muslime يوللانغان ۋاقتى 2010-9-28 11:06:39

يۇمۇرلار

  

  ئەرنىڭ كۆزى

   بېل ئايالى بىلەن دېڭىز ساھىلىدا سەيلە قىلىۋاتسا ، ئۇدۇلىدىن ناھايىتتى قاملاشقان بىر قىز كېلىپتۇ . بېل قىزنى كۆرۈپ ، پەس ئاۋازدا ئايالىغا دەپتۇ :
  ‏- پاھ خۇددى ئېقىپ چۈشكەندەك ، نېمە دېگەن چىرايلىق بۇرۇن بۇ ‏- ھە ! ئىسىت شۇ بۇرۇن سېنىڭ بولۇپ قالسىچۇ !
  بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئايالى لام ‏- جىم دېمەستىن چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپلا قويۇپتۇ ، بىردەمدىن كېيىن ئۇلارغا بايىقىدىنمۇ چىرايلىق بىر قىز ئۇچراپتۇ ، بېل يەنە پەس ئاۋازدا دەپتۇ :
  ‏-پاھ ! خۇددى ئويماقتەك ، نېمە دېگەن چىرايلىق ئېغىز بۇ ‏- ھە ! ئىسىت شۇ ئېغىز سېنىڭ بۇلۇپ قالسىچۇ !
  بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئايالى يەنىلا لام ‏- جىم دېمەستىن ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ قويۇپتۇ ، دەل شۇ چاغدا ئالدى تەرەپتىن ئىككىلا كۆزى كۆرمەيدىغان  ئەما بىر كىشى كېلىپتۇ ، بۇنى كۆرگەن ئايالى پەس ئاۋازدا دەپتۇ :
‏- ئىسىت ، ئاشۇ ، بىر جۈپ كۆز سىزنىڭ بولۇپ قالسىچۇ !
  
  ئارىيەت ئېلىش
  
    ئەتىگەندىلا ياك ئائىلىسىنىڭ ئىشىكى يەڭگىل چېكىلىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ياك ئايالىغا دەپتۇ :
  ‏- بىلسەم ‏- بىلمىسەم قوشنىمىز جېك يەنە بىر نەرسە سوراپ كىردى ، ئۇ نومۇس قىلماستىن ئۆيىمىزنىڭ ھەممە نەرسىلىرىنى سوراپ بولدى .
‏- بۇنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن ، بىراق بىز بىرەر باھانە ‏- سەۋەب تېپىپ ئارىيەتكە بەرمىسەكلا بولمىدىمۇ !
‏- خەيرىلىك  ئەتىگەن ! ياخشى تۇرۇۋاتامسىز قوشنام ، ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ، چۈشتىن كېيىن چىم قىرقىش ماشىنىسىنى ئىشلىتەمسىزكىن ؟
‏- تولىمۇ ئەپسۇس ، ئايالىم بىلەن ئىككىمىز مەسلىھەتلىشىپ چۈشتىن كېيىن چىملىقلارنى قىرقىۋېتەيلىمۇ دېيىشكەن ئىدۇق .
  ‏- ئۇنداقتا بۇ ئىش دەل مېنىڭ ئويلىغىنمدەك بولۇپتۇ ، ئەمسە گولف توپ ئوينىغىلى ۋاقتىڭلار يەتمەيدىكەندە ، گولف توپ پالىقى بىلەن توپنى بېرىپ تۇرۇڭ !

