hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2010-9-29 09:04:12

كومپيوتېرنىڭ دۇنياغا كىلىش تارىخى

كومپيوتېرنىڭ دۇنياغا كىلىش تارىخى

كومپيوتېر ئىنسانلارنى ئاتۇم دەۋرىدىن ئۇچۇر دەۋرىگە باشلاپ كىردى ،ماگىللان ،كولۇمبۇغا ئۇخشاش كىشىلەر يەرشارىنى بىر ئايلىنىش ئۇچۇن  بىر ئۆمۈر ئىزدەنگەن بولسا ،ھازىر يەرشارى كومپيوتېرنىڭ ياردىمىدە گوياكى بىر كەنتكە ئايلاندى ،بۇ ئىلىم سۈيەر ئىنسانلارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك جاپالىق ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلدى .

كومپيوتېرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىگى تىز سۈرئەتتە ھىساپلاش ئېلىپ بېرىش بولغاچقا كومپيوتېر ئادەتتە ھىساپلاش ماشنىسى دەپ ئاتالغان ،شۇڭا خەنزۇچىدا 计算机 دىيىلگەن.

مىلادىدىن ئىلگىركى 770-يىللىرى ئىشلىتىلگەن «سەنپەن» ئەڭ دەسلەپكى «ھىساپلىغۇچ» ئىدى.

مىلادى 1642-يىلى فىرانسىيە ماتىماتىكا ئالىمى باسكال تۇنجى «مىخانىكىلىق قۇشۇش ماشنىسى»نى ياساپ چىقتى .

1820-يىلى ئەنگىلىيە ماتىماتىكا ئالىمى چارلىز بەبىج (1792-1871) «دىففىرىنسال پەرقىنى ھىساپلاش ماشنىسىنى ياساپ چىقتى .1822-يىلى كۆپ ئەزالىقلارنى ھىساپلىغىلى بۇلىدىغان «قۇشۇش ماشنىسى »نى ئىجاد قىلدى .ئۇنىڭ قۇرۇلما ۋە پىرىنسىپلىرى ھازىرقى ئىلىكتىرۇنلۇق ھىساپلاش ماشنىسىنىڭ پىرىنسىپىغا ئوخشاپ كەتكەچكە چارلىز بەبىج كومپىيوتېر ئاتىسى دەپ ئاتالدى.

1847-يىلى ئەنگىلىيە ئالىمى بور «0» ۋە «1»دىن  پايدىلىنىپ سىگنال پەرقلەندۈرۈش ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدى ،بۇ «بور ئالگېبراسى »دەپ ئاتالدى .«بور ئالگېبراسى»ھازىرقى زامان ئىلىكتىرۇنلۇق ھىساپلاش ماشنىسىنىڭ لايىھەلىنىشى  ۋە ياسىلىشى ئۇچۇن نەزەرىيىۋى ئاساس سالدى.

1878-يىلى «قولدا ئايلاندۇرغىلى بۇلىدىغان ھىساپلاش ماشنىسى»ياسالدى ،بۇنىڭدا تۆت ئەمەلنى بىجىرگىلى بۇلاتتى .

1880-يىلى تۈشۈك تىشىش پىرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ خەت ئۇرۇش ماشنىسى ياسالدى .

1919-يىلى ئىلىكتىرۇن تېخنىكىسىدا ئىلگىرلەش بارلىققا كەلدى .

1925-يىلى پروفسسور بوش ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى ئامىرىكا مانخانتۇن فىزىكا –سانائەت ئىنىستىتوتىدا بىر دانە چوڭ تىپلىق تەقلىدىي ھىساپلاش ماشنىسىنى ياساپ چىقتى .

1936-يىلى ئەنگىلىيە ئالىمى تورڭ خىيالى كومپيوتېر ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدى .

1936-يىلى ئىككىلىك رەقەم سېستىمىسىدا سان خاتىرلەش بارلىققا كەلدى .

