niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 22:15:53

20– ئەسىر بېشىدىكى بىر « ۋەسىيەتنامە » دىن 32

<div class=Section1 style="LAYOUT-GRID:  15.6pt none">

20– ئەسىر بېشىدىكى بىر « ۋەسىيەتنامە » دىن شۇ دەۋر كىشىلىرىگە بىر نەزەر

ئابدۇۋەلى مۇقىيىت

</div><div class=Section2 style="LAYOUT-GRID:  15.6pt none">

ھۆرمەتلىك كىتابخان! دىققىتىڭىزگە تەقدىم ئەتمەكچى بولغان «ۋەسىيەتنامە» بىر ئاتىنىڭ ئۆز بالىلىرىغا، توغرىسىنى ئېيتقاندا بارلىق ياشلارغا يۈكسەك بۇرچ تۇيغۇسىدا تۇرۇپ قالدۇرغان «ئۈمىدى». ئۇ 84 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى نامايان قىلىپ تۇرۇپتۇ.

بىز «ۋەسىيەتنامە» گە بولغان چۈشەنچىلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ئەتراپلىق بولۇشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ مۇئەللىپى مۆھتەرەم زات مەرھۇم پازىلجان يۇنىچى ( تاتار) بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى.

پازىلجان يۇنىچىنىڭ ئاتىسى خەيرۇللا 19– ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سانكىت– پېتىربۇرگدا ياشىغان. كېيىن ئۇ ھازىرقى ئۆزبېكىستاننىڭ پەرغانە ۋادىسىغا كېلىپ ماكانلاشقان. رۇسىيە دەۋرىدە يۇنۇسوۋ فامىلىسى بىلەن يۈرگەن بۇ كىشى ئۆزبېكلەر ئارىسىدا ئۇزۇن يىل ياشاپ، ئۆزبېك قىزىغا ئۆيلىنىدۇ ۋە فامىلىسىنى يۇنىچىغا ئۆزگەرتىدۇ. خەيرۇللا يۇنىچىنىڭ تۈن ئوغلى پازىلجان يۇنىچى 1874– يىلى پەرغانىدا تۇغۇلىدۇ. ئاتىسى ئۇنى تەربىيىگە ئىگە قىلىدۇ. قورامىغا يەتكەندە ياركەنتكە كېلىپ باي سودىگەرلەرنىڭ خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ سودا ئىشلىرىدىكى ئالاھىدە قابىلىيىتىنى ھېس قىلغان بايلار ئۇنى غۇلجا شەھىرىگە ئۆزلىرىنىڭ سودا ۋاكالەتچىسى قىلىپ ئەۋەتىدۇ. پازىلجان يۇنىچى ئۆزىنىڭ ئەتراپلىق بىلىمى ۋە جامائەت ئىشلىرىنى تەشكىللەش جەھەتتىكى ئىقتىدارى بىلەن كۆزگە كۆرۈنۈپ، 1904– يىلى غۇلجىدىكى تاتار جامائىتىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئاقساقىلى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ .

«يېپىلمىغان كىتاب» نىڭ ئاپتورى مىرقاسىم ئوسمانوپبۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ. « ھەرھالدا غۇلجىغا ئابدۇللا بوبى كەلگەن چاغدا (1913– يىلى) پازىلجان ئاقساقال جامائەت توپى بولۇپ ئۇيۇشقان نۇرغۇن تاتارلار ئارىسىدا تەسىر كۈچى ئەڭ زور كىشىلەرنىڭ بىرى ئىدى ( « ي. ك » 35– بەت)

ئابدۇللا بوبى كەلگەندىن كېيىن غۇلجىدىكى تاتارلار جامائىتى « مەكتەبى نۇر » نى قۇرۇشقا كىرىشىدۇ. ئىككى قەۋەتلىك مەكتەپ بىناسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتى كوچا يۈزىگە قارىغان دۇكان، ئىككىنچى قەۋىتى ئاستى – ئۈستى تاختايلىق، دېرىزىلىرى چوڭ، ئازادە 8 سىنىپ بولىدۇ. بۇ بىنانىڭ چېدىرى قاڭالتىر ..... بۇ زامانىۋى مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇشىغا پازىلجان ئاقساقال يېتەكچىلىك قىلىدۇ. مەكتەپ قۇرۇلۇپ ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ خىراجىتىنىڭ ئۆكسۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئاقساقال ئاجايىپ زور خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ. بۇ ھەقتە مىرقاسىم ئوسمانۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ۋەخپىنىڭ ئىجارىگە بېرىلگەن 60 دۇكاننىڭ ئىجارە ھەققى، 20 گېكتار (300 مو) يەردىكى بېدە، كۆچمە مەبلەغ ۋە باشقا ۋەخپە مۈلۈكلىرىدىن ئېلىنىدىغان پايدا پۇللارنىڭ ھەممىسى مەكتەپ ئۈچۈن خىراجەت قىلىناتتى. شۇڭا ئۇنىڭ بىنالىرى ھەر زامان شۇنداق ياخشى، ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى تولۇق، ئوقۇتقۇچىلىرى يۇقىرى ئىش ھەققى بىلەن تەمىن ئېتىلگەن. يېتىم – نامرات ئائىلىلەردىن كەلگەن بالىلارغا ياردەم پۇلى بېرىلەتتى. ئۇلارغا مەكتەپ فورمىسى ھەقسىز تارقىتىلاتتى. ( « ي. ك » 66 – بەت)

ۋەخپە مۈلكى دېگىنىمىز، ھاللىق كىشىلەر تەرىپىدىن مەسچىت مەكتەپلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا ئەبەدىي تەمىن ئېتىلگەن مۇقىم مۈلۈك ۋە كۆچمە مەبلەغدىن ( جانلىق چارۋا ماللارمۇ بار) تەشكىل تاپقان سەرمايىدۇر. ئۆزىنىڭ مىراسخورى بولمىغان كىشى ئالەمدىن ئۆتسە ئۇلارنىڭ بارلىق مۈلكى ۋەخپىگە تەۋە بولىدۇ. ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە ئېيتقاندا ھەرقانداق ۋەخپە مۈلكى مۇتلەق دەخلى تەرۇزسىز بولىدۇ.

تاتارلار غۇلجىدا جامائەت توپى بولۇپ ئۇيۇشقاندىن باشلاپ، جامائەتنىڭ ئورتاق ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ۋەخپە تۈزۈمىدە قەتئىي تۇرغان. ۋەخپە مۈلكىنى ئاقساقال ئۆزى باشقۇرغان. پازىلجان ئاقساقال بولغاندىن كېيىن ۋەخپە مۈلكىنىڭ كىرىم – چىقىم ئەھۋالى توغرۇلۇق تەپسىلىي خاتىرە قالدۇرغان. كېيىنرەك، بولۇپمۇ يېڭى مەكتەپ قۇرۇلۇش جەريانىدا چىقىم تۈرلىرى كۆپەيگەچكە، ۋەخپىگە مەخسۇس رەئىس سايلاپ، مالىيە تەرتىپى بويىچە ئىشلەيدىغان بوغالتىرلار قويۇلغان. رەئىس ۋە بوغالتىرلاردىن باشقا جامائەتچىلىك ئىچىدىكى ئابرۇيلۇق كىشىلەردىن تەشكىل قىلىنغان ۋەخپە كېڭەشچىلىرى بولغان. ئۇلار تۈرلۈك خىراجەت تۈرلىرىنى كېڭىشىپ بېكىتىش بىلەن بىرگە مالىيىنىڭ سەرپ قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلغان.

ئاقساقاللارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئۆز مىللىتى ئىچىدىكى ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمدەملىكنى قوغداش بىلەن بىرگە ئۇلارنى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتە بىر قەدەر يۇقىرى بولغان تۇرمۇش يولىغا يېتەكلەش ئىدى. بۇ جەھەتتە پازىلجان يۇنىچى ئەڭ گەۋدىلىك خىزمەت ئىشلىگەن ئاقساقاللارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى تالاش–تارتىشلارنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىپ، ئۆز قوۋمىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، ئاجىزلارغا يۆلەك بولۇشتا ئۈلگە بولۇپ، خەلق ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان. خەلق ئۇنىڭغا بويسۇنغان. ئۇنى ھۆرمەت قىلغان. بۇ ھەقتە مىرقاسىم ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ « غۇلجا تاتار جامائىتىنىڭ تەشكىللىنىشى، ئىجتىمائىي ۋە مەنىۋى – مەدەنىي تۇرمۇشىدا ئەڭ چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان شەخسلەرنىڭ بىرسى سۈپىتىدە ئەڭ بۇرۇن پازىلجان ئاقساقال يۇنىچىنى تىلغا ئالاتتىم » ( « ي. ك » 35 – بەت).

ھۆرمەتلىك كىتابخان، يۇقىرىدىكى سۆزلىرىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە، ئاقساقالنىڭ ۋەزىپە ئۈستىدە تۇرغان مەزگىلدە ئۆز جامائىتى ئۈچۈن قىلغان ياخشى ئىشلىرىدىن سەھىپە ئېتىبارى بىلەن پەقەت ئىككى ئىشنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

1. ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئاقساقاللىقىنى زىممىسىگە ئالغان پازىلجان يۇنىچى 1910 – يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئالتۇنلۇق قەبرىستانلىقىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل، سۇغۇرۇش سۈيى بار، تۈزلەڭ ئورۇننى تاتار جامائىتىنىڭ قەبرىستانلىقى ئۈچۈن تاللىغان ۋە ئەينى يىللاردا غۇلجىدا زور ئىناۋەتكە سازاۋەر بولغان مەشھۇر نۇراخۇن ئاقساقال، مىر ئاقساقاللارنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ كېلىشتۈرۈشى بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەتتىن ئالتۇن كۇرسىغا سۇندۇرۇلغان باھا بىلەن سېتىپ ئالغان. بۇ چاغدا تاتار ۋەخپىسىنىڭ ئىقتىسادىي يېتىشمىگەنلىكتىن يېرىم پۇلنى پازىلجان ئاقساقال ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي مالىيىسىدىن چىقىم قىلغان.

ئاقساقالنىڭ بۇندىن نەق بىر ئەسىر بۇرۇن قەبرىستانلىق ئورنىنى تاللاش جەھەتتىكى پاراسىتى كىشىنى قايىل قىلىدۇ. غۇلجىدا ئەزەلدىن ياشاپ كېلىۋاتقان مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقنى سۇ چىقمايدىغان قاقاس دۆڭلەرگە ئورۇنلاشتۇرغان ( بۇ ئەنئەنە ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا). ئاقساقال قەبرىستانلىق ئۈچۈن سۇلۇق يەر تاللىغاچقا، قەبرىستانلىق ئىچى ۋە سىرتىنى پۈتۈنلەي بۈك –باراقسان ئورمانغا ئايلاندۇرغان. ئىككىنچىدىن قەبرىستانلىق ئىچىدە يوللار، سۇ ئاقىدىغان ئېرىقلار، قەبرە ئورۇنلىرى رەتلىك قىلىپ پىلانلانغان. ۋاپات بولغۇچىلارنىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پەقەت رەت تەرتىپى بويىچە دەپنە قىلىش تۈزۈم قىلىپ بېكىتىلگەن. ئۈچىنچىدىن قەبرىستانلىق ئورنى شەھەرنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى نەزەرگە ئېلىنىپ، شەھەردىن خېلىلا سىرتقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ( ھازىرقى 11 – رايون ئائىلىلىكلەر قورۇسىنىڭ ئۇدۇلىدا) قەبرىستانلىقنىڭ ھازىرقى ئىگىلىگەن كۆلىمى 34 مو ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قېلىن ئورمان دەرەخلىرى 1985– يىللار ئەتراپىدا ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىنغان. لېكىن قەبرىستانلىق ئىچىدىكى بۈك – باراقسان دەرەخلەر ھازىرمۇ ھەر خىل قۇشلارنىڭ تىنچ ماكانى بولماقتا.