     كېسەل تېپىش

   كىچىك بىر ئامبۇلاتۇرىيدىكى دوخـتۇرلار  پايدا ‏- مەنپەئەتنى قوغلىشىپ بىمارلاردىن كەلسە - كەلمەس كېسەل تېپىشنى ئويلايدىكەن . بىر كۈنى قۇرۇلۇش ئەترىتى خوجايىنىنىڭ گېلى ئاغرىپ ئازراق دورا ئالماقچى بولۇپ كەلسە ئويلىمىغان  يەردىن دوختۇر ئۇنىڭغا " ئۆتتە تاش بار ئىكەن ، قۇرساق قىسمىڭىزغا سۇ يىغىلىۋاپتۇ ، كۆزىڭىزدە قۇمدەك بىر نەرسە بار ئىكەن " دېگەندەك دىياگنۇزلارنى قويۇپتۇ ، دوخـتۇرنىڭ نىيىتىنىڭ پۇل ئۈندۈرۈۋېلىش ئىكەنلىكىنى چۈشەنـگەن خوجايىن كىنايىلىك قىلىپ دەپتۇ :
‏- دوختۇر ئەپەندى ، بەدىنىمدىن يەنە ئازراق سېمونت تاپالىغان بولسىڭىز قىلىۋاتقان ھەممە ئىشىمنىڭ خام ماتىرىيالى تولۇق بولاتتىكەن ئەمەسمۇ !

  جاۋاپ

   ئىمتىھان ئاخىرلىشىپ سىرتقا چىققان ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىسىدىن سوراپتۇ :
  ‏- بايا ئىمتىھان مەيدانىدا جاۋابىڭنى يازماي نېمىشقا مېنىڭ كۆزۈمگە قاراپ ئولتۇرىسەن ؟
  ‏- بىر سوئالنىڭ جاۋابىنى تاپالماي بەكلا قىينىلىپ كەتتىم .
  ‏- بىراق مېنىڭ كۆزۈمدە سوئالنىڭ جاۋابى يوق ‏-دە !
  ‏- ئۇغۇ شۇنداق ، ئەگەر سىز شۇ چاغدا دېرىزە تەرەپكە بىرلا قارىۋەتكەن بولسىڭىز جاۋابىنى دەرھال تېپىۋالاتتىم .

   سېزىم

  بىر بىمار دوختۇرغا كۆرۈنۈپتۇ ، دوختۇر ئۇنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىغاندىن كېيىن دەپتۇ :
  ‏- كارىۋاتقا چىقىپ ئوڭدىسىغا يېتىڭ ، تەكشۈرۈپ باقاي .
  دوخـتۇر بىمارنىڭ قۇرسىقىنى بىرنەچچە قېتىم بېسىپ قويغاندىن كېيىن سوراپتۇ :
‏- بىرەر سىزىمنى ھېس قىلدىڭىزمۇ ؟
‏- شۇنداق سېزىم ھېس قىلدىم .
‏- قانداق سېزىم ھېس قىلدىڭىز  ؟
  بىرسى قۇرسىقمنى بېسىۋاتقان سېزىمنى .

helwat يوللانغان ۋاقتى 2010-9-28 12:46:48

                                                 قانچە قىتىم ئۇرۇش بولغان

15-ئەسىردە ئىسپانىيىدە قانچە قىتىم ئۇرۇش بولغان

ئالتە قىتىم

ئولار قايسىلار

ئۇلار بىرىنچى قىتىملىق ئۇرۇش ،ئىككىنچى قىتىملىق ئۇرۇش ،ئۈچىنچى قىتىملىق ئۇرۇش .....................................قاتارلىقلار

                                                  مەن دادام بىلەن تەڭ

دادىڭىز قانچە ياشقا كىردى

ئۇ مەن بىلەن تەڭ

نىمىشقا

چۈنكى ئۇ مەن تۇغۇلغاندىن كىيىن دادا بولغان !~

                                            بىز ئوخشاش

دادىسى : بىلەمسەن لىنكولىن سەندەك ۋاقتىدا سىنىپتىكى ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچى ئىدى

بالا: راسىت دادا بىلەن ،ئەمما ئۇ سىزدەك ۋاقتىدا ئامرىكىغا زۇڭتۇڭ بولغان ئىدى

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2010-9-30 00:29:38

مانىڭغا گەپ قىللى باللا .
بەت: [1]
: يۇمۇرلار