gulnur يوللانغان ۋاقتى 2010-9-28 09:45:30

يۇقىر قان بېسمىنى داۋالايدىغان رېتسىپلار

1.ﻣﯘﺭ
ﺋﯜﭺ ﮔﺮﺍﻡ ﻣﯘﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﻪﺳﯘﻏﺎ ﭼﯩﻼﭖ ﻗﯘﻳﯘﭖ، ﺑﯩﺮ – ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﺪﺍ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ، ﻧﺎﯞﺍﺗﻨﻰﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖﺳﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯘﺧﻼﺵ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯧﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ، ﻗﺎﻥﺗﯘﻣﯘﺭﻗﯧﺘﯩﺸﯩﺶ، ﻛﯚﺯ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﻗﺎﻧﺎﺷﺘﻪﻙ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ
2.ﻳﯧﺸﯩﻞ ﭘﯘﺭﭼﺎﻕ
ﻛﺎﻻ، ﻗﯘﻱ ﺋﯚﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻳﯧﺸﯩﻞ ﭘﯘﺭﭼﺎﻕ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﭖ، ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯚﺕ – ﺑﻪﺵﮔﺮﺍﻣﺪﯨﻦﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﺑﺎﺵ ﻗﯧﻴﯩﺶ، ﺑﺎﺵ ﺋﺎﻏﺮﯨﺶ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻪﺭﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
3.ﮬﻪﺳﻪﻝ (ﺑﺎﻝ)
ﺋﺎﭺﻗﯘﺭﺳﺎﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ، ﻣﯘﺯﻟﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﺎﻳﻨﺎﻕ ﺳﯘﻏﺎ ﮬﻪﺳﻪﻝ ﻗﯘﺷﯘﭖ، ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮ – ﺋﯩﻜﻜﻰﻗﯧﺘﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ، ﻧﯧﺮﯞﺍ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻐﯩﻠﻰﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

مەنبەسى :«ئۇيغۇر تىبابەت قامۇسى»دىن ئېلىنغان.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2010-9-28 13:38:15

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇنىڭ ئىچىدە مۇرنىڭ ئۈنۈمى ئالاھىدە يۇقىرى ئىكەن .

بۇ تېمىنىڭ ئاخىرىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك تېمىدىن بىرنى قىستۇرۇپ قوياي .

يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۇنى داۋالاش

بۇ كېسەللىك قەدىمقى تىببىي كىتابلاردا ئايرىم بايان قىلىنمىغان بولسىمۇ ئەمما كېسەللىك بەلگىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان قان تولۇپ قېلىش(ئىمتىلاھى دەم) ياكى قان قايناپ كېتىش (غەييانى دەم) ، قان دولقۇنلىشىش (مەۋج دەم) دېگەن كېسەللىك بەلگىلىرى سۆزلەنگەن.

بۇ تۈرلۈك سەۋەبلەردىن تومۇردا ئايلىنىۋاتقان قاننىڭ قان تومۇر دىۋارىغا چۈشۈرىدىغان بېسىمى ئارتىپ كېتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك بولۇپ. باش ئاغرىش ،باش چىڭقىلىش، كۆز قاراڭغۇلىشىپ

ئەس – ھوشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، كۆرەلمەسلى

،باش قېيىش، يۈرەك قوزغىلىش ، ئۇيقۇسىزلىق ۋە

نەپەس تىزلىشىش كۆپ سىيىش ۋە

مەخسۇس ئۆلچىگۈچتە ئۆلچىگەندە يۈرەكنىڭ قىسقىرىش ۋاقتىدىكى بېسىمى 90 مىللىلىتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن يۇقىرى بولۇش قاتارلىقلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

يۇقىرى قان بېسىمى بىرلەمچى خارەكتىرلىك يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئىككىلەمچى خارەكتىرلىك يۇقىرى قانبېسىمى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.

بىرلەمچى خارەكتىرلىك يۇقىرى قان بېسىمى قان تومۇرنىڭ ئۆزىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يۇقىرى قان بېسىمى بولۇپ ھەقىقىي قان بېسىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئىككىلەمچى خارەكتىرلىك يۇقىرى قان بېسىمى بولسا بەدەننىڭ باشقا ئورۇنلىرىدىكىكېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يۇقىرى قان بېسىمى بولۇپ ، ساختا قان بېسىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

بۇ كېسەللىكنىڭ سەۋەبلىرى ناھايىتى مۇرەككەب ۋە ھەر تەرەپلىمەبولۇپ، ئەڭ مۇھىمى ئەسەبىي ۋە روھىي ئامىللار چوڭ رول ئوينايدۇ.

