hankeliq يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 11:03:09

ئىشەككىمۇ تەرجىمان كېرەككەن

مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىز ئىدى. بىر قېتىملىق قۇبان ھېيىتلىق دەم ئېلىشتا مارالبېشىلىق ساۋاقدىشىمىز، بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ ھېيىت ئۆتكۈزۈپ كېلەمدۇق دەپ قالدى. ماقۇل دېيىشىپ، تۆتەيلەن ئۇنىڭ ئۆيىگە يول ئالدۇق. ئۇلارنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلسەك ساۋاقدىشىمىزنىڭ دادىسى ئىشەك بىلەن ھويلىدىكى يېرىنى ئاغدۇرۋاتقان ئىكەن. ۋاي سەل دېمىڭلارنى ئېۋېلىپ، چاي-پاي ئىچىۋېلىڭلار دېگىنىگە ئۇنىماي يۈك-تاقىمىزنى ھويلىغا تاشلاپ قويۇپلا ساۋاقدىشىمىزنىڭ دادىسىنىڭ يېنىغا يۈگرىدۇق. تاغا سىز ئارام ئېلىڭ، بۇ ئىشنى بىز قىلايلى دېيىشىپ، يەرنى ئۆزىمىز ئاغدۇرماقچى بولدۇق. باشقىلار ساپاننى تۇتتى. مەن بىر قۇلۇمدا تاياقنى، بىر قۇلۇمدا ئارغامچىنى تۇتۇپ، ئىشەكنى باشقۇرماقچى بولدۇم. ساپاننى چىڭ تۇتۇڭلار ھە دەپ قويۇپ، ئىشەكنى چۇ دەپ دىدىم. بىر قېتىم چۇ دىدىم ماڭمىدى. ئىككى قېتىم چۇ دىدىم ماڭمىدى. تاياق بىلەن ئۇرۇپ، ئارغامچىنى تارتىپ تۇرۇپ چۇ دىسەم يەنە ئورنىدىن قوزغالمايدۇ بۇ ھايۋان. بىر چاغدا ساۋاقدىشىمىزنىڭ دادىسى يېنىمغا كېلىپ، بالام ئىشەكنى ماڭغۇزالمايسەنغۇ دىدى. تاغا شۇنچە قىلساممۇ ماڭمايدىغۇ بۇ ئىشەك دەپ قويۇپ يەنە چۇ دەپ ۋارقىرىدىم. ساۋاقدىشىمنىڭ دادىسى: ھازىر نېمە دىدىڭ  دەپ سورىدى. مەن چۇ دىدىم دىدىم. ساۋاقدىشىمنىڭ دادىسى يەنە سەن نەدىن بالام دەپ سورىدى. مەن تۇرپاندىن دەپ جاۋاپ بەردىم. ساۋاقدىشىمنىڭ دادىسى: تۇرپاندا ئىشەكنى ماڭغۇزۇش ئۈچۈن چۇ دەمدۇ دىدى. مەن ھەئە دەپ جاۋاپ بەردىم. ساۋاقدىشىمنىڭ دادىسى: بۇ ئىشەكنىڭ ماڭمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى بىلدىم، قاراپ تۇر ھە دەپ قويۇپ، خىت دىگەنتى. ئىشەك مېڭىپ كەتتى. ھەيران قالغانتىم. ھازىر ئويلىسام بەك كۈلگۈم كېلىدۇ بۇ ئىشقا.

lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 11:24:14

ئالدىغا ئون كوي پۇل تاشلاپ قويماي ...

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 11:35:01

چۇ(ئالدى)، يى، ئاۋو(مۇشۇ ئىككىسىنى قايسىسى قايسى تەرەپ ھازىرغىچە بىلمەيمەن)، سا(كەينى) دەپ ئىشلىتىدىغان بولىدىغان تۇرپاندا

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 12:05:45

خىت دىگىنىگە قارغاندا ئاقسۇ تەۋەسىدە ئوخشايدۇ ئۇ دوستىڭىزنىڭ ئۆيى

Uyghurhol يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 12:16:46

چو (ئالدى )  ئادەتتە كالىغا ئىشلىتىدۇ . خىت ئىشەككە ئىشلىتىدۇ . دىت ئاتقا ئىشلىتىدۇ .

يىيى( ئوڭ) ، ۋوۋو ( سول ) تاكا دىگىنىنى پۇتۇڭنى تارت دىگىنى سا دىگىنى كەينىڭگە يان دىگەننى بىلدۈرىدۇ .

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 12:24:09

بىزنىڭ ئىشەك چۈنجىدىن قايرىلغاندىن كېيىنلا كۆزىگە جىن كۆرۈنەمدىكىن بىلمىدىم ئاتتەك چاپىدۇ دە .توختىتىۋالغىلى بولمايدۇ. بىزنىڭ ئۆيدىكىلەردىن ئېشەك سۆرەپ كەتمىگەنلەردىن بىرسىمۇ يوق.كىچىكلا تەخەي بولمىسا. ئېتىزغا ماڭغىچە ئەگەر يېنىدىن بىرەر ماشىنا ئۆتۈپ قالسا دەرھال قولىقىنى كەينىگە بۇراپ بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرىدۇ. چۇ لا دەپ قويدۇقمۇ بولدى ئاتتەك چاپىدۇ بەزى ماشنىلارنىمۇ تااشلاپ كېتىدۇ تېخى. خېلى ئۇماق ئىشەكتى بۇدا بارسام سېتىۋىتىپ ئۈچ چاقلىق موتو ئېلىۋاپتۇ ئۆيدىكىلەر.

تۇرپاندا ئالدىغا ماڭغۇزماقچى بولساق چۇ دەيمىز، ئاۋو دىگەن ئوڭغا ،يۈ دىگەن سولغا ،سا دىگەن ئارقىغا ماڭغۇزىدىغان بۇيرۇق سۆزلېرى.

