lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 19:06:10

شەخسى بىزەكچىلەرنى ئىشلەتكەندە دىققەت قىلارسىز !!!

مىلادى ئىككى يىلنڭ ئالدىدائاشۇ شەھەردە دۈم يېتىپ دۈم قوپاپ خەققە بىكارغا ئىشلەپ ،بۇرنۇمغا تولا يەپ ،ئاخىرى خۇدانىڭ ئىچى ئاغرىتىپ

قالدىمۇ ياكى سەۋرىنىڭ ۋاقتى سائىتى تۇشۇپ قالدىمۇ ئىشلىرىم يۈرۈشۈپ ئالدىنقى يىلى ئولتۇرسام قوپسام غېمىنى يەۋاتقان كاساپات ئۆيدىن

بىرنى ئالدىم. پۈتۈنلەي ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ ..

بۇگۈن ئاساسلىقى ئۆي زىننەتلەش توغىرسىدا توختىلاي دەيمەن.

بىشىمدىن ئۆتكەن بىرلا خۇلاسە : پۇلدىن بەكلا قىسىلمىسىڭىز كەسپى بولغان زىننەتلەش شېركەتلىرىگە قىلغۇزۇڭ . سەۋەبلىرى

1)بىز ئاۋۋال بىر نەچچە ئادەم ئۇقۇشتۇق . ئۈچ گۇرۇپپا شەخسىزىننەتچىلەر . ئىككى شېركەت. گۇرۇپپىلار ئارا بەرگەن باھاسى جىق پەرىقلەنمىدى . شېركەتلەر ئارامۇ شۇنداق. ئەمما ئىككى گۇرۇپپا ئوتتۇرسىدا 8000-10000 يۆەنگىچە پەرىق بولغاچقا ،ئۇيان ئويلىنىپ بۇيان

ئويلىنىپ شەخسىگە قىلغۇزۇشنى خوپ تاپتۇق. مانا شۇنىڭ بىلەن باش ئاغرىقى باشلاندى .

2) توختام جەھەتتە. ھەي بىزمۇ قىززىق . شەخسىلەر بىلەن تۈزگەن توختام ئىشقلىپ پۈتۈنلەي ئىناۋەتسىز دىسەكمۇبولماس .تارىمى سەكرەپ

كەتمىسىۇن ،قانۇننىڭ كۈچى بار دەپ . ئۇغۇ شۇنداق ،لېكىن زىننەتلەش ئىشىگە كەلگەندە ، چاتاق چقىپ قالسا يۇرتىغا بېرىپ چاقىرىپ ئەرىز قىلىش ...........................ئۇلارنىڭ قورقىشى يوقكەن . يالاڭ ئاياق سۇدىن قوقماپتۇ دىگەندەك .

3)شەكىللىنىش جەھەتتە . ئىنتايىن چاچما ھالەتتە . يەنە چاققانراق ئاغزىدا گېپى بار بىرسى باشلامچى بولىدىكەن . بىزنىڭ تاپقىنىمىز ئاتالمىش

سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ لاھىلەش كەسپىنى پۈتتۈرگەن بىرەيلەنكەن . ئەمما قىلىدىغان ئىشى كەسىپ ئۇقىدىغان ئادەملەر بىلەن ئۇقۇشۇپ ،ئۆز

ئارا توختام تۈزەپ ،ئوتتۇردىكى باھا پەرقىنى يېيىش .ئەڭ قوسقۇم كۆپكىنى بۇ ئاداش يا سۇۋارەكلەش ،ياغاچچىلىق ،سىرچىلىق،ھىچقايسى

كەسىپنىڭ ئەھلى ئەمەسكەن .

4)ۋاقىت جەھەتتە. بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئىشنى ئالغان ئوخشايدۇ.بېشىدا خېلى ياخشى قىلدى . 15 كۈن ئۆتكەندىن كىيىن بىر كۈن بار بىر كۈن يوق . ئەتتىگەندە تۆت ئادەم .چۈشتە ئىككى ئادەم ،چۈشتىن كىيىىن ئادەم يوق . تېلىفۇن قىلىىپ چاقىرتىپ ئەكىلشىڭنى بىل...

ئۆزلىرىنىڭ ۋاقتىغا ئىچ ئاغرىتمايدىكەن ياكى بىزگە شۇنداق بىر ۋاقىت كۆز قارىشى يوق ئادەملەر ئۇچراپ قالدىمۇ 75 كۈندە ئاران پۈتتۈردى .

گەرچە ئۈيۈمئۇنچىلىك چوڭ بولمىسىمۇ. ئاخرىغا بارغاندا مەن يىۋۇدا تۇرۇپ تېلىفۇن قىلىپ تىللاپ، دادام تىىلاپ ،ئايالىم قاقشاپ دىگەندەك

ئاران ئۈلگۈرۈتتۇق تويغا.

5) ئىشەنىچ جەھەتتە . قانداقلا قىلساق خۇالىن دىن قويغىنى قويغانكەن. بارسىلا مال ئالساقلا ھەر قانداق دۇكان پۇل پېچىپ قۇيىدىكەن.

15-30 % ئەتراپىدا . ئىككى قېتىم بىللە بېرىپ كىيىن يازغۇزۋېلىپ ئۆزىمىز باردىغان بولدۇق . ھەي سېرىق تۈكلەرنىمۇ قويسا بوپتۇ ،پۇلى بار

تىجارەتچىلەر . كىچىككىنە 200 يۈز يۆەنلىك سىر ئالسىمۇ شۇنىڭغا پۇل پىچىپ قويىدىكەن. ،،،،،

6)سۈپەت جەھەتتە. يامان ئەمەس بولدى مېنىڭ ئۈيەم .ئەمما ئۇششاق چۈشەك نەرسىلەر تولا يۈتىدىكەن ،بىلسەم سەۋەبى كىيىن ماتىريال بولاش ،

ئىش ئېلىش ئىشى كېلىپ قالسا ئۆزلىرىنىڭ ئىشىغا ئىشلىتىدىكەن .مىقتەك تۇرمىسا بولمايدىكەن .

كۆڭۈلچەك خەقكەنمىز . بۇلارنى بىز ئىشلەتمىسەك كىم ئىشلىتىدۇ ؟ ھەممە ئىش ئىشىسىزلىقتىن كېلىۋاتسادەپ ئويلايدىكەنمىز.

ئەمما مەن تۈپىدە بولغان بولسام راس كانايدىن تۇتۇپ ئۇراركەنمەن . ئاساسلىقىدادام ،ئايالىم ۋاقتى چىقسىلا تۈپىدە تۇرۇپ تاس

قالدى جۇلىغى چىققىلى . قوللاشنىڭ بەدىلى مۇشۇنداق بۇلامدۇ؟

شۇڭا يېقىندا ئۆي زىننەتلىمەكچى بولغانلار دىققەت قىلارسىلەر. ياكى بەك ئىشەنچىلىك ياكى باشقىلار بەك تەۋسىيە قىلغان ئادەم ئىشلىتەرسىلەر ياكى كەسپى شېركەتتە باھانى ياخشى كېلىشىپ قىلغۇزاسىلەر . ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا شەخسىلەرگە قىلغۇزغان ئاغىنىلىرىمنىڭ ئالدىنىڭ ئىشك دېرىزىلىرى تۈكۈلۈپ بوپتۇ . بەك جىق ئادەمدىن ئاڭدىدىم داد پەندىيات دەپ..

لېكىن چىرايلىق بېزەلگەن ئۆيگە كىرىپ ئايالىم بىلەن ئىزدىشنى تەڭ كۆرسە ھې ھې ھى،،،،،،،،،،

helloworld يوللانغان ۋاقتى 2010-10-12 09:13:50

كىمگە بەرسەڭلار بەرىبىر ئاخىرىدا سۇقۇشۇپ بىر تەرەپ بۇلىسىلەر ، ئۇيغۇرمۇ شۇ خەنزۇمۇ شۇ .بىزنىڭ بىنادا يىگىرمە نەچچىمىز تەڭ بىزەتكەن ، ئۇيغۇر ، خەنزۇ ، مۇڭغۇل بىزەكچىلەر ھەممىسى بار ، ئەڭ ئاخىرداسۇقۇشمىغان بىرسىمۇ يوق .

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-10-12 10:01:42

كولېر نى تاللىدىڭىزمۇ سىز؟cohlerمۇشۇنداق يازامتى

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 10:32:38

كولېر ئامېرىكىنىڭ شىركىتىدۇ؟ ۋىنكانسېندىكى كولېر دېگەن يەردىكى شىركەتتۇ؟ دېمەك تۈركلەر كە فە جە دېگەندەك كۆھلەر دەپ ئاتاپ قويسا تۈركىيەنىڭ دەپ قالغان گەپ دەڭە loneliness؟
ئىۋۇ ئۈستىدىكى ئۆينىڭ قانداق يېرىنىڭ رەسىمى؟ سىزنىڭ ئۆيىڭىز ئەمەستۇ ھە؟ نېمانداق رەڭگارەڭ قىلىۋەتكەن، پۇلنى بۇزۇپ؟ بىر خىل....بولدى دېمەي خاپا بولۇپ قالماڭ يەنە.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 19:33:28

خەققە بەرگەندىن دەپ ئاتايىن بەرسە ، مەندىن باشقا ئادەم تاپالماپتۇ ، جىقراق قويۇۋالاي دەيدىغانلار جىق.

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 19:52:47

سىزنىڭ ئۆيىڭىزنى ئاران 75 كۇندە قىلدىما ؟ما بىزنىڭ 100 كۇۋادىرات مىتىرلىق ئۆينى 90 كۇندىن ئارتۇقراق قىلدى.

چىرايلىق بوپتۇ لىكىن خىلى يەرلەر چالا،ئاندىن سىپتا ئەمەس.

ۋاي ئشقىلىپ ئىنشائاللاھ ئۆزۇمگە تەۋە ئۆي بولسا ھەرگىزمۇ 40 50 مىڭنى تامغا چاپلىمايمە مەن

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 19:53:48

بۇ ئۆي زىننەتلەش دىگەننى بىر ھاڭغا ئوخشاتتىم مەن، بىر ئىچىگە كىرىۋالدىڭىزمۇ چىقىشىڭىز تەسكەن، ئالغانسېرى ئالغۇڭىز كېلىپ، ھەررەڭ سەررەڭ نەرسىلەردىن كۆزىڭىز ئېلىشىپ باشتا بىر پۇڭدىمۇ ئويلىنىپ باشلىغان ئىش ئاخىرى بېرىپ مانچە ھەسسە ئارتۇق بولۇپ پۈتىدىكەن،لېكىن چىرايلىق ئۆيگە كىرسە ئادەمنىڭ يۈرىگى خوشاللىقتىن كۈلۈپ،خەجلىگەن پۇل، تارتقان جاپا يەنە ئۇنتۇلۇپ كېتىدىكەن.

مەن ھەتتا ھەر سىرلارنىڭ ماركىلىرىغىچە بىلىپ كەتكەن ھەم سىر ساتىدىغانلارنىڭ ۋاكالىتەن ساتقۇچىلىرىدىن تارتىپ

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 20:00:17

قارىغاندا سىزمۇ ئۇيغۇر بالىلارغا قىلغۇزغان ئوخشايسىز.

