[قۇشقاچ]تۈركچە ئۆگىنەمسىز
قۇشقاچ مۇئەللىمنى تۈرك تىلى دەرىسى ئۈتۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز.
قېنى ھېلىقى سىنىپ ھەيئەتلىرى
دەرسنى تاپماق ئاسان بولۇش ئۈچۈن،قۇشقاچ مۇئەللىم ھەر بىر دەرىسنى يىڭىلىغاندا مۇشۇ يەرگە ئۇلىنىش قىلىپ قىلىپ يىڭىلاپ تۇرىمەن
تۈرۈك تىلى بىرىنچى دەرس:مۇشۇ بەتتە،2-قەۋەت
ئۇلانما:http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=37915
ئىككىنچى دەرىسنى ساقلاپ قالدۇق
قۇشقاچ مۇئەللىم ئاچچىقلانمىسىڭزا
مەنمۇ،شۇنداق تەستە يوللىدىم بۇ تېمىنى
ئۇسۇل:ئاۋال قۇرۇق تېمىنى(تېما ئىسىمى بار،مەزمۇنى ............ ،،،،،،،،،،، ياكى) بىر يوللاپ تەستىقلانغاندا تەھرىرلىسە بولىدىكەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ساۋاقداشلار،
بۇگۈنكى تۇنجى دەرسىمىزدە تۈركچە ئېلىپبە بىلەن سانلارنى ئۆگىنىمىز.
تاپشۇرۇق: يۇقىرىدىكى ئېلىپبە جەدۋىلىنى يادلىغاچ، ئەتىگىچە 10 تۈركچە سۆز يېزىپ كېلىڭلار.
2. سانلار Sayılar
بىر bir، ئىككى iki ، ئۈچ üç، تۆت dört ، بەش beş ، ئالتە altı ، يەتتە yedi ، سەككىز sekiz ، توققۇز dokuz ، ئون on ،
ئون بىر on bir ، يىگىرمە yirmi ، ئوتتۇز otuz ، قىرىق kırk ، ئەللىك elli ، ئاتمىش altmış ، يەتمىش yetmiş ، سەكسەن seksen ، توقسان doksan ، يۈز، yüz، مىڭ bin
تاپشۇرۇق: يۇقىرىدىكى سانلارنى ھەر بىرىنى ئەللىك قېتىمدىن ئوقۇپ، تۈركچە توغرا تەلەپپۇزى بىلەن يادلىغاندىن كېيىن، دەپتىرىڭلارغا كۆچۈرۈپ يېزىڭلار، ھەر بىرىنى يىگىرمە قېتىمدىن يېزىپ چىقىڭلار. يادقا توغرا يازالىغۇچە مەشىق قىلساڭلار بولدى. ئاندىن تۆۋەندىكى سانلارنى تۈركچە يېزىپ كېلىڭلار: 45، 53، 16، 27، 79، 83، 95، 101، 451، 1165
بۈگۈنكى دەرس مۇشۇنچىلىك. چۈشەنمىگەن يەر بولسا سىنىپ باشلىقى ziyali, ئۆگىنىش باشلىقى sehra, تازىلىق ھەيئىتى بىرزات ھېكىمدىن تارتىنماي سوراڭلار. ئىزدىنىشىستاندىكى DJ_MardaN نىڭ تۈركچىسى مېنىڭكىدىن ياخشى، ھەر قانداق سۇئالىڭلارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بېرەلەيدۇ. ئەتىكى دەرسىمىزدە كۆرۈشەيلى. خەير-خوش.
Hepinize iyi dersler, başarılar diliyorum. yarın görüşmek üzere, Allah'a emanet olun, güle güle
قۇشقاچ مۇئەللىمنىمۇ تارتىپ چىقايلى
بىرىنچى دەرىسنى چاپلاپ قويدۇم.قالغىنى سىزگە قالدى.
ئىنتىزامسىزلىق قىلغانلارنى بۇرنىنى تامغا نىقتاپ تۇرغۇزۇپ قويىمەن
تاپشۇرۇقنىڭ جاۋابى: kırk beş =45 elli üç=53 on altı -16
yirmi yedi -27 yetmiş dokuz -79
seksen üç-83 doksan beş -95
üz bir -101 dort üz elli bir-451
bir bin bir yüz altmış beş-1165
قۇشقاچ ھەدەشتىن باشقا ئوقۇتقۇچىلار ئەگەر سىلەرمۇ تۈرۈكچە ئۆگەتمەكچى بولساڭلار ئايرىم تېما قىلساڭلار، بىر تېمىدا نەچچە مالىم ئۈتسە بەك قالايماقان بوپ كېتىدىكەن.
