tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2010-10-9 12:31:51

ئۇزۇن ئۆمۈرنىڭ سىرى (يۇمۇر )

ئۇزۇن ئۆمۈرنىڭ سىرى  

ئەگەر مەن شاراب ئىچىپ ، تاماكا چېكىپ ، خوتۇن – قىزلار بىلەن قالايمىقان ئوينىغان  بولسام ، 86 ياشقا كىرىپ ھازىرقى دۇنيانىڭ راھىتىنى كۆرمىگەن بولاتتىم – دەپتۇ بوۋاي يېنىدىكى كىشىگە .

ياخشى ياشاپسەن ، - دەپتۇ  يەنە بىر بوۋاي ، - مەن 93 ياشقا كىردىم ، ئۆمۈر بويى ھەسەل ، قارا ئاشلىق ، سۈت ، مېۋە – كۆكتاتلا ئىستىمال قىلىپ كەلدىم.

دادام ماڭا ئەگەر ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرەي دېسەڭ ـ دەپ گەپكە ئارىلىشىپتۇ  ئاپئاق چاچلىق بىر كىشى ، تاماكا چەك ، ھاراق - شاراب ئىچ ، سەتەڭلەر بىلەن قانغۇچە ئوينا دېگەن ئىدى . مانا مەن مۇشۇنداق ياشاپ كېلىۋاتىمەن .

قانچە ياشقا  كىردىلە دەپ سوراپتۇ ئىككى بوۋات تەڭلا .

24  ياشقا كىردىم ، چېچىم ئاقارغان بىلەن چىشىم ساق.

كېچىكىپ قاپسىز

دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن ئادەم قىرغاققا چىقالماي جان تالىشىۋاتقاندا ، بىر ئىشسىز كېلىپ ئۇنىڭدىن سوراپتۇ :

ـ ئىسمىڭ نىمە ؟

ـ يۇنىس سىمىس!

ـ قەيەردە ئىشلەيسەن ؟

- ياغاچ زاۋۇتىدا ئىشلەيمەن ، ھەي ، مېنى چاپسان قۇتقۇزۇۋالساڭچۇ ؟ ئۆلەي دېدىم ! ...

ھېلىقى ئىشسىز غىدىڭ – پىدىڭ قىلماي يۈگۈرگەن پېتى ياغاچ زاۋۇتىغا بېرىپتۇ:

ـ يۇنىس سېمىس مۇشۇ زاۋۇتتا ئىشلەمدۇ ؟

ـ ھەئە ، ئىشلەيدۇ.

- ئۇنىڭ ئورنىغا مېنى قۇبۇل قىلساڭلار ، ئۇ ھازىر دەريادا ئېقىپ كېتىۋاتىدۇ ، ئۆلەيلا دەپ قالدى .

- ئەپسۇس ، سەل كىچىكىپ قاپسىز  ، ـ دەپتۇ باشلىق ، - يۇنىسنى دەرياغا ئىتتىرىۋەتكەن كىشى تېخى يېڭىلا ئۇنىڭ ئورنىغا ئىشقا چۈشتى.

پروفىسسورنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى

مەلۇم بىر جايدا چېكەتكە ئاپىتى يۈز بېرىپتىكەن ، ھاشاراتلار پىروفىسسورى بىر چېكەتكىنى تەجرىبىخانىسىغا ئەكىرىپ  تەجرىبە قىلىشقا باشلاپتۇ .

پىروفىسسور دەسلەپ چېكەتكىنىڭ ئوڭ پۇتىنىڭ يېرىمىنى كىسىپ تاشلاپتىكەن ، چېكەتكە يەنىلا سەكرەۋېرىپتۇ، سول پۇتىنىڭ يېرىمىنى كىسىپ تاشلاپتىكەن ، يەر بېغىرلاپ قىسقا –قىسقا سەكرەپتۇ . ئىككى پۇتىنى تۈۋىدىن كېسىپ تاشلاپتىكەن ، ئورنىدا جىم يېتىپ  قاپتۇ ، ئۈچ قېتىم ئىسقىرتىپ ئۈركۈتسىمۇ بىچارە چىكەتكە مىدىرلاپمۇ قويماپتۇ.

تەجرىبە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، پىروفىسسور قاقاقلاپ كۈلۈۋېتىپ  قولىغا قەلەم ئېلىپ خۇلاسە دوكلاتى  يېزىشقا كىرىشىپتۇ:

‹‹ يەتتە سائەت ، يەتتە مىنۇت ، يەتتە سىكۇنت ، يەتتە دەقىقە تەجرىبە قىلىشتىن ئىسپاتلاندىكى ، چىكەتكىنىڭ ئىككى پۇتى كىسىپ تاشلانسا سەكرەپ ئۇچالمايدۇ، ئالدىدىكى بۇرۇن سەزگۈ ئەزالىرى مىدىرلاپ تۇرسىمۇ  ھەر قانچە شاۋقۇن – سۈرەندىمۇ ئۈركۈمەي جىم ياتىدۇ، پۇتىنى كېسەپ تاشلاش چېكەتكە يوقىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك  چارىسىدۇر.››

ئىچ  ئاغرىتماسلىق

ئىككى ئوقۇغۇچى دۇكاندىن بىردىن شەپكە سېتىۋېلىپ كوچىغا چىقىشىغا يامغۇر يېغىپ كېتىپتۇ .