بىز بۇ سەۋەبلەرنى يىغىنچاقلىغان ھالدا توققۇز تۈر بويىچە كەلتۈرىمىز؛

1.قان خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

2.قان خىلىتى قۇيۇقلىشىشى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

3.كۆيگەن سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

4. يۇقىرى مايلىق قان كېسەللىكى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ . يەنى قاندا ماي ماددىسى ئارتىپ كېتىش كىسىلى .

5. موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

6. كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

7.روھىي ۋە نېرۋا ئامىللىرىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

8. ئېرسىيەت خارەكتىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. يەنى ئەجدادىدا مۇشۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ يېرىمىدا دېگۈدەك يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بولىدۇ.

9. باشقا ئامىللار يەنى تاماكا چېكىش ، ھاراق – شاراب ئىچىش ، داۋاملىق جىددىيلىكتە يۈرىيدىغانلار ياكى شۇنداق كەسپ قىلىدىغانلار ، مەسىلەن ؛ بوغالتىر ، بىلەتچى ، ئۇچقۇچى ، سىتاتىستىكا خادىمىي قاتارلىقلار .

ئەمدى بۇ كېسەللىك ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىيرەك سۆزلەيمىز.

بۇ كىسەللىك جىگەر ۋە يۈرەك مىزاجىنىڭ ئىسسىقتىن بۇزۇلۇشى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك . ئۇيغۇر تېبابىتى نەزەرىيەسىدە ‹‹ كېسەللىك پەيدا بولۇشتا رەئىس ئەزالارغا بولۇپمۇ مېڭە بىلەن يۈرەكنىڭ خىزمىتىگە دەخلى يەتسە بەدەندىكى باشقا ئەزالارغىمۇ تەسىر يېتىدۇ›، دەيدىغان قاراش بار . قان بېسىمى كېسەللىكىدە رەئىس ئەزالار (مېڭە، يۈرەك ، جىگەر) زىيانغا ئۇچرىغان بولىدۇ. بۇ كېسەللىك كۆپىنچە 40 ياشتىن ھالقىغان ، كۆپ ھەرىكەت قىلمايدىغان ، ئەقلى ئەمگەك بىلەن كۆپ شوغۇللىنىدىغان كىشىلەردە ۋە يەنە شەھەر ئاھالىلىرىدە تولىراق ئۇچرايدۇ. سېمىز كىشىلەرنىڭمۇ كۆپىدە قان بېسىمى يۇقىرى بولىدۇ. روھىي ئازابلىنىش، ناھەق زەربىگە ئۇچراشلارمۇ قان بېسىمى ئۆرلەشكە سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. گۆۆش – ياغنى كۆپ ئىستىمال قىلىش ئىچىملىك ، چېكىملىك قاتارلىقلارمۇ سەۋەبچى ئامىللاردۇر. يەنە مېڭىدە ئۆسمە پەيدا بولۇش ۋە بۆرەك كېسەللىكىدىمۇ قان بېسىمى ئۆرلەيدۇ.

كېسەللىك ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىچە ئىپادىلىنىشى مۇمكىن :