مەن نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا بىر خەنزۇ شىركىتى ئۇيغۇرچە تور بېكەت ياساتماقچىكەن،ئۇلار ئاۋۋال بۇ تۈرنى مەلۇم بىر خەنزۇ تور بەت ياساش شىركىتىگە بېرىپتۇ،ئەمما ئارلىقتىن بىر يىرىم ئاي ئۆتسىمۇ ئۇ شىركەت گەپ قىلماي تۇرغۇدەك،شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنى چاقىرتىپ كېلىپ ئەھۋالنى ماڭا ئېيتىپ \"سەن ئۇيغۇرچە بىلگەندىكىن ھەم قانۇن بىلگەندىكىن بۇ ئىشلارنى بىر ئۇقۇشۇپ بەرسەڭ \"دەيدۇ،ماقۇل دەپ بارسام ،ئۇ شىركەت بىر تەييار سېستىمىنى تەييار قىلىپ قويۇپلا ھېچنىمە قىلماي ئولتۇرۇپتۇ،قىلغان نەرسەڭلەر قېنى دىسەم مانا مۇشۇ دەپ كۆرسەتتى ،قېنى ئۇيغۇرچە خېتى دىسەم تەرجىمان تاپالمىدۇق شۇڭا ساقلاپ قالغان دەيدۇ ،بۇ بەتنى تەرجىمان ياسىمايدۇ بەلكى ئۇيغۇرچە پىرگۇرامما تۈزىيەلەيدىغان پىرگۇراممىر ياسايدۇ ،سىلەر ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە ئارقا سەھنىسىنىڭ قۇرۇلمىسىنى قانداق بىر تەرەپقىلماقچى دىسەم ،بىز تەرجىمە قىلىپ بەرسەكلا بولىدۇ دەپ ئويلاپتۇق،دەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن مەن بىر ھازاغىچە ئۇيغۇرچە تور بەتكە خەت كىرگۈزۈش بىلەن خەنزۇچە خەت كىرگۈزۈشنىڭ پەرقىنى چۈشەندۈرۈپ بەرسەم ،ئۇلار قىلالمىغۇدەكمىز دەپ پۇلنى قايتۇردىغان بولدى ھەم قايتۇرۇپ بەرگەن بولدى .شۇنداق قىلىپ ماڭا ئىشىنى ھاۋالە قىلغان شىركەت ماڭا بەك ئىشىنىپ كېتىپ ،مۇشۇ ئىشنىڭ ھەممىنى ماڭا تۇتقۇزۇپ قويماقچى بولدى .ماقۇل دەپ ئادەم ئىزلىدىم،چۈنكى بۇ خىلدىكى تور بەتنى پەقەت ئۇيغۇرلارلا ياسىيالايدۇ دەپ ئويلاپ ئادەم ئىزلىسەم ،تونۇشۇمنىڭ تونىشىنىڭ تونىشى \"مارىس تور تېخنىكا شىركىتى \"دەپ بىر شىركەتنى ئاچىدىكەن ،ئۇ بالىنى باشلاپ كىلىپتۇ .توختام دىگەننى شۇنداى راۋرۇس تۈزىگەن ئىدىم،ئۇ بالا \"بىز ھەممە ئىشنى قىلىپ بېرىمىز ،لىكىن ئىچىگە تولدۇردىغان مەزمۇننى بىز تولدۇرمايمىز \"دىگەننى شەرت قىلدى ،ماڭا بۇ شەرت شۇنداق خوشياققان بولدى ،چۈنكى ئۇ ئۇ بالىنىڭ خىزمىتى ئەمەستە.شۇنىڭ بىلەن توختام تۈزۈشكەن بولدۇق،پۇلنى ئەتىسى بەرمەكچى بولۇپ ،ئالدىن 50%پۇلىنى بىرىسىلەر دىدى ،ماقۇل دىدى شىركەتتىكىلەرمۇ .شۇندىن كىيىن بىر ھەپتىگىچە شىركەتتە كاسسىردىن پۇل چۈشمەي ئاران پۇلنى ئۈلەۈرتكەن بولدى ،ئۇنىڭغىچە بىز قوشۇمچە توختام تۈزۈپ ئۇلار تور بەتنى ياساۋىردىغان بولدى .

