kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 14:53:54

تارىختىكى 10-ئۆكتەبىر كۈنى

بۈگۈن تارىختىكى ئالاھىدە بىر كۈن 2010-يىلى 10- ئاينىڭ 10-كۈنى.

بۈگۈن جوڭخۇا مىنگونىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى.

ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش كۈنى.

چاۋشىيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە بايرىمى.

1780-يىلىدىكى بۈگۈنكى كۈندە كارىپ دىڭىزىدا چىققان قاتتىق قارا قۇيۇن سەۋەپلىك مارتىنىكا، سان خوستىس، باربادوس قاتارلىق ئاراللار قاتتىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. 7 كۈن چىققان بوراندا 22000 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلۈپ نەچچە ئون مىڭ ئادەم ئۆي-ماكانسىز قالغان.بۇ يىللېرى ئامېرىكىنىڭ ئىنقىلاپ مەزگىلى بولغاچقا بۇ رايوندا كونتىروللۇق ھوقوقىنى تالىشىۋاتقان ئەنگىلىيە بىلەن فىرانىسيە دىڭىز فىلوتى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان.ئالىملارنىڭ ئىسپاتلىشىچە بۇ قارا قۇيۇننىڭ كېلىپ چىقىشى قۇياش ھەركىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن. يەنە 1775-يىلدىن 1780-يىلغىچە بولغان قىسقىغىنە 10 يىل ئىچىدە ئۈچ قىتىملىق قارا قۇيۇن ئاپىتى يۈز بەرگەن بۇلۇپ ئاپەتتە بۇ رايوندا تالاپەتكە ئۇچرىماي بىرەر ئەزاسى قازا قىلمىغان ئائىلىنى تاپقىلى بولمايدۇ. بۇ قارا قۇيۇننىڭ خاراكتىرى بىلەن 2005-يىلىدىكى كاتېرىنا قارا قۇيۇننىڭ خاراكتىرى ئوخشاپ قالىدۇ.

1841-يىلىدىكى بۈگۈنكى كۈندە بىرىنچى قىتىملىق ئەپيۇن ئۇرۇشى پارتلىدى.

