Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 19:00:13

راللىي دېگەن نېمە؟

راللىي بولسا ئېنگلىزچىدىكى Rally سۆزىدىن كەلگەن. خەنزۇچىدا سۆزنىڭ ئوقۇلۇشى بويىچە 拉力 دەيدۇ. بۇ ھازىرچە كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىزگە تامامەن ناتونۇش بولغان يات بىر ئۇقۇم. ناھايىتى ئاز بىر قىسىملىرىمىز بىلىشىمىز مۇمكىن. مەنمۇ بۇ خىل تەنتەربىيە تۈرى بىلەن تونۇشقىلى ئەمدى 1 يىلدىن ئاشتى. ئۇندىن بۇرۇنمۇ پەقەت بىلمىگەن بىر تۈر ئىدى.

خوش، راللىي دېگەن نېمە؟ بۇ بولسا بىردىنبىر بولغان، مۇتلەق خاسلىققا ئېگە ئالاھىدە ئاپتوموبىل تەنتەربىيە تۈرى. راللىي يولى تۈپتۈز بولمايدۇ. يول باشلاپ ماڭىدىغان ماشىنا ۋە ياكى ھاۋارايى سەۋەپلىك كېچىكتۈرۈش دېگەندەك ئىشلار بولمايدۇ. راللىي مۇسابىقىسى مۇسابىقە يوللىرىنى نورمال كىشىلەر ۋە ماشىنىلارنىڭ كىرىشىگە يول قويمىغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ھەر 2 مىنۇتتا بىردىن ماشىنىنى قويۇپ بېرىپ، ۋاقىت ھېساپلىنىدىغان مۇسابىقە تۈرىدۇر. مۇسابىقە بىرئاز كەسكىن. ئايلانما، ئەگىلمە يول، ئېگىز كۆۋرۈك (سەكرەيدىغان)، ئېرىقچاق، ئەگرى توقاي كاتاڭلىق، قۇم-شىغىللىق يول ھەممىسى راللىيدا ئۇچرايدۇ. سېمونت يول بەزى بۆلەكلەردە يېقىندىن بۇيان يولغا قويۇلغان بولسىمۇ ئۇنداق يوللار بىر ئاز تار، ياكى ئەگىلمە كۆپ بولىدۇ. ئىشقىلىپ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى. راللىي ماشىنىنىڭ ئىقتىدارىدىن كۆپرەك شوپۇرنىڭ تېخنىكىسىنى ھەقىقى سىنايدىغان بىر مۇسابىقە. چۈنكى ئەگىلمە ئىنتايىن كۆپ، قانداق قىلىپ شۇ ئەگىلىشلەردىن ناھايىتى ئاز ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆتۈپ كېتەلىسە بۇ ماھىر ئاساسەن يەڭگەن بولىدۇ. يولنىڭ تۈزىلىشى ناھايىتى مۇرەككەپ، مۇسابىقە كەسكىن بولغاچقا دۇنيادىكى كۆپ قىسىم ماشىنا ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان تەنتەربىيە تۈرى ھېساپلىنىدۇ.

شوپۇر (مۇسابىقە ماھىرى)

راللىي ماھىرىدا ناھايىتى سەزگۈر بولغان كاللا، چاققانلىق، ئەپچىل قول-پۇت بولغاندىن سىرت، ھەرخىل ناچار ھاۋا شارائىتلىرى، ھەرخىل يول شارائىتلىرىغا ماس كېلىدىغان چىدامچانلىق بولىشى كېرەك. چۈنكى بىر قېتىم يولغا چىقىپ نەچچە ئون كېلومېتىر ئاشۇنداق يول يۈرۈپ بىر بۆلەك مۇسابىقە لىنىيەسىنى تاماملايدىغان گەپ. ئۇنى تۈگىتىپ بولۇپ بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ماشىنىنىڭ ئالدىنقى بۆلەكتە بۇزۇلغان يەرلىرى بولسا ئوڭشايدىغاننى ئوڭشاپ 2-بۆلەك قويۇپ بېرىش رايونىغا بېرىپ تىزىملىتىش كېرەك. ۋاقىت ئىنتايىن ئاز. نېرۋا توختىماي جىددى ھالەتتە نەچچە سائەت تۇرىدىغان گەپ. راللىي ماھىرىغا قويۇلىدىغان تەلەپ باشقا ماشىنا مۇسابىقە تۈرىگە قارىغاندا خېلى بەك يۇقىرى.

