Kulke يوللانغان ۋاقتى 2010-10-6 22:14:22

تورخانا سېتىلىدۇ!

ئاقسۇ ۋىلايتى ئاۋات ناھىيىسى غوروچۆل بازىرىدىكى 40 كومپيۇتېر، 2 مۇلازىمىتېر ، 3 ئاساسىي ئاپپارات(پۇل ئېلىش ماشىنىسى، ئويۇن مۇلازىمىتېرى ۋە كامېرا بار ماشىنا...) ى بار تور خانا سېتىلىدۇ. ئېلىشنى خالايدىغانلار مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرساڭلار ياكى تۆۋەندىكى ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرىغا تېلېفون قىلساڭلارمۇ بولىدۇ.

15292524232

13201179646

ھەر ئىككىلىسى دوستۇمنىڭ تېلېفون نومۇرى. بۇ تورخانىنىڭ دوستۇم بىر يىل بۇرۇن ئاچقان ئۆيىدە ئازراق ئىش چىقىپ قېلىپ ساتماقچى بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا تورخانا ئېچىشنى ئويلاۋاتقان ۋە ئاچماقچى بولغانلار ئالاقىلىشىپ باقساڭلار بولىدۇ.

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2010-10-7 10:21:34

ئاقسۇ شەھەردە بولغان بولسا ......

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2010-10-7 21:19:24

ئاقسۇ شەھىرىدىمۇ بار ئىكەن.
قىزىلكۆۋرۈكتىكى يۈكسەل تورخانىسىنى 40 جىزىسى بىلەن قۇشۇپ 180000 شا ساتارمىش

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2010-10-21 10:42:20

يۈكسەلنى 180 مىڭ سومغا ساتامدىكەن ؟

10 يىلدىن كىيىنكى باھامۇ قانداق ؟

تورخانىدىكى ھەربىر كومپىيۇتېرنى ئۈستەل ، ئورۇندۇق كومپىيۇتېر سىملىرى بىلەن ھىساپلاپ كەلگەندىمۇ 400 سومغا ئاران يارايدۇ .

80 ئەتراپىدا كومپىيۇتېرى بار ، مىنىڭچە بولغاندا قويغان باھاسىنىڭ يېرىمىنى دىسە ئويلىشىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ .

ئەسلى يۈكسەلنىڭ سودىسى ياخشى ئىدى ، شىرىك ئاشقان ئىش ياخشى ئەمەس دىگەندەك ، نەچچە شىرىك ، باشقۇرغۇچى ۋە ئىشلەيدىغانلارنىڭمۇ تايىنى يوق ، يەنە كىلىپ غەللە بىر ئەمەس نەچچە بولغاچ تاقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى .

سودىسى ، ئورنى جەھەتتە شەھەر بۇيۇنچە ياخشى يەردىتى ، يەنە كىلىپ پۈتۈن ئاقسۇ شەھەر بۇيۇنچە بىردىنبىر ئۇيغۇرنىڭ تورخانىسى ئىدى .

alip يوللانغان ۋاقتى 2010-10-21 11:39:55

qaynam:

يۈكسەلنى 180 مىڭ سومغا ساتامدىكەن ؟

10 يىلدىن كىيىنكى باھامۇ قانداق ؟

ئۇنداقتا مۇۋاپىق باھا قويۇپتىغۇ. 180 مىڭنىڭ يېرىمىغا سىز دېگەندەك كومپىيۇتېر ۋە باشقا نەرسىلەر كەلسە، قالغان يېرىمىغا رەسمىيىتى ئاران كېلىدۇ يا كەلمەيدۇ.

10 تۈمەن پۇلنى كۆتۈرۈپ تورخانا رەسمىيىتى بىجىرەتتىم دەپ مەدەنىيەت ئىدارسى بىلەن ج خ ئىدارىسىگە بېرىپ بېقىڭە نېمە دەيدىكىن؟

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2010-10-21 13:50:35

alipenwer  ئەپەندىم :

8 تۈمەننى ئاقسۇغا ئەكىلىڭ ، 5 تۈمەنگە سىز دىگەن كىنىشكىنى مەن ئېلىپ 3 تۈمەننى مەن خەجلەي .

مىنىڭ قۇلۇمدىمۇ بىر كىنىشكە بار ، ئاقسۇنىڭ مەلۇم يېزىسىنىڭ ، مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى 2 يىللىق مەدەنىيەت ئىدارىسىغا تۈلەشكە تىگىشلىك پۇل ۋە رەسمىيەتلەرنى تۆلىمىگەچ كىنىشكا پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى ، بولمىغان بولسا بىزمۇ .....