قانداق قىلىمىز ؟ ـ دەپتۇ بىرى شەپكىسىنىڭ يامغۇردا ھۆل بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ .

ـ مۇنداق قىلايلى ، - دەپتۇ ئاغىنىسى ، - شەپكىمىزنى ئالماشتۇرۇپ كىيەيلى ، ، ئۇ ھاغدا ھۆل بولۇپ كەتسىمۇ ‹‹ مېنىڭ ئەمەسقۇ›› دەپ ئويلايمىز-دە ، ئىچىمىز ئاغرىمايدۇ.

كېيىن كەلگەن ئەقىل

بىر ئايال بىرسى ماڭا باسقۇنچىلىق قىلدى دەپ سوتقا ئەرز قىپتۇ . سوتچى ئەرنى تۇتۇپ كېلىپ سوراق قىلسا ئۇ ئىقرار قىلماپتۇ . ئاخىر سوتچى ھۆكۈم چىقىرىپ  ئەرگە 500 دوللار جەرىمانە قويۇپ ئايالغا ئېلىپ بېرىپتۇ .  ئايال  پۇلنى ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن سوتچى ھۆكۈمنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى ئويلاپ ھېلىقى ئەرگە دەپتۇ :

ئايال ئېلىپ كەتكەن پۇلنى سەن بۇلاپ كەل .

ئەر كىشى ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ بېرىپ ھەر قانچە تالىشىپمۇ  ئايالدىن پۇلنى ئالالماپتۇ . ئايال غەزەپلەنگەن ھالدا سوتقا يەنە كېلىپ ھېىقى ئەر ئۈستىدىن مېنىڭ پۇلۇمنى بۇلىماقچى بولدى دەپ ئەرز قىپتۇ .

پۇلىڭىزنى بۇلاپ كەتتىمۇ ؟ - سوراپتۇ سوتچى .

ياق.

ئالقىنىڭىزدىكى تەييار پۇلنى بۇلىۋېلىشقا كۈچى يەتمىگەن ئادەمنىڭ سىزگە باسقۇنچىلىق قىلىشقا قانداقمۇ كۈچى يەتسۇن ، ئۇچىغا چىققان باسقۇنچى دەل ئۆزىڭىز ئىكەنسىز !

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-9 16:35:35

kokyal:

ئۇزۇن ئۆمۈرنىڭ سىرى  

ئەگەر مەن شاراب ئىچىپ ، تاماكا چېكىپ ، خوتۇن – قىزلار بىلەن قالايمىقان ئوينىغان  بولسام ، 86 ياشقا كىرىپ ھازىرقى دۇنيانىڭ راھىتىنى كۆرمىگەن بولاتتىم – دەپتۇ بوۋاي يېنىدىكى كىشىگە .

ياخشى ياشاپسەن ، - دەپتۇ  يەنە بىر بوۋاي ، - مەن 93 ياشقا كىردىم ، ئۆمۈر بويى ھەسەل ، قارا ئاشلىق ، سۈت ، مېۋە – كۆكتاتلا ئىستىمال قىلىپ كەلدىم.

دادام ماڭا ئەگەر ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرەي دېسەڭ ـ دەپ گەپكە ئارىلىشىپتۇ  ئاپئاق چاچلىق بىر كىشى ، تاماكا چەك ، ھاراق - شاراب ئىچ ، سەتەڭلەر بىلەن قانغۇچە ئوينا دېگەن ئىدى . مانا مەن مۇشۇنداق ياشاپ كېلىۋاتىمەن .

قانچە ياشقا  كىردىلە دەپ سوراپتۇ ئىككى بوۋات تەڭلا .

24  ياشقا كىردىم ، چېچىم ئاقارغان بىلەن چىشىم ساق.

كېچىكىپ قاپسىز

دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن ئادەم قىرغاققا چىقالماي جان تالىشىۋاتقاندا ، بىر ئىشسىز كېلىپ ئۇنىڭدىن سوراپتۇ :

ـ ئىسمىڭ نىمە ؟

ـ يۇنىس سىمىس!

ـ قەيەردە ئىشلەيسەن ؟

- ياغاچ زاۋۇتىدا ئىشلەيمەن ، ھەي ، مېنى چاپسان قۇتقۇزۇۋالساڭچۇ ؟ ئۆلەي دېدىم ! ...

