xabnam يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 14:29:31

موسكۋانىڭ كېچىلىك مەنزىرسى

موسكۋانىڭ كېچىلىك مەنزىرسى

يەرلىك ۋاقىت 10-ئاينىڭ8-كۈنى،ئوپېراتور ئايروپىلاندىن تارتقان موسكۋانىڭ كېچىلىك مەنزىرسى

مەنبەسى:中新网

matu يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 20:05:38

بېيجىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ ........

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 20:09:28

مەن 2005 مەكتەپ پۈتتۈرۈپ،2006 بېيجىڭغا قايتا بارغىنىمدا تاس قالغان مەن نەگە كەپ قالدىم دىگىلى

matu يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 20:13:03

96دىكى يېڭى تاش قوراللار دەۋرى ئېسىمدىكەندە

nur يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 14:40:41

قارىماققا بۇ رەسىم ئۆمۈچۈك تورىغىلا ئوخشايدىكەن....؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 14:43:30

ياۋرۇپانىڭ شەھەر بىنا قىلىش ئۇسلۇبى

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 14:53:39

بىلمەيدىغان ئادەم كوچا ئايلىنىمەن دەپ ماڭسا بىر چەمبىرەكنى بويلاپ نەچچىنى ئايلانغىدەك

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 15:02:12

سەككىز قىرلىق شەھەر تىكەسمۇ مۇشۇ خىل ئۇسلۇپتا ،ئاڭلاشلارغا قارغاندا روسلار لايھىلىگەنمىش

Windboy يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 15:11:01

موسكۋا شەھىرىنىڭ لايھىلىنىشى ئىنتايىن ياخشى،شەھەرنىڭ مەركىزى قىزىل مەيدان،ھەممە يوللار شەھەر مەركىزىگە تۇتىشىدۇ(ھەجەپ بىر بېرىپ باققاندەكلا سۆزلىۋەتتىما،مەنمۇ شۇ كىتاپتىن كۆرگەن)،ئىشقىلىپ مۇشۇ ياۋرۇپالىقلار شەھەر بېنا قىلىشقا بەك ئۇستا جۇمۇ،شەھەرنىڭ بارلىق فونكىسىيىلىك تارماقلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىنتايىن مۇۋاپىق،ئاڭلىشمچە غۇلجىنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىكەنغۇ،شەھەر مەركىزىدىن ئەتراپقا قاراپ ئالتە تەرەپلىك شەكلىدە يېيىلغان ھالەتتە. شىڭشىسەينىڭ زامانىدا روسلار لايھىلەپ بەرگەنمىش.

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 15:21:50

رەسىم كىچىك بولوپ قاپتۇ ،ھە ،،

يەنە يوللاپ باقاي~~~

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 15:27:22

بىزنىڭ جوڭگۇ بېيجڭدىكىنىمۇ يوللاپ قويىلى ماندا.

Faith يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 15:50:05

tarimi:
بىزنىڭ جوڭگۇ بېيجڭدىكىنىمۇ يوللاپ قويىلى ماندا.

بېيجىڭنڭ شەھەر تۈزۈلىشىمۇ شۇنداق ياخشى، غەرپ-شىمال، شەرق-جەنۇپنى پەرق ئېتلەلىسلا بولدى

Faith يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 15:56:41

يۇقارقى رەسىمنىڭ ئوڭ تەرىپى شىمال، سول تەرىپى جەنۇپ، ئۈستى غەرپ، ئاستى شەرق

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 16:59:49

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Kanji تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-22 10:17

ئۈرۈمچىنىقايتىدىن پىلانلايدىغان يەرگە يەتتى.

