sebi_ne يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 20:07:02

تىجارەتكە ئىپى بار تورداشلار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ، مەن يېقىندا بىر يېڭى سېلىنغان سودا سارايدىن بىر كىچىك دۇكان(ئاياللار كىيىم -كىچەك دوكىنى) ئېلىپ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەت كۈتۈپ تۇرىۋاتقان سىڭلىم ئۈچۈن ،ئۆز قىزىقىشى بويىچە تىجارەت باشلاپ بىرەي  دىگەن ئىدىم . ئۆزەمنىڭ ئويى بويىچە بەزەنبىر تەييارلىقلارنى قىلىپ بەردىم .ھازىر دەسلەپكى قەدەمدە دۇكاننى ئېلىپ تەييار قىلىپ قويدۇم ،سودا بىناسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن مۇشۇ ئاينىڭ 25.چىسلا رەسمى تىجارەت باشلانماقچى .....بىراق بۇ ئىشنى تۇنجى باشلىغاچقا بەلكىم كۆپ نەرسىلەرنى بىلەلمەسلىكىمىز  مومكىن ،تىجارەتتىن ئاز تولا خەۋىرى بار تورداشلار ئازغىنە ۋاقىت چىقىرىپ ماڭا بۇ يىل قانداق كېيىملەرنىڭ مودا بولۇپ بازىرى ئىتتىك بولىدىغانلىقى ،دۇكان ئېچىشتا ، مەبلەغ سېلىشتا ۋە مال كىرگۈزۈشتە ،شۇنداقلا مالنى قايسى يەردىن ئېلىپ كىرگۈزۈشتە قانداق ئىشلارغا دىققەت قىلىش كىرەكلىكى،تىجارەت باشلانغاندىنى كېيىن يۈز بېرىش ئىھتىماللىقى بولغان پايدا -زىيانغا قانداق مۇئامىلە قىلىش قاتارلىق بىر قاتار مەسلىلەرگە قارتا ياخشى بىر مەسلىھەت بەرسەڭلار ،مۇشۇ مۇنبەردىكى گۈزەل ،چىرايلىق خانىم قىزلىرىمىزنىڭمۇ مېنىڭ مۇشۇ تېمامغا قارتا ئاكتىپ پىكىر قاتناشتۇرۇپ ،بۇ يىللىق كېيىم-كېچەككە بولغان قىزىقىشىڭلارنىمۇ دەپ باقساڭلار ،،رەھمەت!!  

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 20:26:22

سىزنىڭ كەلگۈسى خېرىدارلىرىڭىز قايسى دائىرىگە كىرىدۇ؟ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ، خىزمەتكە چىققان ھەم مۇقىم مائاشى بارلارمۇ، باشلىقلارنىڭ ياكى پۇلدارلارنىڭ ماركا قوغلىشىدىغان خانىم قىزلىرىمۇ....مۇشۇلارنى بېكىتىۋېلىپ ئاندىن كىيىمنىڭ دائىرىسىنى،دەرىجىسىنى بېكىتسىڭىز بولامدىكىن دەيمەن.

كىيىم كېچەكتىن باشقا يەنە ئاياق، سومكا، شارپا،پەلەي،زىنۇ زىننەت ۋاھاكازا دىگەن نەرسىلەرنىمۇ بىللە ئويلاشسىڭىز بولامىكىن.

Pirkat يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 20:27:32

مال كىرگۇزۇش ئۇچۇن چوقۇم ئۇرىمچىگە ، ئىچكىرگە بىرىشنىڭ ئورنى يوق ، توردىكى ئىشەنچىلىك كىيىم كىچەك توپ تارقىتىش مەزكەزلىرى ، زاۋۇتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ ،

توردىن سىتىۋالغاندا ئارتۇقچە چىقىملار يوق بولىدۇ ،  ۋاقىتمۇ تىجىلىپ قالىدۇ ،

(پەقەت كۆز قارىشىم ، قالغان گەپ ئۆزىڭىزدە )