قوشۇمچە شوپۇر (يول باشلىغۇچى)

بۇ ماھىرنىڭ ئەسلى ئىسمىنى يول باشلىغۇچى دېگەن ئەۋزەل. راللىي مۇسابىقە يولى مەخپىي تۇتىلىدىغان بولۇپ، 1 كۈن ياكى 2 كۈن بۇرۇن مۇسابىقە يولىغا ماھىرلارنى پەقەت 1 قېتىم كىرىپ سىناق ھەيدەتكۈزۈپ باقىدۇ. بۇ چاغدا يول باشلىغۇچى قولىغا دەپتەر-قەلەم ئېلىپ ھەربىر ئەگىمىنىڭ بۇرۇلۇش گرادۇسىنى، بۇ بۇرۇلۇشتىن كىيىن قانداق يولنىڭ بارلىقىنى، قانداق شارائىتتىكى يول ئىكەنلىكىنى، ئىشقىلىپ يولنىڭ رەسىمىنى سىزمايدۇ، باشقا ھەممە تەپسىلىي تۈزىلىشىنى خاتىرىلەپ چىقىدۇ. رەسمىي مۇسابىقە باشلانغاندا بولسا شۇ تەرىقىدە دەپتەرگە بىر قاراپ يولغا بىر قاراپ يېزىۋالغىنى بويىچە ئوقۇپ بېرىدۇ. مەسىلەن:

ئۇدۇل تۈز يولنى 0 دېسەك، 180 گرادۇسلۇق ئارقىغا بۇرۇلۇشنى 6 دېسەك تەخمىنەن ھەر 30 گرادۇسنى 1 دىن 6 گىچە ئورۇنلاشتۇرىۋالساق 90 گرادۇسلۇق ئوڭغا بۇرۇلۇش بولسا <<ئوڭ 3 >> ياكى <<سول 3>> دەپ يازىدۇ:

ئوڭ 3 ؛ ئاندىن كۆۋرۈك؛ كىچىك سەكرەش؛ ئاندىن سول 5؛ ئارقىدىن ئۇلاپلا سول 3؛ ئۇلاپلا سول2 ئاندىن پەسكە دۆڭ؛زەيكەش، سۇدىن ئۆتىمىز؛ ئالدە تەرەپ تار يول؛ ... دېگەندەك.

ماشىنا

بۇخىلدىكى ماشىنىلار ئالاھىدە ئۆزگەرتىلىشتىن ئۆتكەن ماشىنا بولۇپ، ماشىنىنىڭ ئىچىگە 6 سانتا توملۇقتا تۆمۈر قورۇلما ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

