Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 18:01:36

نەس باسقان يۈك ماشىنا شوپۇرى

بۇ بىچارە شوپۇر بىر سوقىشىغا مىليوننى سوقاپتۇ.

بۇ بىر قېتىملىق شوپورغا ئەڭ قىممەت توختىغان ۋەقە بولۇپ، قىزىل چىراقتا كۈتۈپ يانمۇ-يان تۇرغان ئىسىل چاپقۇرلاردىن پورش، لەمبورگىنى گاللاردو، روللس-رويس سايە قاتارلىق 3 ئىسىل ماشىنىنى كەينىدىن كېلىپلا سوققان. خېلى قاتتىق سوققان ئوخشايدۇ، بۇ 3 ماشىنا ئارقا-ئارقىدىن ئالدىدىكى ماشىنىلارنى سوققان. پورشنىڭ يان ئەينىكى سۇنغان بولۇپ ئىگىسى مەرتلىق قىلىپ بوپتۇلا دەپ يولىغا راۋان بوپتۇ. بۇ ماشىنىنىڭ ئەسلى باھاسى 1 مىليوندىن ئاشىدۇ. گاللاردو 4 مىليون، روللس-رويس 5 مىليون. نەس باسقىنى يۈك ماشىنىسىنىڭ شوپۇرى بولۇپ، ساقچى كېلىپ ئارقا تەرەپتىن يۈك ماشىنىسى سوققاچقا پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى يۈك ماشىنىسىغا ئارتقان. بۇ قېتىمقى ماشىنىنىڭ ئومومى رېمونت ھەققى 2 مىليون 2 يۈزمىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن.

بىچارە يۈك ماشىنىسىنىڭ شوپۇرى ھەرقانچە سۇغۇرتىلاندۇرسىمۇ يا 100 مىڭ يۈەنلىك ياكى ئېشىپ كەتسە 2 يۈزمىڭ يۈەنلىك قارشى تەرەپ سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرغان بولغىيتى. ئادەتتە قارشى تەرەپ مال-مۈلكىنى بەك كۆپ سۇغۇرتىلاندۇرمايدۇ. سۇغۇرتا شىركىتى پۇلنى 100% بەردى دېگەن تەقدىردىمۇ قالغان 2 مىليوننى ئۆزى تۆلەيدۇدە... بىچارە... مەندەك مەجبۇرى سۇغۇرتىلا تۆلىگەن بولسا كۆرۈڭ. قارشى تەرەپ سۇغۇرتا سوممىسى پەقەت 2 مىڭ يۈەن. ئۇ چاغدا ...

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 18:06:41

يۈك ماشنىسىنى كۈندۈزى سائەت مانچىدىن ئاۋۋال شەھەر رايۇنىغا كىرگۈزمەيتتىغۇ.

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 18:09:06

ئۇندا بولسا ئۇنىڭغىمۇ يانا 2 يۈز كوي ...

ئەم ماۋۇ ئۆلىۋالىدىغان بولدى ...

بەلكىم شەھەر ئايلانما يوللىرى بولغىيتى، ياكى ناماششام بولاي دەپ قالغان ۋاقىتمۇ. ئىشقىلىپ مۇشتا ئىش بولاپتا

koklam29 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 18:37:14

ئاۋۇ ئاخسا ماشىنىلارنىڭ تىزىلىپ كەتكىنىنى ، تويغا ماڭغاندەك !

ASKARAMAT يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 19:04:53

نە بولغىيتى بۇ

tirixqan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 19:27:20

99+1=0

Faith يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 19:49:38

ھەي ئىست پەچەت لەمبورژىنى ئىكەنتۇق

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 20:06:10

ماشىنا سوققۇچە ئادەم سوققان بولسىمۇ بۇنچە قىينىلىپ قالماستى .

KULANGGA1 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 21:00:36

چېڭدۇ دا بولغان ئىش بۇ.

ئا گۇي دېرىكتورىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ چىقىپتىكەن،ئۆزى ئالغىدەك پۇلى يوق،seven clup 的保安经理  朱

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2010-10-11 17:11:08

خاتىرجەم بۇلۇڭلار  ..  تۇلىمىسە ھىچنىمە قىلىۋىتەلمەيدۇ.
بەت: [1]
: نەس باسقان يۈك ماشىنا شوپۇرى