new_world يوللانغان ۋاقتى 2010-10-5 15:23:10

Win7 دىكى ئەپچىل چارىلەر

===========================
Win7 دىكى ئەپچىل چارىلەر

1. Win+R نى بېسىپ چىققاندىن كېيىنكى ئىجرا قىلىش رامكىسىغا gpedit.msc نى يېزىم مۇقىملايمىز. ۋە چىققان كۆزنەكتىن تۆۋەندىكى يول بويىچە ئىچكىرىلەپ كىرىمىز. 计算机配置\Windows设置\安全设置\本地策略\安全选项 مۇشۇ تۈرنىڭ ئاستىغا قارىسىڭىز، 账户:重命名系统管理员账户 دەپ بىر ئەزا كۆرۈنىدۇ. بۇنىڭ نورمال قىممىتى Administrator، بۇنى ئۆز ئىسمىڭىزغا ئۆزگەرتىپ كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىڭ (注销 قىلسىڭىز بولىدۇ). سىستېما باشقۇرغۇچىسىنىڭ ئىسمى دەرھال سىزنىڭ نامىڭىزغا ئۆزگىرىدۇ. دىققەت، سىزنىڭ نامىڭىزدا يېڭى ئىشلەتكۈچى قۇرمايدۇ، بەلكى باشقۇرغۇچى نامىنى سىزنىڭ ئىسمىڭىزغا ئۆزگەرتىپ بېرىدۇ. بۇ پروگرامما Windowsنىڭ ئائىلە نۇسخىسىدا (HomeBasic) تەمىنلەنمىگەن. بىراق سىز تولۇق نۇسخىسىدىن كۆچۈرۈپ كەلسىڭىز ئىشلىتەلىشىڭىز مۇمكىن.
2. 我的电脑 كۆزنىكىدە تۇرۇپ (خالىغان ھۆججەت قىسقۇچ كۆزنىكى بولسا بولۇۋېرىدۇ) قورال ئىستونىدىن 组织 نى بېسىڭ، ھەم چىققان تىزىملىكتىن 文件夹和搜索选项نى تاللاڭ (Winxp دا "قورال" دىن چىقىراتتۇق ھە). 查看نىڭ ئىچىدىكى 高级设置 رامكىسىدىن 使用复选框以选择项 دېگەن تۈرنىڭ ئالدىغا بەلگە قويۇپ جەزملەشتۈرۈڭ. ئەمدى سىز بىر كۆزنەكتە بىر قانچە ھۆججەت (ئوبيېكت) نى تاللىماقچى بولسىڭىز، Ctrl كونۇپكىسىنى باسماستىن، تاللىماقچى بولغان ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچ ئالدىدىكى رامكىغا توغرا بەلگىسى ئۇرۇپ قويسىڭىز، بىرلا ۋاقىتتا ئۈزلۈكسىز بولمىغان نۇرغۇن ھۆججەتلەرنى تاللىيالايسىز.
3. Windwos7 ئىقتىدارى كۈچلۈك ۋە كۆرۈنۈش ئۇسلۇبى چىرايلىق بولۇش بىلەن بارغانسېرى كۆپ ئىشلەتكۈچىنىڭ ياقتۇرۇشىغا مۇيەسسەر بولۇۋاتىدۇ. لېكىن مۇشۇ كۈچلۈك ئىقتىدار ۋە چىرايلىق كۆرسىتىش ئۈنۈملىرى نۇرغۇن سىستېما بايلىقىنى ئىگىلەپ، سىسىتېمىنىڭ قاتتىق دېتالغا بولغان تەلىپىنى ئاشۇرۇۋەتكەن. بىر ئاز تۆۋەن سەپلىمىدىكى كومپيۇتېردا بۇ سىستېمىنى ئىشلەتكۈچىلەر مۇشۇ ئالاھىدە كۆرسىتىش ئۈنۈملىرىنى تاقىۋېتىش ياكى بىر قىسىمىنى "قۇربان بېرىش" بەدىلىگە كومپيۇتېرنىڭ سۈرئىتىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. تۆۋەندە سىناقتىن ئۆتكەن ئىككى خىل ئۇسۇلنى تونۇشتۇرىمەن:
1) 系统属性 نى ئېچىپ، سول تەرەپ ۋەزىپە رامكىسىنىڭ ئەڭ ئاستىغا قارىسىڭىز، 性能信息和工具 دېگەن قۇر كۆرۈنىدۇ، بۇنى بېسىڭ. بۇ كۆزنەك ئىچىدە سول تەرەپ ۋەزىپە رامكىسىدىن 调整视觉效果 دېگەن تۈرنى بېسىڭ. بۇ يەردىن سىستېما تەمىنلىگەن ھەر خىل كۆرسىتىش ئۈنۈملىرىنى تاللاشقا ياكى تاقىۋېتىشكە بولىدۇ. ئەگەر سىستېمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، 调整为最佳性能 نى تاللاپ جەزملەشتۈرۈڭ.
2) ھازىر بارماقدېسكا ئىشلىتىش ئاساسەن ئومۇملاشتى. بارماقدېسكىنى ئىچكى ساقلىغۇچ قىلىپ ئىشلىتىش ھەققىدە ئاڭلىغانمىدىڭىز؟ windows7 دە ھېچقانداق قوشۇمچە يۇمشاق دېتال ئىشلەتمەيلا بارماقدېسكىنى مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچ قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ! ئەمىسە بارماقدېسكىنى كومپيۇتېرغا سېلىڭ ھەم بارماقدېسكىنىڭ خاسلىق كۆزنىكىنى ئېچىڭ. ئادەتتىكى دېسكا رايونلىرىدا كۆرۈنمەيدىغان ReadyBoost دېگەن تاللاش كارتىسى كۆرۈندىمۇ؟ ئۇنىڭ ئىچىدىن 使用这个设备 دېگەن يەككە تاللاشنى كۈچكە قىلىسىز، سىيرىلما تاياقچىنى سۈرۈپ، مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ سىغىمىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. ئاخىرىدا جەزملەشتۈرسىڭىز بولىدۇ. قاتتىق دېسكىنى مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچ قىلغاندىكىگە قارىغاندا سىستېما سۈرئىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك تېز بولىدىغانلىقىنى بايقايسىز!


