mamuk يوللانغان ۋاقتى 2010-10-4 14:37:44

بالىلارنى ئوقۇشقا قانداق يېتەكلەش كېرەك؟

بىز ئەتراپىمىزدا كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇشقا بېرىلمەي، ئەكسىچە ئويۇنغا ئامراقلىقىدىن زارلانغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇ ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئورۇنسىز ئاغرىنىش. چۈنكى ئويۇنغا ئامراق بولۇش بالىلارنىڭ تۇغما تەبىئىتى. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئويۇن ئويناش جەريانىدا خىلمۇ–خىل روللارنى ئۆتەپ، بىر تەرەپتىن چوڭلارنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئىچكى سىقىلىشلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ روھى تەڭپۇڭلۇق ھالىتىنى ساقلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھاياتلىقتىكى مۇھەببەت، نەپرەت، خۇشاللىق، قايغۇ قاتارلىق ئەڭ ئەقەللىي تۇيغۇ-تەسىراتلارغا ئېرىشىدۇ. بۇنداق ھايات چۈشەنچىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز جۇغلىنىشى نەتىجىسىدە بالىلار ئاستا-ئاستا پىشىپ يېتىلىگەن چوڭلار قاتارىغا قوشۇلىدۇ. شۇڭا ئويۇن ئويناش بالىلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى بېيىتىدۇ ھەم ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش بېجىرىش، مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

ئەمدى بالىنى كىتاب ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇش، ئۆگىنىشكە يېتەكلەش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ يەنە بىزنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىنى چۈشىنىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز ئۇلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشىمىز، ئەمما يەنە ئۇلارنىڭ ئالاھىدە فىزىئولوگىيىلىك ۋە پسىخولوگىيىلىك باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز شەرت. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «بالىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش ئەھدىنامىسى» ۋە دۆلىتىمىزنىڭ «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى» بىردەك 18 ياشتىن تۆۋەن بولغانلارنى بالىلىق دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. ئەمما بالىلىقنىڭ ھەر قايسى ياش باسقۇچلىرىدىكى فىزىئولوگىيىلىك ۋە پسىخولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلەر پەرقلىق بولىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە بالىلارنىڭ ھەر خىل ئوقۇشلۇقلارغا بولغان قىزىقىشىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بالىلارنى كىتاب ئوقۇشقا يېتەكلەشتە، بالىلارنىڭ ھەر خىل ياش باسقۇچىدىكى خاراكتېرىدىكى ئىنچىكە پەرقلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. پسىخولوگلار ئادەتتە بالىلارنىڭ بۇ جەرياندىكى ئۆزگىرىشلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارنى بوۋاقلىق، گۆدەكلىك، بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك-ياشلىق مەزگىلىدىن ئىبارەت تۆت باسقۇچقا بۆلىدۇ.

بوۋاقلىق مەزگىلى ئادەتتە بالىلارنىڭ 0 ياشتىن 3 ياشقىچە بولغان ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالىلار ئاساسەن فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتە مۇستەقىل ھەرىكەتلىنىش شارائىتىنى ھازىرلىمىغان بولىدۇ. ھەمىشە چوڭلارنىڭ ھەرىكىتىگە ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. مەقسەت- مۇددىئالىرىنى خىلمۇ–خىل ھەرىكەت، ئاددىي سۆزلۈك ياكى يىغلاش–كۈلۈش قاتارلىق تەبىئىي خۇسۇسىيەتلەر ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالىلار دەسلەپكى قەدەمدە رەڭ ۋە شەكىللەرنى تونۇشقا باشلايدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلدىكى بالىلارنى ئاددىي شەكىل ۋە رەڭلەرنى تونۇتىدىغان رەسىملىك ئۇقۇم جەدۋەللىرى ۋە رەڭلىك، شەكىللىك ئويۇنچۇقلار بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرۇش كېرەك. ئالايلۇق؛ رەسىملىك ئېلىپبە جەدۋىلى، ئىنگلىز تىلى ھەرپ جەدۋىلى، خەنزۇچە خەت تونۇش جەدۋىلى، شەكىللەر جەدۋىلى، رەڭلەر جەدۋىلى، قىزىقارلىق ئۆي ھايۋانلىرى، سىرلىق ئاسمان جىسىملىرى ۋەھاكازالار.