بىر ھەپتىدىن كىيىن پۇلنى تاپشۇرساق ،توختامدا پۈتۈشكەن ۋاقىت 15 كۈن ئىدى ،15 كۈنگىچە ئۈن -تىن يوق ،تىلفۇن قىلسام،سىلەر توختامغا خىلاپلىق قىلىپ پۇلنى كىيىن بەرەەندىكىن بىزمۇ بىر ھەپتە كىيىن تاپشۇرىمىز دەيدۇ .بۇنىڭغىمۇ ماقۇل دىدىم.يەنە بىر ھەپتىدىن كىيىن تىلفۇن قىلسام ،كېلىپ تەرجىمە قىلىشىپ بېرىڭ ،بەزى ئاتالغۇلارنى لايىقىدا تەرجىمە قىلالمايدىكەنمىز دەيدۇ ،ھە دەپ قىلىشىپ بەرسەم،ئەتىسى ئەتىگەندە تىلفۇنى ئۇلانمايدۇ .تاقاق!شۇنىڭ بىلەن شىركەت ئورنىغا بېرىپ سۈرۈشتۈرسەم كېچىچە مال-مۈلكىنى يۆتكەپ باشقا شەھەرگە قېچىپ كېتىپتۇ .بىر كۈن تىلفۇن قىلسام ئالمىدى،شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن ئۇدۇل ساقچىىانىغا \"توختام ئالدامچىلىقى جىنايىتى\" بويىچە دىلۇ مەلۇم قىلغىلى بارسام،ئۇيغۇر ساقچى يوق ،ھەپتىدىن كىيىن كەل دەيدۇ .ھەپتىگىچە ساقلاپ ئولتۇرغۇچە ئۆزۈم بىر ئامالىنى قىلاي دەپ ئولتۇرۇپ ئۇ قويمىچىنىڭ چ چ نۇمۇرىغا \"سەن مۇنداقلا كېتىمەن دەپخام خىيال قىلما،مېنىڭ ئادۋوكاتلىقىمنى ئۇنتۇپ قاپسەن،سەن ئالدىغان ئادەمنىڭ پۇل سانى جەمى مانچە ئون مىڭ سومدىن ئاشىدىكەن ،ھەمىمىسى قوشۇلسا سەن 5يىلدىن يۇقىرى كېسىلىپ كېتىدۇ ،مەن ۋە باشقىلار ئاللىقاچان ساقچىغا دىلۇ مەلۇم قىلدۇق ،ئۇ ۋاقتىدا بالاڭ ۋە ئايالىڭ يىگانە قالىدۇ ،ئايالىڭ كىملەرگە تەۋە بوپ كىتەر \"دەپ گەپ قالدۇرۇپ قويسام ،ئىككى سائەتتىن كىيىن پەيدا بولۇپ ،راست مەلۇم قىلدىڭىزما دەيدۇ ،ھەئە دىسەم \"سىز پۇلنى ماڭا ئۆز ئىختىيارلىقىڭىز بىلەن بەرگەن ،مەن سىزنى بۇلىۋالمىدىم،ئوغۇرلىۋالمىدىم،،،سىز مېنى ئالدىماڭ ،مەنمۇ قانۇن بىلىمەن ،مەن جىنايەت سادىر قىلمىدىم،ھا ھا ھا \"دەيدۇ ،ئۇ بۇرۇن مەن ساقچى بولدۇم دەپ يۈرگەن .شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ \"سىز بۇرۇن ساقچى بولۇپتىكەنسىز ،بىرىپ سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ ،سۈرۈشتۈرسىىڭىزلا سىزنى تۇتش بۇيرۇقىنىڭ ئۈستىگىلا چۈشىسىز دىدىم ،ئەمىليەتتە دىلۇنى مەلۇم قىلغان ھامان تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرمەيدۇ،ساقچى بولۇپ باققان بولسا ئۇ بۇنچىلىك ەېپىمدىن يوچۇق تېپىۋالغان بولاتتى ،شۇنىڭبىلەن ئۇنىڭ ساقچىبولۇپ باقمىغانلىقىنى پەرەز قىلىۋالغاندىن كىيىن تېخىمۇ بەك بېسىم ئىشلەتكىلى تۇرسام :پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ بىرەي ،دىلۇ مەلۇم قىلغان تارىخنى ئكچۈرۋەتكەن بولسىڭىز \"دەپجاۋا ب قايتۇردى،ماقۇل ددەپ قويۇپپۇلنى قايتۇرۋالدىم،ئەمىليەتتە مەن دىلۇ مەلۇم قىلمىغان ،پۇلنى كارتىدىن تاپشۇرۋېلىپ تۇرسام تېلفۇن قىلىپ ،قانداق بولدى ،دەيدۇ.مەلۇم قىلىپ بولغان دىلۇنى ئۆچۈرەىلى بولمايدۇ ،شۇنداق تۇرىۋاتىدۇ دىسەم ،\"خەپ \"بوپتىكەن دەيدۇ .

ماڭا ھاۋالە قىلغان شىركەت ئەينى ۋاقتىدا پۇل تاپشۇرۇشقا توغرا كەلگەندە ،ئۇ شىركەت قانداقراقكەن،بىز تازا ئىشەنچ قىلالمىدۇق دىگەنتى ،مەن مەن تاپقان ئادەمگە ئىشەنمىدىڭ دەپتازا ئاچچىقلىغان .كىيىن بۇ مارس شىركىتى مېنى شۇنداق ئوسال ئەھۋالغا قويدى .كىيىن ئۇقسام ئۇ شىركەت بىزگە ياساپ بەرمەكچى بولغان تور بەت پۈتكەندە ،پۈتكەن تور بەتنىڭ ياخشىلقىغا كۆزى قىزىرىپ بىزنى زېرىكتۈرۈپ پۇلنى ياندۇرۋېتىپ ،ئۇ تور بەتنى باشقىغا يۇقىرى باھادا سېتىپ بېرىش مەقسىتى باركەن .ھەم سېتىپ بەرگەنمۇ قانداق ،ئۇ تور بەتنى مەندىن باشقا ئادەم ئىشلتىشنى بىلمەيتتى ،چۈنكى بەك مۇرەككەپ ئىدى ،نىمىنىڭ نىمە مەنىسى بارلىقىنى ئۆزۈملا چۈشىنەتتىم،ئاشۇ سېتىۋالغۇچى قانداق قىلىۋاتقاندۇ دەيمەن .