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 20:42:11

خېرىدارلارغا ھەرگىز راس گەپ قىلماڭ. ئالغان كىيىمى ياراشمىسىمۇ ۋاي ياراشتى، قالتىس ياراشتى...ئانجىلىنا جۇلىدەك، ئاشۋارىيادەك بوپ كەتتىڭىز...كۆزىڭىز مال تونۇيدىكەن جۇمۇ دەپ ماختاۋېرىڭ. ئېرىنى باشلاپ كەلگەن چوكانلارنى كۆرگەندە، ئايالىنىڭ ئىچىنى قىزىتىپ قويسىڭىز، ئېرىنىڭ پۇل سانىماي ھەددى ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى، دۇكىنىڭىزغا كىرگەن ھەربىر خېرىدارغا، مەيلى مال ئالسۇن ياكى مۇنداقلا چۆگىلەپ كىرگەنلەر بولسۇن، ئىللىق، قىزغىن مۇئامىلە قىلىڭ.

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 20:49:48

ھە راست، بولسا دۇكىنىڭىزغا ئارتۇق ئورۇندۇقتىن بىر نەچچىنى قويۇپ قويۇڭ. خۇتۇنلار كىيىم تاللاپ بولغىچە، ئەرلىرى ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىۋالىدۇ.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 20:53:55

خېرىدارغا راست گەپ قىلسا سودا ياخشى بولامدىكىن دەيمەن. بىر سودىگەر ئاغىنەم دۇكىنىغا كىرگەنلەرگە بەك ۋاي دەپمۇ كەتمەيدۇ . كىيىم ياراشمىسا سېلىۋېتە بولدى ساڭا ياراشمىدى بۇ دەپ دەۋېرىدۇ سودىسى بەك ياخشى ئۇنىڭ .

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 20:56:36

دۇكىنى نەدە شۇ ئاغىنىڭىزنىڭ؟  ئايالىمغا بازار چۆگىلىشىپ بەرسەم، ساپلا ماختايدىغانلارغا ئۇچرايمەن.

armanjan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 21:09:33

يامانمۇ مۇدا دەپ.. چاكىنا كىيىملەرنى دۇككانغا سالماڭ،سودىدا راسچىل،سەمىمى بۇلۇڭ ، مىلىيۇن پايدا قىلسىمۇ  نىسى ساتماڭ،  پات-پات بازار ئايلىنىپ تۇرۇڭ،...........ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن............

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 21:33:37

bikarchi:
ھە راست، بولسا دۇكىنىڭىزغا ئارتۇق ئورۇندۇقتىن بىر نەچچىنى قويۇپ قويۇڭ. خۇتۇنلار كىيىم تاللاپ بولغىچە، ئەرلىرى ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىۋالىدۇ.

بىكارچىنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى قوللايمەن ،ئەرلەر بۇنداق ۋاقتىدا  تەشەبۇسكارلىق بىلەن پۇل تۆلەپ بېرىدۇ تېخى.

يەنە مەنمۇ قىستۇرۇپ قويسام : ئۆزىڭىز ھەپتە ۋاقىت چىقىرىپ بازار كۆزىتىڭ ،شۇ ۋاقتىدىلا نىمىنىڭ مودلقىنى بىلىپ بىلمەي ھېس قىلىسىز ،ھازىر ئالاھىدە مودا كىيىملەر يوق ،ئەمما ئۇنى بۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ كىيىىش مودا .شۇڭا توختىماي ئۆزىڭىزنىڭ گۈزەللىك قارشىنى يېتىلدۈرۈپ قايسى رەڭنىڭ نىمىگە ماسلىشىدىغانلىقىنى ،قايسى كىيىمنىڭ نىمە بىلەن بەكرەك ماسلىشىدىغالىقىنى بىلەلەيدىغان بولىشىڭىز كىرەك ،ھەم ئۆزگىچە ئۇسلۇپمۇ يارىتىڭ .