گۆدەكلىك مەزگىلى بالىلارنىڭ 3 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان ۋاقتى بولۇپ، بالىلار دەسلەپكى قەدەمدە مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش ۋە سۆزلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلايدۇ. ئۆزىنىڭ مەقسەت–مۇددىئالىرىنى ئاساسەن راۋان قىلىپ باشقىلارغا بىلدۈرەلەيدۇ. ئوبرازلىق تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن بولىدۇ. بۇ مەزگىلدىكى بالىلار رەسىملىك ئوقۇشلۇقلارغا بەكرەك دىققەت قىلىدۇ، ئەمما دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋاقتى ئۇزۇن بولمايدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلدىكى بالىلارنىڭ كۆرۈشىگە رەسىملىك قىسسە، بالىلار ناخشىلىرى ۋە ھەر خىل جانلىقلار ھەققىدىكى قىسقا ھەجىملىك ھېكايىلەر ماس كېلىدۇ. ئالايلۇق؛ «ساھىبجامال ۋە ياۋايى مەخلۇق»، «بېلىق پەرىزات»، «ئەلى بابا ۋە قىرىق قاراقچى»، «بېلىقچى بوۋاي ۋە ئالتۇن بېلىق ھەققىدە چۆچەك»، «كۆرەڭ تۈلكە»، «قەلەي ئەسكەر»، «ئورمانلىقتىكى ئاجايىپ ئۇچرىشىش»، «ئۈجمە سايىسى»، «ۋاپادار ئوغۇل»، «ھېكمەتلىك ساندۇق»، «پادىشاھ بىلەن مالچى»، «ئوغۇزنامە»، «قۇتلۇق ۋە قارلىغاچ»، «سېنى ياخشى كۆرىمەن، سەن بەك ئالاھىدە»، «قارلىغاچ نېمىشقا قارا»، «ئېشەكنىڭ نېمىشقا مۈڭگۈزى يوق»،«ئانام ئايدەك، دادام كۈندەك»، «كىچىك بالا ئەمەسمەن» ۋەھاكازالار. ئۇندىن باشقا، ئاتا-ئانىلار بۇ مەزگىلدىكى ئانا-بالا بىرلىكتە ئوقۇش(亲子阅读) قا ئىنتايىن ئەھمىيەت بىلەن قارىشى، چوقۇم مۇۋاپىق ۋاقىت ئاجرىتىپ يۇقىرىقىدەك بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ماس بولغان ئەسەرلەردىن بالا بىلەن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنىشى كېرەك. بۇ ئاتا-ئانا ۋە بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپلا قالماستىن، بەلكى بالىنىڭ كىتاب ئوقۇشقا قىزىقىشىنى قوزغاشتىكى بەك مۇھىم ۋە ھالقىلىق ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. بالىنىڭ مەيلى ئىجتىمائىي پەندىكى ۋە ياكى تەبىئىي پەندىكى نەتىجىسىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇشقا بولغان قىزىقىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بۇ مەزگىلدە بالىلارغا كىتابنى تاللاپ ئېلىپ بېرىش بىلەنلا كۇپايە قىلماسلىقى كېرەك.

بالىلىق مەزگىلى بالىلارنىڭ 7 ياشتىن 11—12 ياشقىچە بولغان ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ باسقۇچتىكى بالىلارنىڭ مۇستەقىل پائالىيەت دائىرىسى كېڭىيىپ، ئەتراپىدا ئاتا-ئانىسىدىن باشقا، ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرى بولىدۇ. تۇرمۇشىدا ئۆگىنىش ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. دەسلەپكى قەدەمدىكى ئابىستىراكت تەپەككۇر شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. بۇ مەزگىلدىكى بالىلارنىڭ قىزىقىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭرى بولۇپ، تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارى ناھايىتى يۇقىرى، ھاياتلىققا تولۇپ– تاشقان مېھىر- مۇھەببەت، ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلدىكى بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا بالىلار چۆچەكلىرى، فانتازىيىلىك ھېكايىلەر، بالىلار قىسقا ھېكايىلىرى، بالىلار نەسر ۋە شېئىرلىرى بەكرەك ماس كېلىدۇ. ئالايلۇق؛ «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى»، «ئاندرسۇن چۆچەكلىرى»، «گرىم چۆچەكلىرى»، «مىڭ بىر كېچە»، «ياغاچ قۇلاق»، «ئۇزۇن پايپاق پىپى»، «كرورەنلىق بالىلار»، «يالغانچى توسۇق»، «چوغلۇق ۋە ئۇنىڭ ئويۇنچۇقلىرى»، «ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر»، «ئەلىسنىڭ ئاجايىپ-غارايىپ سەرگۈزەشتلىرى»، «ياغاچ قورچاقنىڭ سەرگۈزەشتلىرى»، « نىلىسنىڭ غاز ئۈستىدىكى ساياھىتى»، « خارى پوتېر ۋە سېھىرلىك تاش»، «سىرلىق سىگنال»، «يىلانلىق قورۇق»، «بالىلىقىم»، «سەھرادىن كەلگەن قىزچاق»، «چۆچەك ۋە مەسەللەر»، «ئاق يۆگەك»، «مەن سۇ ئىچكەن بۇلاقلار»، «ئۇ نېمە؟» ۋەھاكازالار. بۇ مەزگىلدە بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاچقا، ئۆگىنىش ۋە تاپشۇرۇقلىرى بەك كۆپ ۋە جىددىي بولمايدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بۇ ياش باسقۇچىدىكى بالىلارنى كۆپرەك دەرستىن سىرتقى ئوقۇشلۇقلارنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىلىمگە بولغان قىزغىنلىقى ۋە مول تەسەۋۋۇرلىرىنى بوغۇپ قويماسلىقى كېرەك. ئاتا- ئانىلار يەنە شۇنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەككى، بىر كىتابقا ھېرىسمەن بالا كەلگۈسىدە داڭلىق ئادەم بولالمىغان تەقدىردىمۇ ھەرگىز يامان ئادەم بولۇپ قالمايدۇ.

