جۇڭگو ئىشلەپچىقارغان تارىختىكى ئەڭ قىممەت ئاپتۇموبىل م
دۆلەت بايرىمى كېلىش ھارپىسىدا دۆلەت سانائەت ۋە ئۇچۇر مىنىستىرلىكى يېقىندا ئىشلەپچىقىرىلىپ بازارغا سېلىنىدىغان ئاپتۇموبىللارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بۇلۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن قىزىلىبايراقHQEماركىلىق ئاپتۇموبىلنىڭ مىقدارىغا چەك قۇيۇپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان(红旗HQE量产版)نۇسخىسى تارىختىكى دۆلىتىمىز ئۆزى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقارغان ئاپتۇموبىللار ئىچىدە باھاسى ئەڭ قىممەت ئاپتۇموبىل رىكورتىنى ياراتماقچى. ئىگىلىنىشىچە بۇ ئاپتۇموبىل2011-يىلنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا رەسمىي بازارغا سېلىنماقچى بۇلۇپ،مۆلچەر باھاسى تەخمىنەن3مىليون يۈەن خەلق پۇلى ئەتراپىدا.
مەزكور ئاپتۇموبىلغا سىقىپ چىقىش مىقدارى6.0Lبولغان موتور سەپلەنگەن بۇلۇپ،ئاپتۇموبىلنىڭ ئۇزۇنلىقى6مېتىردىن ئاشىدۇ.ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى300kW/5600rpm،ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومىنتى550Nm/rpm.
ۋاڭيى تورىدىن ئېلىندى.
http://auto.163.com/10/0928/07/6HLE5QR30008432U.html
نەگە قارىسا ماشىنا...پۇل تاپقاننڭ ئەتىسى مۇشۇنداق ماشىنىدىن بىرنى ئالىمەن.
ھازىر ماشىنا ئالغۇدەك پۇلدىن سىرت ، بىرەر-ئىككى يىل ماي قاچىلىغۇدەك پۇلنىمۇ تېپىپ بولۇپ ، ئاندىن ئالسا بولىدۇ ماشىنىنى ...
6.0 گاز چىقىرىش مىقتىدارى بولسا، يېگەن ماي كەينىدىن پۈتۈن چىققىدەك بۇ كاساپەتنىڭ. مىللى روھ بىلەن چىداپ ئالمىسا بۇنى ھىچكىم ئالمايدۇ . شەخسەن مەن ئالمايمەن . ماشىنا توختىتىدىغان جاي مەسىلىسىمۇ بىر مەسىلە ئىكەن كۆرۈمسىز كۆرۈندى بۇ ماشىنا. مۇشۇ ئۈرۈمچىدىكى ماشىنا قىساڭچىلىقىنى كۆرۈپ ، ماشىنىسى بارلارنىڭمۇ ھالىغا ۋاي دەپ تەسەللى بېرىمەن ئۆزۈمگە . تاركەن، شۇڭا.. ئۈستىگە چۈشكەن سايە غەيرى كۆرسىتىپ قويۇپتۈ بەكلا........كوچا ئاپتۇبۇس قىلامدىكەن؟نىمدا ئۇزۇن؟
ozhal:
مىللى روھ بىلەن چىداپ ئالمىسا بۇنى ھىچكىم ئالمايدۇ . شەخسەن مەن ئالمايمەن .
مېنىڭچىمۇ شۇنداق.
بۇنىڭدا پەقەت دۆلەت رەھبەرلېرىلا ئولتۇرامدىكىن،باش شۇجى ھەربىي پاراتتىن ئۆتكەندە ئولتۇرغان ماشىنا شۇ.
Typography:
ئۈستىگە چۈشكەن سايە غەيرى كۆرسىتىپ قويۇپتۈ بەكلا........