ئات كۈچىنى ئازراق ئاشۇرىدۇ. لىكىن تۇربېن بوق ماشىنىلارغا تۇربېن قوشۇشقا بولمايدۇ. تۇربېنلىق ماشىنىلارنىڭ مۇسابىقە تۈرى ئايرىم. مۇسابىقە شارائىتى ناھايىتى ناچار بولغاچقا سىلىكىنىشتىن ساقلىغۇچ مۇتلەق ئالماشتۇرىلىدۇ. سىلكىنىشتىن ساقلىغۇچ چوقۇم قاتتىق بولىشى كېرەك. چۈنكى ئەگىلىش جەريانىدا يۇمشاقلىرى كۈچنى يەپ كېتىدۇ.رولى رەسىمدىكىدەك بولىدۇ. بارلىق ئىسسىتىش سوۋۇتۇش، مۇزىكا ئاشلاش دېگەندەك مۇسابىقىگە لازىمى بوق بولغان نەرسىلەر ئېلىپ تاشلىنىدۇ. پەقەت ئالدى رەتتىكى 2 ئورۇندۇق قېپقالىدۇ. كەسپىي مۇسابىقە سايمانلىرى ياسايدىغان زاۋۇتنىڭ ئۆلچەملىك مۇسابىقە ماشىنا ئورۇندۇقىغا ئالماشتۇرىلىدۇ. بىخەتەرلىك تاسمىسى 4 تەرەپلىك بولۇپ، بۇنى شوپۇر ئۆزى كېمىدە 1 مىنۇتتا ئاران تاقايدۇ. لىكىن ئېچىشقا پەقەت 1 سېكونت كېتىدۇ. چۈنكى ماشىنىغا ئوت كەتكەندە تىز سۈرئەتتە ئىچىدىن قېچىپ چىقىش كېرەك. سول ئورۇندۇقنىڭ ئاستىدا مەخسۇس مۇسابىقىگە ئىشلىتىلىدىغان ئۆت ئۆچۈرگۈچ بار بولۇپ، ئوت كەتكەندە يول باشلىغۇچى گاز تۇڭىنىڭ ئاغزىنى ئاچقاندەكلا 1 تولغىسا، ماشىنىنىڭ ئىچىگە ھەممە تەرەپتىن تەڭلا ئوت ئۆچۈرگۈچ پۈركىلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت ماھىرلارنىڭ كىيىمى مۇتلەق مەخسۇس زاۋۇت ياسىغان ئوتتىن مۇداپىئە كىيىمى. ئوتتا نەچچە ئون سېكونت كۆيمەي تۇرالايدۇ. ھاۋا كىرىش ۋە چىقىرىش سېستىمىسىمۇ پۈتۈنلەي ئالماشتۇرىلىدۇ. بۇمۇ ئات كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن.

راللىينىڭ ئادەتتە كىچىك ماشىنا تۈرى، دالا ماشىنا تۈرى، موتىسىكىلىت تۈرى ۋە يۈك ماشىنىسى تۈرى بار. كىچىك ماشىنا ۋە يۈك ماشىنىسىنىڭ مەيدان راللىيسى ۋە لەۋھە تالىشىش راللىيسى دەپ ئىككى تۈرى بار. مەيدان راللىيسىنىڭ ئومومى مۇساپىسىنى تاماشىبىنلەر ئادەتتە مەيداننىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن تولۇق كۆرەلەيدۇ. مۇساپىسى 2  كېلومىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. نەچچە مېنۇتتىلا ئاخىرلىشىدۇ. لەۋھە تالىشىش راللىيسىنىڭ بولسا كىشىلەر كىرىپ كۆرەلەيدىغان يېرى پەقەت بىر-ئىككى ئەگىمىسى ۋە ياكى كىشىلەر بار يەردىن ئۆتىدىغان مەلۇم بىر بۆلىكى. باشقا يەرلىرىنى كىشىلەر كۆرەلمەيدۇ، چوڭ مۇسابىقىلەردە تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بىلەن ئايلىنىپ يۈرۈپ بېۋاستە تارقىتىدۇ.

دالا ماشىنىسىنىڭ راللىيسى ھەقىقىي ئەركەكلەرنى ئويۇنى بولۇپ، ئۇ ماشىنا مۇسابىقە تۈرىدىكى ئەڭ خەتەرلىك، ئەڭ قىيىن، چىدامچانلىقنى سىناشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى : داككار راللىي مۇسابىقىسى. ئاللاھ نىسىپ قىلسا ئۇنىمۇ بىرەر كۈنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 19:15:28

ماۋۇ گۇي 6 يىلنىڭزى ئارقا-ئارقىدىن چېمپىيون بولىۋاتىدۇ.  ئىسمى Sebastien Loeb . فرانسىيە سىتروئىننىڭ قىزىل كالا ماشىنا ئەترىتىدە ماشىنا ھەيدەيدۇ. WRC دا (WORLD RALLY CHAMPIONSHIP) بىرىنجى كىشى...

ماۋۇ سۇبارۇنىڭ ئىمپرېزا STI دەيدىغان راللىي ماشىنىسى. كاساپەتنىڭ پۇخرالار نۇسقىسىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش. 2.5 لىك تۇربېنلىق ماتورنىڭ ئات كۈچى 300 . 4 چاق قوزغىلىدۇ. چۈشۈمدىكى ماشىنا ...