2. پازىلجان ئاقساقال ئۆزىنىڭ سودا ئىشلىرى ۋە تاتار جامائىتىنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولسىمۇ يەنە ۋاقىت چىقىرىپ، غۇلجىدا كۆلەملەشكەن مېۋىلىك باغلارنى بەرپا قىلىشتا خەلققە ئۈلگە بولغان. ئۇنىڭ دادامتۇ يېزىسىدا كۆڭۈل قويۇپ لايىھىلىگەن چوڭ مېۋىلىك بېغى بولۇپ، رەتلىك ئېلىنغان ئېرىق، قىرلار بۇ باغنى نەچچە سالاغا بۆلۈپ تۇرغان. ئۇنىڭ بىر سالاسى پۈتۈنلەي ئالما كۆچەتلىرى يەنە بىر سالاسىغا ئۆرۈك، يەنە بىرسىگە گىلاس .... باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوڭ كۆل، كۆل بويىدا چىرايلىق شىپاڭ .... ئەتراپىدا رەڭگا – رەڭ ئەتىرگۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلغان .... بۇ باغنى ياز كۈنلىرى زىيارەت قىلغان كىشىلەر باشقىلارغا زوقلىنىپ سۆزلەپ بەرگەن.

پازىلجان يۇنىچى غۇلجىدا كۆزگە كۆرۈنگەن دۆلەتمەن سودىگەر ۋە جامائەت ئەربابى بولۇش بىلەن بىرگە بىلىم يولىدا توختىماي ئىزدەنگۈچى شۇنداقلا باشقىلارنى بىلىم ئېلىشقا دەۋەت قىلغۇچى ئىدى. بۇ توغرىسىدا ئەڭ ياخشىسى 1915 – يىلى « مەكتەبى نۇر » نىڭ بىرىنچى سىنىپىدا ئاقساقالنىڭ ئوغلى خەبىب يۇنىچى بىلەن بىرگە ئوقۇغان ساۋاقدىشى ماھىشىكەر ۋاخىتىۋانىڭ ئەسلىمىسىگە مۇراجىئەت قىلايلى:

« بىز قانداق كىتابلارنى ئوقۇيتتۇق، ئۇلارنى نەدىن ئالاتتۇق؟

ئاپامنىڭ ئاكىسى زاكىرجان ئالدىگارۇۋ ھەم ئۇنىڭ يېقىن دوستى پازىلجان يۇنىچى غۇلجىدىكى ئەڭ داڭلىق بايلاردىن ئىدى. خەلقنىڭ مەدەنىيىتى ئۈچۈن ئەڭ زور ھەسسە قوشقانلار شۇلار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار تاتارلارنىڭ يازما ئەدەبىياتى بىلەن خەلقنى ئۇچراشتۇرغۇچىلار ئىدى. قازان ۋە ئورنبۇرگدا نەشر قىلىنغان مەتبۇئاتلارنى دائىملىق مۇشتەرى بولۇپ ئالدۇراتتى. بىز ھەممىمىز ئۇنىڭدىن پايدىلىناتتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىز تاتار مەتبۇئاتىدىن ھەر دائىم خەۋەردار بولۇپ تۇراتتۇق ..... « شورا »، « سۆيۈمبىكە »، « ئاڭ »، «ئاق يول » ژۇرناللىرىنى باشتىن ئاخىرى ئوقۇپ چىقاتتۇق. ژۇرناللار كەلگەن كۈنى بىز ئۈچۈن چوڭ بايرام بولاتتى. زاكىرجان ئاكامنىڭ قىزى شەپىقە بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇيتتىم. كەلگەن ژۇرناللارنى مەكتەپكە ئېلىپ بېرىپ، ساۋاقداشلىرىمىزغا ئوقۇپ بېرەتتۇق. ئۇ ژۇرناللار بەك قەدىرلىك بولۇپ، يىل ئاخىرىدا توپلىنىپ، ئىشكاپلاردا ساقلىناتتى ۋە ھەر دائىم ئوقۇلۇپ تۇراتتى.

بۇندىن باشقا پازىلجان يۇنىچىدا مۇكەممەل بولغان بىر كىتابخانا بار ئىدى. ئۇنىڭدا پۈتۈنلەي رۇس ۋە چەتئەل يازغۇچىلىرىنىڭ ئەڭ نادىر ئەسەرلىرى يىغىلغان بولۇپ، مەخسۇس بىر ئۆيدە ئېگىز جازىلارغا رەتلىك تىزىلغان ئىدى. رۇس ئەدەبىياتى بىلەن مەن تۇنجى قېتىم ساۋاقدىشىم خەبىب يۇنىچى ئاتىسىنىڭ ئەشۇ كىتابخانىسىدىن ئارىيەتكە بەرگەن ئەسەرلەر ئارقىلىق تونۇشقان ئىدىم. شۇنداق قىلىپ بىز تاتار ئەدەبىياتى بىلەن بەك ئوبدان تونۇش ئىدۇق. بىز تېخى بالىلىقىمىزغا قارىماي كىمدۇر دەردمەن ( تەخەللۇس) شېئىرلىرىنى، كىمدۇر شەيخزادە بابىچ ۋە باشقا شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى يادقا ئالاتتۇق. بۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرىدا چېگرىنىڭ بولۇشىغا قارىماي ھەر ۋاقىت سويۇزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى « بىزنىڭ ۋەتەندە نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدىكىن؟ » دەپ قىزىقىپ، بىلىشىپ تۇراتتۇق. شۇنداق يىراق ئەلدە بولساقمۇ ئۆزۈمنىڭ بىلىشىمچە تاتارلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ئاشۇ قازاننىڭ ئۆزىدە تۇرۇۋاتقان ياشلاردىن ئارتۇقراق بىلەتتۇقمىكىن دەيمەن. ھەر ۋاقىت غۇلجا ياشلىرىغا مەدەنىيەت ئۆگەتكۈچى ئوقۇتقۇچىلار قاتارىدا چىن ھۆرمەت بىلەن زاكىرجان ۋە پازىلجان ئاكىلارنى ئەسلەيمەن. ئۇلارنىڭ ئىمانىنى سالامەت قىلسۇن » ( « ي. ك » 94 – بەت).

پازىلجان يۇنىچى «مەكتەبى نۇر» نى پۈتتۈرگەن ئۈمىدلىك ياشلارنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ بىلىم ئېلىشى ئۈچۈن چەت ئەللەرگە چىقىپ ئوقۇشنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلغان ۋە قوللىغان ئىدى. ئابدۇللا بوبىنىڭ تۇنجى قارار ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدىن مەمدۇخە مىڭلىخان قىزى مۇختارىۋا ( 1899 – 1973) 1920– يىلى تۇنجى بولۇپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ ئوقۇغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئالاھىدە بولغىنى 1926– يىلى غۇلجا ياشلىرىدىن بەش كىشى (تۆت يىگىت ۋە بىر قىز) ئالدى بىلەن تۈركىيىگە ئاندىن گېرمانىيىگە بېرىپ ئوقۇدى.

ھۆرمەتلىك كىتابخانلىرىمىز يۇقىرىدىكىلەردىن پازىلجان ئاقساقال توغرۇلۇق يۈزەكى بولسىمۇ بىر تونۇشقا ئىگە بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمدى ئۇ كىشىنىڭ ئىستېداتى ۋە كىشىلىك پەزىلىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىڭىزگە، ئۇنىڭ ۋاپات بولۇش ئالدىدا يازغان «ۋەسىيەتنامە» سى ياردەم بېرەلەيدۇ دېگەن ئۈمىدتىمەن. تۆۋەندە «ۋەسىيەتنامە» نى تولۇق تېكىستى بىلەن دىققىتىڭلارغا سۇندۇم.

« ھەر يىلى بېرىلىدىغان زاكات ئاۋۋال ئۆزىمىزدە خىزمەت قىلىۋاتقان، زاكاتقا موھتاج كىشىلىرىمىزگە بېرىلسۇن. ئىككىنچى، بالىلار، ئانا جەمەتىدىكى يېقىن قېرىنداشلار ۋە ئەتراپىمىزدا ئولتۇرغان قولۇم–قوشنىلار ئىچىدە زاكاتقا موھتاج بولغانلارغا بېرىلسۇن. قالغىنىنى تاتار جەمئىيىتىگە تاپشۇرۇپ، جەمئىيەت قارمىقىدىكى ئېھتىياجلىق ئورۇنلارغا سەرپ ئېتىلسۇن. پازىل يونىچ

سۆيۈملۈك بالىلىرىمغا ۋەسىيىتىم: ئاز دېگەندە ئوغۇللىرىم يىگىرمە بەش، قىزلىرىم يىگىرمە ياشقىچە ئوقۇشۇڭلارنى ھەرگىز يېرىم يولدا توختىتىپ قويماڭلار؛ مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىنمۇ ئوقۇش–ئۆگىنىشنى تاشلاپ قويماڭلار؛ كۈننىڭ يىگىرمە تۆت سائىتىدە بىر–ئىككى سائەتنى ئەلۋەتتە، ئوقۇش ۋە مۇتالىئە بىلەن ئۆتكۈزۈڭ؛ ناماز، روزا ئىنسان ئۈچۈن قانچىلىك پەرز بولسا، ئوقۇشمۇ شۇنداق پەرز ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماڭ.

ئۆز كەمچىلىكلىرىڭىزنى ھەرقاچان تۈزۈتۈڭ، ياخشىلىقلىرىڭىزنى ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى داۋام ئەتكۈزۈڭ. مەن سىلەرنىڭ ئوقۇشقا ئىخلاس قىلىشىڭلارنى تىلەيمەن. ئىنسانىيەت، ئىسلامىيەتمۇ شۇنى تىلەيدۇ. بەس، شۇنداق بولغاچ ئوقۇشتىن كېلىدىغان مەنپەئەتنىڭ بىرىنچىسى ئىنسانلارنى ياخشى كۆرۈش، ئۆزىگە مۇناسىپ كۆرمىگەن ئىشنى باشقىلارغا لايىق كۆرمەسلىك. ئۆزى قىلالايدىغان ئىشنى باشقىلارغا قىلدۇرماسلىق كەبى ياخشىلىقلارنى تۇغقانلارغا، دىنداش مىللەتلەرگىلا ئەمەس، بارچە ئادەم بالىلىرىغا، ھەتتا ھايۋانلارغىمۇ تىلەڭلار. شەپقەتلىك بولۇڭلار، يوقسۇل، ئاجىز ئادەملەرنى، مەزلۇملارنى ھىمايە قىلىشقا تىرىشىڭلار.

ئادەم بالىلىرىغا دائىم مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئادەم ئالدىماسلىققا، شۇنداقلا ئۆزۈڭلارنى ئالدىماسلىققا تىرىشىڭلار. ھورۇنلۇق، ئەمگەك قىلماسلىق، ئىچكۈلۈككە بېرىلىش، كىشىلەرنى رەنجىتىش، باشقىلارنى مازاق قىلىش، تەكەببۇرلۇق، ھاكاۋۇرلۇق، ماختانچاقلىق كەبى قاباھەتلەردىن يىراق تۇرۇشقا، ئۆزىڭىزنى كامىل ئىنسان نامىغا لايىق قىلىشقا، ساغلام بەدەن، توغرا پىكىرلىك بولۇشقا تىرىشىڭلار. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە، ئوقۇش–ئۆگىنىش لازىمدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە ئوقۇش–ئۆگىنىشتىن ئايرىلماڭلار دەپ ۋەسىيەت قىلدىم.