ئاندىن : كىرگەن خېرىدارغا بويىدا كىيىۋالغان كىيىمىگە ئاساسەن ئۇ خىېرىدارنىڭ قانداق پوسۇندىكى كىيىملەرگە ئامراقلىقىنى ببىر قاراپلا بىلەلەيدىغان بولسىڭىز ،خېرىدار ئىشكىتىن كىرىشىگىلا سىز ئۇ خىېرىدارنىڭ ئىزدەپ يۈرگەن نەرسىلىرنى تەۋسىيە قىلىپ تونۇششتۇرۇپ دىگەندەك قىلىپ بەرسىڭىز ئۇلارمۇ سىزنى سەمىمىيكەن دەيدۇ .

بىكارچى :سۈزۈكنىڭ ئۇستىخنى چىرايلىق بولغاچ قانداقلا كىيىم كىيسە يارىشىدۇ ،شۇڭا ھەممە سودىگەرلەر ئاشۇنداق دەيدۇ ،بۇمۇ ئۇلارنىڭ سەمىمىيتى ،ئەگەر ياراشمىغان ئادەمگە ياراشتى دەپ كىيىم ساتسا خېرىدارمۇ ئىچىدە \"سەمىمىي ئەمەسكەن ،سېتىۋېلىش ئۈچۈنلا دەۋاتىدۇ \"دەپ ئويلايدۇ ،ھازىر يالغانغا ئىشىندىغان ئەخمەق ئادەم ئاز .يەنىلا سەمىمىيرەك بولغان ياخشى.

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 21:37:49

ئۇنىڭغا ئەمەس، ماڭا شۇنداق ماختاپ ساتىدۇ. شارۇلغانغا ياراشقاندەك ياراشتى جۇما سىلىگە دېسە ئىشىنىپلا قالىمەن.ئۆيدىكى ئەينەك بىلەن دۇكانچىنىڭ ئەينىكى ئوخشىمامدىكى دەيمەن بەزىدە.

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 21:45:49

ئەمىليەتتە بىكارچىنىڭ دىگەنلىرىنىڭ ئاساسى بار گەپلەر لېكىن سەل قوپال ئىپادىلەپ قويۇپتۇ ، دىمەكچى ئاپىلىرىمىزغا بازار ئايلىنىپ بىر نەرسىلەر سېتىۋالىمىز، سەمىرىپ كەتكەندىكىن يا تۈزۈك كىيىملەر ياراشمىغان، ساتقۇچىلار يارىشىپتۇ دىسە ئۇلار بىر خىل خوش بوپ قالىدۇ...يالغاننىمۇ ئوخشىتىپ دىسە راسقا ئايلىنىپ قالىدۇ...

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 21:46:45

غۇلجىدا

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 21:48:15

bikarchi:
ئۇنىڭغا ئەمەس، ماڭا شۇنداق ماختاپ ساتىدۇ. شارۇلغانغا ياراشقاندەك ياراشتى جۇما سىلىگە دېسە ئىشىنىپلا قالىمەن.ئۆيدىكى ئەينەك بىلەن دۇكانچىنىڭ ئەينىكى ئوخشىمامدىكى دەيمەن بەزىدە.

شارۇلخانغا كىيىم ئانچە ياراشمامدىكى دېسەم....

NALAN يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 22:01:03

سىرىتدا 200 گە ئالغىلى بولىدىغان نەرسىگە 2000 باھا قويماڭ. ماركىسى ھەقىقەتەن شۇنىڭغا يارايدىغان مال بولسا ئۇنىڭ يولى باشقا. بەزىدە دۇكاندارنىڭ قويغان باھاسىنى ئاڭلاپ ساتقىسى يوقلا دەۋاتامدۇ نىمە باھاسىنى دەپ ئويلاپ قالىدۇ كىشى.