ماۋۇ مەيدان مۇسابىقىسىدىن بىر كۆرۈنۈش

WRC دا 1-سى ستروئىننىڭ C4 بولسا ئىككى ياكى ئۈچىنجىسى فوردنىڭ فوكس ماشىنىسى

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 19:26:16

ماۋۇ داكار دالا ماشىنىسى راللىي مۇسابىقىسى ۋە يۈك ماشىنىسى راللىي مۇسابىقىسىگە دائىر بىر قىسىم رەسىملەر:

رەسىملەرنىڭ مەنبەسى : http://cn.autoblog.com/

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 20:09:07

سپورت  نى تەنتەربىيە دەپ ئالغان بولساق ھە ...

داككار راللې مۇسابىقىسى دېگەن مۇشۇما ؟

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 21:24:25

ruslan007:

سپورت  نى تەنتەربىيە دەپ ئالغان بولساق ھە ...

داككار راللې مۇسابىقىسى دېگەن مۇشۇما ؟

ئۇنداق بولسا sport mode دېگەننى تەنتەربىيە ھالىتى دەيمىزما؟ sport model دېگەننى تەنھەركەت نۇسخىسى دەمدۇ؟

تەنتەربىيەنىڭ بىلقۇت خەزىنىسىدىكى چۈشەندۈرىلىشى :

ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر

تەنتەربىيە

-تەن + تەربىيە

ئىسىم

جىسمانىي كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساغلاملىقنى ئاشۇرۇشنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلغان ھەر تۈرلۈك ھەرىكەتلەر بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغان تەلىم-تەربىيە.

دېمەك تەنتەربىيە - تەننىڭ تەربىيەسى. مەنمۇ مۇشۇ سۆزنى تەرجىمە قىلغاندا قايسى تەرجىمىنى قوللانسام بولاركىن دەپ بەك كۆپ ئويلىنىپ ئاخىرى << سپورت>> دېگەننى تاللىغان. قېرىنداش مىللەتلەردىن تۈرك ۋە ئۆزبېكلەردىمۇ سپورت دېگەن بۇ سۆز بار. بىلقۇت خەزىنىسى بولسا تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. sport نىڭ مەنىسىنىڭ ئارىسىدا <<سپورت>> دېگەن مەنىسىنىمۇ كۆرىسىز. تەنتەربىيە، تەنھەرىكەت دېگەن بۇ سۆزلەرنى قولاي بولغاندا سپورت دەپ ئىشلىتىش خاتا بولماسمىكىن. خۇددى كومپىيۇتېر، تېلىۋىزۇر، رادىئو دېگەندەك.

مۇشۇ ماشىنىغا بولغان يۈزلىنىش بىزدە كىيىن بولغاچقىمۇ، كۆپ ئاتالغۇلار بىزدە بەك پالاكەت ياكى يوق. ھەم ئوموملىشىش كەڭرى بولمىغاندىن كىيىن، ئوموملاشسىمۇ كۆپىنچىمىز خەنزۇچە ئاتىغانلىق سەۋەبىدىن ئۇيغۇرچىسىنى ئېنىق نېمە دەپ ئاتاش توغرىسىدا بىر نېمە دېيەلمەي تەرجىمىلەردە پىشكە قىينىلىمەن. بىزدە نۇرغۇن ئاتالغۇلار بار. خەنزۇچىدىن سۆز بويىچە تەرجىمە قىلىپ شۇ نەرسىنىڭ نېمە ۋە نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئىسمىغا تەڭ قوشۇپ ئاتايمىز. خۇددى 加油站 دېسە ماي قاچىلاش پونكىتى دەپ تەرجىمە قىلغاندەك. بۇنى ئۆتكەندە بىرەيلەن مايخانا دەپ تەرجىمە قىلساق بولغۇدەك دېگەن. ھەم قىسقا، ھەم چۈشىنىشلىك بولىدىكەن. تېما بۇرىلىپ كېتىپ قالدى. بۇ ئەسلى دەسلەپتە بىزنىڭ قانداق قوللىنىشىمىزدىكى مەسىلە ئىكەن. خۇددى ھازىر بەكلا كەڭ ئوموملاشقا كومپىيۇتېر دېگەن ئاتالغۇدەك.