ئەگەر مېنىڭ ۋەسىيىتىمگە ئەمەل قىلىپ، ئوقۇش–ئۆگىنىشنى داۋام ئەتسىڭىز، يۇقىرىدا ئاتاپ ئۆتكەن ياخشىلىق ۋە يامانلىقلارنى مۇشەققەتسىز ئۆگىنىپ–بىلىسىز. ياخشىلىققا ئىگە بولۇپ، يامانلىقتىن قاچىدىغان بولىسىز.

ھەمدە مۇمكىن قەدەر ئاددىي–ساددا، ئوچۇق–يورۇق ۋە شاد–خورام بولۇڭ. ھەرقانداق مۈشكۈللۈكلەرگە يولۇقسىڭىز، سەۋرچان، ئەپۇچان بولۇڭ. ھېچ ۋاقىتتا ئارتۇق قايغۇرماسلىق كېرەك. تىرىشچان بولۇڭ، قانائەتچان بولۇڭ. قولىڭىزغا ئالغان ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزمىگۈچە تاشلاپ قويماڭ، سۇباتلىق بولۇڭ. پازىلجان يونىچ

گۇۋاھ بولۇپ: نۇرى مۇھەممىدى. زاكىر ئەل قادىرى.

غۇلجا تاتار مەھەللىسى يېنىدا شەرىئەتلىك ھۆججەتلەر ساقلىنىدىغان ئاخۇنلۇق دەپتەردە 219– نومۇر بىلەن تەييارلانغان تەستىققا مۆھۈرۈمنى باستىم–مەزكۇر مەھەللىدە ئىمام، قازى كەشفىل ئەسرار فەتخىدىن ئوغلى ۋاخاپ.

تەسفىخ ( تۈزىتىش): ئىككىنچى سەترىدە قالغان بىر سەترىچە يولنىڭ چېتىگە سۆز يېزىلدى. ئون ئىككىنچى سەترىدە ئارتۇق يېزىلغان ( كېرەكلىك) چىقىرىلىپ، ئەسلى نۇسخىغا مۇۋاپىق ئىكەنلىكىگە تامام ئوقۇپ چىقىپ تەستىق سالدىم.

ئىمام قازى كەشفىل ئەسرار ۋاخاپ ( تامغا)

1925– يىلى 14– ئاۋغۇست

بىرىنچى نومۇر »

«ۋەسىيەتنامە» نۇرى مۇھەممىدى ( شۇ يىللاردا « مەكتەبى نۇر » نىڭ ئوقۇتقۇچىسى)، زاكىر ئەل قادىرى ( 1920– يىلى غۇلجىدا 10 ئايلىق پېداگوگ كۇرسى ئېچىپ، غۇلجىدا تۇنجى قېتىم ھازىرقى زامان پېداگوگ تەلىپى بويىچە يېتىشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى بەرپا قىلغان كىشى، ئاتاقلىق پېداگوگ) قاتارلىق بىلىملىك زىيالىيلارنىڭ گۇۋاھلىقىدا تاماملانغان. ئىمام، قازىنىڭ باسقان دۈگىلەك تامغىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئويۇلغان « ئىمام كەشفىل ئەسرار بىننى فەتىخدىن غۇلجا » دېگەن خەتلەرنى ئوقۇيسىز. چۆرىسىگە ئايلاندۇرۇپ ئويۇلغان رۇسچە خەتلەر ئېنىق ئەمەس.

پازىلجان ئاقساقال ھاياتىدا 9 پەرزەنت كۆرگەن، ئۆزى كاتتا باي ئادەم بولسىمۇ، لېكىن بالىلىرىغا نېمە مىراس قالدۇرغانلىقى توغرىسىدا « ۋەسىيەتنامە » دە ھېچنەرسە دېمىگەن. بەلكى بالىلىرىنىڭ ئوقۇش – ئۆگىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى بولۇپمۇ ئادىمى ئادەم بولۇپ ياشاشنىڭ ھەممىدىن قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ بالىلاردىن كۈتىدىغان بىردىن – بىر ئۈمىدى ئىكەنلىكىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە چۈشەندۈرگەن.

بۇ «ۋەسىيەتنامە» نىڭ رېئال قىممىتى پازىلجان ئاقساقالنىڭ ئەنە شۇ گۇمانتارلىق ئىدىيىسىنىڭ بۈيۈكلىكىدە. بولۇپمۇ بۇنىڭدىن ئاز كەم بىر ئەسىر بۇرۇن يېزىلغانلىقى بىلەن تېخىمۇ قىممەتلىك.

يۇقىرىقىلارنى ئوقۇۋاتقان ھەرقانداق كىتابخان «ئاقساقالنىڭ بالىلىرى ئاتىسىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئەمەل قىلالىغانمىدۇ؟» دېگەن ئويدا بولۇشى مۇمكىن. پېشقەدەم كادىرلىرىمىزنىڭ ئىچىدە پازىلجان ئاقساقالنىڭ بالىلىرىدىن ئايتۇغان يۇنىچى ( ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ پولكوۋنىكى، ئازادلىقتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان)، ئېرىكچى يۇنىچى ( شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا كۆپ ھەسسە قوشقان، سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتى فىزىكا–ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، پېشقەدەم پېداگوگ) نى تونۇيدىغانلار بار. ماقالىمىزنىڭ سەھىپە چەكلىمىسى بويىچە بۇ ھەقتە تەپسىلىي تونۇشتۇرۇش ئىمكانىيىتىمىز يوق. شۇنداقتىمۇ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولغان تۇن بالىسى خەبىب يۇنىچى توغرىسىدا قىسقىچە ئۇچۇر بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

خەبىب يۇنىچى 1906– يىلى 30– ئۆكتەبىردە پازىلجان يۇنىچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇ ئائىلىدە ئاتىسىنىڭ ياخشى تەربىيىسىگە ئىگە بولىدۇ. 1915 – يىلى ئابدۇللا بوبى ئاچقان « مەكتەبى نۇر » نىڭ بىرىنچى سىنىپىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ. تىرىشچان خەبىب مەكتەپتە ياخشى ئوقۇش بىلەن بىرگە يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن دادىسىنىڭ خۇسۇسىي كىتابخانىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۆز بىلىمىنى كېڭەيتىدۇ.. 1921 – يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن دادىسى ئۇنى تاشكەنتكە ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ. خەبىب ئۇ يەردە « كىروۋ » نامىدىكى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. 1923 – يىلى ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ غۇلجىغا قايتىپ كېلىدۇ.

ئۇ غۇلجىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئانا مەكتىپى ئۇنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇ مەكتەپتىكى يۇقىرى يىللىق سىنىپلارغا دەرسكە كىرىدۇ. مانا شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ مەدەنىي – مائارىپ ھاياتى باشلىنىدۇ.

1926 – يىلى خەبىب يۇنىچى قاتارلىق بەش ياش تۈركىيىگە ئاندىن گېرمانىيىگە ئوقۇشقا بارىدۇ ( بۇ ھەقتە يۇقىرىدا ئەسكەرتكەن ئىدۇق). خەبىبنىڭ ئاتىسى بىر يىل بۇرۇن ۋاپات بولغانلىقتىن ئۇنىڭ چەت ئەلدىكى ئوقۇش خىراجىتى، يول كىرىملىرىنى پازىلجان يۇنىچى ھايات ۋاقتىدا يېتەكچىلىك قىلغان « ئالتاي شىركىتى » ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىستانبۇلغا بارغان خەبىب « رۇبىرت كوللىژ » مەكتىپىدە ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىپ، ئاندىن مېدىتسىنا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇيدۇ. ئۇ ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ 1930 – يىلى تۇغۇلغان يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ.

1933 – يىل 12 – ئاپرېل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ئىلىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئىچىدىن چىققان مەرىپەتچى زاتلار، مىللەتنى ئويغىتىش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان زىيالىيلار پۈتۈن كۈچى بىلەن يېڭىچە مەكتەپلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئىلىم – مەرىپەتكە يۈرۈش قىلىش ھەرىكىتىنى قوزغايدۇ. چەت ئەللەردە ئوقۇش بىلەن ئۇ يەردىكى تەرەققىياتلارنى كۆرۈپ، ئىجتىمائىي ئاڭ جەھەتتە زور دەرىجىدە ئىلگىرىلىگەن خەبىب ئەپەندى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلقنىڭ مەرىپەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئاتلىنىپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئەڭ ئاۋانگارت جەڭچىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ. ئۇ تاتار مەدەنىي–ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىشلىرىغا يېڭىچە روھ بېغىشلاش بىلەن بىرگە مىللىي ۋە دېموكراتىك ئازادلىققا ئىنتىلگەن ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلارنى ئىشلەيدۇ.

1934-يىلى 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ « ئىلى دەرياسى گېزىتى » چىقىۋاتقان ئورۇندا خەبىب يونىچى باش مۇھەررىرلىكى، يۈسۈپجان غوپۇرى مۇئاۋىن مۇھەررىرلىكىدە « ئىلى شىنجاڭ گېزىتى » نەشر قىلىنىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇرۇن ھەپتىدە ئىككى سان چىقىدىغان گېزىت كۈندىلىك گېزىتكە ئايلىنىدۇ. بۇ گېزىتكە ھۆكۈمەتنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرى، ت س س ئاگېنتلىقىنىڭ تاشكەنت، ئالمۇتىلاردىن تارقىتىدىغان خەلقئارالىق خەۋەرلەر، يەرلىك خەۋەرلەر، تۈرلۈك مەزمۇندىكى ماقالىلەر بېسىلىدۇ. ئەدەبىيات سەھىپىسىنى لۇتپۇللا مۇتەللىپ، زۇنۇن قادىرى، زىيا سەمەدى، كېۋىر نىياز قاتارلىق ياش تالانت ئىگىلىرى ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق بېيىتىدۇ. بۇ گېزىت دەسلەپتە «ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسۇپ » مەتبەئەسىدە بېسىلىدۇ.  1935-يىلى خەبىب يۇنىچىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىلغار بولغان مەتبەئە ماشىنىسى كىرگۈزىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن گېزىت گېزىتخانا مەتبەئەسىدە بېسىلىدىغان بولىدۇ. خەبىب يونىچى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە مەتبۇئات ساھەسىدە ئىشلەپ، مەتبۇئات ئىشلىرى ئۈچۈن مەتبۇئات، نەشرىيات خادىملىرىنى تەربىيىلەش ئۈچۈن زور ھەسسە قوشىدۇ.

ئۇيغۇر ئۇيۇشما تەرىپىدىن 1934-1938يىلغىچە ھەر يىلى يازلىق تەتىلدە ئىچىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار يېتىشتۈرۈش كۇرسىدا خەبىب يونىچى ئۆزى دەرس ئۆتۈپ، ئىلى ۋىلايىتىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ھەسسە قوشىدۇ.

خەبىب يونىچى 1939-يىلى غۇلجا شەھەرلىك كۇتۇپخانا قۇرۇش ئىشىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن دادىسىدىن قالغان ئائىلە كىتابخانىسىدىكى كىتابلارنى قۇرۇلماقچى بولغان شەھەرلىك كۇتۇپخانىغا تەقدىم قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئەمەلىي ھەرىكىتىدىن ئۈلگە ئالغان شەھەر خەلقى ئىچىدە يېڭى قۇرۇلغان كۇتۇپخانىغا كىتاب تەقدىم قىلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلىدۇ. سوۋېتلار ئىتتىپاقىدىن نۇرغۇن كىتابلارنى كىرگۈزىدۇ. شۇنداق قىلىپ غۇلجا خەلقىنىڭ مەنىۋى ھاياتىدىكى زور بىر ئىش – شەھەرلىك كۇتۇپخانا بارلىققا كېلىدۇ.

«خەبىب يونىچى 1944-يىلى يىل بېشىدا قۇرۇلغان <ئازادلىق تەشكىلاتى> دىكى كىشىلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىنقىلابى پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ ماسلىشىدۇ. « 1944 – يىلى 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى <غۇلجا ئازادلىق تەشكىلاتى> ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. 16 كىشىدىن تەركىب تاپقان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت كومىتېتى سايلاندى. خەبىب يۇنىچى مەزكۇر ھۆكۈمەتتە ھۆكۈمەت ھەيئەت ئەزاسى بولدى ۋە ئۇنىڭغا مائارىپ نازارىتى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە مەسئۇل بولۇش ۋەزىپىسى يۈكلەندى ». « 11 – ئاينىڭ 17 – كۈنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئورگان گېزىتى <ئازاد شەرقىي تۈركىستان> گېزىتى ئىدارىسى قۇرۇلدى. خەبىب يۇنىچى گېزىتخانىغا باشلىق بولدى. شۇ كۈنى مەزكۇر گېزىتنىڭ ئۇيغۇرچە، قازاقچە، رۇسچە، خەنزۇچە تۆت خىل يېزىقتىكى نەشرى غۇلجىدا رەسمىي نەشر قىلىندى ».( « شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى » 45 – 51 – بەتلەر. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1995 – يىل ( ئۇيغۇرچە) نەشرى »)

ئاتاقلىق پېداگوگ، تەتقىقاتچى، جامائەت ئەربابى ھاكىم جاپپار ئاكا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە خىزمەتداش بولۇپ ئۆتكەن خەبىب يۇنىچى توغرىسىدىكى ئىشلارنى مۇنداق ئەسلەيدۇ. « خەبىب يۇنىچى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىلىي ئاپپاراتىنى تۈزۈشتە چوڭ رول ئوينىدى. ئۇ ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بىرلىكتە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ دېكلاراتسىيىسىنى تۈزۈپ چىقتى. زۆرۈر بولغان ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىش، بولۇپمۇ مەدەنىي – مائارىپ، سەھىيە، تەشۋىقات ئىشلىرىنى بىۋاسىتە تۇتۇپ ئىشلىدى ..... خەبىب يۇنىچى پىشقان، تەجرىبىلىك، ماھىر مەتبۇئاتچى ئىدى. ئۇ گېزىتخانىنىڭ ھەممە ئىشلىرى بىلەن تونۇش ئىدى. شۇنچە ئالدىراش بولسىمۇ ماقالىلەرنى ئۆزى ئۇيۇشتۇراتتى ۋە ئۆزى كۆرۈپ چىقاتتى. كۈندۈزلۈك گېزىتنى كۆرۈپ تەھرىرلەرگە كونكرېت كۆرسەتمىلەر بېرىپ تۇراتتى ۋە ھەربىر ئىشنى سۈرۈشتۈرۈپ، قاتتىق تەلەپ قوياتتى .....

ياۋروپاچە كىيىنگەن، چاچ قويغان، ئوتتۇرا بويلۇق، قاڭشارلىق، ئۆزىنى جىددىي قىياپەتتە تۇتىدىغان، كەمسۆز، مەدەنىي يۈرىدىغان خەبىب ئابزىنىڭ قىياپەت – ئوبرازى ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا تۇرىدۇ» ( ھاكىم جاپپار « خەبىب ئابزىنى ئەسلەيمەن » شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى 29 – قىسىم 310 – 312 – بەتلەر).

خەبىب يونىچى ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا رۇس، خەنزۇ، ئىنگلىز ۋە بىرقانچە تۈگۈنداش تۈركىي تىللاردا ئەركىن سۆزلىشەلەيتتى. بۇ ھال ئۇنىڭ خىزمەتلىرىگە غايەت زور قۇلايلىق ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ يەنە مۇزىكا، رەسساملىق، زەرگەرلىك، ھۆسىنخەت يېزىش قاتارلىق ھەر تەرەپلىمە قابىلىيەتكە ئىگە ئىدى. ئۇنىڭدا يېتىلگەن كۆپ قىرلىق تالانت، ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى جىددىي ئېھتىياج تۈپەيلى ئۇنىڭدا غايەت زور بېسىم پەيدا قىلىدۇ. ئۇ بىر ۋاقىتتا ئىشلىگەن ھۆكۈمەت ھەيئەت ئەزاسى، مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى، قوشۇمچە سەھىيە خىزمىتىگە مەسئۇل، گېزىتخانا باشلىقى قاتارلىق نۇرغۇن خىزمەتلەر ئۇنى خېلىلا چارچىتىدۇ. ئۇ 1945 – يىلى 19 – فېۋرالدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي دوختۇرخانىدا ۋاپات بولدى. ھاكىم جاپپار ئاكىنىڭ ( شۇ ۋاقىتتىكى ھەغدا كىشى) خەبىب يونىچىنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدىكى ئەسلىمىسى بۇ ھەقتە تېخىمۇ قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بولۇشى مۇمكىن.

« ئىلى ئىنقىلابى پارتلاپ غۇلجا شەھىرى ئازاد بولغاندىن كېيىن، شەھەردىن قاچقان گومىنداڭ ئەسكەرلىرى بىر قىسىم خەلقنى قورقۇتۇپ ئۆزلىرى بىلەن بىللە ھەيرەنباغ ۋە ئايرودروملاردىكى ھەربىي گازارمىلارغا ئەكىرىۋالغان ئىدى. بىرنەچچە ئاي قورشاۋدا قالغان بۇ جايلار 1945– يىلى 1– ئايدا ئازاد قىلىندى. شۇ چاغدا ھەيرانباغ ۋە ئايرودرومدىكى گومىنداڭچىلار بالا–چاقىلىرىنى تاشلاپ، ئۆيلەرگە ئوت قويۇپ قېچىپ كەتكەنىدى. بىرنەچچە ئايلىق قورشاۋدا گومىنداڭچىلار ئىچىدە يۇقۇملۇق كېسەلمۇ پەيدا بولغانىدى. ھەيرەنباغلار ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن بۇ جايلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن خەبىب يۇنىچى باشقا ھۆكۈمەت ئەزالىرى بىلەن بىللە ئىس–تۈتەك چىقىپ، ئوت يېنىۋاتقان ئۆيلەرنىڭ ئىشىك–دېرىزىلىرىنى بۇزۇپ، ئۆينىڭ ئىچىگە قاپسىلىپ قالغان بالا–چاقىلارنى قۇتقۇزىدۇ. ئۇلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. خەبىب يونىچى بىر كىچىك بالىنى قولغا ئېلىپ كۆتۈرىدۇ. مانا شۇ چاغدا گازارمىدا تارقالغان ئېغىر يۇقۇملۇق تىپ كېسىلى ( كېزىك) خەبىب يونىچىگە يۇقىدۇ. خەبىب يونىچى مۇشۇ ئاغرىق بىلەن ئاغرىپ  قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي 1945– يىلى 2– ئايدا غۇلجىدا 37 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ. خەبىب يونىچىنىڭ ۋاپاتى شۇ ۋاقىتتا ئىنقىلابى ھۆكۈمەت ۋە ھەر مىللەت خەلقى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولدى.

خەبىب يۇنىچىنىڭ خەلق ئىنقىلابى ئىشلىرى ئۈچۈن قىلغان ئەمگىكىگە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ۋە خەلق تەرىپىدىن يۇقىرى باھا بېرىلدى. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئالىي ئوردىنىغا مۇيەسسەر بولدى. غۇلجىدىكى بىر كوچا نامىمۇ <خەبىب يونىچى> كوچىسى دەپ ئاتالغانىدى» . ( ھاكىم جاپپار « خەبىب ئابزىنى ئەسلەيمەن » شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى 29 – قىسىم 314 – بەت).

ھۆرمەتلىك كىتابخان: مەن بۇ ماقالەمنى يازغۇچى، تەتقىقاتچى تۇرسۇن قاھھارى ئاكىنىڭ خەبىب يۇنىچى توغرىسىدا يازغان ئەسلىمىسىدىكى مۇنۇ بىر ئابزاس سۆز بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

«خەبىبنىڭ 30–يىللارنىڭ بېشىدا ئېيتقان بىر پىكرىنى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بەكمۇ قوللاپ–قۇۋۋەتلىگەن ئىدى. <دۇنياغا بىرلا قېتىم كېلىسەن ۋە ئىنتايىن ئاز ئۆمۈر كۆرىسەن. ئاشۇ قىسقا ئۆمرۈڭنى خەلقنىڭ قايغۇسىغا، كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە بېغىشلا. سەن ئاشۇ ئىشىڭ بىلەن خەلققە كېرەكلىكسەن ....> » ( تۇرسۇن قاھھارى « پىداكارلىق » سۆيۈمبىكە ژۇرنىلى. قازان 1993– يىلى 7– سان 21– بەت)

خەبىب يونىچى ئۆزىنىڭ ئىنتايىن قىسقا ھاياتىدا ئۆزىنىڭ دېگەنلىرىگە ئەمەل قىلىپ ياشىدى. چۈنكى ئۇ ھەقىقىي ئاتا بالىسى ئىدى.

</div>
<div class=Section3 style="LAYOUT-GRID:  15.6pt none">

_____________________________________________________________________________

① 1881– يىلىدىكى «جۇڭگو–رۇسىيە ئىلى شەرتنامىسى» گە ئاساسەن رۇسىيىنىڭ ئىلىدىكى كونسۇلى ۋە پۇقرالىرى غايەت زور ئىمتىيازغا ئىگە بولغان. رۇسىيە كونسۇلى ھەرقايسى مىللەتلەردىن بولغان پۇقرالىرىنى شۇ مىللەت ئىچىدىن سايلانغان ئاقساقاللار، قازىلار ئارقىلىق باشقۇرغان. قولىمىزدا ئاقساقاللىق تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلغان ۋاقتى توغرۇلۇق ئېنىق مەلۇمات يوق. ئەمما تۇنجى نۆۋەت تەيىنلەنگەن ئاقساقال ۋە قازىلارنىڭ تەرجىمىھاللىرىغا ئاساسلانغاندا 1890–يىللاردا باشلانغان بولۇشى مۇمكىن دېگەن قاراشقا كەلدىم.- ئاپتوردىن

مىرقاسىم ئوسمانۇپ 1934 – يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان 1940 – يىللاردا غۇلجا تاتار مەكتىپىدە، رۇس گىمنازىيىسىدە ئوقۇغان. ھازىر قازاندا تارىخ پەنلىرى بويىچە تونۇلغان ئالىم. ماقالەمدە ئۇنىڭ « يېپىلمىغان كىتاب » دىن نەقىللەرنى ئالدىم. ئوڭاي بولۇش ئۈچۈن قىسقارتىپ « ي. ك » دەپ ئەسكەرتىش بېرىلدى. – ئاپتوردىن

③ بۇ قەبرىستانلىقنىڭ ئورنى ھازىرقى تيانشان يولى بىلەن ئايرودروم يولى كېسىشكەن ئورۇننىڭ شەرقى – شىمالىدىكى چوڭ زېمىن بولۇپ، ئاخىرى ھازىرقى 11 – رايون ئائىلىلىكلەر قورۇسىغىچە باراتتى. – ئاپتوردىن

④ ھاكىم جاپپار ئاكا خەبىب يونىچىنىڭ تۇغۇلغان يىلى توغرىسىدا خاتا ئۇچۇرغا ئىگە بولۇپ، ئۇنى 1908 – يىلى تۇغۇلغان دېگەن. توغرىسى 1906 – يىلى بولۇپ ۋاپات بولغاندا 38 ياش ئىدى. – ئاپتوردىن

⑤ بۇ كوچا ھازىرقى غەربىي ستالىن يولى 3– كوچا ئىدى. – ئاپتوردىن

</div>

( ئاپتور: غۇلجا شەھەر روشەن كوچا 153-قورۇدا )

مەنبە: ئىلى دەرياسى ژورنىلى 2009- يىللىق 6-سان

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 22:34:30

ماۋۇ خەت ئىزدىنىشنىڭ تېمىدىن ئېشىپ كېتىپتۇ، بۇنىڭغا بىر تاشلىۋىتىپ يوللايدىغان ئىشكەن.

http://www.yolyar.com/qoral/KodTazila.htm

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 22:53:57

راست بەزى يەرلىرى بىر قىسىم تۇرىدۇ . رەنجىمەي شۇنداق قىلىۋېتەمسىز .

Toghrak731 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 22:57:37


20– ئەسىر بېشىدىكى بىر « ۋەسىيەتنامە » دىن شۇ دەۋر كىشىلىرىگە بىر نەزەر

ئابدۇۋەلى مۇقىيىت

ھۆرمەتلىك كىتابخان! دىققىتىڭىزگە تەقدىم ئەتمەكچى بولغان «ۋەسىيەتنامە» بىر ئاتىنىڭ ئۆز بالىلىرىغا، توغرىسىنى ئېيتقاندا بارلىق ياشلارغا يۈكسەك بۇرچ تۇيغۇسىدا تۇرۇپ قالدۇرغان «ئۈمىدى». ئۇ 84 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى نامايان قىلىپ تۇرۇپتۇ.
بىز «ۋەسىيەتنامە» گە بولغان چۈشەنچىلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ئەتراپلىق بولۇشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ مۇئەللىپى مۆھتەرەم زات مەرھۇم پازىلجان يۇنىچى ( تاتار) بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى.
پازىلجان يۇنىچىنىڭ ئاتىسى خەيرۇللا 19– ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سانكىت– پېتىربۇرگدا ياشىغان. كېيىن ئۇ ھازىرقى ئۆزبېكىستاننىڭ پەرغانە ۋادىسىغا كېلىپ ماكانلاشقان. رۇسىيە دەۋرىدە يۇنۇسوۋ فامىلىسى بىلەن يۈرگەن بۇ كىشى ئۆزبېكلەر ئارىسىدا ئۇزۇن يىل ياشاپ، ئۆزبېك قىزىغا ئۆيلىنىدۇ ۋە فامىلىسىنى يۇنىچىغا ئۆزگەرتىدۇ. خەيرۇللا يۇنىچىنىڭ تۈن ئوغلى پازىلجان يۇنىچى 1874– يىلى پەرغانىدا تۇغۇلىدۇ. ئاتىسى ئۇنى تەربىيىگە ئىگە قىلىدۇ. قورامىغا يەتكەندە ياركەنتكە كېلىپ باي سودىگەرلەرنىڭ خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ سودا ئىشلىرىدىكى ئالاھىدە قابىلىيىتىنى ھېس قىلغان بايلار ئۇنى غۇلجا شەھىرىگە ئۆزلىرىنىڭ سودا ۋاكالەتچىسى قىلىپ ئەۋەتىدۇ. پازىلجان يۇنىچى ئۆزىنىڭ ئەتراپلىق بىلىمى ۋە جامائەت ئىشلىرىنى تەشكىللەش جەھەتتىكى ئىقتىدارى بىلەن كۆزگە كۆرۈنۈپ، 1904– يىلى غۇلجىدىكى تاتار جامائىتىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئاقساقىلى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ ①.
«يېپىلمىغان كىتاب» نىڭ ئاپتورى مىرقاسىم ئوسمانوپ② بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ. « ھەرھالدا غۇلجىغا ئابدۇللا بوبى كەلگەن چاغدا (1913– يىلى) پازىلجان ئاقساقال جامائەت توپى بولۇپ ئۇيۇشقان نۇرغۇن تاتارلار ئارىسىدا تەسىر كۈچى ئەڭ زور كىشىلەرنىڭ بىرى ئىدى ( « ي. ك » 35– بەت)
ئابدۇللا بوبى كەلگەندىن كېيىن غۇلجىدىكى تاتارلار جامائىتى « مەكتەبى نۇر » نى قۇرۇشقا كىرىشىدۇ. ئىككى قەۋەتلىك مەكتەپ بىناسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتى كوچا يۈزىگە قارىغان دۇكان، ئىككىنچى قەۋىتى ئاستى – ئۈستى تاختايلىق، دېرىزىلىرى چوڭ، ئازادە 8 سىنىپ بولىدۇ. بۇ بىنانىڭ چېدىرى قاڭالتىر ..... بۇ زامانىۋى مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇشىغا پازىلجان ئاقساقال يېتەكچىلىك قىلىدۇ. مەكتەپ قۇرۇلۇپ ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ خىراجىتىنىڭ ئۆكسۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئاقساقال ئاجايىپ زور خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ. بۇ ھەقتە مىرقاسىم ئوسمانۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ۋەخپىنىڭ ئىجارىگە بېرىلگەن 60 دۇكاننىڭ ئىجارە ھەققى، 20 گېكتار (300 مو) يەردىكى بېدە، كۆچمە مەبلەغ ۋە باشقا ۋەخپە مۈلۈكلىرىدىن ئېلىنىدىغان پايدا پۇللارنىڭ ھەممىسى مەكتەپ ئۈچۈن خىراجەت قىلىناتتى. شۇڭا ئۇنىڭ بىنالىرى ھەر زامان شۇنداق ياخشى، ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى تولۇق، ئوقۇتقۇچىلىرى يۇقىرى ئىش ھەققى بىلەن تەمىن ئېتىلگەن. يېتىم – نامرات ئائىلىلەردىن كەلگەن بالىلارغا ياردەم پۇلى بېرىلەتتى. ئۇلارغا مەكتەپ فورمىسى ھەقسىز تارقىتىلاتتى. ( « ي. ك » 66 – بەت)
ۋەخپە مۈلكى دېگىنىمىز، ھاللىق كىشىلەر تەرىپىدىن مەسچىت مەكتەپلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا ئەبەدىي تەمىن ئېتىلگەن مۇقىم مۈلۈك ۋە كۆچمە مەبلەغدىن ( جانلىق چارۋا ماللارمۇ بار) تەشكىل تاپقان سەرمايىدۇر. ئۆزىنىڭ مىراسخورى بولمىغان كىشى ئالەمدىن ئۆتسە ئۇلارنىڭ بارلىق مۈلكى ۋەخپىگە تەۋە بولىدۇ. ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە ئېيتقاندا ھەرقانداق ۋەخپە مۈلكى مۇتلەق دەخلى تەرۇزسىز بولىدۇ.
تاتارلار غۇلجىدا جامائەت توپى بولۇپ ئۇيۇشقاندىن باشلاپ، جامائەتنىڭ ئورتاق ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ۋەخپە تۈزۈمىدە قەتئىي تۇرغان. ۋەخپە مۈلكىنى ئاقساقال ئۆزى باشقۇرغان. پازىلجان ئاقساقال بولغاندىن كېيىن ۋەخپە مۈلكىنىڭ كىرىم – چىقىم ئەھۋالى توغرۇلۇق تەپسىلىي خاتىرە قالدۇرغان. كېيىنرەك، بولۇپمۇ يېڭى مەكتەپ قۇرۇلۇش جەريانىدا چىقىم تۈرلىرى كۆپەيگەچكە، ۋەخپىگە مەخسۇس رەئىس سايلاپ، مالىيە تەرتىپى بويىچە ئىشلەيدىغان بوغالتىرلار قويۇلغان. رەئىس ۋە بوغالتىرلاردىن باشقا جامائەتچىلىك ئىچىدىكى ئابرۇيلۇق كىشىلەردىن تەشكىل قىلىنغان ۋەخپە كېڭەشچىلىرى بولغان. ئۇلار تۈرلۈك خىراجەت تۈرلىرىنى كېڭىشىپ بېكىتىش بىلەن بىرگە مالىيىنىڭ سەرپ قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلغان.
ئاقساقاللارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئۆز مىللىتى ئىچىدىكى ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمدەملىكنى قوغداش بىلەن بىرگە ئۇلارنى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتە بىر قەدەر يۇقىرى بولغان تۇرمۇش يولىغا يېتەكلەش ئىدى. بۇ جەھەتتە پازىلجان يۇنىچى ئەڭ گەۋدىلىك خىزمەت ئىشلىگەن ئاقساقاللارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى تالاش–تارتىشلارنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىپ، ئۆز قوۋمىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، ئاجىزلارغا يۆلەك بولۇشتا ئۈلگە بولۇپ، خەلق ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان. خەلق ئۇنىڭغا بويسۇنغان. ئۇنى ھۆرمەت قىلغان. بۇ ھەقتە مىرقاسىم ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ « غۇلجا تاتار جامائىتىنىڭ تەشكىللىنىشى، ئىجتىمائىي ۋە مەنىۋى – مەدەنىي تۇرمۇشىدا ئەڭ چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان شەخسلەرنىڭ بىرسى سۈپىتىدە ئەڭ بۇرۇن پازىلجان ئاقساقال يۇنىچىنى تىلغا ئالاتتىم » ( « ي. ك » 35 – بەت).
ھۆرمەتلىك كىتابخان، يۇقىرىدىكى سۆزلىرىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە، ئاقساقالنىڭ ۋەزىپە ئۈستىدە تۇرغان مەزگىلدە ئۆز جامائىتى ئۈچۈن قىلغان ياخشى ئىشلىرىدىن سەھىپە ئېتىبارى بىلەن پەقەت ئىككى ئىشنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.
1. ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئاقساقاللىقىنى زىممىسىگە ئالغان پازىلجان يۇنىچى 1910 – يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئالتۇنلۇق قەبرىستانلىقىنىڭ ③ شەرقىي تەرىپىدىكى تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل، سۇغۇرۇش سۈيى بار، تۈزلەڭ ئورۇننى تاتار جامائىتىنىڭ قەبرىستانلىقى ئۈچۈن تاللىغان ۋە ئەينى يىللاردا غۇلجىدا زور ئىناۋەتكە سازاۋەر بولغان مەشھۇر نۇراخۇن ئاقساقال، مىر ئاقساقاللارنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ كېلىشتۈرۈشى بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەتتىن ئالتۇن كۇرسىغا سۇندۇرۇلغان باھا بىلەن سېتىپ ئالغان. بۇ چاغدا تاتار ۋەخپىسىنىڭ ئىقتىسادىي يېتىشمىگەنلىكتىن يېرىم پۇلنى پازىلجان ئاقساقال ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي مالىيىسىدىن چىقىم قىلغان.
ئاقساقالنىڭ بۇندىن نەق بىر ئەسىر بۇرۇن قەبرىستانلىق ئورنىنى تاللاش جەھەتتىكى پاراسىتى كىشىنى قايىل قىلىدۇ. غۇلجىدا ئەزەلدىن ياشاپ كېلىۋاتقان مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقنى سۇ چىقمايدىغان قاقاس دۆڭلەرگە ئورۇنلاشتۇرغان ( بۇ ئەنئەنە ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا). ئاقساقال قەبرىستانلىق ئۈچۈن سۇلۇق يەر تاللىغاچقا، قەبرىستانلىق ئىچى ۋە سىرتىنى پۈتۈنلەي بۈك –باراقسان ئورمانغا ئايلاندۇرغان. ئىككىنچىدىن قەبرىستانلىق ئىچىدە يوللار، سۇ ئاقىدىغان ئېرىقلار، قەبرە ئورۇنلىرى رەتلىك قىلىپ پىلانلانغان. ۋاپات بولغۇچىلارنىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پەقەت رەت تەرتىپى بويىچە دەپنە قىلىش تۈزۈم قىلىپ بېكىتىلگەن. ئۈچىنچىدىن قەبرىستانلىق ئورنى شەھەرنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى نەزەرگە ئېلىنىپ، شەھەردىن خېلىلا سىرتقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ( ھازىرقى 11 – رايون ئائىلىلىكلەر قورۇسىنىڭ ئۇدۇلىدا) قەبرىستانلىقنىڭ ھازىرقى ئىگىلىگەن كۆلىمى 34 مو ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قېلىن ئورمان دەرەخلىرى 1985– يىللار ئەتراپىدا ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىنغان. لېكىن قەبرىستانلىق ئىچىدىكى بۈك – باراقسان دەرەخلەر ھازىرمۇ ھەر خىل قۇشلارنىڭ تىنچ ماكانى بولماقتا.