1939-يىلى خەلقئارا سودا ماشنىلىرى شىركىتى (IBM) نىڭ مەبلەغ سېلىشى ئاستىدا خوكسۋايىد ئەيكىن HoxvaidAiken   ئاپتۇماتىك پروگرامما كونترول قىلىدىغان ھىساپلاش ماشنىسى    Mark1 نى تەتقىق قىلىپ ياساشقا كىرىشتى ،1943-يىلى Mark1 ئامىرىكا خارۋارد ئۇنىرسىتىدا سىناق قىلىنىپ مۇۋەپىقىيەتكە ئېرىشتى .

1942-يىلى ئامىرىكا بېرىتانىيە ئۇنىۋىرسىتىتى مور ئىلىكترۇن فاكولىتىتىنىڭ ئىنژىنىرى دوكتۇر ئىككىرت (Eckert)بىلەن فىزىكا ئالىمى دوكتۇر جون مائۇچلى    Jhon mauchli)) ئىلىكترۇنلۇق سانلىق مەلۇمات ھىساپلىغۇچ ENIAC نى تەتقىق قىلىپ ياساشقا كىرىشتى .

1946-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى دۇنيادىكى تۇنجى ئىلىكترۇنلۇق سانلىق مەلۇمات ھىساپلاش ماشنىسىENIAC مۇۋەپپەقىيەتلىك قوزغالدى ،ئۇنىڭ توك سەرپىياتىKW 150،ئىگەللىگەن ئورنى  170 ، ENIAC نىڭ ھىساپلاش سۈرئىتى Mark1نىڭ ھىساپلاش سۈرئىتىنىڭ 1000ھەسسىسىگە تەڭ ئىدى .

1948-يىلى دۇنيادىكى تۇنجى كومپيوتېر شىركىتى «ئىككىرت مائۇچلى كومپيوتېر شىركىتى »EMCC قۇرۇلدى .     

1950-يىلى ئىككرت مائۇچلى «ئۇنىۋىرسال ئاپتۇماتىك  ئىلىكترۇنلۇق ھىساپلاش ماشنىسى »UNIVAC نى ياساپ چىقىپ ،ئامىرىكا نۇپۇس تەكشۇرۇش ئىدارىسىدە نۇپۇس سىستاتىسكا قىلىش  ئۇچۇن ئىشلەتتى ،1952-يىلى UNIVAC زوڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى ئالدىن سىستاتىكىلاشتا مۇۋەپپىيەتكە ئېرىشىپ «تەڭداشسىز ئىلىكترۇنلۇق مىڭە» دەپ تەرىپلەندى .

1952-يىلى IBM شىركىتى جون نويمان يىتەكچىلىگىدەIBM 710 نى ياساپ چىقتى .

1959-يىلى 7-ئايدا  روبىرت نويىس ۋە خىسلەتلىك بالا شىركىتى كىرىمنىيلىق توپلاشتۇرۇلغان توك يۇلىنى  كەشپ قىلدى ،توپلاشتۇرۇلغان توك يۇلىنىڭ كەشپ قىلىنىشى مىكرو كومپيوتېرلارنىڭ بارلىققا كىلىشىنى غايەت زور تېخنىكا شارائىتى بىلەن تەمىن ئەتتى.

غايەت زور مەبلەغ بىلەن تەۋەككۈل قىلىپ ياسالغانIBM-360   تىپلىق كومپيوتېردىن 1964-يىلغىچە 32مىڭ 300دانە سېتىلىپ شەخسلەر كومپيوتېر بازىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك  ئېچىلىشىغا ئاساس سېلىنغان .

1963-يىلى بىرلىككە كەلگەن كومپيوتېر تىلىIIACC  (ئامىرىكا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئۆلچەم كودى ) بارلىققا كەلگەن .

1969-يىلى روبىرت نويىس  مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ CPU  ۋە ئانا تاختا ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان Intel    شىركىتىنى قۇرغان .