زىيالى ياپۇن تىلىدىن دەرس باشلىمامدۇق ياخشى تىما. مەنمۇ ئاخشامدا ئىشلەي ئاۋۇ تاپشۇرۇقنى... قىنى خانىم كۆرۈمەيدا ماۋۇ تىمىدا .... قۇشقاچ دىسە ھوقۇش يۈرۈيدۇ ئەمدى
Bidar-Qutlan:
تۈركچىدە \"Q(ق)\" بولمىسا، \"ق\" كىلىدىغان سۆزلەرنى نېمە بىلەن ئىپادىلەيدىكىنە؟ مەسىلەن: ئاپتۇۋۇزدا ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن بەكلا سىقىلىپ كەتتىم دېگەن سۆزنى تۈرۈكچىدە قانداق يازىدىغاندۇ؟
جان بىداركا، بۇ مىسالنى ئالمىسىڭىزمۇ «قادىر ياخشى كادىر» دېگەننى ئالسىڭىزمۇ بولاتتىغۇ؟ «ق» تاۋۇشىنى «ك» قىلىپ ئىپادىلەشتىن كېلىپ چىققان ئۇ سەت گەپ ئۇيغۇرچىدا ئېشەكتەك مەنە بەرگەن بىلەن تۈركچىدە ئېشەكتەك مەنە بېرمەسلىكى، ئاشۇ ئېشەكتەك مەنە بېرىدىغان سۆزنى باشقىچە ئىپادىلىشى مۇمكىن.
ئۆمەر ھەييامنىڭ ئەسلى ئىسمىنىڭ قانداقلىقىنى، ئىپادىلەشكە ئەپسىزلىكى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرچىغا «ئۆمەر ھەييام» بولۇپ كىرگەنلىكىنى بىلىسىزغۇ دەيمەن؟
ئۆھۈ ! تۈركچىدە \"Q(ق)\" بولمىسا، \"ق\" كىلىدىغان سۆزلەرنى نېمە بىلەن ئىپادىلەيدىكىنە؟ مەسىلەن: ئاپتۇۋۇزدا ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن بەكلا سىقىلىپ كەتتىم دېگەن سۆزنى تۈرۈكچىدە قانداق يازىدىغاندۇ؟
Bidar-Qutlan:
تۈركچىدە \"Q(ق)\" بولمىسا، \"ق\" كىلىدىغان سۆزلەرنى نېمە بىلەن ئىپادىلەيدىكىنە؟ مەسىلەن: ئاپتۇۋۇزدا ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن بەكلا سىقىلىپ كەتتىم دېگەن سۆزنى تۈرۈكچىدە قانداق يازىدىغاندۇ؟
ئېسىمدە قېلىشىچە سىزنىڭ بۇ ئىنكاسىڭىز يەنە بىر تىمىىدىمۇ بارغۇ دەيمەن ؟ جاۋاپمۇ بېرىلىپ بولغاندەك قىلغان .
قېنى ما قۇشقاچ مۇئەللىم؟
جان بىداركا، بۇ مىسالنى ئالمىسىڭىزمۇ «قادىر ياخشى كادىر» دېگەننى ئالسىڭىزمۇ بولاتتىغۇ؟ «ق» تاۋۇشىنى «ك» قىلىپ ئىپادىلەشتىن كېلىپ چىققان ئۇ سەت گەپ ئۇيغۇرچىدا ئېشەكتەك مەنە بەرگەن بىلەن تۈركچىدە ئېشەكتەك مەنە بېرمەسلىكى، ئاشۇ ئېشەكتەك مەنە بېرىدىغان سۆزنى باشقىچە ئىپادىلىشى مۇمكىن.
==========================================
كەچۈرۈڭ، بىلىشىمچە تۈرۈكچىدىكى بىز قوللىنىۋاتقان \"كادىر\"غا ئوخشاش نۇرغۇن ئەرەپچە سۆزلەر سىقىپ چىقىرىۋېتىلگەن دەپ ئاڭلىغانتىم، شۇڭا قادىرنى كادىر دەپ يازسىمۇ ئۇ بىزدىكى كادىر دېگەن سۆزگە توقۇنۇشۇپ قالمايدۇ.
ئەپسۇس، ئاۋۇ سۆزنىڭ كېيىنكى نەتىجىسىدە چىقىدىغان سەت سۆزگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلماي يوللاپ سالغىنىمدىن پۇشايمەن قىلىۋاتىمەن.

