jewlan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-7 11:22:56

ۋەزىپە بار ، كىم ئۈستىگە ئالىدۇ ؟

ئەسسالام ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى .

ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز ، تارىختىكى بۈگۈن سەھىپىمىز توختاپ قالغىلى خېلى بولدى ، بۇرۇن بۇ سەھىپىنى باشقۇرغۇچى ھېكىمى ئەپەندى تەشكىللىگەن بولسىمۇ ، ھازىرچە ئۇ بۇ ئىشنى قىلىپ بولالمىغۇدەك ، شۇڭا تورداشلاردىن تۆۋەندىكى تەلەپكە چۈشىدىغانلار بولسا ، مۇنبەر ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشنى خالايدىغانلار بولسا ئۆزىنى مەلۇم قىلسا .

1. ئامال بار كۈندە تورغا چىقىپ تۇرالىشىڭىز كېرەك ، كۈندىلىكنى كۈندىلىك يېزىش ئەڭ بولمىغاندىمۇ بىرەر ئىككى كۈنلۈكنى تاشلاپ قويماي تولۇقلاپ يېزىشقا كاپالەت بېرىشىڭىز كېرەك .

2. خەنزۇ تىلى تەرجىمانلىقىدا بەلگىلىك سەۋىيەرىڭىز بولۇشى كېرەك ، ئەلۋەتتە خاتا بولۇپ قالغان يەرلەرنى كۆرسىتىپ قويىدىغانلار ساماندەك .

3. بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىڭىزگە ئېلىش بىلەن بىللە باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆز ئۈستىڭىزگە ئالسىڭىز بولىدۇ ( بۇ ئىختىيار)

كونكرت ئۇسۇلى بەك ئاددى ،  توردا تارىختىكى بۈگۈن ھەققىدە مەزمۇنلار كۆپ (تاپالمىسڭىز بىز تېپىپ بېرىمىز ) ، شۇلارنى كۈندىلىكنى كۈندىلىك تەرجىمە قىلىپ مۇنبەرگە يوللىساقلا بولىدۇ .

مېنىڭ تەكلىۋىم ، بۇ ۋەزىپە گەرچە تەس بولمىسىمۇ ئىزچىلىلىققا ئىگە ، بەلگىلىك قىيىنچىلىقى بار ، شۇڭا بۇ ۋەزىپىنى بىر يىل تولۇق ئورۇنلىغان تورداشقا ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئالاھىدە مۇكاپاتلارنى تەسىس قىلساق دىمەكچىمەن .

شارائىتى يار بەرگەنلەر سىناپ باقىلى ،  نەق "ئەل ئۈچۈن " ئىش قىلدىغان ۋاقىت كەلدى ، ئويلىشىپ كۆرگەيسىزلەر !

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2010-10-7 16:03:48

ئىزدىنىشنى ئېچىپ قۇيۇپ ئولتۇرۇشقا توغرا كەلسە مەن ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 7 دىن كىچە سائەت 11 گىچە توردا بار. لىكىن تارىخى مەزمۇنلارنى تەرجىمە قىلغاندا  تازا سەۋيەم يەتمەيدۇ. بولمىسا ئۆزەملا قىلاركەنمەن.

Baghrim يوللانغان ۋاقتى 2010-10-7 16:04:00

ئۆسىدىغان ياخشى پۇرسەتكەنتۇق ، ئىسىت !!!

\" تارىختىكى بۈگۈن \" دېگەن تېما بۇرۇنمۇ نۇرغۇن مۇنبەرلەردە يولغا قويۇلغان ، بىراق ئاخىرغىچە داۋاملاشقىنى يوققۇ دەيمەن ؟

