hankeliq يوللانغان ۋاقتى 2010-9-30 23:01:16

ئىگىلىك تىكلەش=يېڭىلىق يارىتىش

تۇرپاندىن ئۈزۈم كۆپ چىقىدىغىنىنى ھەممىمىز بىلىمىز. ئادەتتە ئاز بىر قىسىم ئۈزۈم ھۆل سېتىلىدۇ. كۆپ قىسىمى قۇرۇتۇلۇپ سېتىلىدۇ. ئۈزۈمنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن چۈنچىگە ئاسقان ۋاقىتتا ھەر بىر سىۋەت ئۈزۈمنىڭ ئاستىدا ئۈزۈمنى ئۈزۈش، توشۇش، ئېسىش جەريانىدا ساپىقىدىن ئاجراپ كەتكەن ئۈزۈم دانچىلىرى بولىدۇ. بۇنى تۇرپاندا يەرلىك تىلدا ئىيىن ئۈزۈم دەپ ئاتايدۇ. مانا مۇشۇ ساپىقىدىن ئاجراپ كەتكەن ئۈزۈملەرنى ئېسىشقا مۇمكىن بولمىغانلىقتىن، ئۆگزىگە ياكى كۈن نۇرى تولۇق چۈشىدىن جايغا يېيىتىپ قۇرىتىدۇ. بۇ ئۈزۈملەر كۈن نۇرىدا بىۋاستە قۇرۇغاچقا قارا ياكى قىزغۇچ قۇرۇيدۇ. بۇ ئۈزۈمنى تۇرپاندا زازا دەپ ئاتايدۇ. زازا ئۈزۈم ئادەتتە چۈنچىدە قۇرۇتۇلغان يېشىل ئۈزۈمدىن خېلى ئەرزان بولىدۇ. ئەمما زازا ئۈزۈم ئاپتاپتا قۇرۇتۇلغاچقا  يېشىل ئۈزۈمدىن تاتلىق بولىدۇ. پەقەت قارا بولغاچقا ھەم تۇپا يەرگىلا يېيىتىپ قۇرىتىلغانلىقتىن بەك پاكىز بولمىغاچقا باھاسى تۆۋەن ئىدى. مەلىمىزدە خېلى ئىشلارنى قىلغان بىر ئاكىمىز بار ئىدى. شۇ ئاكىمىز مۇشۇ زازا ئۈزۈمنى پارقىراق قۇرىتىدىغان بىر ئۇسۇلنى تېپىپ چىقىپ، ئاددىيغىنا زاۋۇتتىن بىر قۇردى. دېھقانلار قۇرۇتقان زازا ئۈزۈملەرنى كىلوسىنى تۆت يۈەندىن ئېلىپ، مۇشۇ زاۋۇتتا يۇيۇپ، قايتىدىن قۇرۇتۇپ، كىچىك خالتىلارغا قاچىلاپ، كېلوسىنى 35يۈەندىن ساتتى. با ئىدىزىرى ناھايىتى ياخشى بولدى. مانا ھازىر چوڭ بىر مېۋە-چىۋە شىركىتىنى قۇرۇپ، يەنىمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ.

ئالتەمو يەردە نەشپۈتلۈك بېغى بار كورلىلىق بىر خىزمەتدىشىم بار ئىدى. . 9-ئاينىڭ باشلىرىدىغۇ دەيمەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، ئاداش يېقىندا بوران چىقىپ، نەشپۈتنىڭ تۇنجى پىشىقىنى قېقىۋېتىپتۇ. بىزگىمۇ خېلى زىيان بار ئوخشايدۇ دىدى. يەرگە چۈشۈپكەتكەن نەشپۈتلەرنى ساتساڭلار بولمامدۇ دېسەم، كىم ئالىدۇ ھەممىسى زېدە نەشپۈتلەر تۇرسا. بىزنىڭ نەشپۈتلەرنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ۋە چەتئەللەرگە چىقىرىدۇ. زېدە نەشپۈت بولسا قەتئىي ئالمايدۇ دىدى. ئەمسە قانداق قىلىسىلەر دىسەم، يەرگە كۆمۈلۈپ ئوغۇت بولىدۇ ياكى قوي-كالىلارغا بېرىمىز دىدى. مۇشۇ نەشپۈتلەرنى ئەرزان باھادا سېتىۋېلىپ، كونسىرۋا قىلساڭلار بولمامدۇ؟ ياكى يەرلىك ئۇسۇلدا قاينىتىپ، شەربەت قىلىپ دېگەندەك ساتساڭلار بولمامدۇ؟ بۇنداق بولغاندا ھەم يېيىشلىك ھەم ساغلاملىققا پايدىلىق بولاتتىغۇ دىسەم، شۇنداق قىلساقمۇ بولامدۇ نېمە دەپ قالدى.