1969-يىلى ساندىرىس مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ CPU  ۋە ئانا تاختا ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان AMD شىركىتىنى قۇرغان .

1969-يىلى تۇنجى كوميوتېر تورى ئامىرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىگىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتلارنى پىلانلاش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن .

1971-يىلى Intel    شىركىتى  4DD4   ئۆزەكنى ياساپ چىقتى .

1978-يىلى Intel8008   بىر تەرەپ قىلغۇچ بازارغا كىردى .

1974-يىلى Intel8080 بىر تەرەپ قىلغۇچ بازارغا كىردى .

1974-يىلى دۇنيادىكى تۇنجى مىكرو تىپلىق كوپيوتېر Altair8080 ئامىرىكا MTTS شىركىتىدە بارلىققا كەلدى ،كەشپىياتچىسى ئېدۋارد روبىش .

ئالمىنىڭ يەرگە چۈشۈشى نىيوتۇننىڭ ئەقلىنى قانداق ئويغاتقان بولسا ، Altair8080نىڭ ئىجاد قىلىنىشى يۇمشاق دىتال ئاتىسى ،دۇنيادىكى چوڭ باي ،سىكۇنتىغا 400دوللار تاپىدۇ دەپ تەرىپلىنىۋاتقان ئامەت ئىگىسى بىل گەيتىسنى شۇنداق ئىلھامغا كەلتۈرگەن.

1975-يىلى بىل گەيتىس بىلەن ئەيلۇن Altair8080 ئۈچۈن BASIC تىلى تۈزۈپ بەرگەن .

1975-يىلى 8-ئايدا مىكروسوفت شىركىتى قۇرۇلغان .

1978-يىلى Intel    شىركى تۇنجى 16بىتلىق CPU  i8086  ياساپ  چىقتى .

1980-يىلى i80286   ياسالدى .1981-يىلى 32بىتلىق CPU  i80386   ۋە i80486   ياساپ چىقىلدى ۋە ئايرىم –ئايرىم ھالدا 286،386،486  دەپ ئاتالدى .

مانا بۇلار بىز 90 –يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلەتكەن 286،386،486  دەپ نام قويغان كومپيوتېرلاردىن ئىبارەت ،ئۇ چاغلاردا كومپىيوتېردا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش مۇرەككەپ ،ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۈگىنىشى بەكلا قىيىنغا توختايتتى .ئادەتتە بىرتال ئاددىي جەۋدەلمۇ يادلىماق تەس بولغان بىر قانچە بۇيرۇقلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئەمەلگە ئاشاتتى ،جەريان تۇتۇق بولغاچقا ئۈگىنىش ،ئەستە ساقلاش ،ئىشەنچلىك مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشتا قىيىنچىلىق زور ئىدى .شۇڭا كومپيوتېر شەخسلەر بازىرىغا كىرىشتە تۇسالغۇ بار ئىدى .

1980-يىلى IBM شىركىتى  شەخسىي كومپيوتېر بازىرىغا كىرىش ئۇچۇن گەيتىس بىلەن يېڭى مەشغۇلات سېتىمىسىنى تۈزۈش توختامنامىسى ئىمزالىدى ،توختامغا ئاساسەن گەيتىس MS_DOS1.0 نى ياساپ چىقتى ھەمدە زور بايلىققا ئېرىشتى .

1981-يىلى IBM-PC ياساپ چىقىلدى .

1983-يىلى 11- ئايدا MICROSOFT شىركىتى DOS مەشعۇلات سستىمىسى ئاستىدا ئىشلەيدىعان WINDOWS1.0 نۇسخسىنى تارقاتتى .

1985-يىلى 12-ئايدا  شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىدىن ھۇشۇر ئىسلامUHKCمەشخۇلات سېستىمىسىنى تۈزۈپ كومپىىيوتىرغا ئۇيغۇرچە يېزىق تۇنۇتتى .

