xabnam يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 15:36:36

پاكىستان كاراچىىدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش شەكلىدىكى بومبا پ

پاكىستان كاراچىىدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش شەكلىدىكى بومبا پارتىلتىش ھۇجۇمى

10-ئاينىڭ7-كۈنى پاكىستانىڭ جەنوبى كاراچىىدا،ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش شەكلىدىكى بومبا پارتىلتىش ھۇجۇم يۈز بەردى.... بۇ قېتىمقى پارتىلاشتا 14ئادەم ئۆلۈپ،70نەچچە ئادەم يارلاندى....

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 16:11:23

دۇڭسۇنرۇي ئىسىمگە كىلىپ قالدى.

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 16:53:06

Bayawan:
دۇڭسۇنرۇي ئىسىمگە كىلىپ قالدى.

ھازىرقى زاماندا بولسا تېرورچى بوپ كېتەتتىكەن...

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 16:58:01

يەنەشۇيالغانزۇرۇ لارنىڭ قىلغانئىشىئىپلاسلار..نارىسىدەبالىلاردا   نىمە   گۇناھ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 17:03:13

ئەجەپ ئىچىم سىيرىلدى دېسە ؟!ھەممىسى مۇسۇلمان ئەمەسمىدى ؟ئۆىنىڭ يېغىدا ئۆزىنىڭ گۆشىنى قورۇپ نېمىمۇ قىلار ؟
ئەگەر شۇلار مەقسەتكە يەتتىمۇ دەيلى ، شۇلارنىڭ قولىدا ئۆلۈپ كەتكەن بىگۇناھ نارىسىدىلەرنىڭ ھامان بىر كۈنى سورىقى بولىدىغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟

joshua يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 17:21:08

ئەنگىلىيەنىڭ يېڭى ئىشلىگەن \"تۆت ئارسلان\" دېگەن كىنوسىنى كىم كۆردى؟

مەنچە ئەنگىلىيىلىكلەر ئادەم بومبىسىغا يېڭىچە نۇقتىئىنەزەردىن قاراشنى ئۆگەنگەن ئوخشايدۇ، قارىماققا كىنو گۇمانىزملىق ئىدىيە بىلەن يۇغۇرۇلغاندەك قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا مۇسۇلمان ياشلارنى يوشۇرۇنچە مازاق قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 17:22:34

پاكىستانلىقلار نىمە ئۈچۈن شۈنداق قىلىدۇ؟ ئوتكەندە بىر پاكىستانلىق بىر بۇرادەر دىن سىنىڭ مىللىتىڭ نىمە دەپ سورىسام پاكىستان مىللىتى دىگەن ، گەپنى ئۇختىرالمىغان ئوخشايمەن دەپ قارا دۆلىتىمىزدا 56 مىللەت بار، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پاكىستاندا نەچچە مىللەت بار دىسەم، ئۇ پاكىستاندا ھەممەيلەن شۇ بىر پاكىستان مىللىتىدىن دىگەن ئىدى. بۇنىڭغا قاراپ ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋرلىك ھىسياتى ناھايتى كۈچلۈك ئىكەن دەپ ئويلىغان ئىدىم .

ناۋادا ئەھۋال مۇشۇ بۇرادىرىمىزنىڭ دىگىنىدەك پاكىستاندا شۇ بىرلا پاكىستان مىللىتى تۇرۇپمۇ بۇنداق قىرغىنچىىلىق قىلغىلى تۇرسا ، ئەگەر ئۇلارمۇ ئەللىك مەچچە مىللەت بولۇپ قالغان بولسا پاكىستاننى قانغا بويىۋىتەر بولغىيمىدى؟

تېخى ئوتكەند رامىزاندا، ھەم ۋەھشى كەلكۈن ئاپىتى بولغان شارائىتتىمۇ ئۇلار يەنە شۇنداق بىرمۇنچە ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈپ قويدى .بۇ توقۇنۇشلارنىڭ تۈپكى سەۋابى نىمە؟ راستىنلا دىننى مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنىشمۇ ياكى باشقا سىياسىي سۈيقەتسمۇ بارمۇ؟ئىزدىنش ئەھلى مۇشۇ ھەقتە بىر پىكىر ئالماشتۇرۇپ باقساق قاندق ؟

qutyar يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 19:02:41

joshuaگېپىنى قىلغان كىنونىڭ ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز كۆرۈپ باقمامدۇق

