Birzat يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 14:10:15

ھەسەل 43;سۈت=ساغلاملىق، گۈزەللىك ۋاھاكازالار

قۇرئان كەرىم 47-سۈرە <<مۇھەممەد>> دە جەننەتنىڭ سۈپەتلىرى ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا بايان قىلىنغان بولۇپ ئوزۇقلاردىن ھەسەل بىلەن سۈتكە ئالاھىدە ئورۇن بىرىلگەن: تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇ يەردە رەڭگى ئۆزگەرمىگەن سۇدىن ئۆستەڭلار، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈتتىن ئۆستەڭلار، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان مەيدىن ئۆستەڭلار ۋە ساپ ھەسەلدىن ئۆستەڭلار بولىدۇ، ئۇلارغا جەننەتتە بەھرىمەن بولىدىغان تۈرلۈك مېۋىلەر بولىدۇ ۋە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن مەغپىرەت بولىدۇ، (مۇنداق تەقۋادارلار) دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناقسۇ بىلەن سۇغىرىلىپ (قىزىقلىقىدىن)  ئۈچەيلىرى پارە-پارە قىلىنىدىغانلار بىلەن ئوخشاشمۇ؟ .(15)

تۆۋەندە سۈت بىلەن ھەسەلنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى ھەمدە ئاياللارغا ئالاھىدە ماس كىلىدىغان خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە بايان قىلىمىز.

