Birzat يوللانغان ۋاقتى 2010-9-30 14:56:34

يېمەكلىكلەرنى پۇراش، كۆرۈشمۇ ئادەمنى سېمىرتىدۇ

ئۇيغۇر تېبابىتىدە سېمىرىپ كېتىشنى داۋالاش دېگەن تېمىدا ئوزۇقلۇق، ھەرىكەت دېگەندەكلەرنى چۆرىدەپ تورداشلار ئىنكاسلارنى يېزىشىپتۇ. ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار- ئاگاھ ۋە دانا بولۇڭلاركى مايلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش ۋە ھەرىكەتنىڭ ئاز بولۇشىلا ئادەمنى سېمىرتىپ قالماستىن يەنە يېمەكلىكلەرنى كۆرۈش، پۇراش، مېزىلىك غىزالار ھەققىدىكى پاراڭ، ئۇچۇرلارنى ئاڭلاشمۇ ئادەمنى سېمىرتىۋېتىشكە سەۋەب بولۇپ قالىدىكەن.

ئالىملارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، كىشىلەر ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن ئۇچراشقاندا ، يىمەكلىكلەرنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغان ياكى ئۆزى كۆرگەندە، ھەتتا يىمەكلىكلەر توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغاندا ئادەم بەدىنىدىكى ئاشقازان ئاستى بېزىدىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان ئىنسۇلىننىڭ مىقدارى كۆپىيىدىكەن. ئەگەر كىشىلەر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكلەر توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىسا ، ئۇ چاغدا ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى شىددەت بىلەن ئاشىدىكەن. ئىنسۇلىن تەن ئىچىدىكى بىر خىل ھورمۇن بولۇپ، ئۇ قان ئىچىدىكى قەنتنى پارچىلاپ ياغقا ئايلاندۇرۇش رولىغا ئىگە. سېمىز كىشىلەرنىڭ قىنىدىكى ئىنسۇلىن مىقدارى ئاداتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا يۇقۇرى بولغانلىقتىن ، ئىنسۇلىننىڭ قەنتنى ياغقا ئايلاندۇرۇش رولىمۇ سېمىز كىشىلەردە تېخىمۇ رۇشەن بولىدۇ. شۇڭا، ئېنسۇلىننىڭ ئىشىپ كېتىشىپ نەتىجىسىدە ماددا ئالماشتۇرۇش سىستېمىلىرى تېخىمۇ كۆپ مايلارنى ئىشلەپ چىقىرىپ ۋە ساقلاپ ئادەمنىڭ سەمىرىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. ئۇنىڭدىن تاشقىرى ، ئىنسۇلىن ئىشتىھانىمۇ ئاچىدۇ، شۇڭا ئارتۇقچە سېمىز ئادەملەرنىڭ ئىشتىھاسىمۇ ياخشى بولىدۇ. بولۇپمۇ تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ تېنىگە كىرگەندىن كىيىن مايغا ئايلىنىدىغان قەنتمۇ ئادەتتىن تاشقىرى كۆپ بولىدۇ. دېمەك، ئىنسۇلىن نىڭ كۆپىيىش نەتىجىسىدا تېخىمۇ كۆپلىگەن قەنتلەر مايغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا مايغا ئايلىنىشقا شەرت-شارائىت ھازىرلاش ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپلىگەن قەنتلەر بەدەنگە كىرىدۇ، شۇڭا ئىنسۇلىننىڭ كۆپىيىشى ئادەمنىڭ سەمىرىپ كېتىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، پەۋقۇلئاددە كۆپ ئوزۇقلىنىشلا ئەمەس، يىمەكلىكلەرنى كۆرۈش، پۇراش ۋە يېمەكلىكلەر توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاش بىلەنمۇ بەدەندىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان ئىنسۇلىن مىقدارى كۆپىيىپ كېتىپ ئادەمنى سېمىرتىۋېتىدۇ.
تەييارلاپ يوللىغۇچى: بىرزات
مەنبە:80خالتا بلوگى

totem يوللانغان ۋاقتى 2010-9-30 15:47:47

ئاشپەزلەر شۇڭا سېمىزكەندە.

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2010-9-30 15:49:11

ئەھۋالدىن قارىغاندا مەن يەيدىغان نەرسىلەرگە كۆپرەك قاراپ،پۇراپ تۇرسام بۇلىدىغان ئوخشايدۇ.

Uyghurhol يوللانغان ۋاقتى 2010-9-30 16:01:01

قارىغاندا دىئابىت كېسىلى بارلارنىڭ ئالدىغا ئۈزى ئامراق تاماقلارنى تىزىپ قۇيۇپ شۇنىڭغا قارىتىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويسا بولغىدەك ..........

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2010-9-30 16:13:27

ئالمىنى پۇرىساڭ يۈرەككە پايدا دىگەن گەپلەرنىڭ ئاساسى باركەن شۇنىڭغا قارىغاندا.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2010-9-30 17:27:16

.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2010-10-1 01:50:39

چېچىڭىزنى كۆپەيتىش توغرىسىدا يېڭى تىتقىقات تېمىسى يوقما

Gulber يوللانغان ۋاقتى 2010-10-4 15:17:48

بىكار سەمىرمەپتىمەندە ....بۈگۈندىن باشلاپ ئۈستەلدىكى بارلىق يىمەك - ئىچمەكلەرنى توڭلاتقۇغا بەنت قىلىۋەتمىسەم

Teddy يوللانغان ۋاقتى 2010-10-4 15:38:56

زىيالى خۇلاسىلەيدۇ بۇ تېمىنى

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-10-4 23:17:30

تەبىركار،خەپ سىزنى

مەن بۇرۇن يىنىك ئاتلىتكا ئوينايىتتىم.كىيىن توختاپ قالدىم،شۇ ۋاقىتتا سەمىرىۋالغان پېتى.

پۇراپ سەمىرمىگەن

بەت: [1]
: يېمەكلىكلەرنى پۇراش، كۆرۈشمۇ ئادەمنى سېمىرتىدۇ