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 19:05:00

ھەممە ئادەمنىڭ بىلىم ئېلىشى ۋە بىلىم تارقىتىشى ئەركىن بولۇشى، لېكىن خالىغانچە ئىدىيە تارقىتىشى ئەركىن بولماسلىقى كېرەك، بىر دۆلەتتىكى ھەممەيلەن ئۇيۇشالايدىغان بىر ئورتاق ئىدىيە رامكىسى ۋە قىممەت قاراشنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئادەتكە ئايلاندۇرالمىغان دۆلەت- ھامان قالايماقانچىلىقتا قالىدۇ.
پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشنى مىڭلارچە مۇتەخەسىسلەر بىرلىكتە تەتقىق قىلمىغان دۆلەت مۇنداق بىر سۆزنى ئەسكە سالىدۇ- «تاماق يېيىش ھەرگىز ئىلگىرىلەش ئەمەس»
خالىغانچە ئىش قىلىش ئۇيۇشۇشتىن ئاسان، ھەم بىچارە.

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 20:19:46

پاكىستان قانچە قالايمىقان بولغانسېرى ئامېركا ۋە ناتو \"پاكىستاندىكى يادىرو قوراللىرى تېرورچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن' لىكىنى باھانە قىلىپ، بۇ دۆلەتكە تاجاۋۇز قىلىش مەقسىتىگە ۋە شۇ ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننى، ھەتتا رۇسىيىنى كونترول قىلىش غەرىزىگە يېتەلەيدۇ.

armanjan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 21:11:04

بىچارا ...بالىلارغا........... ئۇۋال

rock يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 21:29:46

lost دىكى ھېلىقى قېرىنىڭ بىر گېپى بار ئىدى، ئۇ گەپنى باشقا بىر كىنودىمۇ ئۇچرىتىپ قالدىم. ماندا دەيدۇ:

Spirituality is not religion. Religion divides people. Belief in something unites them.

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 21:40:57

قايسى قېرى؟ جېكنىڭ دادىسىما؟

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 21:56:15

بۆرىكىنى دادىسى ئالداپ ئېلىۋالغان قېرىنى دەمدىكىن،جون لوكنى

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 21:58:50

باياۋان، دېسەم كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن، مۇشۇ فىلىمدە ئەڭ دۆت ئادەم سەئىدمىكىن دەيمەن.سىزنىڭچىچۇ؟

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-12 08:27:32

بەلكىم شۇنداقتا، لىكىن مۇشۇ فىلىمدىكى ئەڭ نورمال ئادەم سەئىدمىكىن دەپ باش سۈرىتىمگە چىقىرىۋالغان.
بۇ فىلىمدە بىرسى ساراڭ، بىرسى ئاقچى، بىرسى خوتۇندىن تەلىيى يوق دادىسى بىلەن چىقىشالمايدىغان ئاسان ھاياجانلىنىدىغان، بىرسى جەمئىيەتتىن ئۆچ ئالىدىغان، بىرسى سىڭلىسى بىلەن زىنا قىلىدىغان، بىرسى خۇراپىي........... دىگەندەك. قارىسام سەئىد نورمال ئادەمكەن.

rock يوللانغان ۋاقتى 2010-10-12 10:58:38

جون لاك نى دەيمەن، گەپلىرى ئەجەپ پەيزى ئۇ قېرىنىڭ.

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-12 11:00:42

بۇ فىلىمنىڭ جەريانى ياخشى ئىشلەنگەنىدى. ئەمما ئاخىرى بەش يىل كۈتكەنگە چۇشلۇق چۈشۈرۈلمىدى.

joshua يوللانغان ۋاقتى 2010-10-14 17:44:04

qutyar:
joshuaگېپىنى قىلغان كىنونىڭ ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز كۆرۈپ باقمامدۇق

مۇشۇ ئادرېسقا كىرسىڭىز بەلكىم كۆرگىلى بولۇشى مۇمكىن:

http://search.xunlei.com/search.php?keyword=%E5%9B%9B%E5%A4%B4%E7%8B%AE%E5%AD%90

بەت: [1]
: پاكىستان كاراچىىدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش شەكلىدىكى بومبا پارتىلتىش ھ