ھېلىقى ئىشسىز غىدىڭ – پىدىڭ قىلماي يۈگۈرگەن پېتى ياغاچ زاۋۇتىغا بېرىپتۇ:

ـ يۇنىس سېمىس مۇشۇ زاۋۇتتا ئىشلەمدۇ ؟

ـ ھەئە ، ئىشلەيدۇ.

- ئۇنىڭ ئورنىغا مېنى قۇبۇل قىلساڭلار ، ئۇ ھازىر دەريادا ئېقىپ كېتىۋاتىدۇ ، ئۆلەيلا دەپ قالدى .

- ئەپسۇس ، سەل كىچىكىپ قاپسىز  ، ـ دەپتۇ باشلىق ، - يۇنىسنى دەرياغا ئىتتىرىۋەتكەن كىشى تېخى يېڭىلا ئۇنىڭ ئورنىغا ئىشقا چۈشتى.

پروفىسسورنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى

مەلۇم بىر جايدا چېكەتكە ئاپىتى يۈز بېرىپتىكەن ، ھاشاراتلار پىروفىسسورى بىر چېكەتكىنى تەجرىبىخانىسىغا ئەكىرىپ  تەجرىبە قىلىشقا باشلاپتۇ .

پىروفىسسور دەسلەپ چېكەتكىنىڭ ئوڭ پۇتىنىڭ يېرىمىنى كىسىپ تاشلاپتىكەن ، چېكەتكە يەنىلا سەكرەۋېرىپتۇ، سول پۇتىنىڭ يېرىمىنى كىسىپ تاشلاپتىكەن ، يەر بېغىرلاپ قىسقا –قىسقا سەكرەپتۇ . ئىككى پۇتىنى تۈۋىدىن كېسىپ تاشلاپتىكەن ، ئورنىدا جىم يېتىپ  قاپتۇ ، ئۈچ قېتىم ئىسقىرتىپ ئۈركۈتسىمۇ بىچارە چىكەتكە مىدىرلاپمۇ قويماپتۇ.

تەجرىبە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، پىروفىسسور قاقاقلاپ كۈلۈۋېتىپ  قولىغا قەلەم ئېلىپ خۇلاسە دوكلاتى  يېزىشقا كىرىشىپتۇ:

‹‹ يەتتە سائەت ، يەتتە مىنۇت ، يەتتە سىكۇنت ، يەتتە دەقىقە تەجرىبە قىلىشتىن ئىسپاتلاندىكى ، چىكەتكىنىڭ ئىككى پۇتى كىسىپ تاشلانسا سەكرەپ ئۇچالمايدۇ، ئالدىدىكى بۇرۇن سەزگۈ ئەزالىرى مىدىرلاپ تۇرسىمۇ  ھەر قانچە شاۋقۇن – سۈرەندىمۇ ئۈركۈمەي جىم ياتىدۇ، پۇتىنى كېسەپ تاشلاش چېكەتكە يوقىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك  چارىسىدۇر.››

-------------------------

،

كېيىن كەلگەن ئەقىل

بىر ئايال بىرسى ماڭا باسقۇنچىلىق قىلدى دەپ سوتقا ئەرز قىپتۇ . سوتچى ئەرنى تۇتۇپ كېلىپ سوراق قىلسا ئۇ ئىقرار قىلماپتۇ . ئاخىر سوتچى ھۆكۈم چىقىرىپ  ئەرگە 500 دوللار جەرىمانە قويۇپ ئايالغا ئېلىپ بېرىپتۇ .  ئايال  پۇلنى ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن سوتچى ھۆكۈمنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى ئويلاپ ھېلىقى ئەرگە دەپتۇ :

ئايال ئېلىپ كەتكەن پۇلنى سەن بۇلاپ كەل .

ئەر كىشى ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ بېرىپ ھەر قانچە تالىشىپمۇ  ئايالدىن پۇلنى ئالالماپتۇ . ئايال غەزەپلەنگەن ھالدا سوتقا يەنە كېلىپ ھېىقى ئەر ئۈستىدىن مېنىڭ پۇلۇمنى بۇلىماقچى بولدى دەپ ئەرز قىپتۇ .

پۇلىڭىزنى بۇلاپ كەتتىمۇ ؟ - سوراپتۇ سوتچى .

ياق.

ئالقىنىڭىزدىكى تەييار پۇلنى بۇلىۋېلىشقا كۈچى يەتمىگەن ئادەمنىڭ سىزگە باسقۇنچىلىق قىلىشقا قانداقمۇ كۈچى يەتسۇن ، ئۇچىغا چىققان باسقۇنچى دەل ئۆزىڭىز ئىكەنسىز !

无语

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2010-10-9 17:22:03

ئىككىنچى يۇمۇر...

rock يوللانغان ۋاقتى 2010-10-9 20:34:47

ھەممىسى يېڭىكەن، ھاھا
بەت: [1]
: ئۇزۇن ئۆمۈرنىڭ سىرى (يۇمۇر)