ئۆسمۈرلۈك-ياشلىق مەزگىلى بالىلارنىڭ 12 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەزگىلدە بالىلاردا روشەن فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلىدۇ، ئوغۇللارنىڭ بۇرۇتلىرى خەت تارتىپ، ئاۋازى توملىشىدۇ، قىزلارمۇ خىلمۇ-خىل ئاياللىق سۈپەتلەرنى ھازىرلاشقا باشلايدۇ. بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ پسىخىكىسىدىمۇ مەلۇم تۇراقسىزلىقلار مەۋجۇت بولىدۇ. بۇ مەزگىلدىكى بالىلارنىڭ بالىلىقنىڭ باشقا مەزگىلىدىن پەرقلىق يېرى، ئىككى جىنس پەرقىنى روشەن ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ. ئەتراپىدىكى تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرگە ئىنتىلىدۇ. ھاياتلىقنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھېكمەتلىرىنى بىلىشكە قىزىقىدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلدىكى بالىلارغا جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى يورۇتۇپ بېرەلەيدىغان بىر قەدەر چوڭ ھەجىمدىكى بالىلار پروزا ئەسەرلىرىنى، تارىخ-مەدەنىيەت توغرىسىدىكى ئاممىباب ئوقۇشلۇقلارنى تونۇشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئالايلۇق؛ «تام سويىرنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتلىرى»، «خاك بېيلىنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتلىرى»، «تۇمانلىق پايتەختتىكى يىتىم بالا»، «قارانچۇق»، «خاتىرىلەر»، «قىز ئوقۇغۇچىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى»، «ئاق پاراخوت»، «ئاجايىپ بالىلار»، «كىچىك شاھزادە»، «لەگلەك ئۇچۇرىۋاتقان ئادەم»، «جېن ئېير»، «دولان ياشلىرى»،«يەر شارىنى سەكسەن كۈندە ئايلىنىپ چىقىش»، «ماغدۇر كەتكەندە»،«دېڭىزئاستىدىكى يىگىرمە مىڭ چاقىرىملىق سەپەر»، «ئىزدىنىش»، «قۇتادغۇبىلىك»، «مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›»، «ئىدىقۇت ئوغلانلىرى»، «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»، «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت»، «ئۆزلۈك ۋە كىملىك»، «بىز ئىزدەۋاتقان مائارىپ»، «مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلۇقىمىز» ۋەھاكازالار.

بالىلار ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ئۈمىد ماياكى، جەمئىيەت ئۈچۈن كەلگۈسىنى ياراتقۇچىلار بولۇپلا قالماي، يەنە بىر مىللەتكە نىسبەتەنمۇ شۇ مىللەتنىڭ خىلمۇ–خىل مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ قالغۇچىلار ۋە يەنىمۇ كەلگۈسىگە ئۇزارتقۇچىلاردۇر. شۇڭلاشقا، ئالاھىدە تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان بىزلەر ئۈچۈن، بالىلاردا ياخشى ئوقۇش-ئۆگىنىش ئەنئەنىسىنى كىچىكىدىن يىلتىز تارتقۇزۇشنى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقىدىن باشقا، ئاتا-ئانىلارنىڭتوغرا، ئىلمىي ئوقۇشقا يېتەكلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، «قىلىق داۋاملاشسا، ھەرىكەتكە ئايلىنىدۇ. ھەرىكەت داۋاملاشسا، خاراكتېرنى شەكىللەندۈرىدۇ. خاراكتېر ئاقىۋەتتە تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ.» ئەمەسمۇ؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2010-10-4 15:53:57

سىڭىللىرىم بالا ۋاقتىدا بىر ھېكايىنى 20 قېتىمچە ئېيىتقۇزغانتى ماڭا، ئۈچ يىلچە ۋقىت ئىچىدە.. ئەلۋەتتە باشقا ھېكايىلىرىممۇ ئاز ئەمەستى، مەخسۇس ئۇخلىتىدىغان ھېكايىلىرىمغا تۇيماي ئۇخلاپ قالاتتى..

دوراش ئادىتىدىن قاتتىق پايدىلىنىش كېرەك..

بەت: [1]
: بالىلارنى ئوقۇشقا قانداق يېتەكلەش كېرەك؟