سۈت بىلەن ھەسەلنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن مول بولۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل، ئامىنو كىسلاتاسى، كالىتسىي، ۋىتامىنB1، ۋىتامىنB2، ھەمدە تۆمۈر ، مىس، مانگان، كالىي قاتارلىق مىنېرال  قاتارلىق ئورگانىك ماددىلار بەدەنگە زۆرۈر ئىھتىياجلىق ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلايدۇ. ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئىچكى ئاجرالما بەزلەر خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ. ئاياللارنىڭ تۇخۇمدان ھەم ئۈچەي خىزمىتى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ھەيز مىقدارى ئازلاش، ئاغرىتىپ كىلىش، قەۋزىيەت قاتارلىقلارنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپ كەيپىياتنى تەڭشەيدۇ. تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ياخشىلاپ ھۆسنىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ. سۈت ياكى ھەسەلنى ئىچىشنى داۋاملىق ئادەت قىلسا تېرىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ جۇلالاندۇرىدۇ. ھەم ئىستىمال قىلىپ ھەم سېرتىدىن يۇيۇپ ياكى چېپىپ بەرسە تېرىنى يۇمران، پارقىراق قىلىدۇ. قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ.
ئالدىراشلىق ئىچىدە ياشاۋاتقان ھازىرقى زامان كىشىلىرى ساغلام ھەم گۈزەل بولۇش ئۈچۈن سۈت ھەم ھەسەلدىن ئايرىلالمايدۇ. سۈت ئىچكەندە تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە دىققەت قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ:
  بەزىلەر سۈتنى ئەتتىگىنى ئىچكەن ياخشى دەپ قارايدۇ. بۇنداق بولغاندا سۈت ئادەم بەدىنىنى كېرەكلىك ئېنىرگىيە بىلەن تولۇق تەمىنلەپ، كۈچ- قۇۋۋەتنى ئۇرغۇتىدۇ. ئەمما سۈتنى ناشتا قىلماي ئاچ قورساققا ئىچىشكە بولمايدۇ. بۇنداق بولغاندا سۈت ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىۋېتىپ سۈت تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددا بەدەنگە قوبۇل قىلىنماي تۇرۇپلا چوڭ ئۈچەيگە كىرىپ كېتىدۇ. يەنە بەزى كېشىلەرنىڭ قارىشىدا سۈت تەركىبىدە ئادەمنى ھارغىن ھەم ئۇيقۇسىرتىدىغان بىر خىل تەركىب بولۇپ ئەتتىگەندە سۈت ئىچسە چۈشتىن بۇرۇنقى خىزمەتنىڭ روھلۇق ئىلىپ بىرىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدىكەن.
  كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۈت ئېچىپ ياتسا نېرۋىلارنى تىنچلاندۇرۇپ ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ ھەم بەدەنگە تولۇق ھەزىم بولۇپ قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان سۈت ئېچىپ ياتسا سۈت تەركىبىدىكى كالىتسىي ئادەم بەدىنىنىڭ كېچىدىكى كالىتسىيغا بولغان ئېھتىياجىنى تولۇقلايدۇ.
  سۈتكە شىكەر سېلىپ قايناتماسلىق كېرەك. چۈنكى سۈت تەركىبىدە ئامىنو كىسلاتاسى مول بولغانلىقتىن ئۇنى يۇقىرى بېسىمدا قايناتقاندا تەركىبىدىكى لىزىن بىلەن شېكەر رېئاكسىيىلىشىپ ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بولغان يەنە بىر خىل يېڭى خىمىيىلىك ماددىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ماددا ئادەم بەدىنىدە ھەزىم بولمايلا قالماي يەنە سالامەتلىككىمۇ پايدىسىز، شۇڭا سۈتنى قاينىتىپ بولۇپ سوۋۇغاندىن كېيىن ئاندىن شېكەر سېلىش كېرەك.
  سۈتكە ھەسەل قوشۇپ ئىچسە جىددىيلىكنى يوقىتىپ، روھىي بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ ۋە ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى پەسەيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە سۈتكە شىكەر قويۇپ ئىچكەندە كېلىپ چىقىدىغان ئاشقازان ئېچىشىش، ئاشقازان كۆپۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى يوقىتىدۇ.  ھەسەل تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سۈتنى پۇشۇرۇپ بولغاندىن كىيىن سەل سوۋۇتۇپ ئاندىن ھەسەلنى قۇيۇپ ئېرىتىپ ئىچىش كېرەك.
  سۈتنى ئەڭ ياخشىسى يېڭى پېتى ئىچىش كېرەك. سۈت بەك سوغۇق بولسا ئازراق قىزىتىپ ئىچىش كېرەك. سۈتنى بەك قىزىتىۋەتكەندە ياكى قايتا- قايتا قىزىتسا، ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. سۈتنى توڭلىتىشقا بولمايدۇ، سۈتنى توڭلاتقاندا تەركىبىدىكى ماي بىلەن ئاقسىل ئايرىلىپ چىقىپ كېتىپ تەمى سۇسلاپ كېتىدۇ ۋە ئوزۇقلۇق تەركىب ئاسان قوبۇل قىلىنمايدۇ.
قەۋزىيەت بارلار ھەسەلنى سوۋۇتۇلغان قايناق سۇدا ئىرىتىپ ئەتتىگىنى ئاچ قورساققا ئىچىپ بەرسە ئۈچەيدىكى زەھەرلەرنى تازىلاپ قەۋزىيەتنى راۋان قىلىدۇ. كەيپىياتنى روھلۇق تېتىك قىلىدۇ.
ھەسەل ئىچىشنىڭ يەنە بىر ئەڭ ئىسىل ۋاقتى - جىنسىي مۇناسىۋەتتىن بوشىغاندىن كىيىن ھەسەل سۈيى ئىچىش. بۇنداق قىلىشنى ئادەت قىلغاندا جىنسىي ئىقتىدار  ھەم چىراي گۈزەللىكى جەھەتلەردىن بالدۇر قىرىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ساپ ھەسەللەرنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى ھەم شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدىكى مەخسۇس تېما: http://www.80halta.com/article/174.htm

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 14:13:58

سۈتكە ھەسەل سېلىپ ئىچىشنى ئاڭلاپ باقماپتىمەن، بىر سىناپ باقمىسام.

يەنە قانداق ياخشى ئۇسۇللار بار گۈزەللىك ۋە ياشلىقنى ساقلاپ قالىدىغان؟ كۆپرەك تەلىم بەرسىلە ئەپەندىم.

new_world يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 14:33:38

ئانامنىڭ ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلى بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن تۆگە سۈتى ئىچىۋاتاتتى، بىزنىڭ بۇ يەرلەردە تۆگە سۈتى ناھايىتى تەستە تېپىلىدۇ. شۇڭا، ئادەتتە تۆگە سۈتىنى تاپقان چاغدا كۆپرەك ئېلىپ قويۇپ، توڭلاتقۇغا سېلىپ مۇزلىتىپ ساقلايتتۇق. سىز سۈتنى توڭلىتىشقا بولمايدۇ دەپسىز، مۇمكىن بولسا مۇشۇ ھەقتە تەلىم بەرسىڭىز.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 14:36:53

تېبوركوليۇز بىمارلىرى تۆگە سۈتىنى ئىمكان بار ئىسسىق پىتى ( سۈتىنى سېغىپ بەك سوۋۇپ كەتكۈچە ) ئىچسە ئۈنۈمى يۇقۇرى بولىدىكەن. ئەگەر ئۇنىڭغا ئىمكانىيەت بولمىسا توڭلاتقۇدا مۇزلاتماي سۆرۈن جايدا ساقلاپ ئىچسە يەنە بىر ئاز ياخشى بولىشى مومكىن.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 16:09:02

مۇزلاتقاندىن كىيىن ، لازىم بولغاندا قىزىتىپ ئىچسىچۇ ؟

baharxamili يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 16:15:08

بىر يىل بولدى سەھەردە ناشتىدا سوۋۇتۇلغان قايناق سۇغا ئارلاشتۇرۇلغان ھەسەل ، كەشتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان سۈت ئىچىشنى داۋاملاشتۇرۋاتىمەن  ، ئەمما كەشتە يېڭى سۈت تاپقىلى بولماي < مەيچۈەر > ئىچىپ سالىمەن كۆپىنچە ، مۇشۇ تەييار قاپلىق سۈتنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلسا باشقىچە ئەكىس تەسىرى يوقتۇ ھە - ھەكىم ....؟؟؟

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 16:22:16

سۈتنى توڭلاتقاندا تەركىبىدىكى ماي بىلەن ئاقسىل ئايرىلىپ چىقىپ كېتىپ تەمى سۇسلاپ كېتىدۇ ۋە ئوزۇقلۇق تەركىب ئاسان قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن.

بولسا 2-3 مو يەرگە قورۇق چۆرۈپ ئاز بىر قىسمىنى ئۆي قىلىپ قالغان يەرگە خېمىيەلىك ئوغۇ ئىشلەتمەي يەرلىك ساپ ئوغۇت ئىشلىتىپ يەيدىغانغا دانلىق زىرائەت تېرىپ ، ئاشلىقىنى يېغىۋىلىپ ئۆزىمىز ئاش-نان قىلىپ يەپ سامىنىدا قوي-كالا بېقىپ قويۇپ كۈندە ئەتتىگىنى سۈتىنى سېغىپلا خوتۇن بالىلار بىلەن ئولتۇرۇپ قىززىق پېتى ئىچىپ، قىش كەلگىچە بىرەر پاقلاننى سېمىرتىپ قىشىچە گۆشىنى يەپ. ئۇلاقلارنىڭ ئوغۇتىدا يەرنى ئوغۇتلاپ سەي-كۆكتات تېرىپ ھەممىنى ساپ ، تەبئىي قىلىپ يېگىلى بولسا ھە.... چارلىس چاپلىننىڭ بىر فىلىمىدە مۇشۇنداق بىر كۆرۈنۈش بار. ھىلىقى تېلەمچى گۈزەل قىز بىلەن ئولتۇرۇپ شۇنداق شىرىن خىياللارنى سۈرۈپ كېتىدۇ.