1990-يىلى جۇڭگودا تۇنجى Internet يولغا قۇيۇلدى .

1990-يىلى 5-ئايدا Windows3.1 نۇسخىسى تارقىتىلىپ زور ئالقىشقا ئىرىشتى ۋە Microsoftنى ھەسسىلەپ بايلىققا ئېرىشتۈردى .بۇكومپىيوتېر ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن غايەت زور قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كىلىپ كومپىيوتېر بازىرىدا قاتتىق دىتاللارنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىدىن يۇمشاق دىتالنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا ئۆتۈشتىكى بۇرۇلۇش نوقتىسى بۇلۇپ قالدى.

1993-يىلى intel شىركىتى ئىشلەپچىقارغان i80586    pintium cpu دەپ ئاتالدى.

WindowsNT\95\98\me\Xpلار ئارقا –ئارقىدىن مەيدانغا كىلىپMicrosoft دۇنيادىكى كومپىيوتېر يۇمشاق دىتاللىرى ساھەسىدە تەڭداشسىز ھۆكۈمرانغا ئايلاندى .قاتتىق دىتال تەرەققىياتى يۇمشاق دىتال تەرەققىياتىغا ماس ھالدا تەرەققى قىلىپ مىسلى كۈرۈلمىگەن دەرىجىدە تەرەققىياتقا ئىرىشتى .

1998-يىلى 10-ئايدا ئۇيغۇر سوفىت شىركىتى ئۆزىنىڭ كومپىيوتىرغا Windowsمۇھىتىدا ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگىلى بولىدىغان يۇمشاق دىتال «ئۇيغۇر سوفت ئەل كاتىپ »نى ياساپ چىقتى .

1999-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ئالىم ئەھەت ئەپەندى Windows مۇھىتىدا ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇردى .

2000-يىلى Pintium4بىر تەرەپ قىلغۇچ ياسىلىپ  بازارغا چىقتى .

2000-يىلى 1-ئايدا ياپۇنىيىدە ئەڭ تىز ھىساپلايدىغان كومپىيوتېر بارلىققا كەلدى . سىكۇنتىغا 10 تىرلىيۇن قېتىم ھىساپلىيالايدۇ .

2003-يىلى 4-ئايدا ئالما شىركىتى 64 تىپلىق كومپىيوتېر  Powermac65نى ئىشلەپ چىقتى .

2003-يىلى 9-ئاينىڭ 23 –كۈنى MicrosoftشىركىتىWindowsXp نىڭ 64تىپلىق سىناق نۇسخىسىنى تارقاتتى .

2006-يىلى ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىقلىرى ئۆلچەملىك كودى Unicode بارلىققا كىلىپ ھەرخىل كودلار ئارقىلىق تۈزۈلگەن خەت نۇسخىلىرى ئارىسىدا ئالماشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى .

2010-يىلغا كەلگەن بۈگۈنكى كۈندە Windows98مەيدانغا كەلگەن دەۋرلەردىكى ئەڭ ئىلغار بولغان كومپيوتېر سەپلىمىلىرى ئاسارە –ئەتىقىگە ياكى كىرەكسىز ئەخلەتلەرگە ئايلىنىپ بۇلاي دىدى.كومپيوتېرلار ساقلاش سىغىمى ،سۈرئىتى جەھەتتىن مىسلى كۈرۈلمىگەن تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى .شەخسلەر كومپيوتىرى ،خاتىرە كومپيوتېرلارنىڭ بازاردىكى سېتىلىش سۈرئىتى ناھايىتى تىز ئاشتى ،ئىنتىرنىت ئىشخانا ،ئائىلىلەرگە كەڭ ئۇمۇملاشتى ،توردىن مال سېتىۋېلىش ئالدىراش كىشىلەرنىڭ ئەڭ قىزىقىدىغان مال سېتىۋېلىش ئۇسۇلىغا ئايلاندى .