دەسلەپتە بىر مەزگىل ئېنىق كېسەللىك ئالامەتلىرى بولمايدۇ .كېيىنچە باشنىڭ ئارقا قىسمىغا بويۇن قوشۇلۇپ ئاغرىيدۇ. چىڭقىلىپ تۇرىدۇ . قايىدۇ ۋە كۆز قاراڭغۇلىشىدۇ، بۇرۇن قانايدۇ. ئۇيقۇ قاچىدۇ ۋە بەزىدە يۈرەك قوزغىلىدۇ، مەيدە قىسىلغاندەك ھېس قىلىدۇ، كېسەللىك ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىپ ئېشىرلاشسا يۈەك قېرىنچىسىنىڭ خىزمىتى كۈچەپ كىتىپ ، تېمى قېلىنلىشىپ زەئىپلىشىدۇ. ئەمگەك قىلغاندىن كېيىن يۈرىكى سېلىشۋە دېمى سىقىلىش كۈچىيىپ كېتىدۇ ، يۆتىلىدۇ كۆپۈكسىمان بەلغەم كېلىدۇ. مېڭە قان تومۇرلىرى كۈچلۈك تارتىشىۋالسا ۋاقىتلىق كۆرمەس ، سۆزلىيەلمەس ۋە قول – پۇتى ھەرىكەتكە كەلمەي پالەچلىك يۈز بېرىشى مۇمكىن .ئەڭ ئېغىرلىرىدا مېڭىگەقان چۈشۈپ سەكتە بولۇپ قالىدۇ . بىمار ئىش ئۈستىدە ياكىدەم ئېلىۋېتىپ تۇيۇقسىز ھوشىدىن كېتىپ يېقىلىپ قالىدۇ. قان چۈشكەن تەرەپنىڭ قارشى تەرىپى يەنى قان چۈشمىگەن تەرەپتىكى قول – پۇتى كارغا كەلمەي قالىدۇ . ئاغزى مايماق كېتىدىغان ئىشلار يۈز بېرىدۇ . ئېغىرراقىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ ، يېنىكرەكىدە پۇل – قولىنىڭ ھەرىكىتى تەستىرەك ئەسلىگە كېلىدۇ . رەھمەتلىك چوڭ دادام بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن نامازغا سەجدىگە بارغاندا مېڭىسىگە قان چۈشۈپ بىلەن باقىيغا سەپەر قىلغانىدى.(ياتقان يېرى جەننەتتىن بولسۇن)

بۇ كېسەللىكنىڭ داۋالىرى ھەققىدە كەڭرەك مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز؛

بۇ كېسەللىك ھازىر كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالدى . بەزى كىشىلەردە يۈز بەرگەن ئېغىر ئاقىۋەتلەر سەۋەبلىك يەنە بەزى كىشىلەردە روھىي جىددىيلىك يۈز بېرىدىغان ۋە ئۆزىدىن ئورۇنسىز ئەندىشە قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بەرمەكتە . شۇڭا بۇ ھەقتىمۇ كۆز قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز ؛

‹‹يۇقىرى قان بېسىمى›› بىلەن ‹‹ يۇقىرى قانبېسىم كېسەللىكىنى بىر – بىرىدىن پەرق قىلىپ ، ئورۇنسىز غەم – قايغۇ ۋە ئەنسىرەشلەردىن خالىي بولۇش ، ئۆز ۋاقتىدا مۇۋاپىق داۋالىنىپ تۇرۇش كېرەك ، شۇندىلا يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنى تامامەن داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ . ئەگەردە كېسەللىك كونىراپ كەتكەن بولسىمۇ يامان ئاقىۋەتلەر يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن . بۇ ھەقتە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلارنى بايان قىلىمىز ؛

باشتا دەپ ئۆتۈلگەندەك غەم – ئەندىشىدىن يېراق تۇرۇپ ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە روھىي غىدىقلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك . مەسىلەن تۇيۇقسىز خۇشال بولۇش ياكى قايغۇرۇش قاتارلىقلار....

قان بېسىمى بەك يۇقىرىلاپ كەتمىگەن ئەھۋالدا مۇۋاپىق ئەمگەك قىلىش ۋە يەڭگىل تەنتەربىيە مەشغۇلاتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەك . مەسىلەن ؛پىيادە يول يۈرۈشكە ئوخشاش . دائىم ھەرىكەت قىلماي يېتىۋېلىش كۆپ ھاللاردا بەدەننى سۇستلاشتۇرۇپ ، ئەزانى بوشىتىپ ، بەدەندە سۇيۇقلۇق يىغىلىپ ئاقىۋەت ئىششىق پەيدا بولۇشقا ئېلىپ بارىدۇ.

كۈندىلىك تۇرمۇشنى تەرتپكە سېلىش ؛ مۇۋاپىق ئىشلەش، مۇۋاپىق دەم ئېلىش كېرەك . يەنە يېتەرلىك دەرىجىدە ئۇخلاش ۋە ئاممىۋى يىغىلىشلارغا قاتنىشىپ تۇرۇش كېرەك .