مەن بەزى ۋاقتىدا ئىچ ئاغرىتىش دىگەننى بىر ياققا قايرىپ قويسا بولدىكەن دەپ ئويلاپ قالىمەن .

lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 20:03:24

ئۈيۈمگە پەقەت 20،000 ياكى 30،000 لا خەجلەيمەن،ئۇنىڭدىن ئارتۇق چىقىم قىلمايمەن دەپ مۇقۇم پۇل پىچىپ قۇيۇشئەخمەقنىڭ ئىشى ئىكەن .

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 20:03:26

مەن ھەرگىزمۇ ئۆينى ئۇنداق مۇرەككەپ بېزىمەيمەن .ئۆزەمنىڭ كەسپى مۇشۇ بولغاندىكىن تازا بىر ئوبدان 设计与清算قىلىۋېتىپ ئاندىن دىيىشەرمەن دەپ ئويلايمەن.قۇرۇلۇش قىلغۇچى ۋە ئۆي بېزىگۈچىلەر ئاجايىپ پايدا ئالىدۇ 。

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 20:13:18

ئەمىليەتتە قۇرۇلۇش قىلغۇچىدىن نېرى پايدا ئالىدىغىنى لاھىيلىگۈچىدۇر، بەزىلىرى ھەددىدىن ئېشىپ ھەر بىر كۇۋادىراتن مېتىر ئۈچۈن 800 ئەتراپىدا باھا قويىدىكەن، ئالغان ئۆي بەك چوڭ، پۇل بەك جىق بولسا داڭلىق لاھىيلىگۈچى چاقىرتسا بولىدۇ لېكىن كىچىك ئۆيلەرگە نورمال لاھىيلىگۈچىلەرنى تېپىش كېرەك.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 20:18:17

تارىمىغا ئەينى چاغدا مۇشۇ مۇنبەردىكى زىلتار بىلەنلا ئالاقىلاشسىڭىز بولاتتى . ئىنىم بولغانلىقى ئۈچۈن يان بېسىپ ئەمەس ، ئۇنىڭ مۇلازىمىتىدىن بەھىرمەن بولغان باشقىلاردىنمۇ سوراپ باقسىڭىز بولىدۇ .

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 20:28:54

Pinhan:
تارىمىغا ئەينى چاغدا مۇشۇ مۇنبەردىكى زىلتار بىلەنلا ئالاقىلاشسىڭىز بولاتتى . ئىنىم بولغانلىقى ئۈچۈن يان بېسىپ ئەمەس ، ئۇنىڭ مۇلازىمىتىدىن بەھىرمەن بولغان باشقىلاردىنمۇ سوراپ باقسىڭىز بولىدۇ .

ئۇ ۋاقتىدا ئىزدىنىش ئېچىلمىغان.

ھازىر بولدى ئۆزۈڭلار قىلىڭلار دەپ تاشلاپ بەرىم،ئەمما مەنمۇ ئۆزەمگە تور بەتتىن بىرنى قۇرماقچى ،زىلتارنىڭ مەكتەپ تارىخنى كۆرگەندىن كىيىن شۇنىمۇ ئويلاشقان ئىدىم،ۋاقتى كەلگەندە ئەگەر راسلا تور بەت ياسىتىپ قالسام ،ئىنىڭىزنى ئىزدەيمەن.