قېنى، سىزنىڭمۇ بايقىغانلىرىڭىز بولسا ئوتتۇرىغا تۆكمەمسىز؟

Teddy يوللانغان ۋاقتى 2010-10-5 15:51:15

1-تۈر Windows 7 نى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن تۇنجى قىلىدىغان ھەم چوقۇم قىلىدىغان زۆرۈر مەشغۇلاتنىڭ بىرسى.

Uyghurhol يوللانغان ۋاقتى 2010-10-5 16:17:30

مۇشۇ سېستىمىنى ئىشىلىتىپ باقاي دەيمەن چۈشۈرۈپ قويغىلىمۇ خېلى بولدى لىكىن قاچىلاشقا ھۇرۇنلۇق قىلۋاتىمەن .

oqmeas يوللانغان ۋاقتى 2010-10-5 16:56:54

كومپىيوتىرىڭىزنىڭ سەپلىمىسى تۆۋەنرەك ياكى كونا نۇسخىدىكى بولسا يەنىلا xpياخشى (كۇچانىڭ موما سۇپۇنىدەك)

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2010-10-5 18:12:40

ئەڭ ياخشىسى Administrator ھېسابىنى تاقىۋەتكەن ئەۋزەل، لازىم بولغاندا ئىجرا قىلماقچى بولغان ھۆججەتنى ئوڭ تەرەپنى چېكىپ ئالى ھوقۇق بىلەن ئىجرا قىلسا بولىدۇ. بىۋاستە Administrator ھېسابىنى ئىشلىتىش خەتەرلىك .

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2010-10-5 23:15:21

Administrator نى قانداق تاقىۋېتىسىز ئاۋار، ئۇ دىگەن Administrator تۇرسا..

Administrator نىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش مۇلازىمېتىر سىستېمىسىدا (مەسىلەن win2008 دىگەندەك) بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ بىرى قىلىپ قوللىنىلىدۇ.

Julaliq يوللانغان ۋاقتى 2010-10-6 06:39:35

بۇ سېستىمىنى نەچچە قاچىلاپ يەنە ئۆچۈرۋەتتىم. كۆرۈنۈشى بىر خىللا. كونا سېستىمىلارغا كۆنۈپ قالدۇقمۇ تاڭ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2010-10-6 08:26:59

بىر ئوبدان ئوقۇتقۇچىلىرىڭىز تۇرسا بۇ يەردە، نىمىشقا ئۇيغۇر يېزىقى ئىچىگە قوشۇلۇپ كەلگەن يېڭى سىستېمىنى تاللىمايسىز..