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 12:34:47

بىز ئاتنى ئالدىغا ماڭغۇزماڭچى بولۇپ قالساق  چو  ئىشەككە بولسا قىخە  دەيمىز .

eysatohti يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 13:07:07

بىزنىڭ يۇرتتا ئېشەكنى <خىتچۇ>دەيدۇ

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 13:37:30

Uyghurhol:

چو (ئالدى )  ئادەتتە كالىغا ئىشلىتىدۇ . خىت ئىشەككە ئىشلىتىدۇ . دىت ئاتقا ئىشلىتىدۇ .

يىيى( ئوڭ) ، ۋوۋو ( سول ) تاكا دىگىنىنى پۇتۇڭنى تارت دىگىنى سا دىگىنى كەينىڭگە يان دىگەننى بىلدۈرىدۇ .

يى دىگىنى سول،ئاۋو دىگىنى ئوڭ سىز ئالماشتۇرۇپ قويۇپسىز.

Ogen يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 14:03:53

2008-يىلىمۇ ئىزدىنىشتا كۆرگەنتىم بۇنى.

hankeliq يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 14:20:25

بۇرۇن بىر يېزىپتىمەن دە. ياش تۇرۇپلا كاللامدىن كەتتىممۇ نېمە. بۇرۇن يازغان تېمىلىرىمنىڭ بەزىلىرى يۇقاپ كەتكەن. يازغان ماقالىلىرىمگە قارىسام بۇ مەزموندىكى ماقالە يوقكەنتۇق. بىلەلمەي قايتا يوللىغان چىغىم با. تېخى تۆنۈگۈن ئاغىينىلىرىم بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇ-بۇ گەپلەر چىقىپ، مۇشۇ قىزىق پاراڭمۇ چىقىپ قالغانتى. ئاغىينىلىرىم تازا كۈلگەن. مەن ۋاي ئىزدىنىشتىكىلەرنىمۇ بىر كۈلدۈرەيچۇ دەپ يوللاپتىمەن ئەمەسمۇ. كۆپچىلىكنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 19:10:44

ھازىرقى مودا تىلدا  داۋداڭغا سالغاندا سا دەيمىز ، ئالدىغان ماڭساق خىت ياكى خىتە دەيمىز ، ۋۇجىبىيەنسۇ دەڭلا...

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 19:11:01

ھاھاھا......

مانا جەنۇپ شىمالدىكى دىققەت قىلمىغان كىچىككىنە مەسىلىلەر ......

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 19:36:05

يې دېگىنى ئاتنىڭ  تورمۇز بۇيرۇقى بىزنىڭ مەللىدە.

يەنە ئاتنى چۇھ ،ئىشەكنى خىت،كالىنى ھۈشت ياكى چۇھ،قوينى قۇشت،ئۆچكىنى چىشت،ئىتنى كەت دەيدۇ ھەيدىسە.

iman-0997 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 19:42:11

كورمىدىڭىزمۇ بېشىدىلا مارالبېشىلىق دەۋاتمامدۇ !   ئاقسۇدا خىت دەيدۇ توغرا ،  سوراپ باقسام ئاقسۇدىن باشقا يەردە خىت دىمەمدا ؟

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 20:19:40

ئىشەكنى خىت ياكى خىتچۇ، ئاتنى چۇھ ياكى تىرت چۇھ دېسە ماڭاتتى كىچىكىمىزدە. ئاتنى توختىتىدىغانغا ۋوھ ۋوھ دەيتتۇق. سا دېسەك كەينىگە ياناتتى. تەس دېسە پۇتىنى كۆتۈرەتتى.  ئۆبىتكەندە 2-قانالدا بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا قاراپ ئولتۇرسام، باش رولچى ئاتنى مىنىپ، جيا جيا دېمەسمۇ....

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 21:01:11

ھايۋانلار نىمە ئۈچۈن كىچىك بالىغا ئامراقتۇ، بىزنىڭ تۇلۇق كۆندۈرۈلمىگەن ئېشەك (تەخەيچاق) چوڭ ئادەم يېقىن كەلسە ياۋايىلىقى تۇتۇپ ئالدى كەينىگە تىپچەكلەپ، تېپىمەن، چىشلەيمەن دەپ تۇرىدۇ، لىكىن ئاكامنىڭ ئىككى ياشلىق بالىسى يېقىن كەلسە بېشىنى تۆۋەن قىلىپ جىم تۇرىدۇ، ئاكامنىڭ بالىسى ئېشەكنىڭ بېشىنى سىلاپ تۈكىنى تارتىپ ئوينايدۇ، شۇنىڭغا قاراپ ئېشەكتىمۇ بىر خىل ئاقكۆڭۈللۈك بار ئىكەن دەپ قالدىم.

iman01 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 21:06:19

سىز مىنىڭكىگە ئوخشاش قىلىپ ئەزا تىزىمىلىتىپسىزغۇ دوستۇم ،  بۇ قانداق ئېش بوپ كەتتى ئەمدى

forever يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 21:43:39

بىزنىڭ مەھەللىدە <<ئادەمەنى ئادەم دېمەڭ ئىشەكنە ئىشەك دېمەڭ >>دەيدىغان بىر تىلەمچى باتتى....شۇ ئېسىمگە كېلىپ قالدى بۇ تېمىنى كۆرۈپ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2010-10-8 22:07:58

ماۋۇ ئىنكاس يازغانلارنىڭ ھەممىمىز ئىشەكنىڭ تەرجىمانى بولدۇقمۇ ئەمدى.
بەت: [1] 2
: ئىشەككىمۇ تەرجىمان كېرەككەن