش لىنىيىسىنى ئېچىشنى پىلانلاپ ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە، فىرانسىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پادىشاھلېرىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان. كولومبونىڭ 10 نەچچە يىل ۋەزخانلىق قىلىشى بىلەن ئاخىرى پورتۇگالىيە ئايال پادىشاھى ئىلزابىللا-1 نىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن.جاپالىق سەپەر ئارقىلىق 1492-يىلى 3-ئاۋغوست ئۈچ يەلكەنلىك كېمە بىلەن ئىسپانىيە دىڭىز قولتۇقىدىن يولغا چىققان كولومبو 1493-يىلى 15-مارت قايتىپ كەلگەن.

1810-يىلى تۇنجى قىتىملىق مىيۇنخىن پىۋا بايرىمى ئۆتكۈزۈلگەن شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە باۋارىيە پادىشاھى لىيۇدۋېك-1 نىڭ توي مۇراسىمى ئۈتكۈزۈلگەن. بۇ بايرام ھازىرغىچە ئۆتكۈزىلىدۇ، 2002-يىلىدىكى پىۋا بايرىمىغا تەخمىنەن ئالتە مىليون ئادەم قاتناشقان.بۇ يىل 18-سىنتەبىردىن 3-ئۆكتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلدى.

1885-يىلى تەيۋەن ئۆلكىسى قۇرۇلغان.

1899-يىلى بورلار ئەنگىلىيەگە قارشى ئۇرۇش قوزغىغان. بورلار جەنوبى ئافرىقىدىكى گوللاندىيە، فىرانسىيە، گىرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ شالغۇتلىشىپ كەتكەن ئەۋلادلېرى بۇلۇپ ھازىر بور دەپ ئاتالماي ئافرىقىلىقلار دەپ ئاتىلىدۇ.

1960-يىلى سوۋىت ئىتتىپاقى ئەل باشى خىروششېۋ ب د ت يىغىنىدا فىلىپپىن ۋەكىلىنىڭ ‹‹سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقى ياۋرۇپادا قىلغانلېر ئۆزلېرى ئىزچىل قارشى تۇرۋاتقان غەرپنىڭ مۇستەملىكىچىدىن پەرقى يوق ››دىگەن سۆزىگە قايىل بولماي ئايىغى بىلەن ئۈستەلنى ئۇرۇپ كۆپچىلىكنى تىنىچلادۇرغان. بۇ ئىش شۇ چاغدىكى قىزىق سىياسى پاراڭغا ئايلانغان. كېيىن يىغىندا تارتىلغان بىر قانچە سۈرەتتىن ئايان بۇلۇشىچە خىروششېۋ ئاياغ بىلەن ئۈستەلنى ئۇرغان ۋاقتىدا ئۇنىڭ پۇتىدىكى ئاياغ سىلىنمىغان ئىكەن بەزىلەر بۇنىڭغا قارىتا بۇ سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئاياغ سىياسىتى خىروششېۋ يىغىنغا ئاللىبۇرۇن تەييارلىق بىلەن بىر ئاياغنى ئارتۇق ئېلىپ كىرگەن بۇ سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ باشقىلارنى قورقىتىش ئۈچۈن ئىنچىكىلەپ پىلانلانغان تاشقى سىياسىتى دىسە يەنە بەزىلەر بۇ ئاياغ ئەسلىدە خىروششېۋنىڭ يىنىدا ئولتۇرغان كىشىنىڭ ئايىغى خىروششېۋ يىغىندىكى ۋاراق-چۇرۇڭنى بىسىقتۇرۇش ئۈچۈن ئۈستەلنى ئۇرۇدىغان نەرسە تاپالماي ياندىكى ئاياغقا مۇراجەت قىلغان دەيدۇ.خىروششېۋ توغرىلىق گەپ جىق. ئۇنىڭ ستالىننى قاتتىق پىپەن قىلغانلىقى(بەزىلەرنىڭ كۆز قارىشىدا خىروششېۋنىڭ ئوغلى ئۇرۇشتا نېمىسلارغا ئەسىرگە چۈشۈپ قىلىپ خائىنلىق قىلغان شۇڭا سىتالىن ئەسكەر ئەۋەتىپ ئۇنى ئۆلتۈرگۈزىۋەتكەن شۇڭا خىروششېۋ سىتالىنغا ئۆچ بۇلۇپ قالغان دىيىلىدىكەن)، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى، كۇبا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كىرىزىسى، جوڭگو بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشى، سوۋىت ئىتتىپقىنىڭ ئېغىر سانائەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشى، ئامېرىكىغا يىتىشىۋىلىش ئۈچۈن يېزا ئىگىلىكىدە كۆممىقۇناق تېرىش پىلانى ھەممىسى مۇشۇ تاقىرباشنىڭ پىلانى.