بىر كۈنى خىزمەتدىشىم ئىشخانىدا كىچىك بىر توقاچنى يەپ ئولتۇرۇپتۇ. نېمە دىگەن كىچىك بۇ توقاچ، ئەكىلە تېتىپ باقاي دەپ يەپ باقسام بەكلا تەملىككەن. نەدىن ئالدىڭ دىسەم ، لوپنۇرنىڭ يەرلىك توقىچى بۇ، لوپنۇردىن ئەكەلدۈرگەن. ئۈرۈمچىدە يوق دىدى. مۇشۇنداق ياخشى مەھسۇلاتنى نېمە ئۈچۈن ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەردە ساتمايدۇ. ئۈرۈمچىدە سېتىلغان بولسا بازىرى بەك چوڭ بولاتتى دىيىشتۇق. ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ توقاچ ئۈرۈمچىدە گپ يوق بازارلىق مەھسۇلات بولۇپ قالاتتى.

ئامېرىكىلىق بىر باي ياپونىيىگە ساياھەتكە بېرىپ، داڭلىق فۇجى تېغىنى ساياھەت قىپتۇ. فۇجى تېغىنىڭ چوققىسىدىن يىلبويى قار-مۇز ئېرىمەيدىغان بولۇپ، ھاۋاسى سوغۇق ئىكەن. تاغ باغرى بولسا گۈل-چېچەككە پۈركەنگەن، يېشىلچىلىق بولغاچقا ھاۋاسى بەكمۇ ساپ ئىكەن. تۇرمۇش ۋە خىزمەت بېسىمىدىن چارچىغان كىشىلەر فۇجى تېغىنى ساياھەت قىلغاچ، ساپ ھاۋادىن ھوزۇرلىنىپ، ھاردۇقىنى چىقىرىدىدىكەن. شۇڭا بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىكەن. ئامېرىكىلىق بۇ باي بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ كۆڭلىدە: فۇجى تېغىنىڭ ساپ ھاۋاسىنى قۇتىغا قاچىلاپ، باشقىلارغا ساتسام بولغۇدەك دەپ ئويلاپتۇ. ۋە دەرھال ھەركەتكە كەپ، تەتقىقاتچىلارنى يىغىپ، بۇ ئىشنى مۇزاكىرە قىپتۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، فۇجى تېغى باغرىدا«فۇجى تېغى ھاۋا كونسېرۋاسى زاۋۇتى» قۇرۇلۇپتۇ. بۇ زاۋۇت ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق، فۇجى تېغىنىڭ ھاۋاسىنى قۇتىلارغا قاچىلاپ، قۇتىنىڭ سىرتىغا فۇجى تېغىنىڭ گۈزەل مەنزىرە رەسىمىنى چاپلاپ، ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان، تۇرمۇش رېتىمى تېز بولغان چوڭ شەھەرلەردە ئەرزان سېتىپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلارنىڭ سودىسى يۈرۈشۈپ، مەھسۇلاتلىرى ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا بازارلىرىغىچە كىرىپتۇ.

يېڭىلىق يارىتىش ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئاساسى. مەلۇم بىر تۈردە غەلبە قازىنىمەن دەيدىكەنسىز، باشقىلار قىلمىغان، بۇرۇن باشقىلار قىلسىمۇ سىز يەنە باشقىچەرەك ئۆزگەرىتكەن تۈرلەردە ئۈمۈد چوڭ.

بەت: [1]
: ئىگىلىك تىكلەش=يېڭىلىق يارىتىش