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2010-10-7 16:10:24

تارىختىكى بۈگۈن

جۇڭگو ئىشچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىمقى جاھانگىرلىككە قارشى كۈرىشى جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ تۇنجى قېتىمقى كۆلىمى زور بولغان جاھانگىرلىككە قارشى كۈرىشى قايسى يىلى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلەمسىز؟ئۇ 1884 - يىلى يۈز بەرگەن. 1883- يىلى، فرانسىيە جاھانگىرلىكى جۇڭگوغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغايدۇ. ئەنگىلىيە، فرانسىيىگە ھەمنەپەس بولۇپ، فرانسىيىنىڭ شىياڭگاڭ پورتىدا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى توختىتىشى ۋە رېمونت قىلىشىغا، ھەربى ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ، بۇ خخل جىنايى ھەركەت شياڭگاڭدىكى جۇڭگو ئىشچىلىرىنىڭ ۋە پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغايدۇ. 1884 - يىلى 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، فرانسىيىنىڭ ئۇرۇشتا زەخمىلەنگەن بىر ھەربى پاراخوتى شياڭگاڭدىكى بىر پىرىستانغا كىرىپ كېلىدۇ، پىرىستاندىكى جۇڭگولۇق ئىشچىلار جۇڭگو خەلقىنى قىرغان دۈشمەن پاراخوتىنى رېمونت قىلىشنى قەتئىي رەت قىلىدۇ ھەمدە دەرھال ئىش تاشلايدۇ، شياڭگاڭدىكى باشقا ساھەدىكى ئىشچىلارمۇ بۇ ھەركەتكە قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، فرانسىيە ھەربى پاراخوتلىرىغا يېقىلغۇ بەرمەيدۇ، فرانسىيە سودا پاراخوتلىرىدىكى ماللارنى چۈشۈرۈپ بېرىشنى رەت قىلىدۇ، فرانسىيە پاراخوت شىركىتىدە ئىشلەيدىغان جۇڭگولۇق ئىشچىلارمۇ ئارقا - ئارقىدىن ئىستىپا بېرىدۇ. شياڭگاڭدىكى ئەنگىلىيە مۇستەملىكە دائىرىلىرى ئىش تاشلاشقا قارىتا بېسىم ئىشلىتىدۇ. لېكىن، جۇڭگو ئىشچىلىرى تېز پۈكمەيدۇ، كۈرەشنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى ئۇلغىيىپ ئاخىرى پۈتكۈل شياڭگاڭ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەنگىلىيە مۇستەملىكە دائىرىلىرى ئىشچىلارنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئىشچىلارنىڭ >فرانسىيە ماللىرىنى قاچىلىماسلىق<تىن ئىبارەت ھەققانى ھەركىتىگە ئارىلاشمايدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. 1884 - يىلنىڭ بۈگۈنكى كۈنىدە، يەنى 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى 35 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرغان ئىش تاشلاش كۈرىشى غەلىبە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. شۇ قېتىمقى ئىش تاشلاش كۈرىشى، جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئۇلۇغ قۇدرىتىنى نامايەن قىلىدۇ.

تارىختىكى ئەتە

كونىسىيە - دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت 1843 - يىلنىڭ بۈگۈنكى كۈنىدە، چىڭ خاندانلىقى ھۆكۈمىتى گۇاڭدۇڭنىڭ خۇمېن دېگەن يېرىدە، ئەنگىلىيە بىلەن >خۇمېن شەرتنامىسى<نى ئىمزالىدى. شۇندىن ئېتىبارەن، جاھانگىر دۆلەتلەر جۇڭگودا كونسىيە )ئىجارە زېمىن(قۇرۇشقا باشلىدى. كونسىيە دېگەن نېمە؟ئەڭ باشتا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى چەتئەللىكلەر بىلەن سودا ئالاقىسى ئورناتقان شەھەرلەردە بىر بۆلەك يەر ئاجرىتىپ، چەتئەل مۇھاجىرلىرىنىڭ ئۆي - ئىمارەت سېلىپ ئولتۇراقلىشىشى ۋە تىجارەت قىلىشقا بەرگەن ئىدى. يەرنىڭ ئىگىدارچىلىق چوقۇقى يەنىلا جۇڭگوغا مەنسۇپ بولۇپ، چەتئەللىكلەر ئىجارە ھەققى تۆلىشى كېرەك ئىدى. بىراق، جاھانگىرلار بارغانسېرى ئەلپازىنى يامان بۇزۇپ، كونسىيە ئىچىدە بىر يۈرۈش مۇستەملىكچىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تۇرغۇزدى، يەنى ئۆز ئالدىغا >ھۆكۈمەت<، ساقچى، سوت تەسىس قىلدى، باجنى ئۆزلىرى يىغدى، جىمىكى ئىشتا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويمىدى. شۇنداق قىلىپ، كونسىيە >دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت< - كە ئايلىنىپ، جاھانگىرلارنىڭ جۇڭگوغا قارىتا تاجاۋۇزچىلىق ۋە ھەر خىل جىنايى ھەركەتلەرنى ئېلىپ بېرىشتىكى بازىسى بولۇپ قالدى. كونا جۇڭگودا، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شامېن، فۇجۇ، تيەنجىن، جېنجياڭ، خەنكۇ، جۇجياڭ، يەنخۇ، چۇڭچىڭ، خاڭخۇ، سۇجۇ، ساشى، چاڭشا قاتارلىق شەھەرلەردە كونسىيىلەر بار ئىدى. كونسىيىلەرنىڭ بەزىلىرىگە بىرلا جاھانگىر دۆلەت ئىگىدارچىلىق قىلاتتى. مەسىلەن، ئەنگىلىيە، ياپونىيىنىڭ كونسىيىلىرى ئاشۇنداق ئىدى؛ بەزىلىرىنى بولسا، بىر نەچچە جاھانگىر دۆلەت بىرلىكتە باشقۇراتتى، بۇلار جامائەت كونسىيىسى دەپ ئاتىلاتتى. جۇڭگو خەلقى چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ جۇڭگودا كونسىيە قۇرۇشىغا قەتئىي قارشى تۇردى، 1927 - يىلىلا، جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرىنى قوغلىۋېتىپ، كونسىيىلەرنى قايتۇرۋېلىش ھەركىتى قوزغالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، جاھانگىر دۆلەتلەر مىللى مۇستەقىللىق ھەركىتى ئۆرلەۋاتقان ۋەزىيەت ئاستىدا، ئىلاجىسىز دۆلىتىمىزدىكى كونسىيىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئەمما ئۇلار ئەمەلىيەتتە ھەر خىل ئىمتىيازلاردىن يەنىلا بەھرىمەن بولۇپ كېلىۋەردى. 1949 - يىلىغا كەلگەندە، جۇڭگو خەلق ئىنقىلابىنىڭ ئۇلۇغ غەلبىسىگە ئەگىشىپ بۇ ئىمتىيازلار ئاندىن ھەقىقىي تۈردە ئېلىپ تاشلاندى.

يۇقارقى مەزمۇنلار بىلقۇت تورىدىن ئېلىندى

http://www.bilqut.com/kutupxana/list.php?catid=60

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2010-10-7 16:12:19

بىر ئاچچىقىم كېلىدىغان بولسا ئۆزەم سەكرەپ چۈشىمەن پۇشقاقنى قايرىپلا.

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2010-10-7 12:15:26

زىلتار قانداقراق؟

Sehra يوللانغان ۋاقتى 2010-10-7 12:35:57

ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتە  قانداق مۇكاپات بار ؟.ماددى مۇكاپات جىقراق بولسا مەن ئويلىشىپ باقاي

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-7 12:40:51

ئوخخو ... قانچىلىككە تاۋىڭىز باركىن؟

مەنىۋى مۇكاپاتنى باچكا ئويلاپ چىقسۇن ، ماددى مۇكاپاتنى مەن تەمىنلەي  ، بىر تېمىڭىزغا 10 سوم بولاما؟

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2010-10-7 12:43:15

مەنمۇ قىلالايمەنمۇ نىمە ئەمسە. يىلدا 3650 يۈەن تاپىدىغان ياخشى سودىكەنغۇ بۇ .

armanjan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-7 12:55:42

بىلىمنى ئىشلىپ پۇل تاپىدىغانىڭ ياخشى پۇرسىتى ئىكەن بۇ ....ئوقۇمىغانغا      تۇييييييييييييييە تازا

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2010-10-7 13:05:26

مەن سىناپ باقاي

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2010-10-7 13:18:09

مەنمۇغۇ كۈندە تورغا 25 سائەت چىقىمەن. لېكىن تەرجىمە قىلىدىغانغا سەۋىيەم يېتىشەرمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن.

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-7 13:57:07

مەنمۇ بار باشلىق بولىدىغان ئىش بولسا .

islamhuja يوللانغان ۋاقتى 2010-10-7 13:57:45

مانا مەن بار. خەنزۇ تىلى سەۋىيەم يامان ئەمەس. كۈندە تورنى ئىككى ئۈچ سائەت ماتىلاپ قويىمەن. ئۆزەممۇ خەنزۇ تىلى سەۋىيەمنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى بۇنى تەرجىمە قىلىپ قويىدىغان ئادىتىم بار.