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2010-10-6 09:29:40

شۇ ئىسىمنىڭ ئوڭ تەرەپنى چېكىپ تۇرۇپ تاقايسىز، مېنىڭكىدە Admin, Guest تاقاقلىق .

ئەمما يېڭى بىر ھېساب ئېلىپ ( ئادمىن ھوقۇقىدىن كلونلىسا بولىدۇ، ياكى ئۇنىڭدىن سەل تۆۋەن ھوقۇقتىن كلونلىسا بولىدۇ ).

مايكروسوفىتتىكىلار بىر قانچە يىلدىن بىرى Least previlidge دېگەن ئۇقۇمنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ، يەنى بۇرۇنقىدەك بىۋاستە ئادمىن ئىشلەتكەي، ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى ھوقۇقلۇق ھېساب ئىشلىتىش، ئالى ھوقۇقنى پەقەت لازىم بولغاندا تەلەپ قىلىش .

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2010-10-6 09:54:46

Gif رەسىملەرنى ئاچقاندا ھەركەت قىلماي جىملا تۇرۋېلىپ بارىدۇ.  ھەم ھەركەتلىك رەسىملەرنى ئاچقاندا   Internet Explorer ئېچىلىپ كىتىدىكەن، ئۆزىنىڭ رەسىم كۆرگۈچىسىدە نورمال كۆرگلى بولمامدا؟

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-6 09:56:28

مەن windows 7 نى قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتقىلى بىرەر ئايچە بولغان ئۈلۈشكۈن بىر سىستىمىنى نورمال ئىشلىمىدى دەپ xp قاچىلاپ بىر كۈنمۇ ئىشلىتەلمىدىم . يەنىلا windows 7 ياخشىكەن ..

لېكىن كومپىيوتىر ئىشلەتكەندىن تارتىپ ساختا نەشىردىكى windows نى ئىشلىتىپ كەپتىمەن بۇ قەرىزلەرنى بىلگايتىس قا قاچانمۇ بىرەلەرمەن دەپ ئەنسىرەپ قالدىم...

forever يوللانغان ۋاقتى 2010-10-6 10:48:19

پەيزى سېستىما جۇمۇ!!! مەن يېرىم يىلدەك بولدى بۇنى ئىشلىتىۋاتقىلى بىر مەزگىل ئىشلىتىپ كۆنسەڭلار ھەقەقەتەن ياخشىلىقىنى بايقايسىلەر.سۈرئىتى تىز مۇداپىئە ئىقتىدارىمۇ ياخشىكەن.

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2010-10-6 11:55:42

ھازىر كوميۇتېرىمدا ۋىستا بار. دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتىرىپلا قاچىلىسام بۇرۇن بار يۇمشاق دىتاللارنى بىر-بىرلەپ قايتا قاچىلامدىم ياكى 7 نى قاچىلىغاندىن كىيىن نورمال ئىشلەتكىلى بۇلامدۇ. بىر بىرلەپ قاچىلايدىغان ئىش بولسا n  كۈندە قاچىلاپ بۇلىمەن.

new_world يوللانغان ۋاقتى 2010-10-6 12:49:22

دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ قاچىلىسىڭىز بولىدۇ. لېكىن، قاتتىق دېتاللارنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنى چوقۇم قايتا قاچىلايسىز. ياخشى يېرى كۆپ قىسىم قاتتىق دېتاللارنى سىستېما ئاپتوماتىك تونۇيدۇ. مېنىڭ كومپيۇتېرىمدا بىر دانە sharp ar-2718 پرىنتېر قوزغىتىش پروگراممىسىنىلا تونۇمىدى. (ۋىستادىكى قوزغىتىش پروگراممىسى ئىشلىمىدى)، باشقا بارلىق دېتاللارنى (epson ماركىلىق سىكاننېردىن تارتىپ، سامسۇڭ پرىنتېر قاتارلىقلار) ئاپتوماتىك بىر تەرەپ قىلىۋەتتى. بەلكىم ۋىستادىكى قوزغىتىش پروگراممىسى ماسلىشىپ قالدىغۇ دەيمەن.
بەت: [1]
: Win7 دىكى ئەپچىل چارىلەر