كۆپتۈرمە ئەمەس، بۇ راس ئاشۇنداق مېڭىپتۇ
ما يەدە بىرسى ۋولكسۋاگېننىڭ PassatBluemotion دېگەن ماشىنىسىنى لىق باك يېقىلغۇ بىلەن 2400 كېلومىتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، جىننىس دۇنيا رېكورتى يارىتىپتۇ.
بۇ سەپەر ئەنگىلىيەنىڭ Maidstone شەھىرىدىن 77.25 لېتىر دېزىل قاچىلىنىپ باشلانغان بولۇپ، Calais شەھىرىدە ئاياغلاشقان. 3 كۈنلۈك سەپەرنىڭ ئومومى مۇساپىسى 2456.87 كېلومېتىر. بۇ ئامېرىكىنىڭ شەرقى قىرغىقىدىكى نيۇ-يوركتىن باشلىنىپ ئامېرىكىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ غەرپتىكى لوس-ئانژىلىسقىچە بولغان، ياكى تەخمىنەن قەشقەردىن باشلىنىپ ئۈرۈمچىگە بېرىپ قايتىپ ئاقسۇغىچە بولغان مۇساپىگە تەڭ.
Gavin Conway ئارقىدىن 2 ماشىنا مۇخبىر ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك خادىملار يول بويى گۇۋاھچى بولۇپ بىللە سەپەر قىلغان. بۇ ۋولكسۋاگېننىڭ ئەسلىدىكى 1 لېتىر يېقىلغۇدا 22.73 كېلومىتىر ماڭىدۇ دېگەن مەلۇماتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، 31.85 كە چىقارغان. 100 كېلومىتىرلىق سەرپىيات بويىچە ھېساپلىغاندا 3.144 لېتىر يېقىلغۇ كەتتى دېگەن گەپ. ئۇ ھەيدىگەن Passat BlueMotion نىڭ B6 لىكى بولۇپ ، 105 ئات كۈچىگە ئېگە 1.6 لېتىرلىق دېزىل ماتور سەپلەنگەن. بۇ تېخى بۇ قېتىملىق پارىژ ماشىنا كۆرگەزمىسىدىكى B7 ئەمەس.
Huqush:
دېزىل ماتۇرلۇق بولسا ئۇنى گازلىق قىلغىىلى بولمايدىكەن ئەمسە . شۇڭا ئالماي تۇرايلى..
ماۋۇ سانتانامۇ ب م ۋ نىڭ جەمەتىدىنمۇ .؟ ب م ۋ دېگىنى ۋولكېس ۋاگېن شىركىتىنىڭمۇ ؟<
سانتانا ۋولكىس ۋاگېننىڭ.BMWنىڭ ئەمس.
BMWدىگەن باشقا بىر ماركا،ۋولكىس ۋاگېن بىلەن ئىككىسى ئايرىم ئىككى شىركەت.
ۋولكىسۋاگىن ماۋۇ رىكورىتنى ياراتقان بۇرادەرگە سانتانانىڭ نوچىسىدىن بىرنى مۇكاپات بەرسە بولغۇدەك.يۇقۇردىن تۆۋەنگە ماڭمىغاندۇ بۇ ئاداش.
100 كلومېتىر مېڭىش ئۈچۈن 3.14 لىتىر ماي سەرىپ قىلىپتۇ. موتودا 100 كلومېتىر مېڭىش ئۈچۈن 2 لىتىرغا يېقىن ماي كېتىدۇ. ئۇ ماشىنا چۇقۇم بوران چىقسا ئۇچۇپ كېتىدىغان قەغەز ماشىنا ئوخشايدۇ. شىزاڭدىن تۇرپانغا چۈشكەندەك يول تۆۋىنىمۇ يا ؟ Bayawan:
100 كلومېتىر مېڭىش ئۈچۈن 3.14 لىتىر ماي سەرىپ قىلىپتۇ. موتودا 100 كلومېتىر مېڭىش ئۈچۈن 2 لىتىرغا يېقىن ماي كېتىدۇ. ئۇ ماشىنا چۇقۇم بوران چىقسا ئۇچۇپ كېتىدىغان قەغەز ماشىنا ئوخشايدۇ.