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 21:41:21

خەنلەرگە قىلدۇرسا تىز ھەم سۈپەتلىك قىلدى دىگەن بىلەن بەكلا جا قىلدىكەن بۇ گۇيلار ماتىريالنىڭ ئەزىننى ئىشىلتىپ ،ئۇيغۇر بىر مىللەت كەنمىز دەپ ئىشەنچ قىلىىپ ئۇيغۇرلارغا يەنى شەخسلارغا بەرسە 2--3 يەردە بىراقلا ئىش تۇتۇپ قەستەن ۋاقىتنى سۇزۇپ بەكلا .ئاۋارە قىلغانlonelyness دىگەندەك زىننەتلەش شېركەتلىرىگە قىلغۇزغان ياخشىكەن كىيىن بىرە چاتىقى چىقىپ قالسىمۇ ئىزدەپ بېرىپ قايتا قىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلسا بۇلدىكەن

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 21:41:26

ئۆزەم لايىھىلەپ، ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرنى ئۆزۈم ئېلىپ بېرىمەن دەپ ئويلىشىۋاتىمەن، شۇغىنىسى سەل جاپالىقتەك قىلىدۇ بۇنداق قىلسا

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 21:50:52

سۈزۈك،مەنمۇ باشتا شۇنداق ئويلىغان چۈنكى ئۆزەم لاھىيلەشكە بەك قىزىقاتتىم لېكىن لاھىيلىگۈچى سىناق لاھىيسىنى بىرلا كۆرسەتكەنتى مەن پەقەت ئۇسلۇبنىڭ ماندىقىنى تاللىساق بولغۇدەك دىگەن گەپنىلا قىستۇرالىدىم، بەزى لاھىيلىگۈچىلەرنىڭ ھەقىقەتەن تۇغما قابىليىتى بولىدىكەن بۇ جەھەتتە، بىر نەچچە خىل پىلاننى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن،سىز چوقۇم بىزنى تاللايدىكەنسىز. مېنىڭ لاھىيەمنىمۇ بىر دوستۇم قىلغانتى،ئاخىرى بېرىپ ئۇنىڭغا نورمال لاھىيلەش شىركەتلىرىدىنمۇ جىق پۇل تۆلەپ كەتتۇق ئۇنىڭ بىزنى ئالدىۋالغانلىقى ئەمەس ئاساسلىقى بىز بەزى تەپسىلاتلاردىن بەك رازى بوپ كېتىپ ۋە توختىماي يېڭى ئىدىيەلەرنى قوشۇپ ئۇنىڭ پىلانىنى ئۆزگەرتكۈزۈپ.قۇرۇلۇشچىلار ماتىريال سېتىۋالغاندا بىز ئۇنىڭ بىللە بېرىپ باھاسىنىمۇ خېلى نورمال ئالغان بولدۇق(ئىشقىلىپ مەن كۆڭلۈمنى خوش قىلىپ ئۆزەمنىڭ شۇنداق ئويلايمەن)، لاھىيلىگۈچىنىڭ گېپىگە كىرگەچ ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان نەرسىلەرنى دەپ بەرسىڭىز تالانتلىق ئادەم بولسا سىزنىڭ نەق ئويلىغىنىڭىزدەك نەرسىنى يارىتالايدىكەن...مەن مۇشۇ لاھىيە دىگەنگە شۇ چاغدا بىر قىزىقىپ كېتىپ ھەتتا كېيىن قانداق قىلغاندا رەڭلەردىن ئوبدان پايدىلانغىلى بولىدۇ دىگەن سېمىنارلارغىمۇ قاتناشتىم

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 21:52:49

جىقققققق پۇل يوق

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 21:56:33

ئەمىسە مەن رەڭ توغرىسىدىكى شۇ چاغدا ئاڭلىغان لېكسىيەمنىڭ خاتىرسىنى سىزگە يوللاپ بېرەي،مارسا ستۇۋرتنىڭ ئىدىيەسى ئاساس قىلىنغانكەن. يەنە سىكاندىنېيۋىيە ئۇسلۇبىدا يېنىك ئازادە ئۇسلۇبمۇ بولىدۇ،ھەم بۇنىڭغا بەك جىق پۇل كەتمەيدۇ....سىز قانداقراق ئۇسلۇبنى ياخشى كۆرىسىز؟

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 21:58:10

قايسى ئۇسلۇبنىڭ قايسى ئۇسلۇپ ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمەن، دەرستىن ئاساسىدىن باشلاپ ئۆتسىڭىز بولغۇدەك ماڭا