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-10-12 08:24:38

بىر خىل كىيىمنى بەك جىق سېلىپ ۋاشاڭ قىلىۋەتمەڭ، ماللىرىڭىز بولسا باشقا دۇكانلاردىكىن پەرقلىق تۇرسۇن، بەزىلەر شۇ \"پەقەت بىرلا\" دېگەنگە ئامراق كېلىدۇ، پەقەت بىرلا بولسا ياقتۇرۇپ قالسا قىممەت بولسىمۇ ئېلىۋېرىدۇ

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2010-10-12 10:23:14

niyazdixan:
غۇلجىدا


ئەسسالام ئەلەيكۇم دېخان تاغا ئۇزۇن بولدى يۈتۈپ كەتتىڭىز. ئىلگىرى ئورخۇن توپىدا تولىراق پاراڭلىشاتتۇق. بۈگۈن سىزنىڭ سالامەت ئىكەنلكىڭىزنى كۈرۈپ خۇرسەن بولدۇم

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-10-12 10:30:44

بىر خىل ئۇسلۇب يارىتىڭ ھەم كىيىملەرنى بىردەكلىككە ئىگە قىلىڭ،ئۇزۇن مەزگىللىكنى ئاساس قىلسىڭىز ئۆزىڭىزگىمۇ مەبلەغ سېلىڭ مەسىلەن كۈندە دىگۈدەك چىرايلىق كىيىنگەندىن سىرت چاچ پوسۇنى دىگەنلەرگىمۇ دىققەت قىلىڭ ،سېتىۋالغۇچى بىر قاراپلا سىزدىن بىر خىل ئۇسلۇبنى ھىس قىلسۇن شۇ چاغدا سىزنىڭ ئىشەنچىلىكلىك دەرىجىڭىز ئاشىدۇ.

مەسىلەن ھازىرقى ھەشەمەتلىك ماركىلاردا خىزمەتچىلەر شۇنداق چىرايلىق، يەنى گىرىمنى پاكىز قىلىدۇ،چاچلىرى رەتلىك ھەم پاسۇنلۇق،بەك مۇرەككەپ ئەمەس، قارا،قۇرا رەڭلەرنى كىيىدۇ،بۇ بەلكى سېتىۋاتقان ماركىنىڭ رەڭژارلىقىنى ھىس قىلدۇرۇش ئۈچۈن بولسا كېرەك. سىزنى قارا قۇرا كىيىۋال دىمىدىم لېكىن بىر خىل بىردەكلىكنى ساقلاڭ...بۇ چاغدا كىيىم ساتقانلا بوپ قالماي يەنە lifestyle ياراتقان بولىسىز ھەم ئەتراپتىكى مۇھىتقا ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتكەن بولىسىز.

سۈزۈك مۇشۇ lifestyle نى نىمە دەيتتى, زىيالى تىللىۋېتىشتىن بۇرۇن بىر تەرجىمە قىلىۋەتسىڭىز

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-10-12 10:37:33

تۇرمۇش ئۇسلۇبى؟ ياشاش ئۇسۇلى؟ ياشاش سەنئىتى؟ ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبى راستلا بەك مۇھىم جۇمۇ~~ بىراق بۇنى قىلماقمۇ ئۇنچە ئوڭاي ئەمەس

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-10-12 10:46:28

راس بۇنى قىلىش بەك تەس گەپكەن بولۇپمۇ ياۋروپالىقلار 100 يىلدا باسقان يولنى 10 يىلدىلا باسىمىز دەپ ئىگىزگە قاتتىق بىر سەكرىگەندەك قىلغان بىلەن ئارىلىقتىكى بوشلۇق يەنە شۇ پېتى قالىدىكەن، يېقىنچىدىن بارغانسېرى ھىس قىلىدىغان بوپ كەتتىم...ئادەم بۇرۇقتۇملىشىپ قالىدىكەن بەزىدە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ ئاساسىنىڭ ئاجىزلىقىنى تۇيۇقسىز بايقىۋالغاندا....

matu يوللانغان ۋاقتى 2010-10-12 11:02:22

ما دۆت خەق ، ئەمدى ئالاي دىگەندە :\" بۈگۈن نەچچىسى ئالدى بۇنى ...\" دىگەندەك يالغان ياۋىداق گەپلىرىنى بىر باشلايدۇ ، چىشىم قېرىشىپ بولسىمۇ ئالمايمەن . ئادەمنىڭ  تەلەتىگە قاراپ خاراكتىرىنى بىلمەيدىغانلار بەك جىق بۇ خەقتە ...

بەت: [1] 2
: تىجارەتكە ئىپى بار تورداشلار