1968-يىلى ئافرىقىدىكى گىۋىنىيە بىسسائۇ مۇستەققىللىق جاكارلىغان.

1976-يىلى بۈگۈنكى كۈندە خۇاگوفېڭ دۆلەت رەئىسى بۇلۇپ سايلانغان.

1984-يىلى شىمالى ئېرلاندىيە جومھورىيەت ئارمىيىسى ئەنگىلىيەنىڭ بىرىڭتون شەھىرىدە بىرىڭتون مىھمانخانىسىنى پارتلىتىش دىلوسىنى پەيدا قىلغان. ۋەقەدە تۆت ئادەم ئۆلۈپ نۇرغۇن ئادەم يارلانغان لېكىن تىرورچىلارنىڭ ئەينى چاغدىكى ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى ساچىر خانىمنى قەستلەش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمىغان.

1986-يىلى ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ئىلزابىت-2 جوڭگونى زىيارەت قىلغان. ئاڭلىسام شۇ چاغدا كورلا نەشپۈتىگە بەك ئامراق بوپقاپتىكەنمىشقۇ.

2000-يىلى ئامېرىكىنىڭ يەمەندىكى ئادىن شەھىرى پورتىدا توختىتىپ قۇيۇلغان كول ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتى بازا تەشكىلاتى تەرىپىدىن پارتىلىتىۋىتىلگەن.بۇ ۋەقەدە ئامېركىنىڭ 17 ئەسكىرى قازا قىلغان.

2002-يىلى ھىندىنوزىيە ئىسلام ئارمىيىسى (Jemaah Islamiah) ھىندىنوزىيە بالى ئارىلىدا چاتما پارتلىتىش ئەنزىسى سادىر قىلىپ 202 ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى 2005- يىلى 9- سىنتەبىر قولغا ھىندىنوزىيە ساقچى تەرەپ تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان.

2005-يىلىدىكى بۈگۈنكى كۈندە ئېلىمىزنىڭ جىيۇچۇەن سۈنئى ھەمرا قۇيۇپ بېرىش مەركىزىدە ئىلاھى كىمە-6 مۇۋەپپىقەتلىك قۇيۇپ بېرىلگەن.

خىروششېۋ

1999-يىلى 12-ئۆكتبىر سەھەر سائەت 0 دىن 2 مىنۇت ئۆتكەندە ب د ت باش كاتىپى ئاننا سارايىۋودىكى بىر دوختۇرخانىدا يەر شارىدىكى 6 مىلياردىنچى ئۇغۇل بالىنى تەبرىكلىمەكتە.

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-10-12 14:23:14

بۈگۈن مەن تەرجىمە قلاي دىگەن ئەسلى ،يوللاپ بوپسىز ئ

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2010-10-12 20:03:53

ئەتىگەن يوللىسام خەت نۇسخىسى ماس كەلمەي تەستىقلانماپتىكەن. چۈشتە قايتا يوللىغان ئىدىم. ئەتە سىز يىزىڭە ئۇيغۇر بالىغ....

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2010-10-12 20:06:15

تارىتا بۈگۈن  
...................................
نىمە گەپ بۇ

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-10-12 20:14:53

kuyaxoghli:
ئەتىگەن يوللىسام خەت نۇسخىسى ماس كەلمەي تەستىقلانماپتىكەن. چۈشتە قايتا يوللىغان ئىدىم. ئەتە سىز يىزىڭە ئۇيغۇر بالىغ....

ئەمىسە ئەتە ماڭا قالدى .مەن يازاي خۇدايىم بۇيرۇسا .

مۇكاپات بېرىلگەندە تەڭ ئالامىززززز

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2010-10-12 20:19:40

بۇ تۇرپان شېۋىسى ئەركتېكىن. تارىخنىڭ قىسقارتىلمىسى.

'بۇ تېمىنى ئەتىگەن ئىشقا چىقىشتىن بۇرۇن يازغانتىم. ۋاقىت يىتىشتۈرەلمەي ئالدىراپ بىر يوللىسام خەتنى ئوقۇغىلى بولمىدى دەپ تەستىقلانماپتۇ شۇڭا چۈشتە ئىشقا ماڭغۇچە قايتا يوللىغان ئالدىراشچىلىقتا تەھرىرلىيەلمەي قالدىم. ماۋۇ ئەلپىدانى ئىشلەتسەم بەك جىلە قىلىپ كېتىۋاتىدۇ مېنى. بۇرۇنقى كۆزنەك ئىمپىراتور بەك ياخشىكەنتۇق. شۇنى ئىزدەۋاتىمەن ھازىر.

بەت: [1]
: (