مەدەنىيەت ئىدارسىدىن كىنىشكىنىڭ چىقمىقى ھەقىقەتەن تەس ، كىنىشكىنىڭ چىقىش پۇرىقى ئانچە مۇن بولغاندىن كىيىن ، 119 نى ئىزدەپ ئاچماقچى بولغان جايىڭىزنىڭ تەستىقىنى ۋە باشقا رەسمىيەتلىرىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن 110 غىڭمۇ قىلمايدۇ . قالغىنىغا رەئىس ماۋزىدۇڭنىڭ سۈرىتى بار قەغەز بىتەرەپ قىلىدۇ .

alip يوللانغان ۋاقتى 2010-10-21 14:16:03

پو دېگەن ئېتىپ قويىدىكەنمىزغۇ، باج ئالمىغاندىكىن.

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2010-10-21 16:51:32

ھاھاھا.....

پوئېتىش بىزلەرگە ماس كەلمەيدۇ ، ھەممىىنى  ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جايغا بېقىپ سۆزلىمەڭ توردىشىم .

ئاقسۇدىكى كاۋىنىڭ باھاسى بىلەن يۇرتىڭىزدىكى كاۋىنىڭ باھاسىنىڭ ئوخشاش بۇلىشى مۇمكىن ئەمەس ، يەنە كىلىپ ئاقسۇدىكى ئەرزان باھالىق تەملىك كاۋىنى ئىزدەپ تاپالىشىڭىز ، سىزنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىڭىزدىكى ئالاقىزگە باغلىق .

alip يوللانغان ۋاقتى 2010-10-21 17:02:07

مەن مارسىتا ئەمەس. سىز دەۋاتقان ئاقسۇدا

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2010-10-21 17:27:08

سىزنى قوياشتىمىكىن دىمىدىم ، مارىسقا چىقىشىڭىزغا خېلى بار ، بەلكىم بېرىپ بولالماسلىقىڭىزمۇ مۇمكىن .

يۈكسەل قويغان باھانىڭ يېرىمىنى خەققە خەجلىسىڭىز يېڭى كىنىشكىنىڭ پۈتىشىدە گەپ يوق ، لىكىن  كومپيۇتېرىنى يېڭىدىن ئالمىسىڭىز ، ئاساسەن كېرەكتىن چىقتى ، كىم بىلىدۇ ، ئىچكى دىتاللىرىنى چاچقان غاجىلاپ نىمىلىرى كەم تېخى ئاشۇ بىچارە 40 نەپەر كومپىيۇتېرنىڭ .....

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2010-10-21 19:49:48

ئالىپ ئەنۋەر .........................  كچىك بالىكەن بۇ  قاينام دېگەن ،   بۇنىڭ بىلەن تەڭ بولمىغان تۈزۈككەن،
ئاۋۇ يۈكسەلنى ھەممە نەرسىسىنى ئېلىپ كېتىپ رەسمىيەنىڭ ئۆزىنى 10 تۈمەنگە بەرسە قىممەت ئەمەس ئىدى ئېلىپ قوياتتىم مەن

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2010-10-21 20:45:21

ھەممىڭلار كىچىك بالىكەنسىلەر مۇشۇ تېمىدىكى . بىر -بىرىڭلارغا قىلغان تەنىلىرىڭلاردىن ئۆرگىلەي ...

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2010-10-21 21:42:46

جانابى بۇزرۇكۋار ، بىلىم ئىختىدار جەھەتتە كامالەتكە يىتىپ تېشىپ كەتكەن ، ھۇقۇش ئەپەندى كىچىكلىكىم راس ، دىمىسىمۇ 24 كە كىردىم .

لىكىن مەنمۇ 2 يىل بۇرۇن مۇشۇ كەسىپكە قىزىققان ، ھەم يولىنى مېڭىپ ئىزدەنگەن ، مەن كۆرۈشمىگەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىدىكى تۇرغۇنكام ، شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىدىكى ھېلىق ئايال  باشلىق تەتەي ( ئىسمى نىمىكىن ) ، ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى 119 باشقۇرۇش تارمىقىدى مەخمۇت ( ھازىر بارمۇ يوق بىلەيمەن ) .

پەقەت ۋە پەقەت مۇشۇ نىجىس كىنىشكىنى دەپلا ، ئاخىرى شىنجاڭدا تور توختاپ كىتىش سەۋەپلىك بۇنىڭدىن يالتايغانمەن

ياتقاندىن چىقماي تۇرۇپ 10 تۈمەنگە كىنىشكە ئالاتتىم دىسىڭىز ، بۇنىسى قىيىن توختاپ قالارمىكىن .

ئانچىكىن ئىزدىنىڭ ، ئاڭلاپ، ئارلىشىپ كۆرۈڭ ................

ئەمدى مۇشۇ تىما ئاستىغا شالدىمىڭىزنى چېچىرتىپ تۇرىۋىرىڭ ، ئاكا ......

ئەمدى بۇ ھەقتە ، سىزلەرگە دەيدىغنىم يوق ، تامام.

بەت: [1]
: تورخانا سېتىلىدۇ!