yanmas يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 22:02:27

مۇشۇنداق ھۈنەرگە، ئىشەنچكە ھاقارەت قىلىپ 4 تەڭگە ئۈچۈن ئىنساپسىزلىق قىلىۋاتقان،ئۆزىمىز ئۈچۈن ئەمدىشەكىللىنىۋاتقان بازارنى ئۆزىنىڭ پەس نەپسى، ناچار خۇيى بىلەن يوق قىلىدىغان پىس-پاس، لاتا گۇيلاردىن بىر ئىككىنى تۇتۇپ تاتىپ قانۇن بويىچە سەگىتىپ قويسا ئوڭشىلارمىكىن بۇ قاشاڭ گۇيلا، مۇشۇنداق دېگەن بىلەنغۇ ۋاقتى كەلگەندە ئادەمنىڭ ئىچى ئاغرىپ قالىدىكەن بۇ گۇيلارغا، ئادەمنىڭ، 2007- يىلى يازدا دۆڭكۆۋرۈكتە ئىككى ساقچى بىر ئىككى بالىنى ئۇدۇل كەلگەن يەرلىرىگە تەپكىنىچە يۇملىتىپ بىرىنى ماشىنىسىنىڭ كەينى ساندۇقىغا، بىرنى ماشىنا ئىچىگە قوپاللىق بىلەن مال باسقاندەك بېسىپ مېڭىۋىدى، ئۆزۈمنى تۇتالماي،قانداق ئىش بۇ! نىمە ئىش قىلغانغامۇشۇنداق قىلىدۇ!قانۇن ئىجرا قىلسىمۇ تۈزۈك قىلمامدۇ! دەپ سۆزلەپ كەتسەم ئۇ شەپكىلىكلەردىن بىرى خالايىققا ۋارقىراپ: تولا قاراپ تۇرۇۋالماي يولۇڭلىغا مېڭىڭلار! ئىچ ئاغرىتىدىغان گۇيلار ئەمەس بۇ! دەپ كېتىپ قالغان ئىدى، كېيىن ئەتىراپتىكى كىشىلەرنىڭ غوت-غوتلىرىدىن شۇنى بىلدىمكى بۇ مەن مىللىتىم، خەلىقىم دەپ بىلگەن، ئىشەنچىمنى پايپاق قىلغان ئۇيغۇرنىڭ خۇەينىسى ئوغرىلار شۇ دۆڭكۆۋرۈكتىكى ئۆزىنىڭ چوڭ ئانىسىدەك، ئۆزىنىڭ چوڭ دادىسىدەك كىشىلەرنى، ئۇ يەر بۇ يەردىن كەلگەن مۇساپىلارنى، كېسەل كۆرسىتىش ۋە ياكى بالىلىرىنى ئالىي مەكتەپلەرگە ئەكىلىپ قويۇش ئۈچۈن تاپقان تەرگىنىنى يانغا پۈتۈپ كەلگەنلەرنى ھەرخىل يوللار بىلەن كوملاپ، ئۇلارنىڭ يانچۇقلىرىنى كولايدىغانلار ئىكەن، شۇنى كۈنى بىر ياشانغان (ئالتۇنخاننىڭ)ئايالنىڭ ئالتۇنلىرىنى قانداق ئالغان، قولغا چۈشۈرۈپتۇ، ئۇ ئايال ئاللا توۋا كوتۈرۈپ ۋارقىرىغاندا شۇ يەردىكى مەخپىي ساقچىكار تۇتۇۋېلىپ، ئا شەپكىلىكلەرگە تاپشۇرغان ئوخشايدۇ .خەپ !ماۋۇ ساقچىلارخەلق ئالەم ئالدىدا مۇشۇ گۇيلارنىڭ بىرەرىنىڭ قولىنى چانىۋەتكەن بولسىچۇ دەپ كەتكەن ئىدىم شۇ چاغدا...شۇنىڭدىن كيىنمۇ ئۇ ئۇيغۇر نامىمىزنى پايپاق قىلىپ يانچۇق مارىلاپ يۈرگەنگۇيلارنى پات پات سەنشىخاڭزا بىلەن دۆڭكۆۋرۈك ئارلىقىدا ئۇچرىتىپ قالدىم، قارىغاندا ئۇ گۇيلارنىڭتۇتۇلۇپ قويۇپ بېرىلىشى ئاسان گەپ ئوخشايدۇ. لېكىن يەنە قانچىلىغان ئۇنى ئۇيغۇركەن دەپ بىلگەنلەر ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىپ، قانچىلىغان بىچارىلەر يانچۇقىدىكىدىن ئايرىلىپ قالدىكىن تاڭ،
بەت: [1] 2 3
: شەخسى بىزەكچىلەرنى ئىشلەتكەندە دىققەت قىلارسىز !!!