Watandax يوللانغان ۋاقتى 2010-10-7 14:13:21

بىر ئايغىچە ھەممەيلەن داۋاملاشتۇرۇپ باقسۇن، شۇنىڭ ئىچىدىن تەبىئىيلا تاللىنىپ چىقىدۇ. كىم بالدۇر يوللىغان بولسا باشقىلار شۇ تىمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللىسۇن. قانداق؟

86 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-7 14:34:28

تارىختىكى ئىشلاردىن كىشىلەرنى خەۋەر تاپقۇزۇش،  ياخشى ئىشلار بولسا خاتىرلەپ ئىلھام ئېلىش، يامان ئىشلار بولسا ئىبرەت ئېلىش،  بىلىم دائىرىمىزنى كېڭەيتىش دىگەندەك تەربىيە ئەھمىيەتى تەرەپلىرىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلگەن ئاساستا بولسا ياخشى. بەزى بىر مۇھىم ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىمۇ كىرگۈزۈلسە تېخى ياخشى. تەپسىلاتى بولغاندا كىشىلەر قايسى جەھەتتىن ئىبرەت ئالىدۇ، قايسى جەھەتتىن ئىلھام ئالىدۇ، دىگەن مەركىزىي قاراش ئەكىس ئەتتۈرۈلسە ياخشى. شۇنداق بولغاندا يەنە مۇنازىرىلەرمۇ ئارىلىشىدۇ.

ئىزدىنىش مۇنبىرى كۆپچىلىك ئۈچۈن ھازىرلانغان ئىكەن.  كىملا بولساڭلا بۈگۈنلا ئىش باشلىساڭلار بولىدۇ.  ئەمىلىيەت جەريانىدا كىمنىڭ قانچىلىك ئىشلەيدىغانلىقىنى كۆپچىلىك كۆرۈپ يېتىمىز. شۇ جەرياندا بىر ئىككى كىشىنى مۇنبەر باشلىقى شۇ سەھىپىگە مەخسۇس مەسئۇل قىلىپ قويسا ياخشى بولىدۇ.  قالغان تورداشلارمۇ بۇ سەھىپىگە دىققەت قىلىپ قويسا بولىدۇ.  بۇنىڭغا مەخسۇس مۇراسىم ئۆتكىزەمدۇقيا؟

يىل توشقاندا قارىساق بۇ سەھىپە بىربىلىم خەزىنىسىگە ئالانغۇسى.

بىر يىل 365، ياكى 366 كۈن بولىدۇ. 10-ئاينىڭ 7-كۈنى يۈز بەرگەن ئىشلاردىن باشقىلارنى خەۋەر تاپقۇزۇش ، ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى بىلدۈرۈشنى خالىغانلار، شۇ چىسلادىكى شۇ تىمىغا ئىنكاس قاتارىدا تولۇقلاپ يوللىسىلا بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا چىسلانى تاپساقلا شۇ كۈنگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى تاپالايمىز.

ھە باشلاڭلار ئەمىسە.

يۇقۇرىكى مېنىڭ شەخسىي تەكلىۋىم.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2010-10-7 14:46:58

بۇنىڭغا ئوقوغۇچى ، ۋاقىتلىق خىزمەت قىلۋاتقانلار ، ۋاقىتلىق بىر يەردە تۇرۋاتقانلار ... بولسا بولمايدۇ ، چۈنكى ئۇلارنىڭ تورغا چىقىش شارائىتى ھەر ۋاقىت تەسىرىگە ئۇچىرىشى مۇمكىن . شۇڭا مۇنتىزىم تورغا چىقىش شارائىتىنى ھازىرلىغان ، كۈندە توردا بولالايدىغان ۋە بۇ خىزمەتنى قىلىشنى خالايدىغانلاردىن تاللاش كېرەك . ئۇدۇل كەلگەن بىرىنى تۆۋگە چىقىرىپ قويغان بىلەن يېرىم يولدا تاشلىنىپ قالىدىغان ئىش چىقىدۇ !

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2010-10-7 15:39:49

مېنىڭ قوڭام بوش ، خەت ئۇرۇش بىلەن خوشام يوق

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2010-10-7 15:41:21

قوڭ ھەممە ئادەمنىڭ بوش . لىكىن ئولتۇرالايدىغانلار بۇلشى كىرەك

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2010-10-7 15:47:57

ziltar:

مېنىڭ قوڭام بوش ، خەت ئۇرۇش بىلەن خوشام يوق

خەقنىڭكىنى قۇرلۇشتا ئىشلەمدىكىن دېگەنما ؟
بەت: [1] 2 3
: ۋەزىپە بار ، كىم ئۈستىگە ئالىدۇ ؟