پايدىلانغان ماتىرىياللار خەنزۇچە «ئۇچۇر تېخنىكىسى»،«كومپيوتېر سۈيەرمەنلەر»ژۇرنىلى ،ئۇيغۇرچە «كومپيوتېر ۋە تۇرمۇش » ژورنىلى

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2010-9-29 12:47:35

سىزگە تەشەككۈر، بىلىم يوللىغان قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىگەي.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2010-9-29 13:16:16

ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىق تارىخىنىمۇ قېتىپ قويۇپتۇ تىخى

86 يوللانغان ۋاقتى 2010-9-29 14:17:03

1981-يىلى IBM-PC ياساپ چىقىلدى .

--------

مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ كومپۇتېرنىڭ ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش خىزمەت شەكلىگە كۆرسەتكەن تەسىرى تېزدىن كۈچىيىشكە باشلىدى.  شۇڭا PC  نىڭ بارلىققا كېلىشىنى خۇددى تېلىفۇننىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئوخشاش  دەۋىر بۆلگۈچ كەشپىيات دىسەكمۇ بولىدۇ.  بۇ جەرياندا بىل گەيتس باشچەلىقىدىكى يۇمشاق دېتال شېركىتى ۋە IBMنىڭ تۆھپىسى چوڭ. نوبىل مۇكاتپى پەقەت شەخسكە بېرىلىدۇ. ئەگەر كوللىكتىپقىمۇ بېرىشكە توغرا كەلسە. بۇ كەشپىياتنىڭ ئىنسانلارغا كەلتۈرگەن قۇلايلىقلىقىنى ئويلىغاندا  ئۇلارغا نوبىل مۇكاپاتى بەرسىمۇ تۇغرا كېلىدۇ.

شۇندىن باشلاپ ئىنسانلار ھەقىقى ئۇچۇر دەۋرىگە قاراپ يۈزلەندى.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2010-9-30 13:11:00

Google نىڭ ئىزدەش بېتى Ubuntu،  OpenOffice لارنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلىشىنىمۇ قوشۇپ قويىلى بۇنىڭغا.

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2010-9-30 16:31:25

1946-يىلدىكى تۇنجى كومپيۇتورنىڭ ياسىغۇچىلىرى ھونغۇ دەيمەن

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2010-9-30 17:16:13

كەنجى پىشانەمنى تۇتۇپ بېقىڭە قىزىپ قالدىممۇ، ئۇقمايۋاتىمەن..

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2010-9-30 17:32:09

يالغان دىمىدىم، بىز ئونۋېرستنىڭ بىرىنچى يىللىغىدا ئۇقۇغان ''كومپيۇتور ئاساسلىرى\"دىگەن كىتاپتا شۇنداق ئۆگەنگەندەكئامىركىلق ھونJohn Von Neumann

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2010-9-30 17:38:42

مەن بېرىپ John Von Neuman غا تۇتقۇزۇپ باقاي ئەمىسە..

(冯·诺依曼)

86 يوللانغان ۋاقتى 2010-9-30 19:27:11

سەددىچىن سېپىنىلى ھۇنلار سالدۇرغان.

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2010-10-1 14:24:22

تېنىچ ئوكياننى ياۋرۇپالىقلار ئامىرىكىنىڭ ھۇجۇمدىن ساقلىشىن ئۈچۈن قېزىپتىكەن

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2010-10-1 19:36:06

مىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە پاكىت كۆرستىپ بېقىڭلار

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2010-10-1 21:01:05

Kanji:
مىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە پاكىت كۆرستىپ بېقىڭلار

John Von Neuman  نى تەتۈر ئوقۇساق كۆرۈنىدۇ!

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2010-10-1 21:19:31

thanks a lot

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2010-10-1 21:59:56

ھې ئۇماق كەنجى..
بەت: [1]
: كومپيوتېرنىڭ دۇنياغا كىلىش تارىخى