دېزىل يېقىلغۇ قىلىدىكەن . 柴油
كەينىدىن ئىتتەرگەن چېغىۋا.. دېزىل ماتور ھەقىقەتەن تىجەيدۇ. ماشىنا ئالىمەن مەسلىھەت بېرىڭلار دىگەن بۇرادەرگە تەۋسىيە قىلغان V3 نى مايەدە بىرسى 100 كېلومېتىرغا 4 لېتىردىن ئازراق ماي سەرپ قىلىپ ماي تىجەش مۇسابىقىسىدە 1-بولغانتى. ئۇ مۇمكىن ئىش.b7 كېلەر يېلىنىڭ ئاخىرىدا مەملىكىتىمىزگە كىرىدۇ
دېزىل يېقىلغۇلۇق بولسا ئەمىسە تېرەكتۇرنىڭ ماتۇرى باركەن، شۇنداق چىرايلىق ماشىنىغىمۇ تېرەكتۇرنىڭ ماتۇرىنى ئورنىتىپ نېمە قىلىدىغاندۇ، ھەرقانچە سۈپەتلىك ئىسىل ماتور بولسىمۇ يەنىلا قۇلاقنى ئاغرىتىدىغان سەت ئاۋاز چىقىرىدىغاندۇ. Bayawan:
دېزىل يېقىلغۇلۇق بولسا ئەمىسە تېرەكتۇرنىڭ ماتۇرى باركەن، شۇنداق چىرايلىق ماشىنىغىمۇ تېرەكتۇرنىڭ ماتۇرىنى ئورنىتىپ نېمە قىلىدىغاندۇ، ھەرقانچە سۈپەتلىك ئىسىل ماتور بولسىمۇ يەنىلا قۇلاقنى ئاغرىتىدىغان سەت ئاۋاز چىقىرىدىغاندۇ.
ياۋرۇپادا بۇنداق ماشىنىلار ئىنتايىن كۆپ. تۈركىيەدىمۇ يېرىمدىن ئارتۇق ماشىنىلار دېزىل يېقىلغۇلۇق. جۇڭگودىمۇ ئاۋدى A6 نىڭ دېزىل يېقىلغۇلۇق نۇسقىسى بار. ئاشۇنچىۋالا ماشىنا ياسىغان ئادەم، دېزىل ماتورنىڭ ئاۋازىنى پەسلىتىشكە كاللىسى چوقۇم ئىشلەيدۇ...
Bayawan:
دېزىل يېقىلغۇلۇق بولسا ئەمىسە تېرەكتۇرنىڭ ماتۇرى باركەن، شۇنداق چىرايلىق ماشىنىغىمۇ تېرەكتۇرنىڭ ماتۇرىنى ئورنىتىپ نېمە قىلىدىغاندۇ، ھەرقانچە سۈپەتلىك ئىسىل ماتور بولسىمۇ يەنىلا قۇلاقنى ئاغرىتىدىغان سەت ئاۋاز چىقىرىدىغاندۇ.
ھازىر ھەر ئېسىل ماشىنىلارنىڭ دېزىل مايلىقى بار،يېقىندا 奥迪Q7نىڭمۇ5.0لېتىرلىق دېزىل مايلىقى بازارغا سېلىنىپتۇ،路虎دىگەن داڭلىق ماركىلىق ماشىنىلارنىڭمۇ دېزىل مايلىقى كۆپ،دېزىل مايلىق ماشىنىلارنىڭ ئاۋازى گەرچە بېنزىندا ماڭىدىغان ماشىنىلارنىڭ ئاۋازىغا ئوخشىمىسىمۇ،ئەمما ئاۋازى ھەرگىزمۇ يۇقۇرى ئەمەسكەن.
پىچىرلىق ماشىنكەن دېزىل ماتۇرلۇق بولسا ئۇنى گازلىق قىلغىىلى بولمايدىكەن ئەمسە . شۇڭا ئالماي تۇرايلى..ماۋۇ سانتانامۇ ب م ۋ نىڭ جەمەتىدىنمۇ .؟ ب م ۋ دېگىنى ۋولكېس ۋاگېن شىركىتىنىڭمۇ ؟<
ئاۋدى ۋولكسۋاگېننىڭ. BMW باشقا شىركەت.
Huqush:
دېزىل ماتۇرلۇق بولسا ئۇنى گازلىق قىلغىىلى بولمايدىكەن ئەمسە . شۇڭا ئالماي تۇرايلى..
ئالدىرىماڭ ، بېنزىن بىلەن گازنىڭ باھىسىنى 1:0.8 نىسبەتكە تەڭشەيمىز قايسى كۈنى بىزنىڭ تىراكتۇرغا سەييۇ قاچىلىغىلى بارسام . بىر سانتاناغا سەييۇ قاچىلىغىلى تۇرۇپتىكەن ..كۈلۈپ كىتىپتىكەنمەن