Windboy يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 17:00:50

ھە بېيجىڭمۇ ياخشى تۆت چاسا بولغانكىن ئېزىپ قالمايدۇ ئادەم،توۋا دەيمەن،تەييارلىقنىڭ تۇنجى يىلى بىرىنجى قېتىم بېيجىڭغا بارغىنىمدا،بېيجىڭغا چۈشۈپلا ئەتىسى ياتاقتا ئولتاغىم كەلمەي،بىر ئاغىنەم بىلەن مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋىرىستىتىدىن پىيادە ياياق مېڭىپ تىيەنئەمىن مەيدانىغا بېرىپتىكەنمەن قانداق يەردۇ دەپ.ئەسلىغۇ پىيادە بېرىش پىلانىم يوق ئىدى،ئاپتوبۇسقا قانداق ئولتۇرۇشنى بىلمەي ئاۋال پىيادە مېڭىپ غەربى قوۋۇققا كەپتۇق،كىيىن ئۇ يەردىن مىترو 2-لىنىيەسىنىڭ كىرىش ئېغىزىنى تاپالماي مانا ئەمسە دەپ پىيادە ماڭغان گەپ،ئاغىنەم ھېرىپ كەتتىم،چىدىمىدىم دەپ يولنىڭ ئۈچتىن ئىككىسنى بېسىپ بولغاندا تورخانىغا كىرىپ كەتتى مەن دىگەن قولامدا خەرىتىنى كۆتۈرۈپ يوللارنىڭ ئىسمىگە قاراپ مېڭىۋەرگەن گەپ،بىر چاغ بولغاندا چاڭئەن كوچىسىغا چىقتىم،يەنە بىردەم ماڭسام مەنزىلگىمۇ بېرىپتىمەن،شۇ بىر ئادەتتىكىچە مەيدانكەن شۇ.يېرىم سائەت ئۇ يە بۇيەنى چۆگىلەپ ئاندىن يەنە شۇ كەلگەن يولۇم بىلەن قايتتىم،چۈنكى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇشنى يا مىتروغا ئولتۇرۇشنى بىلمەيمەندە،(تاكسى قىممەت)ماڭە ماڭ،ماڭە ماڭ،بىر چاغدا غەرىبى قوۋۇق ئىچكى كوچىسى دەپ قويامدۇ؟(西直门内大街)گە كەپتىمەن زادى چىدىماي تاكسىغا ئولتادىم شۇ ئوننەچچە يۈەن چىقىپتۇ،ياتاققا بېرىپ ئاياقنى سالسام پۇتۇم دىگەن قاپىرىپ كەتكەن گەپ.ئەتىسى چىقىپ مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى ئۇچۇر بوتكىسىدىن تەكشۇرسەم يول دىگەننى ۋەھشى مېڭىپ قويۇپتىمەن،بېرىپ كىلىشكە بولمىدى دىگەندىمۇ 30كىلومىتىرچە يولكەن ئۇ،ئىشقىلىپ ئاجايىپ بىر ئىش بولغان،شوڭىمۇ بېيجىڭنىڭ قاتنىشىغا ئامراق،بەكلا قولاي،باھاسىنىڭ ئەرزانلىقىنى دىمەي تېخى ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېلىتى ئوقۇغۇچىلارغا 2مو،ئادەتتىكى كىشىلەرگە 4مو.شاپاق نەرخىدەكلا ھازىر تۇرۇۋاتقان يەرگە سېلىشتۇرغاندا.

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 17:03:14

Windboy:

تەييارلىقتا ئەجەپ ئۇزاق ئوقۇپتىكەنسىز...

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 17:07:33

2 مولۇق قاتناش قاچانقى ئىشلاردۇ؟

مەن 2001-يىلى بارغان.شۇ چاغلاردا 1يۈەندىن باشلىناتتى

Windboy يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 17:11:07

ئېسىمدە قېلىشىچە 2007-يىلىغۇ دەيمەن،

شۇ باشقىلار بىلەن ئوخشاشقۇ،تەييارلىق پۈتكىلىمۇ نەۋاخ،ئوقۇش پۈتۈشكىمۇ جىق قالمىدى مانا.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 17:14:29

ئا خېبىيدا بېيجىڭ دەيدىغان بىر كەنىت بار دەۋاتقان

شۇ يەردە ئوقىغان ئوخشىمامسىز؟

2 موغا بېيجىڭدا 2 قاپ سەرەڭگىدىن باشقا نەرسە كەلمەمدىكىن

سەرەڭگىنىمۇ تەستە تاپىسىز ھازىر تېخى

Windboy يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 17:20:30

شۇ ئوقۇغۇچىلار كارتىسى بولسا ئىككى قاپ سەرەڭگە كەلمەيدىغان 2موغا كوچا ئاپتوبۇسىغا چىققىلى بولىدىكەن،ئىككى يىلغۇ تۇرۇپ كەتكەن،قارىغاندا ۋىۋىسكا يول بەلگىللىرىگە ياخشى قارىمىغان چېغىم بار بېيجىڭ كەنتىنى بېيجىڭ شەھىرى دىۋالغىنىمغا قارىغاندا.
بەت: [1] 2
: موسكۋانىڭ كېچىلىك مەنزىرسى