بەك ياغلىق ۋە قورۇلغان تاماقلاردىن مۇمكىن پەرھىز قىلىش كىرەك . بۇنىڭدا شۇ كىشىنىڭ تەبىئىتى يەنى شۇنداق غىزالارغا كۆنۈپ قالغان بولسا بېراقلا توختاتماي ئاستا – توختىتىش ۋە ئۇنى قان بېسىمىنى چۈشۈرىدىغان تاماقلارغا ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلار . يەنە تۇرۇۋاتقان جاي ، پەسىل ، ۋە ئۆرپ – ئادەتكە قاراپ بەلگىلەشنىمۇ ئۇنتۇماسلىق لازىم.

ھەممىلا كېسەللىكتە پەرھىز قاتارى بۇيرۇلغىنىدەك يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىدىمۇ ھاراق – شاراب ئىچىۋاتقانلار قەتئىي چەكلەش ، تاماكا چەكمەسلىك كېرەك . يەنە تۇزنى ئاز ئىستىمال قىلىش لازىم ، چۈنكى تۇز بەدەندە ، بولۇپمۇ بۆرەكتە چۆكمە ھاسىل قىلىپ ، بۆرەك خىزمىتىنى بۇزۇپ ئىششىقنى كۈچەيتىپ كېسەلگە يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ ، يەنە سېمىز كىشىلەر ئورۇقلاشنىڭ ئامالىنى قىلىش كېرەك ، بۇ ئۇلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمى ئۈچۈن پايدىلىق . بۇ ھەقتە سېمىزلىك ھەققىدە يوللىغان تېمىمىزغا قارالسا بولىدۇ.   

مېۋە – چىۋىلەردىن شاتۇت ، ئاق ئۈجمە ، ئۈزۈم ، شاپتۇل قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىش ، قىش ۈنلىرى شۇلارنىڭ قۇرۇتۇلغان قېقىنى يەپ بېرىش كېرەك . تەبىئىتى كۆتۈرەلىسە تاۋۇز سۈيىمۇ بۇ ھەقتىكى پايدىلىق داۋالاردىن سانىلىدۇ.

دورىلاردىن قاننى سوۋۇتقۇچى ، سۈيدۈكنى راۋان قىلغۇچى ، روھنى كۈچلەندۈرگۈچىلەرنىڭ قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش ۋە ئۇنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى ياخشىلاش تەسىرى بار. بۇلار نېلۇفەر ، گۈل بىنەپشە، مارجان شوخلا ، كاسىنە ، بادىرەنجىبۇيا، گاۋزىۋان، مەرزەنجۇش ، رەيھان ، قىزىلگۈل،زىغىر ، سۇمبۇل ، ئارپىبەدىيان ، كۆممىقوناق ساقىلى ئارپا قاتارلىقلار.

مۇرەككەب دورىلاردىن قاننىڭ ئېقىمىنى تەڭشىگۈچى ، قىيامىنى سۇيۇلدۇرغۇچى، ھارارىتىنى پەسەيتكۈچىل سۈيدۈك ھەيدىگۈچى ، چوڭ تەرەتنى راۋان قىلغۇچى تەسىرلىك دورىلار ئىستىمال قىلىنىدۇ.

بەدەندە يىغىلىپ قالغان ئارتۇقچە ھۆللۈكنى چىقىرىپ ، قان ئېقىمى ، لىمفا سۇيۇقلۇقى ئېقىمىدىكى زىچلىقنى ئازادىلەشتۈرۈش مەقسىدىدە ھەر ئايدا بىر ئىككى كۈن مۇرەككەب ئەپتىمۇن جەۋھىرى ئىچىپ تۇرۇش كېرەك.

چىلان شەربىتى ، بىنەپشە شەربىتى ، رەيھان شەربىتى ، تۇرۇنجى شەربىتى ، گاۋزىۋان شەربىتى ، سۇمبۇل شەربىتى، زىرىق شەربىتى، لىمۇن شەربىتى قاتارلىق ھۆل سوغۇق شەربەتلەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى قان بېسىمىغا پايدىسى بار .

چىلان ۋە قاق چىلانمىسى ئىچىپ بەرسە بولىدۇ .

بىر كىلو ئۇششاق چىلانغا شاپتۇل قېقىدىن 500گرام ، كۆك سايىكە ئۈزۈمدىن 500 گرام قوشۇپ 3-4 لىتىر قايناق سۇغا 2-3 كۈن چىلاپ ، سىقىپ سۈزۈپ سۈيىگە ئازراق شىكەر سېلىپ بىر ئۆرلىتىپ ئېلىپ قويۇپ كۈندە 3-4 قېتىمدىن ھەر قېتىمدا ئىككى قۇشۇقتىن ئىچىپ بەرسە بولىدۇ .