2. پازىلجان ئاقساقال ئۆزىنىڭ سودا ئىشلىرى ۋە تاتار جامائىتىنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولسىمۇ يەنە ۋاقىت چىقىرىپ، غۇلجىدا كۆلەملەشكەن مېۋىلىك باغلارنى بەرپا قىلىشتا خەلققە ئۈلگە بولغان. ئۇنىڭ دادامتۇ يېزىسىدا كۆڭۈل قويۇپ لايىھىلىگەن چوڭ مېۋىلىك بېغى بولۇپ، رەتلىك ئېلىنغان ئېرىق، قىرلار بۇ باغنى نەچچە سالاغا بۆلۈپ تۇرغان. ئۇنىڭ بىر سالاسى پۈتۈنلەي ئالما كۆچەتلىرى يەنە بىر سالاسىغا ئۆرۈك، يەنە بىرسىگە گىلاس .... باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوڭ كۆل، كۆل بويىدا چىرايلىق شىپاڭ .... ئەتراپىدا رەڭگا – رەڭ ئەتىرگۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلغان .... بۇ باغنى ياز كۈنلىرى زىيارەت قىلغان كىشىلەر باشقىلارغا زوقلىنىپ سۆزلەپ بەرگەن.
پازىلجان يۇنىچى غۇلجىدا كۆزگە كۆرۈنگەن دۆلەتمەن سودىگەر ۋە جامائەت ئەربابى بولۇش بىلەن بىرگە بىلىم يولىدا توختىماي ئىزدەنگۈچى شۇنداقلا باشقىلارنى بىلىم ئېلىشقا دەۋەت قىلغۇچى ئىدى. بۇ توغرىسىدا ئەڭ ياخشىسى 1915 – يىلى « مەكتەبى نۇر » نىڭ بىرىنچى سىنىپىدا ئاقساقالنىڭ ئوغلى خەبىب يۇنىچى بىلەن بىرگە ئوقۇغان ساۋاقدىشى ماھىشىكەر ۋاخىتىۋانىڭ ئەسلىمىسىگە مۇراجىئەت قىلايلى:
« بىز قانداق كىتابلارنى ئوقۇيتتۇق، ئۇلارنى نەدىن ئالاتتۇق؟
ئاپامنىڭ ئاكىسى زاكىرجان ئالدىگارۇۋ ھەم ئۇنىڭ يېقىن دوستى پازىلجان يۇنىچى غۇلجىدىكى ئەڭ داڭلىق بايلاردىن ئىدى. خەلقنىڭ مەدەنىيىتى ئۈچۈن ئەڭ زور ھەسسە قوشقانلار شۇلار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار تاتارلارنىڭ يازما ئەدەبىياتى بىلەن خەلقنى ئۇچراشتۇرغۇچىلار ئىدى. قازان ۋە ئورنبۇرگدا نەشر قىلىنغان مەتبۇئاتلارنى دائىملىق مۇشتەرى بولۇپ ئالدۇراتتى. بىز ھەممىمىز ئۇنىڭدىن پايدىلىناتتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىز تاتار مەتبۇئاتىدىن ھەر دائىم خەۋەردار بولۇپ تۇراتتۇق ..... « شورا »، « سۆيۈمبىكە »، « ئاڭ »، «ئاق يول » ژۇرناللىرىنى باشتىن ئاخىرى ئوقۇپ چىقاتتۇق. ژۇرناللار كەلگەن كۈنى بىز ئۈچۈن چوڭ بايرام بولاتتى. زاكىرجان ئاكامنىڭ قىزى شەپىقە بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇيتتىم. كەلگەن ژۇرناللارنى مەكتەپكە ئېلىپ بېرىپ، ساۋاقداشلىرىمىزغا ئوقۇپ بېرەتتۇق. ئۇ ژۇرناللار بەك قەدىرلىك بولۇپ، يىل ئاخىرىدا توپلىنىپ، ئىشكاپلاردا ساقلىناتتى ۋە ھەر دائىم ئوقۇلۇپ تۇراتتى.
بۇندىن باشقا پازىلجان يۇنىچىدا مۇكەممەل بولغان بىر كىتابخانا بار ئىدى. ئۇنىڭدا پۈتۈنلەي رۇس ۋە چەتئەل يازغۇچىلىرىنىڭ ئەڭ نادىر ئەسەرلىرى يىغىلغان بولۇپ، مەخسۇس بىر ئۆيدە ئېگىز جازىلارغا رەتلىك تىزىلغان ئىدى. رۇس ئەدەبىياتى بىلەن مەن تۇنجى قېتىم ساۋاقدىشىم خەبىب يۇنىچى ئاتىسىنىڭ ئەشۇ كىتابخانىسىدىن ئارىيەتكە بەرگەن ئەسەرلەر ئارقىلىق تونۇشقان ئىدىم. شۇنداق قىلىپ بىز تاتار ئەدەبىياتى بىلەن بەك ئوبدان تونۇش ئىدۇق. بىز تېخى بالىلىقىمىزغا قارىماي كىمدۇر دەردمەن ( تەخەللۇس) شېئىرلىرىنى، كىمدۇر شەيخزادە بابىچ ۋە باشقا شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى يادقا ئالاتتۇق. بۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرىدا چېگرىنىڭ بولۇشىغا قارىماي ھەر ۋاقىت سويۇزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى « بىزنىڭ ۋەتەندە نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدىكىن؟ » دەپ قىزىقىپ، بىلىشىپ تۇراتتۇق. شۇنداق يىراق ئەلدە بولساقمۇ ئۆزۈمنىڭ بىلىشىمچە تاتارلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ئاشۇ قازاننىڭ ئۆزىدە تۇرۇۋاتقان ياشلاردىن ئارتۇقراق بىلەتتۇقمىكىن دەيمەن. ھەر ۋاقىت غۇلجا ياشلىرىغا مەدەنىيەت ئۆگەتكۈچى ئوقۇتقۇچىلار قاتارىدا چىن ھۆرمەت بىلەن زاكىرجان ۋە پازىلجان ئاكىلارنى ئەسلەيمەن. ئۇلارنىڭ ئىمانىنى سالامەت قىلسۇن » ( « ي. ك » 94 – بەت).
پازىلجان يۇنىچى «مەكتەبى نۇر» نى پۈتتۈرگەن ئۈمىدلىك ياشلارنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ بىلىم ئېلىشى ئۈچۈن چەت ئەللەرگە چىقىپ ئوقۇشنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلغان ۋە قوللىغان ئىدى. ئابدۇللا بوبىنىڭ تۇنجى قارار ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدىن مەمدۇخە مىڭلىخان قىزى مۇختارىۋا ( 1899 – 1973) 1920– يىلى تۇنجى بولۇپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ ئوقۇغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئالاھىدە بولغىنى 1926– يىلى غۇلجا ياشلىرىدىن بەش كىشى (تۆت يىگىت ۋە بىر قىز) ئالدى بىلەن تۈركىيىگە ئاندىن گېرمانىيىگە بېرىپ ئوقۇدى.
ھۆرمەتلىك كىتابخانلىرىمىز يۇقىرىدىكىلەردىن پازىلجان ئاقساقال توغرۇلۇق يۈزەكى بولسىمۇ بىر تونۇشقا ئىگە بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمدى ئۇ كىشىنىڭ ئىستېداتى ۋە كىشىلىك پەزىلىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىڭىزگە، ئۇنىڭ ۋاپات بولۇش ئالدىدا يازغان «ۋەسىيەتنامە» سى ياردەم بېرەلەيدۇ دېگەن ئۈمىدتىمەن. تۆۋەندە «ۋەسىيەتنامە» نى تولۇق تېكىستى بىلەن دىققىتىڭلارغا سۇندۇم.
« ھەر يىلى بېرىلىدىغان زاكات ئاۋۋال ئۆزىمىزدە خىزمەت قىلىۋاتقان، زاكاتقا موھتاج كىشىلىرىمىزگە بېرىلسۇن. ئىككىنچى، بالىلار، ئانا جەمەتىدىكى يېقىن قېرىنداشلار ۋە ئەتراپىمىزدا ئولتۇرغان قولۇم–قوشنىلار ئىچىدە زاكاتقا موھتاج بولغانلارغا بېرىلسۇن. قالغىنىنى تاتار جەمئىيىتىگە تاپشۇرۇپ، جەمئىيەت قارمىقىدىكى ئېھتىياجلىق ئورۇنلارغا سەرپ ئېتىلسۇن. پازىل يونىچ
سۆيۈملۈك بالىلىرىمغا ۋەسىيىتىم: ئاز دېگەندە ئوغۇللىرىم يىگىرمە بەش، قىزلىرىم يىگىرمە ياشقىچە ئوقۇشۇڭلارنى ھەرگىز يېرىم يولدا توختىتىپ قويماڭلار؛ مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىنمۇ ئوقۇش–ئۆگىنىشنى تاشلاپ قويماڭلار؛ كۈننىڭ يىگىرمە تۆت سائىتىدە بىر–ئىككى سائەتنى ئەلۋەتتە، ئوقۇش ۋە مۇتالىئە بىلەن ئۆتكۈزۈڭ؛ ناماز، روزا ئىنسان ئۈچۈن قانچىلىك پەرز بولسا، ئوقۇشمۇ شۇنداق پەرز ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماڭ.
ئۆز كەمچىلىكلىرىڭىزنى ھەرقاچان تۈزۈتۈڭ، ياخشىلىقلىرىڭىزنى ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى داۋام ئەتكۈزۈڭ. مەن سىلەرنىڭ ئوقۇشقا ئىخلاس قىلىشىڭلارنى تىلەيمەن. ئىنسانىيەت، ئىسلامىيەتمۇ شۇنى تىلەيدۇ. بەس، شۇنداق بولغاچ ئوقۇشتىن كېلىدىغان مەنپەئەتنىڭ بىرىنچىسى ئىنسانلارنى ياخشى كۆرۈش، ئۆزىگە مۇناسىپ كۆرمىگەن ئىشنى باشقىلارغا لايىق كۆرمەسلىك. ئۆزى قىلالايدىغان ئىشنى باشقىلارغا قىلدۇرماسلىق كەبى ياخشىلىقلارنى تۇغقانلارغا، دىنداش مىللەتلەرگىلا ئەمەس، بارچە ئادەم بالىلىرىغا، ھەتتا ھايۋانلارغىمۇ تىلەڭلار. شەپقەتلىك بولۇڭلار، يوقسۇل، ئاجىز ئادەملەرنى، مەزلۇملارنى ھىمايە قىلىشقا تىرىشىڭلار.
ئادەم بالىلىرىغا دائىم مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئادەم ئالدىماسلىققا، شۇنداقلا ئۆزۈڭلارنى ئالدىماسلىققا تىرىشىڭلار. ھورۇنلۇق، ئەمگەك قىلماسلىق، ئىچكۈلۈككە بېرىلىش، كىشىلەرنى رەنجىتىش، باشقىلارنى مازاق قىلىش، تەكەببۇرلۇق، ھاكاۋۇرلۇق، ماختانچاقلىق كەبى قاباھەتلەردىن يىراق تۇرۇشقا، ئۆزىڭىزنى كامىل ئىنسان نامىغا لايىق قىلىشقا، ساغلام بەدەن، توغرا پىكىرلىك بولۇشقا تىرىشىڭلار. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە، ئوقۇش–ئۆگىنىش لازىمدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە ئوقۇش–ئۆگىنىشتىن ئايرىلماڭلار دەپ ۋەسىيەت قىلدىم.
ئەگەر مېنىڭ ۋەسىيىتىمگە ئەمەل قىلىپ، ئوقۇش–ئۆگىنىشنى داۋام ئەتسىڭىز، يۇقىرىدا ئاتاپ ئۆتكەن ياخشىلىق ۋە يامانلىقلارنى مۇشەققەتسىز ئۆگىنىپ–بىلىسىز. ياخشىلىققا ئىگە بولۇپ، يامانلىقتىن قاچىدىغان بولىسىز.
ھەمدە مۇمكىن قەدەر ئاددىي–ساددا، ئوچۇق–يورۇق ۋە شاد–خورام بولۇڭ. ھەرقانداق مۈشكۈللۈكلەرگە يولۇقسىڭىز، سەۋرچان، ئەپۇچان بولۇڭ. ھېچ ۋاقىتتا ئارتۇق قايغۇرماسلىق كېرەك. تىرىشچان بولۇڭ، قانائەتچان بولۇڭ. قولىڭىزغا ئالغان ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزمىگۈچە تاشلاپ قويماڭ، سۇباتلىق بولۇڭ. پازىلجان يونىچ
گۇۋاھ بولۇپ: نۇرى مۇھەممىدى. زاكىر ئەل قادىرى.
غۇلجا تاتار مەھەللىسى يېنىدا شەرىئەتلىك ھۆججەتلەر ساقلىنىدىغان ئاخۇنلۇق دەپتەردە 219– نومۇر بىلەن تەييارلانغان تەستىققا مۆھۈرۈمنى باستىم–مەزكۇر مەھەللىدە ئىمام، قازى كەشفىل ئەسرار فەتخىدىن ئوغلى ۋاخاپ.
تەسفىخ ( تۈزىتىش): ئىككىنچى سەترىدە قالغان بىر سەترىچە يولنىڭ چېتىگە سۆز يېزىلدى. ئون ئىككىنچى سەترىدە ئارتۇق يېزىلغان ( كېرەكلىك) چىقىرىلىپ، ئەسلى نۇسخىغا مۇۋاپىق ئىكەنلىكىگە تامام ئوقۇپ چىقىپ تەستىق سالدىم.
ئىمام قازى كەشفىل ئەسرار ۋاخاپ ( تامغا)
1925– يىلى 14– ئاۋغۇست
بىرىنچى نومۇر »
«ۋەسىيەتنامە» نۇرى مۇھەممىدى ( شۇ يىللاردا « مەكتەبى نۇر » نىڭ ئوقۇتقۇچىسى)، زاكىر ئەل قادىرى ( 1920– يىلى غۇلجىدا 10 ئايلىق پېداگوگ كۇرسى ئېچىپ، غۇلجىدا تۇنجى قېتىم ھازىرقى زامان پېداگوگ تەلىپى بويىچە يېتىشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى بەرپا قىلغان كىشى، ئاتاقلىق پېداگوگ) قاتارلىق بىلىملىك زىيالىيلارنىڭ گۇۋاھلىقىدا تاماملانغان. ئىمام، قازىنىڭ باسقان دۈگىلەك تامغىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئويۇلغان « ئىمام كەشفىل ئەسرار بىننى فەتىخدىن غۇلجا » دېگەن خەتلەرنى ئوقۇيسىز. چۆرىسىگە ئايلاندۇرۇپ ئويۇلغان رۇسچە خەتلەر ئېنىق ئەمەس.
پازىلجان ئاقساقال ھاياتىدا 9 پەرزەنت كۆرگەن، ئۆزى كاتتا باي ئادەم بولسىمۇ، لېكىن بالىلىرىغا نېمە مىراس قالدۇرغانلىقى توغرىسىدا « ۋەسىيەتنامە » دە ھېچنەرسە دېمىگەن. بەلكى بالىلىرىنىڭ ئوقۇش – ئۆگىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى بولۇپمۇ ئادىمى ئادەم بولۇپ ياشاشنىڭ ھەممىدىن قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ بالىلاردىن كۈتىدىغان بىردىن – بىر ئۈمىدى ئىكەنلىكىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە چۈشەندۈرگەن.
بۇ «ۋەسىيەتنامە» نىڭ رېئال قىممىتى پازىلجان ئاقساقالنىڭ ئەنە شۇ گۇمانتارلىق ئىدىيىسىنىڭ بۈيۈكلىكىدە. بولۇپمۇ بۇنىڭدىن ئاز كەم بىر ئەسىر بۇرۇن يېزىلغانلىقى بىلەن تېخىمۇ قىممەتلىك.
يۇقىرىقىلارنى ئوقۇۋاتقان ھەرقانداق كىتابخان «ئاقساقالنىڭ بالىلىرى ئاتىسىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئەمەل قىلالىغانمىدۇ؟» دېگەن ئويدا بولۇشى مۇمكىن. پېشقەدەم كادىرلىرىمىزنىڭ ئىچىدە پازىلجان ئاقساقالنىڭ بالىلىرىدىن ئايتۇغان يۇنىچى ( ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ پولكوۋنىكى، ئازادلىقتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان)، ئېرىكچى يۇنىچى ( شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا كۆپ ھەسسە قوشقان، سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتى فىزىكا–ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، پېشقەدەم پېداگوگ) نى تونۇيدىغانلار بار. ماقالىمىزنىڭ سەھىپە چەكلىمىسى بويىچە بۇ ھەقتە تەپسىلىي تونۇشتۇرۇش ئىمكانىيىتىمىز يوق. شۇنداقتىمۇ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولغان تۇن بالىسى خەبىب يۇنىچى توغرىسىدا قىسقىچە ئۇچۇر بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
خەبىب يۇنىچى 1906– يىلى 30– ئۆكتەبىردە پازىلجان يۇنىچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇ ئائىلىدە ئاتىسىنىڭ ياخشى تەربىيىسىگە ئىگە بولىدۇ. 1915 – يىلى ئابدۇللا بوبى ئاچقان « مەكتەبى نۇر » نىڭ بىرىنچى سىنىپىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ. تىرىشچان خەبىب مەكتەپتە ياخشى ئوقۇش بىلەن بىرگە يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن دادىسىنىڭ خۇسۇسىي كىتابخانىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۆز بىلىمىنى كېڭەيتىدۇ.. 1921 – يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن دادىسى ئۇنى تاشكەنتكە ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ. خەبىب ئۇ يەردە « كىروۋ » نامىدىكى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. 1923 – يىلى ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ غۇلجىغا قايتىپ كېلىدۇ.
ئۇ غۇلجىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئانا مەكتىپى ئۇنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇ مەكتەپتىكى يۇقىرى يىللىق سىنىپلارغا دەرسكە كىرىدۇ. مانا شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ مەدەنىي – مائارىپ ھاياتى باشلىنىدۇ.
1926 – يىلى خەبىب يۇنىچى قاتارلىق بەش ياش تۈركىيىگە ئاندىن گېرمانىيىگە ئوقۇشقا بارىدۇ ( بۇ ھەقتە يۇقىرىدا ئەسكەرتكەن ئىدۇق). خەبىبنىڭ ئاتىسى بىر يىل بۇرۇن ۋاپات بولغانلىقتىن ئۇنىڭ چەت ئەلدىكى ئوقۇش خىراجىتى، يول كىرىملىرىنى پازىلجان يۇنىچى ھايات ۋاقتىدا يېتەكچىلىك قىلغان « ئالتاي شىركىتى » ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىستانبۇلغا بارغان خەبىب « رۇبىرت كوللىژ » مەكتىپىدە ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىپ، ئاندىن مېدىتسىنا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇيدۇ. ئۇ ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ 1930 – يىلى تۇغۇلغان يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ.
1933 – يىل 12 – ئاپرېل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ئىلىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئىچىدىن چىققان مەرىپەتچى زاتلار، مىللەتنى ئويغىتىش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان زىيالىيلار پۈتۈن كۈچى بىلەن يېڭىچە مەكتەپلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئىلىم – مەرىپەتكە يۈرۈش قىلىش ھەرىكىتىنى قوزغايدۇ. چەت ئەللەردە ئوقۇش بىلەن ئۇ يەردىكى تەرەققىياتلارنى كۆرۈپ، ئىجتىمائىي ئاڭ جەھەتتە زور دەرىجىدە ئىلگىرىلىگەن خەبىب ئەپەندى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلقنىڭ مەرىپەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئاتلىنىپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئەڭ ئاۋانگارت جەڭچىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ. ئۇ تاتار مەدەنىي–ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىشلىرىغا يېڭىچە روھ بېغىشلاش بىلەن بىرگە مىللىي ۋە دېموكراتىك ئازادلىققا ئىنتىلگەن ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلارنى ئىشلەيدۇ.
1934-يىلى 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ « ئىلى دەرياسى گېزىتى » چىقىۋاتقان ئورۇندا خەبىب يونىچى باش مۇھەررىرلىكى، يۈسۈپجان غوپۇرى مۇئاۋىن مۇھەررىرلىكىدە « ئىلى شىنجاڭ گېزىتى » نەشر قىلىنىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇرۇن ھەپتىدە ئىككى سان چىقىدىغان گېزىت كۈندىلىك گېزىتكە ئايلىنىدۇ. بۇ گېزىتكە ھۆكۈمەتنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرى، ت س س ئاگېنتلىقىنىڭ تاشكەنت، ئالمۇتىلاردىن تارقىتىدىغان خەلقئارالىق خەۋەرلەر، يەرلىك خەۋەرلەر، تۈرلۈك مەزمۇندىكى ماقالىلەر بېسىلىدۇ. ئەدەبىيات سەھىپىسىنى لۇتپۇللا مۇتەللىپ، زۇنۇن قادىرى، زىيا سەمەدى، كېۋىر نىياز قاتارلىق ياش تالانت ئىگىلىرى ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق بېيىتىدۇ. بۇ گېزىت دەسلەپتە «ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسۇپ » مەتبەئەسىدە بېسىلىدۇ.  1935-يىلى خەبىب يۇنىچىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىلغار بولغان مەتبەئە ماشىنىسى كىرگۈزىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن گېزىت گېزىتخانا مەتبەئەسىدە بېسىلىدىغان بولىدۇ. خەبىب يونىچى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە مەتبۇئات ساھەسىدە ئىشلەپ، مەتبۇئات ئىشلىرى ئۈچۈن مەتبۇئات، نەشرىيات خادىملىرىنى تەربىيىلەش ئۈچۈن زور ھەسسە قوشىدۇ.
ئۇيغۇر ئۇيۇشما تەرىپىدىن 1934-1938يىلغىچە ھەر يىلى يازلىق تەتىلدە ئىچىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار يېتىشتۈرۈش كۇرسىدا خەبىب يونىچى ئۆزى دەرس ئۆتۈپ، ئىلى ۋىلايىتىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ھەسسە قوشىدۇ.
خەبىب يونىچى 1939-يىلى غۇلجا شەھەرلىك كۇتۇپخانا قۇرۇش ئىشىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن دادىسىدىن قالغان ئائىلە كىتابخانىسىدىكى كىتابلارنى قۇرۇلماقچى بولغان شەھەرلىك كۇتۇپخانىغا تەقدىم قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئەمەلىي ھەرىكىتىدىن ئۈلگە ئالغان شەھەر خەلقى ئىچىدە يېڭى قۇرۇلغان كۇتۇپخانىغا كىتاب تەقدىم قىلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلىدۇ. سوۋېتلار ئىتتىپاقىدىن نۇرغۇن كىتابلارنى كىرگۈزىدۇ. شۇنداق قىلىپ غۇلجا خەلقىنىڭ مەنىۋى ھاياتىدىكى زور بىر ئىش – شەھەرلىك كۇتۇپخانا بارلىققا كېلىدۇ.