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 21:35:32

لېكىن بۇيەردىكىسىنى تەنتەربىيە دەپ ئېلىشقا تامامەن بولىدىكەن. ئۆزگەرتىپ قوياي.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 22:47:02

سىپورت  sport  ئەنگىلىزچە ئاتالغۇدۇ.  

راس تىخى سۇئالىمغا جاۋاپ بەرمەپسىلە ھاجىىىىىىىىم ،  ئۇشبۇ تىماڭلىدا دىيىلگىنى ،  ھېلىقى داككار راللې مۇسابىقىسى (达喀尔拉力赛 ) دېگىنى شۇما ؟  بۇ داككار دېگىنى ھىندونىزىيەدىكى داككارمۇ ياكى بۇ داككارنىڭ باشقىچە مەنىسى بارمۇ ؟

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 22:49:18

ئىنكاسنى تەستىقلىمامدا ھازىر؟

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 23:45:07

ruslan007:

سىپورت  sport  ئەنگىلىزچە ئاتالغۇدۇ.  

راس تىخى سۇئالىمغا جاۋاپ بەرمەپسىلە ھاجىىىىىىىىم ،  ئۇشبۇ تىماڭلىدا دىيىلگىنى ،  ھېلىقى داككار راللې مۇسابىقىسى (达喀尔拉力赛 ) دېگىنى شۇما ؟  بۇ داككار دېگىنى ھىندونىزىيەدىكى داككارمۇ ياكى بۇ داككارنىڭ باشقىچە مەنىسى بارمۇ ؟

داككار دىگەن ئافرىقىدىكى سىنگال(塞内加尔)دىگەن دۆلەتنىڭ پايتەختىكەن،بۇ مۇسابىقە دەسلەپ يولغا قۇيۇلغان مەزگىللەردە ھەر يىلى 1-ئاينىڭ1-كۈنى مۇسابىقىگە چۈشكەن ئاپتۇموبىللار فىرانسىيىنىڭ پارژدىن يولغا چىقىپ سىنگالنىڭ داككارغا يېتىپ بارغاندا مۇسابىقە ئاخىرلىشىدىكەن. شۇڭا بۇ مۇسابىقىگە دەسلەپتە پارىژ داككار راللېي مۇسابىقىسى دەپ نام قويۇلغانىكەن،ھازىر بۇ مۇسابىقىنىڭ مۇساپە يولى باشقا قىتئە ۋە دۆلەتلەردىنمۇ تاللىنىلىدىكەن.ئۆتكەن يىلى بۇ مۇسابىقە جەنوبىي ئامرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇلۇپ مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ئارگىنتىنانىڭ بوئىنىس-ئايرىستىن يولغا چىقىپ چىلىغا بېرىپ يەنە بوئىنىس ئايرىسقا قايتىپ كەلگەن.

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 18:15:35

ھەئە، ئاشۇ شۇ. داكار راللىي مۇسابىقىسى. چىڭلۇڭنىڭ مەن كىم دېگەن كىنوسىدا چىقىدىغان مۇسابىقە شۇ. داكار توغرىسىدا ئايرىم بىر تېما يوللاي دەپ ئويلىغان ئېدىم

rock يوللانغان ۋاقتى 2010-10-12 11:12:14

فورمۇلانىمۇ يېزىپ قويۇڭلا.

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 14:23:39

نېمىنىڭ فورمۇلاسىنى؟

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 21:29:02

Pasiban:
نېمىنىڭ فورمۇلاسىنى؟

F1تەڭلىمە مۇسابىقە ئاپتۇموبىلى مۇسابىقىسىنى دەۋاتقان ئوخشايدۇ،ئىزدىنىشتە باللارنىڭ ئىنكاسىنى ئوبدان تەھلىل قىلمىسا چۈشەنگىلى بولمايدىغان بوپ كېتىۋاتىدۇ.

بەت: [1]
: راللىي دېگەن نېمە؟