1913-يىلىدىكى بۈگۈنكى كۈندە پاناما قانىلىدا قۇرۇلۇش پۈتكەن. پاناما قانىلى شىمالى ئامېرىكا بىلەن جەنوبى ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇىدىكى پاناما قۇرۇقلۇق بوغۇزىغا جايلاشقان بۇلۇپ ئامېرىكا قوشما شىتاتلېرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا.قانالنىڭ ئۇزۇنلۇقى 82 كىلومېتىر ئەڭ كەڭ جايى 304 مېتىر، ئەڭ تار جايى 152 مېتىر بۇلۇپ تېنچ ئوكيان بىلەن ئاتلانتىك ئوكياننى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئۆتكەل. قانالنىڭ تېنچ ئوكيان بۆلىكىدە ئىككى لوك، ئاتلانتىك ئوكيان بۆلىكىدە ئۈچ قەۋەتلىك بىر لوك بۇلۇپ ، قانالنىڭ ئوتتۇرىدىكى كۆل بىلەن بىرلىكتە قوش يۆنىلىشلىك دىڭىز قاتنىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.سۇۋەيش قانىلىنى قىزىشقا مەسئول بولغان فېردىناند لېسسېپ(Ferdinand de Lesseps )دىگەن كىشى پاناما قانىلى خەلقئارا شىركىتىنى قۇرۇپ 1880 -يىلدىن باشلاپ قانال قىزىشقا باشلانغان لېكىن پاناما قانىلىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى سۇۋەيش قانىلىدىن قېيىن بۇلۇپ 1889-يىلى بۇ پىلان مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان شۇنداقلا شىركەت ۋەيران بولغان.1904-يىلى ئامېرىكا 2 مىليارد فىرانك باھا بىلەن بۇ شىركەتنى سېتىۋالغان.1903-يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى سىئودۇر روزۋېلىت ئەينى چاغدىكى پاناماغا ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان كولومبىيە بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ قانال قىزىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلىغان لېكىن كولومبىيە پارلامىنتى بۇ پىلانغا قۇشۇلمىغاچقا ئامېرىكا كولومبىيەگە قارشى ئەكسىيەتچى كۈچلەرنى قوللاپ ئۇلارنى يىل ئاخىرى مۇستەققىللىقە ئېرىشىشىگە ياردەم بەرگەن ھەمدە پاناما قانىلىغا يىقىن دىڭىز ساھىلىدا ھەربى مانىۋېر ئۆتكۈزگەن. كولومبىيە ئامالسىز پانامانىڭ مۇستەققىلىققىنى ئىتراپ قىلغان.ئامېرىكىغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن پاناما ئامېرىكا بىلەن كېلىشىم ئىمزالانغان، كېلىشىم بويىچە ئامېرىكا10 مىليون ئامېرىكا دوللېرىلىق باھا بىلەن 1904--يىلى 24-فېۋرالدىن باشلاپ 16.1 كىلومېتىر دائىرىدىكى قانال رايونىنىڭ مەڭگۈلۈك ئىگىدارچىلىق ھوقوقىغا ئېرىشكەن.شۇنداقلا ئامېرىكا يەنە 40 مىليون دوللار باھا بىلەن فىرانسىيەنىڭ بۇ رايوندىكى قانال قىزىش ھوقوقىنى سىتىۋالغان. ئاندىن ئامېرىكىنىڭ قىلغان بىرىنچى ئىشى بۇ رايونغا ھاشارەتشۇناسلارنى ئەۋەتىپ بۇ رايوندا پاشا ئۆلتۈرۈش بولغان.چۈنكى ئىككى تۈمەن فىرانسىيىلىكنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپچى بولغان سېرىق قىزىتما مۇشۇ پاشا ئارقىلىق تارقالغان.قانال قۇرۇلۇشىغا دەسلەپ فىرانسىيە 300 مىليون دوللار سەرپ قىلغان بولسا ئامېرىكا ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكەندىن كېيىن يەنە 375 مىليون مەبلەخ بىلەن ئاندىن پۈتكەن.ئەسلى پىلاندىكىدىن ئۈچ يېرىم ھەسسە ئارتۇق چىقىم بولغان.جەمئى 295 مىليون كۇپ مېتىر تاش توپا قىزىلغان، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىرلا ۋاقىتتا 40 مىڭ ئىشچى ئىشلىگەن.1913-يىلى 10- ئۆكتەبىر ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋېلسون قانال پۈتكەنلىكىنى رەسمى جاكارلىغان.نۇرغۇن ھىندىئانلار بۇ قانال ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئەنگە ئېلىنغىنى 5909 لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولىشى مۇمكىنكەن.1914 -يىلى 15-ئاۋغوست پاناما قانىلىدا رەسمى دىڭىز قاتنىشى باشلانغان.قانال پۈتكەندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ شەرقى دىڭىز قىرغىقى بىلەن غەربى دىڭىز قىرغىقى ئارلىقىدىكى دىڭىز قاتناش لىنيىسى 14800 كىلومېتىر قىسقىراپ ، نىيۇيۇركتىن لوس ئانجىلىسقا جەنوبى ئامېرىكىدىكى خورن تۇمشۇقىغا بېرىپ ئايلىنىپ كېلىشتەك ئاۋارچىلىققا خاتىمە بېرىلگەن.

1977-يىلى 7-سىنتەبىر ئامېرىكا زۇڭتۇڭى كات خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك بىسىمى ئاستىدا پانامانىڭ قانالغا بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقوقىنى ئىتراپ قىلغان. كىلىشىمگە ئاساسەن ئامېرىكا ھۆكىمىتى 1999-يىلى 31-دىكابىر قانالنى پاناما ھۆكىمىتىگە قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولغان.ئەمما بۇ كىلىشىم ئامېرىكىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.پاناما ھەربى ئەمەلدارى نۇلىكا ئەگەر ئامېرىكا كىلىشىمگە ئەمەل قىلمىسا قانالنى بۇزىۋىتىمىز دەپ تەھدىت سالغان.1989-يىلى 20-دىكابىر ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بوش قانالدىكى پۇقرالارنىڭ ھوقوقىنى قوغداشنى باھانە قىلىپ قۇشۇن تارتىپ پاناما ھۆكىمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان.

قانالنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقوقى 1999-يىلى پاناما ھۆكىمىتىگە قايتۇرۇپ بېرىلدى.قانالدىن پاراخوتلارنىڭ ئۆتۈپ بولىشىغا تەخمىنەن 10 سائەت ۋاقىت كىتىدۇ.ئۇتتۇرا ھىساپ بىلەن ھەر بىر پاراخوتتىن 13430 دوللار ھەق ئىلىنىدۇ.چوڭ تىپتىكى ماي پاراخوتلېرى بىلەن ئاۋىئاماتكىلار قانالدىن ئۆتەلمەيدۇ شۇڭلاشقا ئامېرىكا ئوتتۇرا ئامېرىكا تەۋەسىدە باشقا بىر قانال قىزىشنى پىلانلاۋاتىدۇ.

قانالنىڭ قۇش بىقىشىدا كۆرىنىشى ۋە ئاددى خەرىتىسى

1934-يىلى جوڭگو ئىشچى دىھقانلار قىزىل ئارمىيىسى ئۇزۇن سەپەرنى باشلىغان.

1937-ئىشچى دىھقانلار قىزىل ئارمىيەنىڭ جەنوپتىكى سەككىز ئۆلكىدىكى قىسىملار يىڭى تۆتىنچى ئارمىيە بۇلۇپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن.

1938-يىلى ياپونىيە ئارمىيىسى دايا قولتۇقىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ گۇاڭجۇغا ھۇجۇم قىلغان.

2004-يىلى1978-يىلىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك خاسىيەتلىك ئادەم فىلىمىدە رول ئىلىپ بىراقلا داڭ قازانغان داڭلىق كىنو چولپىنى كىرىستوف(Christopher Reeve) يۈرۈك مۇسكۇل تىقىلمىسى كىسىلى بىلەن52 يىشىدا ۋاپات بولغان.كىرىستوف 1995-يىلى بىر قىتىملىق ئات بەيگىسى مۇسابىقىسىدە ھادىسىگە ئۇچراپ ئۇمۇرتقىسى زەخملەنگەنلىك سەۋەبىدىن پۈتۈن بەدىنى پالەچ بۇلۇپ قالغان.شۇنداقتىمۇ ئۇ قەيسەرلىك بىلەن ياشاپ ئۆز بەدىنىنى غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىغا تەغدىم قىلغان شۇنداقلا كۆپ قىتىم سەييارە نۇتۇق سۆزلىگەن.

كىرىستوف

balahor يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 16:11:50

2010 - يىلى 10 -ئاينىڭ 10 -كۇنى پېقىر بالاخور ئۇشبۇ ئىزدىنىش مۇنبىرى گە رەسمى ئەزا بولۇپ ، مۇنبەرگە ئەزا بولماي ماراقچىلىق قىلىدىغان ناچار قىلمىشىغا خاتىمە بەردى .

مۇنبەر ئەزا لىرى پىقىرنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالغايسىلەر !!!!

atella يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 16:29:14

قولمىز كۆكسمىزدە...

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 16:46:55

پاناما قانىلىنىڭ رەسىمىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم.

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 19:07:23

بۇ ئامرىكا قايسى يەرنىڭ ئۆزىگە مەنپەئەت تېگىدىغىنىنى بىلسە ،شۇ يەرگە بىر باھانە بىلەن كۆتىنى پاتۇرۋالىدىكەن ...خەقنىڭمۇ ئەمەسمۇ كارى يوق .

دىمىسىمىغۇ شۇ ،بۇ يەر شارى ھەرگىزمۇ ئەزەلدىن مەلۇم بىر قەۋمگە تەۋە بولمىغان ، ببىر قانچچە پادىشاھلىق تەڭ مەۋجۇت بولغان ھالەتتە ،ئەگەر بىرسى بىرسىگە ھۇجۇم قىلمىسا يەنە بىرسى كلىپ چوقۇم ھۇجۇم قىلىدۇ، مەن ساڭا ھۇجۇم قىلغۇم بولمىسىمۇ لىكىن سەن ھامان بىر كۈنى ماڭا ھۇجۇم قىلشىڭ مۇمكىن ،چۈنكى مەندە سەنددە يوق نىمىلەر بار بولىشى مۇمكىن.ھەرگىزمۇ تەڭ باراۋەر ئۆتىشى مۇمكىن ئەمەس،چۈنكى بەش بارماق تەڭ مەۋجۇت بولغان ئەمەس .

بەت: [1]
: تارىختىكى 10-ئۆكتەبىر كۈنى