«خەبىب يونىچى 1944-يىلى يىل بېشىدا قۇرۇلغان  دىكى كىشىلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىنقىلابى پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ ماسلىشىدۇ. « 1944 – يىلى 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى  ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. 16 كىشىدىن تەركىب تاپقان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت كومىتېتى سايلاندى. خەبىب يۇنىچى مەزكۇر ھۆكۈمەتتە ھۆكۈمەت ھەيئەت ئەزاسى بولدى ۋە ئۇنىڭغا مائارىپ نازارىتى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە مەسئۇل بولۇش ۋەزىپىسى يۈكلەندى ». « 11 – ئاينىڭ 17 – كۈنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئورگان گېزىتى  گېزىتى ئىدارىسى قۇرۇلدى. خەبىب يۇنىچى گېزىتخانىغا باشلىق بولدى. شۇ كۈنى مەزكۇر گېزىتنىڭ ئۇيغۇرچە، قازاقچە، رۇسچە، خەنزۇچە تۆت خىل يېزىقتىكى نەشرى غۇلجىدا رەسمىي نەشر قىلىندى ».( « شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى » 45 – 51 – بەتلەر. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1995 – يىل ( ئۇيغۇرچە) نەشرى »)
ئاتاقلىق پېداگوگ، تەتقىقاتچى، جامائەت ئەربابى ھاكىم جاپپار ئاكا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە خىزمەتداش بولۇپ ئۆتكەن خەبىب يۇنىچى توغرىسىدىكى ئىشلارنى مۇنداق ئەسلەيدۇ. « خەبىب يۇنىچى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىلىي ئاپپاراتىنى تۈزۈشتە چوڭ رول ئوينىدى. ئۇ ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بىرلىكتە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ دېكلاراتسىيىسىنى تۈزۈپ چىقتى. زۆرۈر بولغان ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىش، بولۇپمۇ مەدەنىي – مائارىپ، سەھىيە، تەشۋىقات ئىشلىرىنى بىۋاسىتە تۇتۇپ ئىشلىدى ..... خەبىب يۇنىچى پىشقان، تەجرىبىلىك، ماھىر مەتبۇئاتچى ئىدى. ئۇ گېزىتخانىنىڭ ھەممە ئىشلىرى بىلەن تونۇش ئىدى. شۇنچە ئالدىراش بولسىمۇ ماقالىلەرنى ئۆزى ئۇيۇشتۇراتتى ۋە ئۆزى كۆرۈپ چىقاتتى. كۈندۈزلۈك گېزىتنى كۆرۈپ تەھرىرلەرگە كونكرېت كۆرسەتمىلەر بېرىپ تۇراتتى ۋە ھەربىر ئىشنى سۈرۈشتۈرۈپ، قاتتىق تەلەپ قوياتتى .....
ياۋروپاچە كىيىنگەن، چاچ قويغان، ئوتتۇرا بويلۇق، قاڭشارلىق، ئۆزىنى جىددىي قىياپەتتە تۇتىدىغان، كەمسۆز، مەدەنىي يۈرىدىغان خەبىب ئابزىنىڭ قىياپەت – ئوبرازى ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا تۇرىدۇ» ( ھاكىم جاپپار « خەبىب ئابزىنى ئەسلەيمەن » شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى 29 – قىسىم 310 – 312 – بەتلەر).
خەبىب يونىچى ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا رۇس، خەنزۇ، ئىنگلىز ۋە بىرقانچە تۈگۈنداش تۈركىي تىللاردا ئەركىن سۆزلىشەلەيتتى. بۇ ھال ئۇنىڭ خىزمەتلىرىگە غايەت زور قۇلايلىق ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ يەنە مۇزىكا، رەسساملىق، زەرگەرلىك، ھۆسىنخەت يېزىش قاتارلىق ھەر تەرەپلىمە قابىلىيەتكە ئىگە ئىدى. ئۇنىڭدا يېتىلگەن كۆپ قىرلىق تالانت، ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى جىددىي ئېھتىياج تۈپەيلى ئۇنىڭدا غايەت زور بېسىم پەيدا قىلىدۇ. ئۇ بىر ۋاقىتتا ئىشلىگەن ھۆكۈمەت ھەيئەت ئەزاسى، مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى، قوشۇمچە سەھىيە خىزمىتىگە مەسئۇل، گېزىتخانا باشلىقى قاتارلىق نۇرغۇن خىزمەتلەر ئۇنى خېلىلا چارچىتىدۇ. ئۇ 1945 – يىلى 19 – فېۋرالدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي دوختۇرخانىدا ۋاپات بولدى. ھاكىم جاپپار ئاكىنىڭ ( شۇ ۋاقىتتىكى ھەغدا كىشى) خەبىب يونىچىنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدىكى ئەسلىمىسى بۇ ھەقتە تېخىمۇ قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بولۇشى مۇمكىن.
« ئىلى ئىنقىلابى پارتلاپ غۇلجا شەھىرى ئازاد بولغاندىن كېيىن، شەھەردىن قاچقان گومىنداڭ ئەسكەرلىرى بىر قىسىم خەلقنى قورقۇتۇپ ئۆزلىرى بىلەن بىللە ھەيرەنباغ ۋە ئايرودروملاردىكى ھەربىي گازارمىلارغا ئەكىرىۋالغان ئىدى. بىرنەچچە ئاي قورشاۋدا قالغان بۇ جايلار 1945– يىلى 1– ئايدا ئازاد قىلىندى. شۇ چاغدا ھەيرانباغ ۋە ئايرودرومدىكى گومىنداڭچىلار بالا–چاقىلىرىنى تاشلاپ، ئۆيلەرگە ئوت قويۇپ قېچىپ كەتكەنىدى. بىرنەچچە ئايلىق قورشاۋدا گومىنداڭچىلار ئىچىدە يۇقۇملۇق كېسەلمۇ پەيدا بولغانىدى. ھەيرەنباغلار ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن بۇ جايلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن خەبىب يۇنىچى باشقا ھۆكۈمەت ئەزالىرى بىلەن بىللە ئىس–تۈتەك چىقىپ، ئوت يېنىۋاتقان ئۆيلەرنىڭ ئىشىك–دېرىزىلىرىنى بۇزۇپ، ئۆينىڭ ئىچىگە قاپسىلىپ قالغان بالا–چاقىلارنى قۇتقۇزىدۇ. ئۇلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. خەبىب يونىچى بىر كىچىك بالىنى قولغا ئېلىپ كۆتۈرىدۇ. مانا شۇ چاغدا گازارمىدا تارقالغان ئېغىر يۇقۇملۇق تىپ كېسىلى ( كېزىك) خەبىب يونىچىگە يۇقىدۇ. خەبىب يونىچى مۇشۇ ئاغرىق بىلەن ئاغرىپ  قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي 1945– يىلى 2– ئايدا غۇلجىدا 37 يېشىدا ④ ۋاپات بولىدۇ. خەبىب يونىچىنىڭ ۋاپاتى شۇ ۋاقىتتا ئىنقىلابى ھۆكۈمەت ۋە ھەر مىللەت خەلقى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولدى.
خەبىب يۇنىچىنىڭ خەلق ئىنقىلابى ئىشلىرى ئۈچۈن قىلغان ئەمگىكىگە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ۋە خەلق تەرىپىدىن يۇقىرى باھا بېرىلدى. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئالىي ئوردىنىغا مۇيەسسەر بولدى. غۇلجىدىكى بىر كوچا نامىمۇ  كوچىسى دەپ ئاتالغانىدى» ⑤. ( ھاكىم جاپپار « خەبىب ئابزىنى ئەسلەيمەن » شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى 29 – قىسىم 314 – بەت).
ھۆرمەتلىك كىتابخان: مەن بۇ ماقالەمنى يازغۇچى، تەتقىقاتچى تۇرسۇن قاھھارى ئاكىنىڭ خەبىب يۇنىچى توغرىسىدا يازغان ئەسلىمىسىدىكى مۇنۇ بىر ئابزاس سۆز بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
«خەبىبنىڭ 30–يىللارنىڭ بېشىدا ئېيتقان بىر پىكرىنى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بەكمۇ قوللاپ–قۇۋۋەتلىگەن ئىدى.  » ( تۇرسۇن قاھھارى « پىداكارلىق » سۆيۈمبىكە ژۇرنىلى. قازان 1993– يىلى 7– سان 21– بەت)
خەبىب يونىچى ئۆزىنىڭ ئىنتايىن قىسقا ھاياتىدا ئۆزىنىڭ دېگەنلىرىگە ئەمەل قىلىپ ياشىدى. چۈنكى ئۇ ھەقىقىي ئاتا بالىسى ئىدى.
_____________________________________________________________________________
① 1881– يىلىدىكى «جۇڭگو–رۇسىيە ئىلى شەرتنامىسى» گە ئاساسەن رۇسىيىنىڭ ئىلىدىكى كونسۇلى ۋە پۇقرالىرى غايەت زور ئىمتىيازغا ئىگە بولغان. رۇسىيە كونسۇلى ھەرقايسى مىللەتلەردىن بولغان پۇقرالىرىنى شۇ مىللەت ئىچىدىن سايلانغان ئاقساقاللار، قازىلار ئارقىلىق باشقۇرغان. قولىمىزدا ئاقساقاللىق تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلغان ۋاقتى توغرۇلۇق ئېنىق مەلۇمات يوق. ئەمما تۇنجى نۆۋەت تەيىنلەنگەن ئاقساقال ۋە قازىلارنىڭ تەرجىمىھاللىرىغا ئاساسلانغاندا 1890–يىللاردا باشلانغان بولۇشى مۇمكىن دېگەن قاراشقا كەلدىم.- ئاپتوردىن
②  مىرقاسىم ئوسمانۇپ 1934 – يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان 1940 – يىللاردا غۇلجا تاتار مەكتىپىدە، رۇس گىمنازىيىسىدە ئوقۇغان. ھازىر قازاندا تارىخ پەنلىرى بويىچە تونۇلغان ئالىم. ماقالەمدە ئۇنىڭ « يېپىلمىغان كىتاب » دىن نەقىللەرنى ئالدىم. ئوڭاي بولۇش ئۈچۈن قىسقارتىپ « ي. ك » دەپ ئەسكەرتىش بېرىلدى. – ئاپتوردىن
③ بۇ قەبرىستانلىقنىڭ ئورنى ھازىرقى تيانشان يولى بىلەن ئايرودروم يولى كېسىشكەن ئورۇننىڭ شەرقى – شىمالىدىكى چوڭ زېمىن بولۇپ، ئاخىرى ھازىرقى 11 – رايون ئائىلىلىكلەر قورۇسىغىچە باراتتى. – ئاپتوردىن
④ ھاكىم جاپپار ئاكا خەبىب يونىچىنىڭ تۇغۇلغان يىلى توغرىسىدا خاتا ئۇچۇرغا ئىگە بولۇپ، ئۇنى 1908 – يىلى تۇغۇلغان دېگەن. توغرىسى 1906 – يىلى بولۇپ ۋاپات بولغاندا 38 ياش ئىدى. – ئاپتوردىن
⑤ بۇ كوچا ھازىرقى غەربىي ستالىن يولى 3– كوچا ئىدى. – ئاپتوردىن  
( ئاپتور: غۇلجا شەھەر روشەن كوچا 153-قورۇدا  )
مەنبە: ئىلى دەرياسى ژورنىلى 2009- يىللىق 6-سان

yolyar قالدۇرغان ئادرىستىن پايدىلىنىپ ئۆزگەرتىپ باقتىم.

joshua يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 13:06:10

يۇرتۇم بۇرۇن بەكمۇ نوچى شەھەر ئىدى، مەدەنىي، ئىلىمسۆيەر...
بەت: [1]
: 20– ئەسىر بېشىدىكى بىر « ۋەسىيەتنامە » دىن شۇ دەۋر كىشى