ھەسەلنى ئەڭ زىيانسىز، ھەقىقى يېشىل يېمەكلىك دەپ ئېيتىشىمىزدا ھەسەل ھەرىسىنى يايلىتىدىغان جاڭگاللار، تاغلارغا بىر كىم بىرىپ خېمىيەلىك ئوغۇت سىلىپ قويمايدىكەن، ھاۋا-موھىت بۇلغىنىشى بولمايدىكەن. شۇڭا مىجەزگە بەك ياقىدىكەن.

Uyghurhol يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 18:10:54

بىزنىڭ بۇ تەرەپلەردە گازىرلىقتا ، قىچىلىقتا، ۋە يەنە كېۋەزلىكتە ھەرە بېقىپ ھەسەل ساتىدىغانلار كۆپ .

شۇ ھەسەللەرنىڭ خۇسۇسىيىتى تاغ گۈلى ھەسلىنىڭكىگە ئوخشاشمۇ ؟

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 18:34:07

ھەسەلنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىۋى ۋە شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى چېچەكنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ.

قېچا ھەسىلىمۇ خىلى ياخشى ھەسەل ھېسابلىنىدۇ. لىكىن كۆنەكتە ئوبدان پۇشۇرۇپ ئىلىنىشى شەرت. خام ئىلىنغان ھەسەل پۇلىسى ئەرزان ساتسىمۇ ھەسەلچىگە كۆپ پايدا بىرىدۇ. لىكىن سۈپىتى ناچار بولىدۇ. كۆزى ئوچۇق خىرىدار بولسا بۇنى ئاسانلا بايقىۋالالايدۇ.

چېچەكنىڭ خۇسۇسىيىتىگە قاراپ:

بۇ ھەقتە تەپسىلىيرەك بىر تېما تەييارلىسام بولغۇدەك. ھازىر ئالدىراش بولۇپ قالدىم.

yusran يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 20:51:49

مەنمۇ ھەركۈنى كەچتە سۈت ئىچىپ ياتىمەن،،،

ياڭاقلىق سۈتنى ئىچىشكە ئامراق شۇنداق تاتلىق...

بىر كۈن ئىچمىسەم ئۇخلىيالمايمەن  بەك پەيزى

Derwaza يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 20:57:59

مەنمۇ سۈت ئىچىمەن، ھەسەلنىمۇ سۇغا شاللاپ ئىچىمەن.
ئەمما سۈت ماڭا سەل زىيان قىلغاندەك قىلىدۇ. قانداق قىلىمەن؟

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2010-10-9 04:57:38

ساقلاپ قوياي

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2010-10-9 08:26:51

Mark

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2010-10-9 09:17:46

Derwaza:
مەنمۇ سۈت ئىچىمەن، ھەسەلنىمۇ سۇغا شاللاپ ئىچىمەن.
ئەمما سۈت ماڭا سەل زىيان قىلغاندەك قىلىدۇ. قانداق قىلىمەن؟

سۈت ئىچسىلىرى ئىچىلىرى سۈرىدىغان ئەھۋال بولامدۇ؟ سۈتكە ھەسەل سىلىپ ئىچىپ كۆرۈپ باقسىلا!!! يەنە بولمىسا سۈت ئىچمىسىلە

yultuzluk يوللانغان ۋاقتى 2010-10-20 06:05:23

مۇشۇ سۇتنى ئىككى كۇن ئىچىپ قۇيساملا بىر كىلۇ سەمرىپ قالىمەن دىسە، شۇڭا قورقۇپ ئىچمەيمەن، ئەمما ھەسەلنىڭ ياخشىسىنى ئۇزمەي ئىچىپ بىرىپ تۇرىمەن.
بەت: [1]
: ھەسەل43;سۈت=ساغلاملىق، گۈزەللىك ۋاھاكازالار