كوچا ئاپتۇبۇس قىلامدىكەن؟نىمدا ئۇزۇن؟
ئۇزۇن بولسا ياخشىغۇ،كەينى رەتتە ئولتۇرغان ئادەم پۇتىنى ئۇزۇن سۇنۇپ ياتسىمۇ ۋە ياكى پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرسىمۇ بۇلىدۇ.ئەمما بۇنداق ئۇزۇن ئاپتۇموبىلنى توختىتىش بىر مەسىلىدە.
ئۇچقۇلى ، سۇدا پاراخوتلاردەك ماڭغىلى بولسا مەن پۇل تاپقاندا بىرنى ئالىمەنبايا تېخى ساۋاغداشلار كىيۇ-كىيۇ توپىغا سىنىپ باشلىغىىمىز بىر يۇمۇر ئەۋەتىپتىكەن:
\"قاتار\" مەملىكتىدىن ياۋرۇپاغا بېرىپ ئۇقۇۋاتقان بىر ياش دادىسىغا بىر پارچە خەت يىزىپ ئۆزنىڭ ناھايىتى ياىشى تۇرۋاتقانلىغنى،لىكىن شۇ ئۆزىنىڭ كۈندە مەكتەپكە ئاۋدى ماشىنا بىلەن ساۋاقداشلىرىنىڭ پويىز بىلەن باردىغانلىغىنى،بۇنىڭ ئۈچۈن ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدا كۆڭلىنىڭ بىئارام ئىكەنلىگىنى ئېيتىپتۇ..
بىر نەچچە كۈندىن كىيىن دادىسىدىن بىر پارچە خەت تاپشۇرۇۋېلىپتۇ،خەتتە ئوغىلنىڭ كارىغا بىر مىليۇن سېلۋەتكەنلىگى ھەمدە ئەسكەرتىپ ساۋاغداشلىرىنىڭ ئالدىدا قەتئى يۈزىنى چۈشۈرۋېلىغقا بولمايدىغانلىغى،پۇلغا پويىز سېتۋېلىپ مەكتەپكە ھايداپ بېرىشنى تاپلاپتۇ.

كەنجىنىڭ يۇمۇرىنى كۆرۈپ تېلىقىپ قاپتىمەن...
مەن بار يەردىمۇ ماشىنا توختۇتۇش چوڭ بىر مەسىلە ئىكەن.قارىسا ھەممە ئادەمنىڭ ماشىنىسى بارەك، بىراق مىتىروغا چىقسا يەنىلا مىتىرو بىلەن ماڭىدىغان كىشىلەر جىقتەك...ئىشقىلىپ مەن ماشنىنىڭ كۆپلەپ بوپ كىتىشىگە قارشىراق ئادەم...
بۇ ماشىنا بەك سەت كۆرۈندى ماڭا...ياقتۇرمىدىم.ياۋۇز شۇنداق ۋارقىراپ كېتىدىكەنغۇ قاتار - قاتار ماشىنىلارغا قاراپ ، بۇ ئادەملەرنىڭ ئىشى يوقمىدۇ ، ھەي سىلەرنىڭ ئىشىڭلار يوقمۇ ، ئۆيۈڭلەردە ئولتۇرمامسىلەر.....
بۇ ماشىنىنى كۆرۈپ قالسا بىر قويىمەن بىكار دەيدۇدە
توۋا،رەسىمى نىمانچە توپا چىراي رەسىم ئاۋۇ.
ماشىنىكەن ئىشقىلىپ.
گېرمانىيە BMW ماشىنسازلىق شىركىتى ئشلىگەن. روللىس رويىس ئاپتۇموبىلىغا ئوخشىتىپ ئىشلەپ بېقىپتۇ...مانىڭدەك.،،
،،
،،،
لىكىن بۇنىڭدەك چىرايلىق .ھەيۋەتلىك .ئشلىيەلمەپتۇ.ئۇ.rolls royceنىڭ فۇيىنىنى...........
سابىق سوۋىتتىن ئوغۇرلاپ كەلگەن كونا ماتۇر ..................