ھەرخىل ئەرەقلەردىن بىنەپشە ئەرەقى، كاسىن ئەرەقى ، قىزىلگۈل ئەرەقى، شوخلا ئەرەقى ، نىلۇپەر، رەيھان، سۇمبۇل ئەرەقلىرى ۋە بولۇپمۇ مۇرەككەب سەندەل ئەرەقى، مۇرەككەب جۈيزە پوستى ئەرەقى قاتارلىقلار پايدىلىقتۇر.

غىزالاردىن بەدەندە يىغىلىپ قالمايدىغان ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان ، قاننى قۇيۇقلاشتۇرمايدىغان غىزالارنى ئىستىمال قىلىش لازىم . مەسىلەن ، ئارپا يوبدىنى ، ماش پۇرچاق سېلىنغان شورپا گۈرۈچ قاتارلىقلار . تۈرلۈك كۆكتاتلاردىن بەسەي ، پالەك ، تۇرۇپ ، چامغۇرلارنىڭ خۇسۇسەن كۆك چىڭسەينىڭ قان بېسىمىنى چۈشۈرۈشتەرولى خېلى چوڭ. ئۇنىڭدىن باشقا ماش ئۈندۈرمىسى ، دۇفۇ ، قارا ئۆرۈك ، پىنتوزا سېلىنغان دوڭلە(پىنتاڭ) لار پايدا قىلىدۇ. ئەينۇلا مۇرابباسى ، قارا ئۆرۈك مۇرابباسى ، ئالۇچا مۇرابباسى ، بۆلجۈرگەن مۇرابباسى بۇ كېسەلگە ئالاھىدە پايدا قىلىدۇ.

باشقا داۋالىق نۇسخىلاردىن كېسەلنىڭ دەسلىپىدە تاغ بادىرەنجىبۇيىسى چۆپى ، سۇمبۇل ، جۇۋىنە ، ئارپابەدىيانلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن 100گرام ئېلىپ ،چۆپ دورىلارنى توپىلىرىدىن تازىلاپ ، يۇيۇپ ، قۇرۇتۇپ ، يىرىكرەك سوقۇپ ، ئۇرۇق دورىلارنى يېرىم سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپ كۈندە ئۈچ قېتىم ھەر قېتىمدا بىر ئاش قوشۇق دورىنى، بىر پىيالە سۇ قۇيۇپ، كىچىك چەينەكتە دەملەپ تەمى چىققاندا ، سۈزۈپ سۈيىگە ئازراق شېكەر سېلىپ بىراقلائېغىز كۆيمىگۈدەك ھالدا ئىسسىق پېتى بېراقلا ئىچىدۇ .

چىغىرتماق يىلتىزىنى پاكىز يۇيۇپ تازىلاپ ، سوقۇپ مىجىپ ، سۈيىنى سىقىۋېلىپ كۈنىگە بىر قوشۇقتىن ئىچىپ بەرسە قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ .

ئۈزۈم سىركىسىدىن 500مىللىگرامغا ئالتە سەر ناۋات ياكى ھەسەل قوشۇپ سۇست ئوت بىلەن قاينىتىپ كۈندە ئىككى ئۈچ قېتىم ھەر قېتىمدا تۆت بەش قوشۇقتىن قايناقسۇ بىلەن ئىچىپ تۇرسا قان بېسىمى تۆۋەنلەپ مۇقىملىشىدۇ ، خەلق ئارىسىدىكى تەجرىبىلەرگە قارىغاندا ئۈزۈم سىركىسى بولمىسا ئادەتىكى ئاچچىقسۇ بولسىمۇ بولىدۇ .

بادىرەنجىبۇيا 60 گرام ، قىزىلگۈل ، سۇمبۇل ، گاۋزىۋان ھەر بىرىدىن 30 گرامدىن ، شىكەردىن 300گرام ئېلىپ دورىلارنى تازىلىغاندىن كېيىن تۆت چىنە بىلەن بىر كىچە چىلاپ قۇيۇپ ، ئەتىسى شۇ سۇنىڭ يېرىمى قالغىچە قاينىتىپ دورا تىرىپلىرىنى پاكىزسۈزۈۋەتكەندىن كېيىن شېكەرنى سېلىپ قىيام قىلىپ ئەتىگەن- كەچتە ئۈچ قۇشۇق مىقدارىدىكى دورىغا شۇنچىلىك مىقداردا قايناقسۇ قۇشۇپ ئىچىپ بەرسە قان بېسىمى ئۆرلىگەندىكى ئۇيقۇسىزلىق، يۈرەك قوزغىلىش ، باش قېيىش قاتارلىقلارغا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ .

يۇقىرى قان بېسىمىدىكى باش قېيىشتا ئاپتاپپەرەس تەخسىسىدىن بىر دانە ئېلىپ 20 دانە چىلان بىلەن ئىككى پىيالە سۇدا بىر پىيالە قالغۇچە قاينىتىپ سۈزۈپ ئۈچكە بۆلۈپ ئىچسە بولىدۇ .

ئاپتاپپەرەس يوپۇرمىقىدىن بىر سىقىمنى قاينىتىپ ئىچسىمۇ شۇ تەسىرنى بېرىدۇ.

چىلان بىلەن چىڭسەي يىلتىزىنى بىللە قاينىتىپ چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچسە سۈيدۈكنى راۋان قىلىپ قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ .

چىڭسەي يىلتىزى بىلەن كۆممىقۇناق ساقىلى ۋە چىلاننى قاينىتىپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسىمۇ قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ .

مائۇلھەسەل تەييارلاپ ئىچىپ بەرسىمۇ بولىدۇ . (بىر ھەسسە ھەسەلگە ئالتە ھەسسە سۇ ھېسابىدا)

پىلە قۇرتى مايىقىدىن 45گرامغا 45 گرام شېكەر قوشۇپ يۇمشاق سوققاندىن كېيىن يەتتە گىرامدىن كۈندە تۆت قېتىم ئىچىپ بەرسىمۇ قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ.

كۈزدە قىرو چۈشكەن مەزگىلدە ئۈجمە يۇپۇرمىقىدىن بىر جىڭغا بىر يېرىم جىڭ قارا كۈنجۈت قوشۇپ ، يۇمشاق سوقۇپ مەلۇم مىقداردىكى شېكەربىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كۈنىگە 10-12 گرامغىچە ئىچسە قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ ، باش قېيىشنى داۋالايدۇ .

تاجىگۈلدىن 12گرامغا 12 دانە چىلان قوشۇپ يېرىم چىنە سۇ بىلەن قاينىتىپ ھەر كۈنى ئىچىپ بەرسە قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ.

قارا كۈنجۈتتىن 500گرامنى تازىلاپ قورۇپ سارغايتىپ تەڭ مىقداردىكى شېكەر بىلەن قوشۇپ تالقان قىلىپ ئەتىگەن كەچتە 10-12 گرامغىچە سۇغا چېلىپ ئىچىپ بەرسە قان بېسىمىنى چۈشۈرۈشكە نىسبەتەن ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

گاۋزىۋاندىن 100گرام قىزىلگۈلدىن 30گرام ۋە ئاق قەنتتىن 150گرام ئېلىپ ئىككى چوڭ چىنە سۇدا يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ سۈزۈپ سۈيىگە قەنتنى سېلىپ قىيام قىلىپ كۈندە ئىككى ۋاخ 30گرامدىن ئىچسە قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ ، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ ، ئۇخلىتىدۇ ، غەم – ئەندىشىنى يوقىتىدۇ .

لوپنۇر كەندىرى گۈلىدىن 60 گرام ، سېرىق ئوتتىن 50گرام، كەرەپشە ئۇرۇقىدىن 40 گرام ،قوناق ساقىلىدىن40گرام، قىزىل قولتۇق پاقىدىن 30 گرام ئېلىپ يىرىكرەك سوقۇپ ھەر كۈنى 15گرامدىن چايلىق قىلىپ دەملەپ ئىچىپ بېرىش كېرەك .

پايدىلىنىلغان ماتىرىياللار

ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى(4-توم)

ئۇيغۇر تېبابىتىدە سىناقتىن ئۆتكەن رېتسىپلار

ئۇيغۇر تېبابىتى كېسەللىنىش قانۇنىيىتى ئىلمى

جاھىل خارەكتىرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش.

تەييارلىغۇچى : تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنى .

بەت: [1]
: يۇقىر قان بېسمىنى داۋالايدىغان رېتسىپلار