رايۇنلار ئارا يىتەكچى بولغان ئۇيغۇر مائارىپى
ھۆرمەتلىك ئىزدىنىش ئەھلى ، ئاۋۋال بۇ مۇنبەرنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەبرىكلەيمەن .
مەن ئىلگىرى ئىزدىنىش مۇنبىرى ۋە بىلىك مۇنبىرىدىن كۆپ نەپ ئالغان . ئەمدى مەنمۇ نەپ بىرەي دەپ ( باشقىلارنىڭكىدىن بەھرىمان بۇلىۋەرسە يۇز قىىزرىدىغان ئىشكەن ) تىزىملىتىپ كىرىدىم . تۆۋەندىكىسى تۇنجى سوۋغام بولسۇن ، تەكلىپ پىكىرىڭلارنى ئايىماي مىنى قېتىڭلارغا ئېلىۋالارسىلەر :
ھۆرمەت بىلەن : ھەزرەتئېلى
ئۇيغۇر يېزىقى قوچۇ ئۇيغۇر خانلىق تەۋەسىدە ئۇمۇميۇرلۈك ئىشلىتىلەتتى. بۇ يېزىق ئىجتىمائىي ئالاقىلەر نەتىجىسىدە ، نايمانلار ، قىتانلار ۋە مۇڭغۇللارغا تەسىر قىلىپ ، بۇ قەۋملار جەمئىيتىدە ئىشلىتىلىدىغان يېزىق بۇلۇپ قالغان . قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىدىن بولغان باخشى ، مۇئەللىملەر نايمان، قىتان ۋە مۇڭغۇللار ئارىسىغا بېرىپ ، ئۇلارنىڭ ھۆكمىرانلار جەمەتىگە بۇ يېزىقنى ئۈگەتكەن . يېزىقنىڭ ۋاستىسى بىلەن باشقا مەدەنىيەت بىلىملىرىمۇ ئۆگىتىلگەن. بۇ نوقتىنى فىرانسىيلىك شەرقشۇناس ل.خامىلتوننىڭ « ئۇيغۇرلار مەدەنىيتىنىڭ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشى بىلەن ،13-ئەسىردىن ئىلگىرى ئۇلار ئەمەلىيەتتە تۈركىي ۋە مۇڭغۇل قەبىلىللىرىنىڭ مەدەنىيەت پىشۋالىرى دېگەن ئاتاققا ئىگە بولغان» دەپ ، فىرانسىيلىك يەنە بىر شەرقشۇناس گروسسىينىڭ « ئۇيغۇرلار ئالتاي بىلەن ئۇرقۇندىكى تۇرك ، مۇڭغۇل دۆلەتلىرى ، 12-ئەسىردىكى نايمانلار ۋە 13-ئەسىردىكى چىڭگىزخان جەمەتىنىڭ مەدەنىيەت ئۇستازىغا ئايلانغانىدى» دەپ يازغانلىقىدىن بىلىۋالالايمىز.
قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مائارىپ –مەدەنىيتىدە چوڭ يۈكسىلىش بولغان . جۈملىدىن مائارىپ ئىشلىرى ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى زور دەرىجىدە ئىلگىر سورگەن، بۇ مەسىلىنى بىز شەرقشۇناسلاردىن جەففار ئەل ئەھمەدنىڭ«ئۇيغۇرلاردا قانۇن ۋە مالىيە ئاتالمىللرى»دېگەن ماقالىسىدىكى مۇنۇ بايانلار ئارقىلىق رۇشەنلەشتۇرەلەيمىز:« 12-14-ئەسىرلەردىكى بەشبالىق ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى بۇنىڭدىن 50-60 يىل ئىلگىركى يەنى 20-ئەسرنىڭ بېشىدىكى شۇ جاينىڭ تۇرمۇشىدىن كۆپ ئۇستۇن ئىدى. ئۇلار شۇ ئەسىرلەردە غەربىي ياۋرۇپا زىمىندارلىرى ، رېتسارلىرى، ھەتتا يېروسالىمغا يۇرۇش قىلغان ئەھلىسەلپ ئارمىيسىگە قاتناشقان خرىستىيانلارغا سېلىشتۇرغاندا ، تىخنىكا ۋە تەربىيە كۆرۈشتە يەنە ئۇستۇن ئورۇندا تۇراتتى، ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەت ئىقتىدارى ۋە تۇرمۇش سەۋىيسىنى ئەلۋەتتە مۇئەييەنلەشتۇرۇش لازىم »
ئەسكەرتىش : تىما يوللىغىچى تەرىپىدىن قويۇلدى
مەنبە: غەيرەتجان ئوسمان . قەدىمكى تارىم مەدەنىيتى ، 354-355-بەت
ئۇنداق ئەمەس ، پىقىرنىڭ ئۇنچە چوڭ تىمىنى يۇرۇتۇپ بەرگۇدەك ئىقتىدارى ھازىرچە يوق . كىتاپ ئوقۇۋىتىپ بۇ مەزمۇنلار ئۇچراپ قېلىپ ، ئۆز - ئۆزىمدىن مەمنۇن بۇلۇپ، پەخىرلىنىپ( بۇمۇ بىر ياخشى ئىش ئەمەس ، لىكىن بۇ ئادەمنىڭ ئىشەنچىىسنى ئاشۇرۇشقا ياردىمى بار دەپ قارايمەن) بۇ مەزمۇنلارنى بىسىپ يوللاپ قويغان ئىدىم . ئۈمىدىم ، تارىخىمىزدىكى ئىلغارلىقلار ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىنى يىتىلدۇرسە ئەجەپ ئەمەس. چۈنكى بىز ھازىر تارىختىكى ھەرقانداق دەۋرگە قارىغاندا ، ئۆزىمىزگە ئىشىنىشكە ، ئۆزىمىزنىڭ ھەممىنى قىلالايدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلىشقا ئەڭ مۇھتاج دەپ قارايمەن .
مەن يېڭىدىن ئەزا بولدۇم . يازمىدا دېگەندەك ، ئۇزۇن يەرلىرىمنى كىسىپ قىسقارتىپ، كەم يەرلىرىمنى مىخ قېقىپ ئۇلاپ ئۆزەڭلەرگە قېتىۋالارسىلەر
بىشىدىكى ئىلاۋىگە قاراپ تازا ئولتۇرۇپ ئوقۇيدىغان تېمىدىن بىرسى چىقتى دەپ مائۇسنى بىر سېرىسەم تۈگەپ قالدىغۇ بۇ تېما .ئەسلى تېمىنى ئىلاۋىڭىز بىلەنلا ئاخىرلاشتۇرغان بولسىڭىزمۇ بولاركەن .
ھا..ھا.. مىكرو نۇسخىسىمۇ بولىدىكەن..
شىڭگل تېما دەپ ئىزاھلاپ قويسا بولغۇدەك تىمىچاق كەنغۇ بۇ.مىنى باۋما ،مىنى ئاشخانا،مىنى كۆينەك ،
مىنى تېما ...
ئاز بولسىمۇ يېزىپتۇ، يېڭى توردىشىمىز قۇرۇق كەلمەپتۇ. مەدەت بىرەيلى باللار.