ھايۋانلارنىڭ ئارزۇلىرى
كاتتا مۇكاپات
ھايۋانات دۇنياسىدا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىش توغرىسىدا بەس - مۇنازىرە قىزىپ كېتىپتۇ : مۈشۈكېئىيىق دەپتۇ :
- ئەگەر مەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالسام ئالدى بىلەن ھۆسىن تۈزەش ئورنىغا بېرىپ كۆزۈمنىڭ ئەتراپىدىكى قارا داغلارنى داۋالىتىمەن . ئاندىن تازا كېلىشتۈرۈپ بىر پارچە سۈرەتكە چۈشىمەن .
تۆگە دەپتۇ :
- ئەگەر مەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالسام ئالدى بىلەن دۈمبەمدىكى لوكامنى تۈزىتىمەن ، ئاندىن چۆل - جەزىرە ، قۇملۇقلارغا بىر قانچە جۈمەك ئورنىتىمەن .
ھەسەل ھەرىسى دەپتۇ :
- ئەگەر مەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالسام تازا ھەشەمەتلىك داچىدىن بىرنى سېتىۋىلىپ ، ھازىر ئولتۇرۇۋاتقان قىستاڭ ، ئوپچا ياتاقتىن كۆچۈپ كېتىمەن .
ياۋا تاغىل ئات دەپتۇ :
- ئەگەر مەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالسام دەرھال بەدىنىمگە چەكتۈرۈۋلغان گۈللەرنى ئۆچۈرۈۋېتىمەن ، شۇنداق قىلسام باشقىلار مېنى " لۈكچەك " دەپ خاتا چۈشىنىپ قالمايدۇ .
كىت دەپتۇ :
- ئەگەر مەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالسام ئەڭ ئىلغار تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ئورۇقلايمەن ۋە ھەممنىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان زىلۋا مودېلغا ئايلىنمەن .
ئېيىق دەپتۇ :
- . ئەگەر مەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالسام ھەشەمەتلىك رېستۇرانغا بېرىپ ئوخـشىتىپ قورۇلغان " مايدا پىشۇرۇلغان ئادەم تاپىنى " دىن بىر كىشىلىك بۇيرۇتۇپ تازا مەززە قىلىپ يەپ ھوزۇرىنى سۈرىمەن .
شىر دەپتۇ :
- كشىلەر مېنى تولغىما ئۇسسۇل ناخشا چولپىنىغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايسەن دېيشىدۇ ، ئەگەر بۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالسام يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ پىلاستىنكىسى چىقىرىمەن .
تاشپاقا دەپتۇ :
- ئەگەر مەن بۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالسام قېرىلىقتا بېقىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىمەن ، 60 ياشتىن باشلاپ قېرىلىقتا بېقىنىش سوممىسىنى ئالغىلى تۇرسام ھەتتا مىڭ يىل ئېلىشىم مۇمكىن ، مانا بۇ تازا كۆڭۈلدىكىدەك ھېسابات بولىدۇ .
مەنبە : شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى