suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-10-4 12:47:32

تاتلىق تۈرۈم پىشۇرۇشتىن ياردەم

ئىزدىنىشتا خانىم قىزلار خېلى كۆپىيىپ قالدى، ئاران كەلگەن بايرامدا ئۇنى بۇنى قىلىپ باقاي دېگەن، بولسا مۇشۇ ئىككى نەرسىنى قىلىش توغرىسىدا ياردەم بەرگەن بولساڭلار

1. بال پرەنىك . بۇ يەردىكى بال پرەنىك ئارمان ئىخلاسلاردىكى بال پرەنىك ئەمەس. كىچىكمدە قارىمايدا تويلاردا بىر خىل بال پرەنىك سالىدىغان بولىدىغان، ئۇۋۇلۇپ تۇرىدۇ، ئارمان ئىخلاسنىڭكىدەك قېتىپ تۇرمايدۇ. ھەرقانچە سىناپمۇ پەقەت ئوخشىتالمىدىم، ئېتىشنى بىلىدىغانلار ئۇسۇلىنى ئېيتىپ بەرگەن بولساڭلار.

2. رىشالە. بۇنى قەشقەر تەرەپتە قىلىدىغۇ دەيمەن. تۇخۇم بىلەن شېكەردىن قىلىدۇ دەپ ئاڭلىغان، تۇخۇمنىڭ ئېقىنىمۇ سېرىقىنىمۇ، شېكەردىن قانچىلىك سالىمىز دېگەنلەرنى بىلەميدىكەنمەن. بىلىدىغانلار ياردەم قىلساڭلار. ئەر- يىگىت تورداشلاردىن بىلىدىغانلار بولسىمۇ مەيلى، خىجىل بولماي ئىنكاس يېزىۋېرىڭلار......

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-10-5 20:40:26

رىشالە ناھايىتى ئوبدان بولدى، شېكەرنى جىق يېمەيدىغانلار ئازراق سالسىمۇ بولىدىكەن، مەن بىردە ئىككى نىسبەت بويىچە سالدىم. ئەمدى بال پرەنىكنى دۇخوپكا ئېلىپ بولغاندىن كېيىن سالاي

hakki- يوللانغان ۋاقتى 2010-10-4 12:55:03

تۇخۇمنىڭ ئېقىنى سا لىسىز

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-10-4 12:56:09

يەنە نېمىلەرنى سالىمەن؟  قانچىدە قانچە نىسبەتتە؟  ئارقىدىن قانچىلىك ۋاقىت كۆپتۈرىمەن؟

hakki- يوللانغان ۋاقتى 2010-10-4 12:59:07

مىنىڭ بىلىدىغىنىم شۇنچىلىك كەچۈرۈڭ!!!!!!

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2010-10-4 13:01:51

ئەمدى ئۆگىنەي دېگەنما ؟

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-10-4 13:04:25

بولمامدا؟  ئۆگىنىشتە مەڭگۈ كېچىكمەيسىز  :)

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2010-10-4 13:05:19

سىز دېگەندەك ئۆلچىمىنى بىلمەيدىكەنمەن . كىتاپنى تېپىپ يېزىپ قوياي.

yusran يوللانغان ۋاقتى 2010-10-4 13:06:10

بال پىرەنىك يەنە مەن ئەللەي پىرەنىك دەپمۇ تۇرۇۋالاتتىم بەك ياخشى كۆرىمەن ئاپام بەك ئۇستىتى ،،

سۈزۈك، ئاپام قارىمايغا كەتكەن بۈگۈن كېلىدۇ كەلسە مەن دەپ بېرەي ھە

Typography يوللانغان ۋاقتى 2010-10-4 13:06:26

بال پىرەنىك پىشۇرۇش ئۈچۈن 150 گرام (ئىككى ئۈچ قۇشۇق) ماي،4 دانە تۇخۇم،500 گرام ھەسەل، سۇدا، يىتەرلىك ئۇن، يۈزىگە سۈرتۈش ئۈچۈن بىر-ئىككى تۇخۇمنىڭ سېرىقى ياكى يىتەرلىك شىكەر كىتىدۇ.
تامام!

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-10-4 13:09:24

سۇ مايمۇ قوي مايمۇ، سارمايمۇ؟ ئاۋال قايسىنى سالىمىز،ئاندىن قايسىنى سالىمىز، خېمىرنىڭ بوش چىڭلىقى قانداق بولىدۇ، قانچىلىك ئوتتا قانچىلىك ۋاقىت پىشۇرىمىز، مانا  مۇشۇلارنى تەپسىلىي قىلىپ دەربەرسەڭلار.....  يەنە كۆپتۈرىدىغان ئىشمۇ بار تېخى

Typography يوللانغان ۋاقتى 2010-10-4 13:20:40

سۇ مېيى قويىسىزغۇ دەيمەن......مەن كەچتە قايتا قاراپ باقاي ھە.....

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2010-10-4 14:17:02

رىشالە قىلىشتا تۇخۇم ئېقى بىلەن قۇم شىكەرنى خۇرۇچ قىلىمىز.يېڭى تۇخۇمدىن كىچىكرەك تۆشۈك ئېچىپ ئېقىنىلا چىقىرىۋالىمىز ئاندىن تۇخۇمنىڭ ئاز كۆپلىكىگە قاراپ 1:3 نىسبەتتە شېكەر تەييارلاپ قاچىغا تۇخۇم بىلەن شىكەرنى قۇيۇپ ئۇزاق قوچىساق تۇخۇم كۆپۈپ شىكەر ئېرىپ بۇلۇتتەك كۆپۈپ چىقىدۇ.تۇخۇم كۆپتۈرگۈچتە قوچىسا ياخشى بولمىسا بۇلۇتسىمان ھالەتكە ئەكەپ بولغىچە قول سەل زورۇقۇپ قالىدۇ.

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-4 14:40:37

پىلتكۈچ !

Gulber يوللانغان ۋاقتى 2010-10-4 14:55:36

قويماي سالىسىز سۈزۈك ...ئاۋال بىر پىيالە قويماينى ئۆلتۈرۈسىز تازا ئىلەشتۈرۈپ ، ئۇنى سۇيۇق ھالەتكە كەلتۈرگەندىن 4 تال تۇخۇمنى سېلىپ ئۇنىمۇ ئۆلتۈرۈسىز (بۇ يەردىكى ئۆلتۈرۈش دىگەن چېلىش ، چېلىپ سۇيۇق ھالەتكە كەلتۈرۈش ) ، ئاندىن بىر پىيالە ئۇن ، بىر ياقتىن تۆكۈپ بىر ياقتىن ئىلەشتۈرىسىز ، يېرىم قوشۇق سودا ، بىر پىيالە شىكەر ھەممىسىنى ئۆلتۈرىسىز ، ئەگەر سۇيۇق بوپ قالسا داۋاملىق ئۇن سېلىپ قويۇق سۇيۇقلىقىنى تەڭشىسىڭىز بولىدۇ

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2010-10-4 14:58:41

ئايلىقى 5000 سومغا ئۆگىتىدىغان ھۈنىرىمنى ئاشكارلىغۇم يوق ئىدى ، بوپتۇ ئىزدىنىشتىكى سۆيۈملۈك ئاچىلىرىم ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرەي . مۇشۇ تېمىغا ئۆگەنمەكچى بولغان ، ئائىلىدە پىشۇرۇشقا ماس كېلىدىغان پېچىنە-پىرەنىكلەرنىڭ ئىسمىنى قالدۇرۇپ قويۇڭلار . مەن ئايرىم بىر ۋاقىت چىقىرىپ ، بىر نەچچە خىلنى تەپسىلى ئۆگىتىپ قوياي .

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2010-10-4 14:59:40

مۇندا ئۆلتۈرۋەتسە يىگەن ئادەم ئۆلەپ كەتمەمدا؟

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2010-10-4 15:00:40

ئۈگىنىپ سېلىپ بولغاندا قاندا سالغىنىڭىزنى يېزىپ قويۇڭ.

ئەڭ ئاددى پىچ ناننى قانداق سالىدۇ شۇنى يېزىڭلارچۇ،

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2010-10-4 15:01:49

gulber

قويماي سالىسىز سۈزۈك ...ئاۋال بىر پىيالە قويماينى ئۆلتۈرۈسىز تازا ئىلەشتۈرۈپ ، ئۇنى سۇيۇق ھالەتكە كەلتۈرگەندىن 4 تال تۇخۇمنى سېلىپ ئۇنىمۇ ئۆلتۈرۈسىز (بۇ يەردىكى ئۆلتۈرۈش دىگەن چېلىش ، چېلىپ سۇيۇق ھالەتكە كەلتۈرۈش ) ، ئاندىن بىر پىيالە ئۇن ، بىر ياقتىن تۆكۈپ بىر ياقتىن ئىلەشتۈرىسىز ، يېرىم قوشۇق سودا ، بىر پىيالە شىكەر ھەممىسىنى ئۆلتۈرىسىز ، ئەگەر سۇيۇق بوپ قالسا داۋاملىق ئۇن سېلىپ قويۇق سۇيۇقلىقىنى تەڭشىسىڭىز بولىدۇ.



گۈلبەرخان ھاياتكەن ھە. 8مۇيا؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2010-10-4 15:16:16

جېك نېرىقى يېرىم شاردا چۆگىلەۋېرىپ، نامازدىن چۈشكەندە ئىككى مۇرە تەرەپكە سالام بەرگەندەك نەقىل ئالىدىغان بوپ قاپتۇ! بالىلار جېكنى بىر ئوقۇتۇپ ئوڭشاپ قويمايلىما؟!..

بەت: [1] 2 3
: تاتلىق تۈرۈم پىشۇرۇشتىن ياردەم